گۆرۈ ھەققى
520 سىتودىيىسى
(ھېكايە)
- نېمانداق مىس- مىس قىز بالا بۇ؟- ئۇ ئۆزى ئاران ئاڭلىغۇدەك غودىراپ قويغاندىن كېيىن ئەتراپتىكىلەرگە دېققەت قىلدى.
ئۆچرەتتە تۇرۋاتقانلار ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىمۇ ياكى ئالدىرغىدەك باشقا ئىش-كۈشلىرى يوقمۇ، قىزچاقنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تۇراتتى. ئۇ قەستەن ۋاقتى ئۆتكۈزمەكچى بولۋاتقاندەك ئالدىرماي تالۇن كىسۋاتقان قىزچاقنىڭ ئىنچىكە بارماقلىرىغا قاراپ تۇراتتى. ئۆچرەت كېلىپ بولغىچە بىر قانچە ئادەملەرنىڭ غودۇڭشىغان ئاۋازى ئۇ قىزنىڭ قۇلاق تۈۋىگىمۇ بارمىغاندەك قىلاتتى.
- ئىسىت ئىدارىدىكىلەر مۇشۇنداق لايپاس قىزچاقنى ئىشلەتكىچە قولى چاققانراق باشقا بىرسىنى ئىشلەتسە بولمامدۇ؟ ياكى بولمىسا تالۇن كىسىدىغانغا بىرەر ئادەمنى كۆپەيتىپ بەرسە بولماسمۇ؟ ھەر قېتىم كەلگەندە، بىرەر سائەتتىن ئارتۇق تۇرىمەن.
- ھەي…
ۋاقتىنىڭ ئۆتىشى بىلەن نۆۋەت ماڭىمۇ كىلىپ قالغانتى.
- نېمىگە يازىمەن؟
-كىراغا!
- كىراغا بۇ يەردە تالۇن يازمايدۇ؟
- ئەمىسە مەن سوراپ باقاي!...
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۆچرەتتىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، بىر قۇر سورىغاندىن كېيىن يەنە ئۆچرەتنىڭ ئالدىغا كەلدى.
- ماڭا تالۇن يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز؟
-سەل توختاپ تۇرۇڭ! قولۇمدىكىنى يېزىپ بولۇپ، ئاندىن قىلىپ بىرەي.
ئۇنىڭ كۆزى قىزنىڭ كۆزى ئۇچىرشىپ قىلىپ، ئىللىق سېزىمنىڭ تەسىرىدىنمۇ كۆزى ۋاللىدە قىلىپ كەتتى. قىز بالىنىڭ جىسمىدىن تارقىلۋاتقان ئەتىر پۇرىقى بىلەن تەڭ ئالدىدىكى ئايالغا دېققەت قىلىشقا باشلىدى. قىز ئورۇق ئىگىز بوي، بىلى ئىنچىكە، يۈزى ئاپئاق ھەم سىلىق، بۇرنى ئانچە قاڭشارلىق كەلمىگەن يۈزى يۇمىلاق ھەم خۇمالىق، خىزمەت كىيىمى بوي بەستىگە تېخىمۇ ياراشقان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇيغۇسىدا تاتلىق قىزىقىش ئويغاتماقتا ئىدى.
- سىزگە نۆۋەت كەلدى.
-نېمىگە تالۇن يازىمەن؟
- خاتىرە، دەپتەر، قەغەز… دېگەنلەرگە 345، 430 يۈەندىن قىلىپ ئايرىم-ئايرىم 2 دانە، باج پۇلىنى قوشۇپ يېزىپ بەرسىڭىز بولار.
- ئىدارىنىڭ ئىسىمى.
- ...
- خىزمەت ئورنىڭىز؟
- ئادەتتىكى تىجارەتچى.
- نەدە تىجارەت قىلىسىز؟
- كىراكەشلىك قىلىمەن.
ئۇ قولغا تالۇننى ئىلىپ بىر قۇر تەپسىلى كۆرۈپ چىقتى-دە ئىتتىك ماڭغۇسى كەلمىدى. شۇ تاپتا بىر كۆزى ھېلىقى تالۇن كەسكەن قىزدا ئىدى. قىزچاق ئىشنى تەستە تۈگۈتىپ ماڭاي دەپ تۇرشىغا جوزا ئۈستىدىكى تېلېفۇن جىرىڭلاپ كەتتى…
- ۋەي كىم؟
- مەن تۇرسۇنجان؟
- قايسى تۇرسۇنجان؟
- ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا سىز ماڭا تالۇن يېزىپ بەرگەن ئادەم بولىمەن.
- ھە! نېمە ئىشىڭىز بار؟
- چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيلىمىكىن دەپ تېلېفۇن قىلىشىم.
- ۋاقتىم يوق.
- نېمىشقا؟
- كەچۈرۈڭ! ئۆيدە مۇھىم ئىشىم بار؟ خەيرى-خوش.
-ھەي… ھەي…
* * * *
تۇرسۇنجان يەنە ئىشتىن چۈشۈشىدىن بۇرۇن تېلېفۇن قىلدى.
- ۋەي نۇرجامال بارمۇ؟
- ھەئە مەن شۇ.
- نېمە ئىشىڭىز بار؟
- مەن ھېلىقى تۇرسۇنجان، كەچتە بىللە تاماق يىسەكمىكىن دېگەن. ۋاقتىڭىز بارمۇ؟
- ۋاقتىم يوق.
- مېھمان قىلاي دېگەن...
- باشقا بىرسىنى مېھمان قىلىڭ.
- سىزگە دەيدىغان بىر مۇھىم گىپىم بار ئىدى.
- قانداق گىپىڭىز بولسا تېلېفۇندا دەڭ؟
- يۈز كۆرۈشكەندە دەي.
- مەن... مەن ساقلاي ئەمىسە، ئىشتىن چۈشكەندە...
تۇرسۇنجان ئىشتىن چۈشۈپ بولغىچە باج ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا نۇرجامالنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى.
قىزنىڭ قېنىق گىرىمى ئۆزىگە تازا ماس كەلمىگەندەك قىلاتتى. كالتە يۇپكىنىڭ ئاستىدا ئاپئاق يوتىسى ئۇنىڭ ھېسياتىنى غىدىقلايتتى.
- ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟
- ياخشى!
- چارچاپ كەتتىڭىز ئىشلىرىڭىز بەك جاپالىق ئىكەن. بىر دەم تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى دېگەن.
- نېمە گىپىڭىز بار؟
- سەل تۇرۇپ دەي!
- ھازىر دەڭ.
- ھېلى دەي، جۈرۈڭ ئاشخانىدا تاماق يىگەچ پاراڭلىشىمىز.
-نەگە بارىمىز؟
- «خۇمار تېز تاماقخانىسى»غا شۇ يەرنىڭ تامىقى تېز، ھەم تەملىك، ئايرىم ئۆيلىرىمۇ بار، پاراڭلىشىشقا ئەپلىك.
* * * *
تاماقلار كەلتۈرلۈپ، چايلار ئېچىلىپ بولدى.
ئارلىقتىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ گەپ باشلىدى تۇرسۇنجان،
- سىزنى بىر كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالدىم، مومكىن بولسا ئارلىشىپ ئۆتسەك، ئويلىنىپ باققان بولسىڭىز؟
- سىزنىڭ شۇنداق دىيشىڭىزنى بىلىپ ۋاقتىم يوق دېگەن. مېنىڭ ھازىر بىرسى بىلەن ئارلاشقىم يوق. مەن بىرەر كەسپىتە نەتىجە قازانمىغىچە بىرەرسى بىلەن ئارلاشمايمەن.
- ئويلىنىپ باققان بولسىڭىز بولمامدۇ؟
- بولمايدۇ. سىز ماڭا ماس كەلمەيسىز؟
- رەھمەت سىزگە. تۇرسۇنجان بىشىنى كۆتىرەلمەي بىر ئاز تۇرۇپ قالدى. قىزنى تەسلا «خوش» دىيەلىدى.
* * * *
ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندە تۇرسۇنجان يەنە تېلېفۇن قىلدى.
- بۈگۈن ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىز، سىزگە گەپ چىقىپ قالدى!
- نېمە گەپ؟
-كۆرۈشكەندە دەپ بىرەي؟
-ۋاقتىم يوق؟
-ئۇنداق قىلماڭ؟ مېنىڭ باشقا غەرىزىم يوق، تاماق يىگەچ كۆرۈشسەك بولىدۇ.
مەن سىزگە ئاۋارچىلىق قىلمايمەن.
- بولدى مەن ھازىر ئالدىراش، ئىشتىن چۈشكەندە بىر گەپ بولار،- بىر ئازدىن كېيىن نۇرجامالنىڭ كاللىسىغا بىر خىيال كەلدى. بۇ بىر نېمىنى چىقىمدار قىلسام ئۆزىنى تارتامدىغاندۇيە؟ دېگەن خىيال كۆڭۈل ئىكرانىدىن غىل-پال ئۆتىشكە باشلدى.
ھە راسىت شۇنداق قىلىپ بابلاي بۇنى… ئشىتىن چۈشۈپ بولىغچە 5، 6 نەپەر ساۋاقداشلىرىغا تېلېفۇن قىلىپ رېستۇراندا تازا بىر ئوينايلى! دەپ ئۇلارنى خەۋەردار قىلۋەتتى. ئىشتىن چۈشۈپ ئىدارىسىغا يىقىنراق «شاھئۆي رېستۇرانى» غا دوستلىرىنى ئىلىپ بىرىپ تازا ياخشى ئولتۇرۇپ يەپ ئېچىپ كۆڭۈل ئاچتى. تۇرسۇنجانمۇ چىداپ تۇرۇپ رېستۇراننىڭ چىقىمىنى تەرىستە تۆلىدى. ھېچ ئىش ھاسىل بولمايلا بىر مۇنچە پۇلنىڭ بىشىغا سۇ قۇيۇلغانلىقدىن ئىچى ئاچچىق بولۇپ كەتتى.
ئەمدى ئۆيگە نەچچە كۈندىن بىرى يىققان كىرا پۇلنى بۈگۈن رېستۇرانىغا ئارانلا ئۇلاشقانتى. ئۆيگە نېمە دەپ چىقارىمەن؟
شۇ تاپتا ئايالىمغا نېمىمۇ دەرىمەن؟
بولدىلا، پۇلنى سۈرۈشتە قىلسا بانكىغا قويۇپ قويدۇم دېمەمدىم…
* * * *
- ۋەي تۇرسۇنجامۇ؟
-ھەئە مەن!
- مەن نۇرجامال!
- ھە سىزمۇ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
- ياخشى.
- كۆرۈنمەيسىز؟ تېلېفۇنمۇ قىلىپ قويىمىدىڭىز؟
- ھازىر ئالدىراش، كىرامۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن سەل جىددى بولۇپ قالدىم.
- شەنبە تۇغۇلغان كۈنۈم بولىدىكەن. تۇغۇلغان كۈنۈمنى سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزسەممىكىن دەيمەن. ۋاقتىڭىز بارمۇ؟
- بار! ئەلۋەتتە بار، سىز ئۈچۈن جىنىم پىدا، سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇ.
- رەھمەت!
- ئەتە چۈشتىن كېيىن مەن تېلېفۇن قىلاي خوش ئەمىسە؟
- خوش.
ئەتىسى كېلىشكەن بويىچە ئىككى تاكسى توسۇپ خوشتا ناھىيىدىكى بىر كاتتا رېستۇرانغا سورۇن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. رېستۇران تازا قىزىرىپ ئۇسۇللار ئوينىلىپ، رېستۇران ئىچى گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىغا چۈمگەنتى. تۇرسۇنجان بىر قىسىملا بولۇپ قالغانتى. ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ ئاچچىقىنى ئاچچىق ئالىدۇ دەپ تازا ئېچىپ خىلى تەڭشىلىپ قالغانتى. بىر چاغدا كۆزنى ئىچىپ سورۇندا ئۆزىدىن باشقا ئادەمنىڭ يوقلىقىنى خىرە ئىسىگە ئالدى. دە بىشى پىقىرغاندەك بولدى.
قىزچاقنىڭ تالۇن كىسۋاتقان چاغدىكى ھالىتى غىل-پال كۆڭۈل ئىكرانىدىن ئۆتتى ھەمدە ئۇ قىز كۆزىگە باشقىچە سەت كۆرۈنگەندەك تۇيلۇپ كەتتى. ئۇ ئاغزىنى پۇرۇشتۇرۇپ «قۇيمىچى» دېگەن مۇشۇنداق ئوخشايدۇ. ھەي-ھەي…
- پۇلنى چىقرامسەن ياكى ئالالايدىغان ئادەم چاقىرامدۇق؟
- نەچچە پۇل بوپتۇ؟
- 1250 سوم بوپتۇ، ئۇ يانجۇقلىرىنى كولاپ ئاران دېگەندە 615 يۈەن ئەتراپىدا پۇل چىقتى. ئويلۇنۇپ ئىككى تاكسىچىغا 80 دىن 160 يۈەن پۇلنى ئالدىن بەرگەنلىكى ئىسىگە كەلدى- دە تىتىرەشكە باشلدى. پۈتۈن بەدىنى قىزىرىپ سوغۇق قارا تەرگە چۈمدى. رېستۇراندىكىلەر جوزا ئۈستىدىكى تېلېفۇنغا قولنى ئۇزاتتى. تۇرسۇنجان كەم پۇلغا گورۈگە قالغان ئىدى...
(مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە)
بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.
|