ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز خەيىر، ۋاپاسىز ....
كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 4
go

خەيىر، ۋاپاسىز ....

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۈگۈن قەھرىتان قىش ئايلىرىنىڭ بىرى بولغىنىغا قارىماي پايتەخىت ھاۋاسى ناھايتى ئىللىق .ئەتتىگەندىلا پارلاپ چىققان قۇياش زېمىنغا سېخى نۇرلىرىنى چېچىپ خۇددى باھار ئايلىرىدەك زىمىننى ئىللىتقان ئىدى . ئەمما شۇنچە چوڭ كائىناتقا ئىللىقلىق ئاتا قىلالىغان قۇياش مېنىڭ قەلبىمنى نېمىشقا ئىللىتالمىدىكىنە ؟! يۈرۈكۇم بىر خىل سوغوق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە مۇز بولۇپ قاتقان ، ۋەھالەنكى قەلبىمدىكى باھاردىن قىلچە شەپە يوق ....تەگسىز خىياللار ئىلىكىدە خىياللىرىمنىڭ گۇۋاھچىسى ھەم بىردىنبىر ھەمراسى بولغان كىچچىككىنە ياتىقىمدىكى دېرىزە تۇۋىگە كېلىپ سەن ماڭا ئەسلىمە قىلىپ قالدۇرغان ئازاپلىق ناخشىلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرماقتىمەن . بۇ ناخشىلاردىن تۆكۈلىۋاتقان ئېغىر مۇڭ قەلبىمنى تېخىمۇ ئىزگۈ تۇيغۇلارغا باشلىماقتا . ھەسرەتتىن ئوت بۇلۇپ يېنىۋاتقان يۇرۇكۇمنى كۈچلۈك گۈلخانغا ئايلاندۇرماقتا ......بېشىمنى كۈتۈرۈپ يىراقلارغا نەزەر سېلىشىم بىلەنلا ئايقى چىقماس خىياللىرىم يەنە مېنى قىيناشقا باشلىدى ......
سېنى ئازاپ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن بولغۇيمىتىم ؟!سەن ماڭا ئازاپ ۋە يالغۇزلۇقتىن باشقا نېمە ئېلىپ كەلدىڭ ؟! سەن مېنى شۇنچىۋالا ئازاپقا ،كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرت-ھەسرەتكە مۇپتىللا قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۇچۇن سېنى ئەسلەيمەن ؟نېمە ئۇچۇن سېنى سېغىنىمەن ؟نېمىشقا سېنى ئۇنتالمايمەن ؟ ياكى سەن مېنى شۇنچىۋالا ئازاپقا مۇپتىلا قىلغىنىڭ ئۈچۈنمۇ ؟ياكى مېنى مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىپ ئۆزۇڭ قىرغاققا چىقىۋېلىپ شادلىنىپ كۈلگىنىڭ ئۈچۈنمۇ ؟! ۋە ياكى تۇنجى بولۇپ يۈرەك تارىمنى چەككىنىڭۆ ئۈچۈنمۇ ؟؟!! ......ئۆزۈمدىن توختىماي مۇشۇنداق سوئاللارنى سورايتتىم .مۇشۇ سوئاللار بىلەن تەڭ قانچىلىغان كۆز ياشلىرىمنىڭ مەڭزىمنى بويلاپ ئۈنسىز تۆكۈلگىننى ،قانچىلىغان كۆز ياشلىرىمنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئېچىنىشلىق نالە قىلىپ سىڭىپ كېتىۋاتقىننى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ..،ئويلاپ باقسام ئاخىرقى پەزىرىم جاۋاپسىز قالغان سوئاللىرىمنىڭ نەق جاۋابى ئىكەن ،شۇنداق ، سەن پەقەت سەنلا ياشلىق مەزگىلىمنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيىتلىرىدە تۇنجى بولۇپ مېنىڭ يۈرەك تارىمنى چېكىپ ئۇنىڭدىن شۇنداق مۇڭلۇق ،شۇنداق يېقىملىق ،شۇ قەدەر لېرىكىلىق بىر كۈي ھاسىل قىلغان ئىدىڭ .،مېنىڭ ئەسلەيدىغىنىممۇ ،سېغىنىدىغىنىممۇ ،ھەم مېنى كېچە -كۈندۈز قىيناۋاتقىنىمۇ ،ھەم مېنىڭ ئۇنتالمايۋاتقىنىممۇ دەل مۇشۇ كۈي .سەندىن ئايرىلغاندىن بېرى مەن بۇ كۈينى قايتا ئاڭلاپ باقمىدىم .....
ئىسىت ،ئىسىت ، شۇ چاغدا ماڭا مۇھەببەتلىك تىكىلىپ قاراشلىرىڭنىڭ ماڭا بۇنچىۋالا ھەسرەت ئېلىپ كېلىشىنى ،كۆزلىرىڭدىكى نۇرنىڭ مېنى مۇھەببەت دېڭىزىغا بۇنچە غەرق قىلىۋىتىشىنى ،يۈرۈكۈڭدىكى ئوتنىڭ مېنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىشىنى بىلگەن بولسام كاشكى ، مۇھەببەت ئىلاھىغا ئېچىنىشلىق نالە قىلىپ تۇرۇپ ،شادلىقلىرىمنى بىلدۈرمەيلا تارتقۇزۇپ قويماس ئىدىم . ئەپسۇس ،تولىمۇ ئەپسۇس ..مەن تولىمۇ كىچىككەن ئىدىم ....ھەي ۋاپاسىز يىگىت ..بىلىپ قويغىنكى ، ساپ مۇھەببەت بىلەن بىرىنى ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەس،ئەمما ئاشىقلارنىڭ ئەقىدىسىنى خارلاشتىن ئارتۇق گۇناھ بولمىسا كېرەك. قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن دۇنيادا ئۆزەڭنى يىگانە چاغلاپ بۇنچە كۆرەڭلەپ كەتمە ،ئاشىقلارنىە ھەممىسى پەقەت بىر تىلەمچىگە ئوخشايدۇ ،ئۇلار پەقەت تىلىگىنىگە چۇشلۇق نەپكە ئېرىشەلىسە شۇنىڭغا شۈكرى- قانائەت قىلىپ ياشايدۇ .سەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىلەمچىلىك كوچىسىغا كىرىپ قېلىپ قۇرۇق قول قايتقىنىڭدا ئاندىن مېنىڭ قەدرىمگە يېتىشىڭ مۇمكىن ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ZILALE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-12 12:33

Rank: 8Rank: 8

توردا
769سائەت 
نادىر تېما
دوست
91 
يازما
2647 
تېما
452 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تېمىنى يوللاپسىز ... بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ياخشى يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
13سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
95 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىپسىز

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش salkin11 نىڭ يازمىسى

رەھمەت قوللىغىنىڭىزغا ..

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
35 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمە ئۇچۇن مۇھەببات شۇنچا ..............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-15 15:09

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.