ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار مەن ئۈزۈمچىنى كۆردۈم..(دەرتمەن يېگىت119)

      

كۆرۈش: 185|ئىنكاس: 8
go

مەن ئۈزۈمچىنى كۆردۈم..(دەرتمەن يېگىت119)

توردا
736سائەت 
نادىر تېما
دوست
94 
يازما
1519 
تېما
276 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئۈزۈمچىنى كۆردۈم

ئادىتىم بويىچە ئىشتىن چۈشۈپ كەچلىك بازارغا تاماق يېگىلى كەلگەنتىم. تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولۇپ ئولتۇرۇشۇمغا كەينىمدىكى بىر نەچچە قىزنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىپ سەت چىقىراپ كۈلۈشلىرى دىققىتىمنى تارتتى. شۇنداق بۇرۇلۇپ قاراپ بىر قىز بالىنىڭ قولىدىكى تاماكىنى كۆرۈپلا ئىچىم غۇژژىدە بوپ قالدى. .
«ھەممە مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ غورۇرلۇق، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشى تەكىتلىنىۋاتقان تۇرسا، ماۋۇلارنىڭ ئولتۇرۇشىنى كۆرۈڭ! گەپ قىلماي دېسە خۇددى مەن توسىمىسام توسۇيدىغان ئادەم يوقتەك، گەپ قىلاي دېسە تەلەتىدىن گەپ ئۆتىدىغاندەك ئەمەس. .
«گەپ قىلايمۇ - قىلمايمۇ؟» دەپ ئويلىنىپ تۇرۇشۇمغا ئالدىمغا مەندىن 2 - 3 ياش چوڭراق بىر ئاكاش كېلىپ ماڭا چاي قۇيۇپ دىققىتىمنى بۆلىۋەتتى.
_ ۋۇي. . . مەن سىزگە قۇيسام توغرا بولاتتى، _ دېدىم مەن سەل خىجىل بولۇپ.
ئۇ سۇز كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:
_ ھېچقىسى يوق، كىم قۇيسا ئوخشاش. ھەممىمىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.
ئۇنىڭ گېپىدىن بۆلەكچىلا روھلىنىپ كەتتىم. ھازىرقىدەك ھە دېسە ئاچچىق يۇتۇۋالىدىغان كۈنلەردە مۇشۇنداق توغرا گەپلەرنى ئاڭلاشمۇ تەسلىشىپ كەتتى ئەمەسمۇ؟!
پىيالىنى ئالدىمغا قويۇپ تۇرۇشۇمغا بايىقى نايناقلارنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:
_ شۇنداق قىلىپ توي قىلىمەن، دېگىنە ئاداش! خا خا. . .
_ بىكار ئولتۇرغاندىن تېگىپ قوياي دېدىمغۇ؟ .......ۋەيت!
_ ئۇ بىچارىگە ئىچىڭ ئاغرىپ قاپتۇدە؟
_ مەنمۇ ئۇنچە باغرى تاش قىزلاردىن ئەمەسقۇ، يىغلاپ، يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالسا رەت قىلىۋېرىشكىمۇ خىجىل بولىدىكەن ئادەم.
_ ۋىيەي، يىغلىدىما ئوغۇل بالا تۇرۇپ؟
_ تەگمىسىڭىز ئۆلىۋالىمەن، دەپ كۈندە يىغلايدۇ.
_ قارىغاندا دەۋر ئالماشقان ئوخشايدۇ، بۇرۇن بىز قىزلار يىغلايتتۇق، ئەمدە ئۇلارمۇ يىغلاپ باقسۇن، قانداق دېدىم؟
_ توغرا! كۆڭلۈمدىكىدەك گەپنى قىلدىڭ جۇمۇ ئاداش!
. . .
ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانسېرى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ماڭا ئوخشاش ئوغۇل بالىلارنىڭ بىر تىيىنغا ئەرزىمەس ئۆچ ئېلىش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ بىردەم - بىردەم كەينىمگە قاراپ قويۇپ گەپ قىلىشقا ئاغزىمنى ئۆمەللەيتتىم - يۇ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي يەنە ئالدىمغا قاراپ ئولتۇردۇم. ئالدىمدىكى ئاكاش كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك مۇلايىم ئاھاڭدا سورىدى:
_ بۇرادەر، بۈگۈن كەيپىياتىڭ سەل ناچاردەك تۇرامدۇ نېمە؟
_ ماۋۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟
_ سېنى بىر نەرسە دېمىدىغۇ؟
_ مېنى بىر نەرسە دېمىگەن بىلەن ئوغۇللارنى ئۇنداق چۈشۈرسە مېنىڭ غورۇرۇمغا تېگىدىكەن.
شۇنداق دەپ تۇرۇشۇمغا سۇيقاش كەلتۈرۈلدى.
_ سىز نېمە بۇيرۇتقانتىڭىز؟ _ دەپ سورىدىم مەن ئۇ ئاكاشتىن.
_ سۇيقاش.
_ ئەمسە بۇنى ئىچىڭ! مەن ماڭاي!
ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدىم، بۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرىشكە رايىم قالمىغانىدى. بۇرۇنمۇ مۇشۇنداقراق ئىشلارغا يولۇققاندا «نېمە قىلاي ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈم ئاغرىتىپ» دەپ، پېشىمنى قېقىپلا كېتىپ قالاتتىم.
_ توختا. . . ئولتۇرە! _ دېدى ئۇ ئاكاش ماڭا ئورۇندۇقنى ئىشارە قىلىپ.
ئىپادىسىزلا ئۇ ئاكاشقا قاراپ قويۇپ ئولتۇردۇم. ئۇ ئاكاش كەينىمدىكى قىزلارنى كۆرسىتىپ مەندىن سورىدى:
_ سەن ئاۋۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كەتمەكچى شۇنداقمۇ؟
_ شۇنداق. سىز قانداق بىلدىڭىز؟
_ بۇرۇن مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئاشۇنداقلارنى كۆرگەندە پېشىمنى قېقىپلا كېتەتتىم. ئەمما كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ئۇنداقلارنى بەك تولا كۆرۈپ پېشىمنى قېقىپلا كېتىشىمنىڭ تازا توغرا ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلدىم.
_ ئەمسە قانداق قىلساق توغرا بولىدىكەن؟
_ سەن قىزلارنىڭ تاماكا چەككىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
_ ھەئە، جىق كۆرگەن.
_ بىرەرسىنى توسۇپ باققانمۇ؟
_ ياق. ئۇلارنى توسۇپ بولغىلى بولامتى؟
_ توسۇپ باقماي قانداق بىلىسەن؟
_ بۇ . . .
_ قارا!. . . ئاۋۇ قىز بالا تاماكا چېكىۋاتىدۇ. سەن ئۇنىڭغا تاماكىنى تاشلىۋېتىشنى دېگىن، گەپ - سۆزدە سىيلىقراق بول!
_ تاشلارمۇ؟ قارىسام گەپ ئۆتىدىغاندەك ئەمەس.
_ دەپ باقماي قانداق بىلىسەن؟
_ ئەمسە. . .
_ ئوغۇل بالىدەك بولە!
مەن قەتئىيلىك بىلەن ئۇ ئاكاشقا قاراپ بېشىمنى لىڭشىتتىمدە كەينىمگە بۇرۇلۇپ تاماكا چېكىۋاتقان قىزغا قاراپ ئەدەپ بىلەن:
_ ھەي قىزچاق، تاماكىنى تاشلىۋېتىڭ! _ دېدىم.
كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان قىزلارنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ماڭا قاراشتى.
_ ماڭا گەپ قىلدىڭىزما؟ _ دېدى تاماكا چېكىۋاتقان قىز بالا.
_ ھەئە!
_ ھەقىقىي ئەركەك!. . . ماقۇل!
ئۇ شۇنداق دەپلا تاماكىنى تاشلىۋېتىپ ئالدىغا قاراپ ئولتۇردى. مەنمۇ قايتىدىن روھلىنىپ، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ، ئاجايىپ يېنىك بوپ قالدىم.
«ۋاھ! ئەسلىدە بۇ بەك تەس گەپمۇ ئەمەسكەنغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقىقىي ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزىنىڭ تاماكا چېكىشىنى خالىمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدىكەن. ھەجەپ ياخشى. . . بۇندىن كېيىن تاماكا چەككەن قىزلارنى نەدە كۆرسەم شۇ يەردە توسۇيمەن!»
_ قارا!. . . يەنە بىرى چېكىۋاتىدۇ، _ دېدى ئاكاش خىيالىمنى بۆلۈپ.
كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ھېلىلا تاماكىنى تاشلىۋەتكەن قىزنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان قىز ماڭا كېسىلى باردەك ھىجىيىپ قارىغىنىچە تاماكا ئىسىنى پۈۋلەۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغىمۇ بايىقىدەك تەلەپپۇزدا دېدىم:
_ تاماكا چەكمەڭ!
ئۇ مىيقىدا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ يېنىدىكى دوستىغا قاراپ قويغاندىن كېيىن ماڭا قاراپ:
_ نېمشىقا سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىغۇدەكمەن؟ _ دېدى.
شۇئان باشقا ئۈستەللەردە ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتى بىزگە بۇرۇلدى. نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي سەل تېڭىرقاپ قالدىم. دېمىسىمۇ مەن يا ئۇنىڭ ئاكىسى يا ئىنىسى بولمىسام ئەلۋەتتە گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ - دە؟!
بايىقى ئاكاشقا سوئال نەزىرىدە قاراپ قويۇپ يەنە كەينىمگە بۇرۇلۇپ دېدىم: !
_ ئۇيغۇر قىزلىرى تاماكا چەكسە بولمايدۇ!
ئۇ ئادەمنىڭ جېنى چىققۇدەك قاقاقلاپ كۈلىۋېتىپ تاماكىنى قاتتىق شوراپ ئىسىنى پۈۋلىۋېتىپ:
_ بۇ قايسى قانۇنىڭىزنىڭ قانچىنچى ماددىسى؟ _ دېدى.
شۇئان غەزەپتىن مۇشتلىرىم تۈگۈلۈپ ئورنۇمدا ئولتۇرالماي قالدىم.
_ ھەي!. . . تاماكىنى تاشلامسەن - يوق؟
ئاكاشنىڭ قوپال ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئاكاشنىڭ چىرايىدا بايىقى مۇلايىملىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك نۇرلىرىنى چېچىپ ئىنتايىن تەمكىن ھالەتتە ئاۋۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.
_ سىزگە نېمە دەز كەتتى ئەمدى؟ _ دېدى بايىقى قىز بالا قىلچە پىسەنتمۇ قىلماستىن.
ئاكاش ئورنىدىن دەس تۇرۇپ قولىغا قۇرۇق پىيالىنى ئالدى - دە، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىشكە تەمشىلىپ قايتا سورىدى:
_ تاشلامسەن - يوق؟ :
ئۇ بىزەڭ يەنە بىر چاتىقىدا يوق تاماكىنى تېخىمۇ كۈچەپ شوراپ بىزەڭلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئىسنى پۈۋلىشىگە ئاكاش چىنىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. . .
چىنە ئۇدۇل بېرىپ ئۇنىڭ پېشانىسىگىلا تېگىپ ئۇنى كەينىگە تىك موللاق چۈشۈردى. ئاكاشنىڭ چىرايىدىن ھېچقانداق ئاچچىقلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيتتى، پەقەت كۆكرىكى ئېگىز - ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ پېشانىسىدىكى قانلارنى سۈرتكىنىچە «يۈرە كېتەيلى!» دېسە «خەپ، كۆرىسەنغۇ؟!» دېيىشىپ تېز - تېز قەدەملەر بىلەن كېتىپ قېلىشتى. . .
باياتىن بېرى بىزنىڭ ئۈستەلدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي ئويۇن كۆرۈپ ئولتۇرغان كىشىلەرمۇ غۇلغۇلا قىلىشنى باشلىۋەتتى:
_ تازا خوپ بولدى، ياخشى گەپ قىلسا ئاڭلىمىغاندىكىن، ئاشۇنداق بولىدۇ.
_ شۇنى دەيمەن، قىز بالا تۇرۇپ تاماكا چەكسە ئۇيات ئەمەسمۇ؟
_ ئاتا - ئانىسى قانداقراق تەربىيىلىگە بولغىيتىكىن؟
_ خېلى بىر چاغلارغىچە ئۇنتالمايدىغان بولدى - دە؟!
_ ئاۋۇ يىگىتمۇ تازا ئوغۇل بالىدەك ئىشتىن بىرنى قىلدى.
. . .
بۇ ئاكاشتىن ھەم خۇش بولۇپ ھەم سەل قورۇنۇپ گەپ قىلالماي تۇرسام سۇيقاشچى كېلىپ خۇشال ھالدا:
_ ھەجەپمۇ ئوبدان قىلدىڭلار ئۇكام، بۈگۈن سىلەرنى مېھمان قىلاي! _ دېدى.
_ ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدۇق، خىجىل قىلماڭ! _ دېدى ئاكاش خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
_ ھەي. . . ئۇنداق دېمەڭ! ئاشۇنداق تاماكا چېكىپ مىللىتىمىزنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىۋاتقان قىزلىرىمىزنى كۆرگەندە سىلەرگە ئوخشاش ياخشى گەپ ئۆتمىسە جۇۋالدۇرۇز قىلالايدىغان يىگىتلىرىمىز بەك ئازلاپ كەتتى. شۇڭا ئۇنداق قىزلارمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. مەن كۈندە دېگۈدەك كۆرىمەن، لېكىن بىز سودا قىلىدىغان بولغاچقا ئۇنداق دېيەلمەيدىكەنمىز. . . _ دېدى سۇيقاشچى سەل خىجىل بولۇپ.
_ شۇنداق ئاكا، مەنمۇ ئۇزۇندىن كۆڭلۈمدە يېشىلمەيۋاتقان تۈگۈننى يەشكەندەك بولدۇم، ئەمدى نەدە كۆرسەم شۇ يەردە توسۇيمەن! _ دېدىم مەن قەتئىيلىك بىلەن.
ئۇ ئاكاش كۈلۈپ كېتىپ سۇيقاشچىغا قاراپ:
_ مۇنداق بولسۇن ئاكا، پۇلىنىمۇ بېرەيلى، مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم، مېنىڭچە بۇ ئۇكىمىزنى مېھمان قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ!
_ بولىدۇ، بولىدۇ. . . ئىككىڭلارنىلا مېھمان قىلاي! سىلەردەك جىگەرلىك ئەزىمەتلەرنى مېھمان قىلىۋالمىسام قانداق بولىدۇ؟
_ ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ. سىز دېگەن سودا قىلىدىغان. . .
_ بولدى تالاشمايلى! بىر - ئىككى چىنە سۇيقاش سودامنى يىقىتىپ قويمايدۇ. بولدى ھە!؟
_ سىزگە رەھمەت ئەمسە!
_ ھېچقىسى يوق! باشقا نەرسە يېگۈڭلار كەلسە تارتىنماي دەڭلار ھە؟!
_ ماقۇل، رەھمەت!
. . .
سۇيقاشنى بۇ ئاكامدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئىچكەچ بىردەم - بىردەم ئۇنىڭغا قارىغۇم كېلەتتى. سۇيقاش سوۋۇپ قالغاچقىمۇ بىردەمدىلا ئىچىپ بولدۇق. قايتاشىمىزدا ئاكاش مېنىڭ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:
_ بۇرادەر! ئەمدى مېنى دوراپ تاماكا چەككەن قىزلارغا چىنە ئېتىپ يۈرمە يەنە، ئېسىڭدە بولسۇن، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىدە بىز ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز بار! پېشىڭنى قېقىپلا كەتسەڭ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان بولىسەن، ئۇنداقلارنى سەن، مەن ئوڭشايمىز! قۇربىڭ يەتكىچە ئامال بار ياخشى يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشقىن، بايىقىدەك ھەددىدىن ئېشىۋالغانلارغا ئازراق نېمە قىپ قويساڭمۇ بولىدۇ.
_ ئاچچىقىڭنى كۆرسىتىپ قويساڭمۇ بولىدۇ؟
_ شۇنداق. ئۇلاردىن قورقمايدىغانلىقىڭنى، ياخشى نىيەت بىلەن گەپ قىلغانلىقىڭنى چۈشەنمىگەندە ئاشۇنداق قىل! غورۇرۇڭنى ھاراقەتلىشىگە يول قويما! .
_ ماقۇل، بىلدىم ئاكا! چوقۇم سىز دېگەندەك قىلىشقا تىرىشىمەن!
_ ياخشى!
_ سىز بىلەن تونۇشۇپ قالسام بولامدۇ؟ پات - پات ئىزدىشىپ پىكىرلىشىپ تۇرساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
_ بولىدۇ. مېنى سەلكىن مۇنبىرىدىن تاپىسەن، خوش ئەمسە، ئاللاغا ئامانەت!
_ سەلكىندىكى ئىسمىڭىز نېمە؟
ئۇ كەينىگە قارىمايلا جاۋاب بەردى:
_ ئۈزۈمچى!
_ ھە؟. . . .

كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ قىن - قىنىمغا پاتمىغان خوشاللىق ئىچىدە ئۇنىڭ مەندىن بارغانسېرى ئۇزاپ كېتىۋاتقان گەۋدىسىگە سۆيۈنۈش، ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە قارىغىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم.
مەن ئۇزۇندىن بېرى تونۇشۇپ، سىردىشىپ بېقىش ئىستىكىدە بولىۋاتقان ئۈزۈمچى ئەسلىدە مېنىڭ يېنىمدىلا ئىكەنتۇق ئەمەسمۇ...

مەنبە: ئابدۇسالام (ئۈزۈمچى)نىڭ ئەسىرى

Rank: 8Rank: 8

توردا
769سائەت 
نادىر تېما
دوست
91 
يازما
2647 
تېما
452 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ئەسەركەن ... يازمىللىرىڭىزنى داۋاملىق كۈرۈپ تۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئىستىكى ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
13سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
95 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز ، دوستۇم تىخىمۇ تىرىشىڭ ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

توردا
37سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
132 
تېما
11 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ.راست ئەمەسمۇ.ئۇيغۇر دىگەن ئۇيغۇردەك ياشىشى كىرەك تە.ئاللاھ ئاشۇ قىزلىرىمىزغا ئىنساپ،ئىمان ،ئاتا قىلغاي.

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۈزۈمچى ...ھە ئىسىت ماڭىمۇ بىر كۆرۈشۈش نىسىپ بولسىچۇ شۇ ئۈزۈمچى ئاكاش بىلەن ... ئەسەرلىرىنى بەكلا ياقتۇرىمەن .. «ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىدە بىز ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز بار! پېشىڭنى قېقىپلا كەتسەڭ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان بولىسەن، ئۇنداقلارنى سەن، مەن ئوڭشايمىز!» ھەقىقىي ئەركەكنىڭ گېپى !!

توردا
357سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1235 
تېما
28 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ئەسەركەن ئەمما مۇبالىغىمۇ يوق ئەمەسكەن،پىشانىگە پىيالە بىلەن تاڭڭىدە قويسا خەپ توختا دەپ چىقىپ كىتىدىغان جاھان كەتتى ھازىر.ھىچ بولمىسا 15 كۈن سولاقتا ياتىسىز.جەرىمانە بۇنىڭ سىرتىدا تېخى.ھىچكىمنىڭ سىز بىلەن كارى يوق.قەھىرمانلىقىڭىز جايىدا قالىدۇ،قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى ئەمەس سىزنى ئەيىپلەيدۇ يۈزىڭىزگە تۈكۈردۇ،قىز بېقىپ چوڭ قىلىشىپ بەرگەنمىتىڭ دەيدۇ.دىمەك جاھان شۇنداق،ئەگەر گەپلىرىمنى خاتا دىسىڭىز سىىزمۇ تاماكا چىكىپ تۇرغان قىزنىڭ پىشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ سىناپ بېقىڭ!قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىكەنسىز.ياق ئۇرماي تۇرۇپ تاماكىنى تاشلا دەپ تىللاپ بېقىڭ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanjar731 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-12 19:12

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
hanjar731 يوللانغان ۋاقتى 2011-3-12 19:11
ياخشى ئەسەركەن ئەمما مۇبالىغىمۇ يوق ئەمەسكەن،پىشانىگ ...

پىكرىڭىز خاتا ئەمەس ..ئەمما ئويلاپ بېقىڭ ،ئەگەر شۇ بىر ئېغىز تەربىيە بىلەن شۇ قىزنى گۇناھلىق يولدىن ئازراق بولسىمۇ ياندۇرالىسىڭىز 15 كۈن سولاقتا ياتسىڭىز ئەرزىمەمدۇ؟ قايسىسىنىڭ سالمىقى بەكرەك ئېغىر ؟

توردا
357سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1235 
تېما
28 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ZILALE يوللانغان ۋاقتى 2011-3-12 19:20
پىكرىڭىز خاتا ئەمەس ..ئەمما ئويلاپ بېقىڭ ،ئەگەر شۇ بى ...


ئادەمنى ئۇرۇپ تىللاپ ئوڭشىغاننى مەن كۆرمىدىم.سىز دىگەندەك قىلايلى ماقۇل شۇ قىزنى ياخشى يولغا باشلاش ئۈچۈن 15 كۈن ياتاي جەرىمانىمۇ تۆلەي.چىققاندىن كىيىن ئەل جامائەت ھەرگىزمۇ شۇ قىزنى ئوڭشايمەن دەپ سۇلاقتا يېتىپ چىقتى دىمەيدۇ.شۇمۇ ئوغۇل بالىمۇ قىز بالىغا مۇش ئاتىدىغان لاتا دەپ تىللايدۇ،بولۇپتۇ تىللاپ تۇرسۇن مەيلى.ئاتا-ئانامچۇ؟قىز بالىنى ئۇرۇپ سولاىتا ياتقىنىم يەنە بىرمۇنچە جەرىمانە تۆلەتكىنىم.قوشنا-قۇلۇملارنىڭ ئالدىدا يۈزىنى چۈشىرگىنىم ئۈچۈن ماڭا زەردە بىلەن ئالىيىپ قارايدىغان بولۇدۇ.
ئۇمۇ مەيلى دەي بىر قىزنى ئوڭشاش ئۈچۈن.ئەمما شۇ قىز ئوڭشالمىسىچۇ.يەنە بېرىپ ئۇرايمۇ؟بۇ قېتىم ئۇرسام نەچچە يىل تۈرمىدە ياتىمەن،جىنايەتچى بولىمەن،ھەممە ئادەملەر مەرەزدىن قاچقاندەك مەندىن قاچىدۇ،....ئىستىقبالىم تۈگەيدۇ.
كەچۈرسىز مەن ئۇنداق قىلالمايمەن.ئەمما تاماكا چەككەن بىر قىزنى كۆرسەم اللادىن شۇ قىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن،ئۆز دوسلىرىمنى يامان يولدىن تۇسىمەن،قۇلۇمدىن كىلىدىغىنى شۇلا،
بۇ يەردە دۈڭشۈپ پونى زەي سالماي ئېتپمۇ ئولتۇرمايمەن.مۇنبەردە پو ئاتقان بىلەن ئەمەليەتتە قىلالىساق بولۇدۇ.شۇڭا مۇشۇنداق سۆزلەيمەن،ئەڭ ياخشىسى قىزلىرىمىز ئۇيغۇر قىزلىرىدەك.يىگىتلىرىمىز ئۇيغۇر يىگىتلىرىدەك ياشىسالا بۇ يەردە داتالاش قىلىشنىڭ ئورنى يوق.ئەمما بۇ تىمىدا مۇبالىغا بار.گىپىمدە چىڭ تۇرىمەن،ئۈزۈمچىمۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanjar731 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-12 19:55

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
hanjar731 يوللانغان ۋاقتى 2011-3-12 19:53
ئادەمنى ئۇرۇپ تىللاپ ئوڭشىغاننى مەن كۆرمىدىم.سىز دىگ ...

دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق ...كەچۈرۈڭ .ھەقىقەتەن ئۇنداق قىزلارمۇ ئاز ئەمەس..
مېنىڭچىمۇ شۇ ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-15 15:15

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.