كۆيدۈرۈۋىتىلگەن ساختا پۇل
ئۇ، قولىدىكى 20 يۈەنلىك ساختا پۇلغا قاراپ، قايسى دۇكاندىن مال سىتىۋالغاندا قايتۇرۇلغان پارچە پۇللار ئارىسىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالالماي، كۆيدۈرۈۋەتمەكچىمۇ بولدى. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئۇ ناھايىتى 20 يۈەنغۇ؟! بىراق ئۇ يەنە ئويلاپ قالدى: <نىمىشقا كۆيدۈرۈۋەتكۈدەكمەن؟ باشقىلار خەجلىسە بولىدىكەنۇ، مەن خەجلىسەم بولمامدىكەن؟> شۇنداق قىلىپ بۇ پۇلنى نەچچە قىتىم خەجلىۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، چېنىپ قالدى. ئاخىر ساختا پۇلنى بىر ئاماللارنى قىلىپ بالدۇرراق خەجلىۋەتكۈسى كېپكەتتى ۋە كەچلىك بازاردا خەجلىمەكچى بولدى.
بىر كۈنى كېچىدە ئۇ تار رەستىدىكى باس- باس بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ بىر قاچا چۆچۈرە بۇيرۇتتى. ئەمما چۆچۈرە بەك قىزىقمۇ ياكى ھودۇقۇپ كەتكەچكىمۇ، چىلىق- چىلىق تەرلەپ كەتتى. ئۇ، چاپىنىنى سېلىپ ئورۇندۇققا ئارتىپ قويدى. بىر قاچا چۆچۈرىنى ھاپىلا- شاپىلا ئىچىۋەتكەندىن كىيىن، ئىشتىننىڭ يانچۇقىدىن ھىلىقى 20 يۈەنلىك ساختا پۇلنى چىقىرىپ خوجايىنغا تەڭلىدى:
- ئىشىم بەك ئالدىراشتى، ئاشقىننى تىزراق قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، ئاچا.
50 ياشلاردىن ھالقىغان ئايال خوجايىن قولىنى پەشتامىسىغا ئالمان- تالمان سۈرتتى- دە، ھىلىقى 20 يۈەننى ئىلىپ، پۇلنىڭ ئالدى- ئارقىسىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن، ئاشقىننى دەرھال قايتۇردى.
ئۇ، ئاشقان پۇلنى ئىلىپلا ئاشپۇزۇلدىن چىقتى- دە، ئالدى- ئارقىسىغا قارىماي يۈرۈپ كەتتى. ئەمما، 30 قەدەمچە ماڭار- ماڭمايلا ئارقىسىدا بىرەيلەننىڭ: <ھەي مىھمان، توختاپ تۈرۈڭە!> دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ: <ئاپلا، ئايال خوجايىن پۇلنىڭ ساختىلىقىنى بىلىپ قىلىپ قوغلاپ چىققان ئوخشايدۇ!> دەپ ئويلاپ، ئاڭلىمىغانغا سىلىپ مىڭىۋەردى، ئەمما ئايال خوجايىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرگىنچە توۋلىغىلى تۇردى. ئەمدى توختىماي ئامال يوق ئىدى،
- ۋىيـيەي، يەلتاپاندەكلار ماڭىدىكەنسىز، ھەش- پەش دىگۈچە ئۇزاق كەتكىنىڭىزنى قارىمامدىغان! - دىدى ئايال خوجايىن، - ھىلىمۇ ۋاقتىدا كۆرۈپتىمەن . . . قارىڭە، چاپىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز...
ئۇ بايا ئاشپۇزۇلغا كىرگەن چاغدا ئۇچىسىدىكى چاپاننىڭ مانا ئەمدى ئايال خوجايىننىڭ قولىغا تۇرغانلىقىنى كۆردى
- قاراپ بېقىڭ، يانچۇقىڭىزدىكى نەرسىلەر ساقمىكىن؟ - دىدى ئايال خوجايىن.
ئۇ، چاپاننى قولىغا ئىلىپ يانچۇقىدىكى كىملىك ۋە بايىلا ئالغان 800 يۈەن مائاشىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ دىدى:
- رەخمەت، ئاچا.
- ئۇكام، پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە ئۇنداق بىخەستىلىك قىلماڭ!
قانداقتۇر بىر خىل تۇيغۇدىن ۋۇجۇدى تۇيۇقسىز ئىللىغان بۇ خىرىدار يانچۇقىدىن 20 يۈەننى چىقىرىپ ئايال خوجايىنغا تەڭلىدى:
- رەخمەت، ئاچا، بۇ مىنىڭ ئازراق كۆڭلۈم.
- كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى، ئۇكام، ئەمما پۇلىڭىزنى ئالالمايمەن.
- ئەمىسە، بايا مەن سىزگە بەرگەن كونا پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىپ، ماۋۇ يىڭىسىنى ئىلىڭ.
- ياقەي، كونىسىمۇ، يېڭىسىمۇ ئوخشاشلا پۇلغۇ!
- ھە. . . بۇ . . . مۇنداق ئىش ئىدى. ئىسىم قۇرىسۇن، ئۇ پۇلغا مۇھىم بىر تىلفۇن نومۇرىنى يىزىپ قويۇپتىكەنمەن دەڭە. . .
- ھە، ئۇنداق يىرى بولسا بوپتۇ ئەمىسە، ئۇ پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بىرەي.
ئايال خوجايىن ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇ يانچۇقىدىن چاقمىقىنى ئىلىپ ياندۇردى- دە، ھىلىقى 20 يۈەنلىك ساختا پۇلنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
مەنبە: راخمانجان روسۇل سۇلتانىي تەرجىمىسى
|