ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ تەۋارىخى مىسقىيۇن
كۆرۈش: 198|ئىنكاس: 3
go

تەۋارىخى مىسقىيۇن

Rank: 8Rank: 8

توردا
374سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
196 
تېما
102 

ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-2 11:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تەۋارىخى مىسقىيۇن




موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى



تەۋارىخى مۇسىقىيۇن نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەنۋەر بايتۇر خەمىت تۆمۈر
مەسئۇل مۇھەررىر: نۇرمۇھەممەت دۆلىتى
مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 6-ئايدا 1-قەتىم نەشر قىلىندى



كىرىش



سۆز بىز كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكچى بولغان <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> (مۇزىكانتلار تارىخى) رىسالىسى خوتەن شەھرىدە ئۆتكەن موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى تەرىپىدىن يېزىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ بىز ئاساسلانغان قوليازما نۇسخىسى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ <كۇللىيات> ناملىق دىۋانىنىڭ بىر قوليازما نۇسخىسى بىلەن قوشۇپ تۈپلەنگەن بولۇپ، ھازىر جوڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىلللەتلەر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىدا ساقلانماقتا. كىتاب نومۇرى 909.217/149. قوليازما خوتەننىڭ پاتلىق سامان قەغزىگە خەتتى نەستەلىك ئۇسلۇبىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، جەمى 39 بەت. ھەر بىر بەت ھەجمى 2215 سانتىمېتىر، ھەر بەتتىكى تېكىست ھەجمى 19 سانتىمېتىر، ھەر بەتكە 15 قۇردىن خەت يېزىلغان. قوليازمىنىڭ تېكىستى قارا سىيادا، كىچىك ماۋزۇلىرى قىزىل سىيادا قومۇش قەلەم بىلەن كۆچۈرۈلگەن. قوليازما قوشۇپ تۈپلەنگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى جىگەررەڭ قىرىم بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يۈزىگە ئۇيغۇر مىللى ئۇسلۇبىدا چىرايلىق نەقىش ئىشلەنگەن. ئاپتور بۇ ئەسەرنى پۈتۈك تارىخىن تارىخىن دېپ ئىدىم، بىلەلمەسمىكىن دېپ ئەجەپ غەم يىدىم. تۈگەت سۆزنى مۆجىزى غەرىپ بىناۋا، ئۇلۇغ يولغە كىرگىل بولۇپ ماساۋا. دېگەن شئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ شەئىرنىڭ ''پۈتۈك تارىخىن تارىخىن دېپ ئىدىم'' دېگەن مىسرادىكى كېيىنكى ''تارىخىن'' سۆزى ئەبجەت بىلەن ھىساپلاش ئۇسۇلى بويىچە ھىجرى 1271-يىلغا توغرا كېلىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يەنە قىزىل سىيادا كونىچە '' سىنە'' دېگەن يىل نامىمۇ يېزىلغان. دېمەك، مۆجىزىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ يادنامىسى ھىجرى 1271-يىلى (مىلادى 1854-1855-يىلى) دۇنياغا كەلگەن. قوليازمىنىڭ ئىملاسىغا ئاساسەن، ئۇنى كېيىن كۆچۈرگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە خەتتات توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق. قوليازمىنىڭ باش بېتىگە ''ئۇشبۇ تەۋارىخى مۇسىقىيۇن كىتابىنى پۈتۈرگەن ئەلىشىر ھېكىم بېگىمگە يۈز رەھمەت، پۈتكۈچى موللا ئىسمەتۇللا مۆئىجىزغە ئىلاھىم مىڭ رەھمەت قىلغاي، ماڭا بۇ رىسالەنى دۇۋەل ئەزىمشا بېگىم تەقدىم قىلدى، دەپ مۆھۈر باسقۇچى مۇفتى مۇھەممەت ئىمىن ئىبنى باقىدۇر، 1338 سىنە'' دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ، مۇفتى مۇھەممەت ئىمىن ئىبنى باقىنىڭ سوقىچاق مۆھۈرى بېسىلغان. بۇنىڭدىن بۇ قوليازمىنىڭ ئەڭ كېيىن بولغان تەقدىردىمۇ ھىجرى 1338-يىلى (مىلادى 1919-1920-يىلى)دىن بۇرۇن كۆچۈرۈلگەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىز تۆۋەندە بۇ ئەسەر توغرىسىدىكى دەسلەپكى مۇلاھىزىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. 1 <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> رىسالىسىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۇنياغا كەلگەنلىگى تاسادىپى بىر ئىش ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى بۆلۈنمىچىلىگى ۋە ئاپپاقخۇجا ئاۋلاتلىرىدىن بولغان چوڭ خۇجا بۇرھانىدىن بىلەن كىچىك خۇجا جاھان بۆلۈنمىچىلىگىنى باستۇرۇپ، شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن بارلىققا كەلگەن نىسپى تېنچ شارائىتتا يەنە بىر قېتىم گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، 19-ئەسىرگە كېلگەندە چىرىكلەشكەن چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ پاجىئەلىك زۇلۇم-سەتەملىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىغا ماسلىشىپ راسا يوقۇرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنى يەركەن خانلىقى(مىلادى 1514-1678-يىللار) ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاپپاق خۇجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا ۋەيران بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئومۇمى ئىستەكنىڭ تۈرتكىسى بىلەن باشلانغان بولسا، خەلقنى نادانلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇتقۇزۇش، مىللى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللى زۇلۇم ۋە فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى مىللى دېموكىراتىك ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەۋجىگە چىقتى. بۇ دەۋر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر يازغۇچى، شائىرلار ئەدەبىيات سەھنىسىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل زھانىر ۋە مەزمۇندىكى ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى. موللا ئەلەم شەھيارى ۋە ئۇنىڭ مىلادى 1761-يىلى يازغان <گۈل ۋە بۇلبۇل> ناملىق پوئىمسى، لۈكچۈنلۈك شائىر ئەھمەت غۇجام نىياز ئوغلى(1827-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ <رەۋزەتۇلزۆھرا> ناملىق شەئىرىي داستانى، مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ۋە ئۇنىڭ <سىدىقنامە> ناملىق ئەسىرى، شائىر موللا رېھىم ۋە ئۇنىڭ <مۇھەببەتنامە> ناملىق داستانلىرى، يەركەنلىك شائىر ئۆمەرباقى ۋە ئۇنىڭ 1792-يىلى نەسرى-نەزمى شەكىلدە يېزىلغان <پەرھات-شېرىن ۋە لەيلى-مەجنۇن> ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى، قومۇللۇق شائىر زۇھۇرى ۋە ئۇنىڭ <دىۋان زۇھۇرى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى، موللا يۇنۇس ياركەندى ۋە ئۇنىڭ 1807-يىلى يېزىلغان <يۈسۈپ-زۇلەيخا> داستانى، موللا سىدىق ياركەندى ۋە ئۇنىڭ 1813-يىلى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ <خەمسە>سىدىكى 5 داستان ئاساسىدا يېزىپ چىققان <نەسرى مۇھەممەت ھۈسەيىنبەگ> ناملىق توپلىمى، ئىمىرى (1822-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ <دىۋان ئىمىرى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى، قەشقەرلىق نورۇز ئاخۇن كاتىب زىيائى ۋە ئۇنىڭ <مەھزۇنۇلۋائىزىن> ناملىق ئىپىك داستانى، ئابدۇرېھىم نىزارى(1845-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ <پەرھات-شېرىن>، <مەجنۇن ۋە لەيلى>، <شاھ بەھرام ۋە دىلئارام>، <ھامۇق- ئۇزرا>، <چاھار دەرۋىش> (<ئازات بەخت>)، <مەھزۇن ۋە گۈلنىسا>، <شاھزادە مەسئۇد ۋە دىلئارا>، <رابىيە-سەئىدىن> قاتارلىق 12 داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان <مۇھەببەتنامە> ناملىق ئەسىرى، تۇردۇش ئاخۇن كاتىب غېرىبى(1802-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان) ۋە ئۇنىڭ <كىتابى غېرىب> ناملىق داستانى، موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ(1824-1899-يىللار) ۋە ئۇنىڭ 1851-يىلى ئىشلەنگەن <غەزەليات> ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1875-يىلى يېزىلغان <غازات دەر مۈلكى چىن> ناملىق داستانى، 1881-يىلى يېزىلغان <چاڭموزا يۈسۈپخان> ناملىق داستانى، 1882-يىلى يېزىلغان <نۇزۇگۇم> ناملىق قىسسىسى، موللا شاكىر ۋە ئۇنىڭ <زەپەرنامە> ناملىق تارىخىي داستانى قاتارلىق يازغۇچى ۋە ئەسەرلەر شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان مۇھىم نامايەندىلىرىدۇر. بۇ دەۋر ئىچىدە ئۇيغۇر مۇزىكا-ناخشىلىرى بويىچىمۇ بىرمۇنچە جانلىنىشلار بولدى: مىلادى 1820-1828-يىللاردا قەشقەر دېھقانلار قوزغلىڭىغا قاتناشقان قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم ھەققىدە توقۇلغان <نۇزۇگۇم> قىسسىسى بىلەن <نۇزۇگۇم> ناخشىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرىگە تارقالدى. خوتەن <قارىقاش ناخشىسى>، قەشقەر <قىزىلگۈل ناخشىسى>، تۇرپان <مايىمخان ناخشىسى>، قومۇل <يارسەنەم ناخشىسى>، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ <ئانارخان>، <ئويناڭ تۆرەم>، <بىۋاپا نادان يارىم>، <خارابىڭ مەن>، <دادەي>، <سارىخان>، <ئاللا يارىم>، <ھاي-ھاي ئۆلەن> قاتارلىق ناخشىلىرىمۇ كەڭ تارقالدى؛ ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ <رىسالەئى مۇغەننىيۇن>، <كىتابۇلمۇسىقى>، <كالامىفۇلمۇسىقى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن زاھىرىددىن مۇھەببەت بابۇرنىڭ <ئەسرارى مۇسىقى> ناملىق كىتابى شۇ چاغدىكى ئۇستا خەتتاتلار تەرىپىدىن قايتا كۆچۈرۈپ چىقىلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى بويىچە كۆتىرىلگەن بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى، يەرلىك ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىدىكى بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق زاتلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشتى. بۇ يەردە 1811-يىلى زۇھۇرىدىن، ئىمىرى قاتارلىق شائىرلارنى ئوردىسىغا توپلاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بولغان لۇتفى ۋە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ شېئىرلىرىدىن ھەم ئىران شائىرلىرىدىن ھاپىز شىرازى قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنە ئېلىپ <باياز> ناملىق بىر توپلام تۈزدۈرگەن قومۇل ۋاڭى ئەردىشىر، 1813-يىلى موللا يۇنۇس يەركەندىنىڭ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ <خەمسە>سىنى نەسىرلەشتۈرۈپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان يەركەن ھاكىم بەگى مىرزا ھۈسەيىنبەگ، 1841-يىلى تۇردۇش ئاخۇن كاتىب غېرىبىنىڭ <كىتابى غېرىب> ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان قەشقەر ھاكىم بەگى زۇھۇرىددىن، 1839-يىلى ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ <مۇھەببەتنامە> ناملىق داستانلار توپلىمىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان تۇرپان ۋاڭى ئەپرىدۇن ۋە مەزكۇر <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> رىسالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تەشەببۇسكار بولغان خوتەن ھاكىم بېگى مۇھەممەت ئەلىشىر بىننى ئابدۇمۆمىنبەگ (ئەلىشىر ھېكىم بەگ) لەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. دېمەك، قولىمىزدىكى <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> رىسالىسى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلىنىپ، 19-ئەسىردە يوقۇرى پەللىگە چىققان تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ سەمەرىلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 2 <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>نىڭ ئاپتورى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ھازىرغىچە مۇشۇ ئەسەردىكى بايانلاردىن باشقا مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. بىراق، مۇشۇ ئەسەردىكى ماتىرياللارنىڭ ئۆزىمۇ بىزنىڭ مۆجىزى ئوبرازىنى خېلى روشەن ھالدا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرúشىمىزگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ. مۆجىزى ئۆز رىسالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا مەزكۇر رىسالىنى يېزىش ئۈچۈن <تارىخى رەشىدى>، <تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا> ۋە <تەۋارىخى ئەجەم> قاتارلىق پارىس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن ۋە <تەۋارىخى تەبىرى>، <تەۋارىخى ھۆكەما>، <تەۋارىخى ئەرەپ> قاتارلىق ئەرەپچە يېزىلغان ئەسەرلەردىن پايدىلانغانلىغىنى، فارابىنىڭ ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان <رىسالەئى مۇغەننىيۇن> ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىگىنى يازىدۇ. بىز بۇ بايانلاردىن ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەپ، پارىس تىللىرىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن مەلۇماتلىق بىر كىشى ئىكەنلىگىنى بىلىمىز. مۆجىزى ئۆز ئەسىرىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئەلىشىر نەۋايىنى ''پىرىم''، ''ئۇستازىم'' دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنىڭ <كۇللىيات>، <چاھار دىۋان>، <خەمسە>لىرىدىن ھەم بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يازغان 36 پارچە كىتابىدىن بەھرىمان بولۇپ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشقى مۇھەببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم، دەپ يازىدۇ. ئۇ يەنە لۇتفى، ئابدۇراخمان جامى، مۇھەممەت كۈشتىڭىرلەرگە باھا بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئالىجاناپلىغىغا نەۋايىنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى پاكىت قىلىدۇ. مانا بۇلاردىن مۆجىزىنىڭ نەۋايىغا چەكسىز ئىخلاس قويغانلىغىنى، نەۋايىنىڭ يۈكسەك بەدىئى ماھارىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەرەققىپەرۋەر ئىدىيىسى بىلەن ئالىجاناپ پەزىلىتىگە قايىل ئىكەنلىگىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مۆجىزى فىساغۇرس (پىپاگور) ئۈستىدە توختالغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ''ئۆزەڭنى تۈزلىمەي تۇرۇپ كىشىگە نەسىھەت قىلما؛ ئەيىبىڭنى ساڭا كۆرسەتكەن كىشىنى دوست بىلىپ ئەزىز تۇت؛ چىرايلىق لىباس كىيىپ يۈرگۈچە چىرايلىق سۆز قىلىپ يۈرۈشنى ئۆرگەنگىل؛ ياخشى سۆزنى ئەيتۇرغە قۇدرەتىڭ بولماسا، ياخشى سۆزنى ئېيتقۇچىدىن ئۆرگەنگىل؛ ئىلىم ئۆرگەنىشدىن نومۇس قىلما، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل'' دېگەن ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كەلتۈرىدۇ. فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا بولسا، ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭ '' يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان فەيزنى مېنىڭ قانۇنۇمنىڭ (قالۇنۇمنىڭ) سىملىرىدىن ئاڭلىغايسىزلەر'' دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان بۇ ھىكمەتلىك سۆزلەر ئەمىلىيەتتە مۆجىزىنىڭ ئۆز دۇنيا قارىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنى ئەينى زاماندىكى نادانلىق، تەركى دۇنيالىق ۋە قۇللۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى جاھىل كۈچلەرگە قارىتىپ ئېتىلغان ئوق، خەلق ئاممىسىغا بېرىلگەن سەمىمى مەسلىھەت سۈپىتىدە قوللانغان. مۆجىزىنىڭ فېئوداللىق- دىنىي چەكلىمىلەر بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىكنىڭ چەكلىمىلىرى تۈپەيلى تارىختا كۆمۈلۈپ قالغان مۇزىكا ئالىمى ۋە شائىرە ئاماننىساخان نەفىسىنى تارىختىكى 17 نەپەر مۇزىكا پىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، زور ھۆرمەت بىلەن خالايىققا تونۇشتۇرىشىمۇ ئۇنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىپەرۋەر زىيالىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا پۈتۈنلەي مۇناسىپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. مۆجىزى <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاللاغا مۇناجەت قىلىپ ''ئاسى قۇلۇڭدۇرمەن فەقىر، جافى قۇلۇڭدۇرمەن ھەقىر، غەم ئىلكىدە بولدۇم ئەسىر، سەنسەن ماڭا فەريادىرۇس'' دېگەن مىسرالارنى يازىدۇ ۋە ئۆز ئەسىرىنى ''تۈگەت سۆزنى مۆجىز غەرىب بىناۋا، ئۇلۇغ يولغە كىرگىل بولۇپ ناسىۋا'' دېگان بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بىز بۇ مىسرالاردىن ئۇنىڭ يوقۇرقىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> رىسالىسىنى يازغانلىغىنىڭ فېئوداللىق دىنىي پىرىنسىپلارغا بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىك پىرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغانلىغىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلىپ تۇرغانلىغىنى ۋە شۇ چاغلاردا يەنىلا خېلى سالماقنى ئىگەنلەپ تۇرغان مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۆز ھەركىتىنى مۇشۇ يول بىلەن ئاز-تولا نىقاپلىغانلىغىنى كۆرىمىز. <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>نىڭ تەشەببۇسچىسى ئەلىشىر ھېكىم بەگ مۆجىزىنى ''سەنكىم كەسبىڭ ھەم مۇسىقىدۇر ھەم ئەبيات مەملىكىتىنىڭ بۇلبۇلۋار سۇلتانى، ئەدەبىيات مۈلكىنىڭ تۇتى شەرىن لىسانىدۇرسەن ھەم خۇش پۈتكۈچى ھەم دىلكەش ئەيتقۇچى سەندۇرسەن'' دەپ تەرىپلەيدۇ. گەرچە بۇ سۆزلەر ئىنتايىن مۇبالىغىچىلىك بىلەن ئەيتىلغان بولسىمۇ، ھەرھالدا مۆجىزىنىڭ شۇ دەۋىردە داڭلىق كەسپىي مۇزىكانت ھەم نۇرغۇن ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر شائىر بولۇپ ئۆتكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلالمىگەن ياكى تەخى قولىمىزغا چۈشمىگەن. مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە تونۇشتۇرغان 17 نەپەر مۇزىكا پىرى ئىچىدە ئۇنىڭ قىدىرخان يەركەندى بىلەن ئاماننىساخان نەفىسى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ شەخسلەر توغرىسىدىكى تۇنجى يازما مەلۇمات بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مۆجىزى قىدىرخان يەركەندىنىڭ نادىر مۇزىكا ئالىمى، تەڭداشسىز ناخشىچى ۋە ئۇستا شائىر ئىكەنلىگىنى، راۋاپ بىلەن خۇشتارنى كەشپ قىلغانلىغىنى، <ۋىسال> ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلغانلىغىنى، مۇزىكا ئىلمى توغرىسىدا كۆپلىگەن مېغىزلىق ماقالىلارنى يازغانلىغىنى، <دىۋانى قىدىر> ناملىق شېئىرلار توپلىمى چىقارغانلىغىنى، يەركەن خانلىغىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر پادىشاسى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ كېچە-كۈندۈز ئايرىلمايدىغان ئەڭ يېقىن كىشىسى بولۇپ ئۆتكەنلىگىنى ۋە ئىران، ئىراق، تەبرىز، خارازىم، سەمەرقەند، ئەنجان، ئىسلامبۇل (ئىستامبۇل)، كەشمىر، بەلىخ، شىراز قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن شاگىرتلىرى بولۇپ، ئۇلارغا مۇزىكا ئىلمىدىن دەرس بەرگەنلىگىنى يازىدۇ. لۇتفى ئۈستىدە توختالغىنىدا ئۇ ‘ئالىملىقتا ھەزرەتى ئەبۇ نەسىر فارابىدېك، ھەكىملىقدا ھەزەتى ئىبنى سىنادېك، شائىرلىقتا ھەزرەتى ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايىدېك، مۇغەنىلىقدا تەخى قىدىرخاندېك ئىردىلەر” دەپ قىدىرخاننى شۇ زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىملىرى قاتارىغا قويىدۇ. بىز مۆجىزىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن 16-ئەسىردە ئۆتكەن بۇ ئۇيغۇر ئالىمى ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز. بۇ يەنە يەركەن خانلىغىنىڭ پايتەختى يەركەن شەھرىنىڭ شۇ دەۋرلەردە پۈتۈن شەرق ئەللىرىنىڭ بىر مۇزىكا ئۆگۈنۈش يۇرتى بولغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۆجىزىنىڭ فېئوداللىق دىنىي چەكلىمىلەر تۈپەيلى نەچچە ئەسىر كۆمۈلۈپ قالغان شائىرە، مۇزىكا ئالىمى ئاماننىساخان نەفىسىنى يورۇق دۇنياغا چىقارغانلىغى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان يەنە بىر زور تۆھپىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بىرمۇنچە پاكىتلار مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان نەفىسى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. بىرىنچىدىن، 1956-1959-يىللىرى سابىق جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر جەمىيىتى ۋە تارىخنى تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى قەشقەر،يەركەن، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئاماننىسا بېگىم ناملىق بىر شائىرە توغرىسىدا بەزى ھىكايە-رىۋايەتلەرنى توپلىغان ئىدى. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدە ئاماننىسا بېگىمنىڭ يەركەن خانلىغى زامانىدا ئۆتكەن قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى ئىكەنلىگى، ئۇنىڭ سۇلتان ئابدۇرېشىتخانغا ياتلىق قىلىنغانلىغى، نۇرغۇن شېئىر-داستانلارنى يازغانلىغى، <ئىشرەت ئەنگىز> ناملىق بىر مۇقام ئىجات قىلغانلىغى، كېيىن تۇغۇتتا ۋاپات بولغانلىغى، ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ ئاپپاق خۇجا تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىگە تارقالغان بارلىق شېئىر-غەزەللىرى كۆدۈرۈلۈپ، <ئىشرەت ئەنگىز> مۇقامىنى ئېيتىشمۇ چەكلەنگەنلىگى، سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ <دىۋان رەشىدى>، <غەزەلياتى رەشىدى>، <سىلاتىننامە> قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ كۆيدۈرۋەتىلگەنلىگى ھىكايە قىلىنىدۇ. دېمەك،مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان ھەققىدىكى بايانى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ رىۋايەتكە ئوخشايدۇ. بىراق، مۆجىزىنىڭ بايانىدا ئاماننىساخان قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى ئەمەس، بەلكى تارىم بويىدىكى ئوتۇنچى مەخمۇتنىڭ قىزى دېيىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، مەخمۇت جۇراس ئۆزىنىڭ <تارىخى رەشىدى – زەئىلى> ناملىق ئەسىرىدە تارىخچى مىرزا ھەيدەر تەرىپىدىن يېزىلغان <تارىخى رەشىدى>ناملىق ئەسەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان “ھەر كارۇدىيارىدا بەمەسەلمانىدا ئىدى يەنى ھەم تېڭى يوق ئىدى، ئىلمى مۇسىقىدا ماھىر ئىدى، بەلكى مۇسەننىف ئىدى، ئىشرەت ئەنگىز دەپ بىر ساز پەيدا قىلىپ ئىدى” دەپ يازىدۇ. 19-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا موسا سايرامىمۇ ئۆزىنىڭ <تارىخى ئەمنىيە>، <تارىخى ھەمىدى> ناملىق ئەسەرلىرىدە “ئابدۇرېشىتخان… موللا فازىل شائىر، فارسى ۋە تۈركى نەزمىنى ياخشى ئەيتۇر ئىدى، ئىلمى مۇسىقىدا گوياكى فىساغۇرۇس سانى ئىدىلەر، ئىشرەت ئەنگىز دەپ بىر مۇقام ئىختىرا قىلدى” دەپ يازىدۇ. بۇ بايانلار، بىر تەرەپتىن، سەنئەتپەرۋەر ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئاماننىساخاننى ئۇچرىتىپ ئۇنىڭ چالغان تەمبۇرىنى ۋە ئېيتقان غەزىلىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالغانلىغىنىڭ مەنتىقىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاماننىساخان ئىجات قىلغان <ئىشرەت ئەنگىز مۇقامىنى ئابدۇرېشىتخان ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ئىشىنىڭمۇ ھەقىقەتەن بولغان ئىش ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاماننىساخان نەفىسى تەكلىماكان بويىدىكى كەمبەغەل ئوتۇنچى مەخمۇتنىڭ قىزى بولۇپ، 13 ياش چېغىدىلا ئۇستا مۇزىكانت، شائىرە ۋە خەتتات بولۇپ يېتىلگەن. پۇخراچە ياسىنىپ ئۇلارنىڭ ئويىگە كەلگەن ئابدۇرېشىتخان ئۇنىڭ چېلىپ بەرگەن تەمبۇرىنى ۋە ئابدۇرېشىتخانغا بېغىشلانغان بىر غەزىلىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. ئابدۇرېشىتخان ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىنى كۆرۈپ، بۇ خەتلەرنى شۇنچىلىك كىچىك بىر قىزنىڭ يازغانلىغىغا ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن بۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە خەت يېزىپ بېقىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئاماننىساخان دەرھال “يارەپ بۇ بەندە ئەجەپ قىلدى سۇئىزەن ماڭا، گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا”( خۇدا، بۇ بەندە ماڭا تولىمۇ گۇمانلىق كۆزدە قارىدى، گويا بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن بىر تىكەن ئۈندى ) دېگەن ھازىر جاۋاپ بېيىتنى يېزىپ ئابدۇرېشىتخاننى مات قىلىدۇ. ئابدۇرېشىتخاننىڭ قىزغا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، شۇ كېچسىلا ئەلچى ئەۋەتىپ قىزنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ. ئاماننىساخان خەلق ئاممىسى، خەلق نەغمىچىلىرىدىن ئىبارەت ناخشا-مۇزىكا بۇلىغىدىن بىۋاستە ئوزۇقلىنىپ يېتىلگەن تالانتلىق مۇزىكانتتۇر. 13 ياشلىق بىر يېزا قىزىنىڭ مۇزىكىدا شۇنچىلىك كامالەتكە يېتىشى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ شۇ دەۋردىلا يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغانلىغىنى، جەمىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغىچە ئومۇملاشقانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاماننىساخان نەفىسىنىڭ ئابدۇرېشىتخان سارىيىدا تۇرغان مەزگىلەردە ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان داڭلىق مۇزىكا ئالىمى قىدىرخان يەركەندىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى بىلىم ۋە ماھارىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەنلىگى، قىدىرخان يەركەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى رەتلەش ۋە كېڭەيتىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلىگەنلىگى شۈبھىسىز. ئاماننىساخان توغرىسىدىكى رىۋايەتتە ئۇنىڭ قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى دەپ ھىكايە قىلىنىشى تاسادىپى ئىش ئەمەس. مۇنداق رىۋايەتنىڭ تارقىلىشىدا، بىر تەرەپتىن، ئاماننىساخاننىڭمۇ خۇددى قىدىرخان يەركەندىدەكلا ئۇستا مۇزىكانت بولۇپ يېتىلگەنلىگى سەۋەپ بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ قىدىرخان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىغىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرى سەۋەپ بولغان. لېكىن ئاماننىساخان نەفىسىنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى جەمىيەتتىكى ھەتتا ئابدۇرېشىتخان ئوردىسىدىكى مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلىرىغا دۇچ كەلگەن. ئۆزنىڭ مەرىپەتۋەرلىگى بىلەن شۆھرەت قازانغان ھەم ئاماننىساخاننى جېنىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئاماننىساخان ئىجات قىلغان <ئىشرەت ئەنگىز> مۇقامىنىڭ ئاماننىساخان نامىدا تارقىلىشىنى مۇۋاپىق كۆرمەي، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلۋالغانلىغىدىن ئىبارەت مۇشۇ پاكىتلار ئاماننىساخاننىڭ قانچىلىك توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلىرى خاتىرلەنمىگەن. تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ، جەمىيەتكە تارقالغان ئەسەرلىرىمۇ كېيىنكى كۈنلەردە جاھىل كۈچلەرنىڭ قاتتىق بۇزغۇنچىلىغىغا ئۇچرىغان. مۆجىزىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتلىرى شۇ بۇزغۇنچىلىقلاردىن ئامان قالغان، ئەڭ مۇھىمى، خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان ماتىرياللارنى ئاساس قىلغان. شۇ سەۋەپتىنمۇ ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. 4 <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>دىكى بەزى ماتىرياللار ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى – ئون ئىككى مۇقامنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بەزى مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋەلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. <تەۋارىخى مۇسىقىييۇن>نى ئوقۇغاندا مۆجىزىنىڭ “مۇقام” سۆزى ئۈستىدىكى چۈشەنچىسى بىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغايدۇ. مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە <راك>، <ئوشاق>، <ئۆزھال>، <چۆل ئىراق>، <ئەجەم>، <ناۋا>، <ۋىسال>، <چاھار زەرپ>، <چاھارگاھ>، <دۇگاھ>، <پەنجىگاھ>، <مۇشاۋرەك>، <بەيادەك>، <سىگاھ>، <بايات>، <ئىشرەت ئەنگىز>دىن ئىبارەت 16 مۇقامنى تىلغا ئالىدۇ. لېكىن ئۇ ھازىرقى <ئون ئىككى مۇقام>نىڭ ناملىرىنى ئاساسەن ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ناملارنى يۈرۈشلەشتۈرگەن، “چوڭ نەغمە”، “داستان” ۋە “مەشرەپ”تىن ئىبارەت 3 قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ھەربىر قىسمى بىرقانچىلىغان نەغمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى ئېشىپ كەتسە بىرنەچچە مەرغۇلى بولغان بىر يەككە نەغمە مەنىسىدە تىلغا ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇ فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا ئۇنىڭ <راك>، <ئوشاق> ۋە <ئوشاق>نىڭ مەرغۇلىنى ئىجات قىلغانلىغىنى، <ئۆزھال> مۇقامىنى بىرىنچى، ئىككىنچى،ئۈچىنچى مەرغلىغىچە ئىجات قىلغانلىقىنى يازىدۇ؛ مۇھەممەت كۈچتىنگىر ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ <چارىگاھ> مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا مەۋلانە تۇتىنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى، <دۇگاھ> مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا مىرخىسروۋ دېھلىۋىنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى، <پەنجىگاھ> مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا مەۋلانە كاتىبنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى يازىدۇ. مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە توختالغىنىدىمۇ، ئۇنىڭ يولۇچى سۈپىتىدە ئۆيىگە كىرگەن سۇلتان ئابدۇرېشىتخانغا پەنجىگاھ مۇقامىغا تەمبۇر چېلىپ بېرىپ، بۇ مۇقامغا ئۆزىنىڭ ئابدۇرېشىتخانغا بېغىشلاپ يازغان بىر غەزىلىنى سېلىپ ئوقۇغانلىقىنى يازىدۇ. مانا بۇ مىساللاردىن گەپنىڭ بىر يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن نەغمىلەر سېستىمىسى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئايرىم بىر نەغمە ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. مۆجىزى “مۇقام” دەپ ئاتىۋاتقان بۇ يەككە نەغمىنى ھازىرقى يۈرۈشلەشتۈرگەن مۇقاملاردا باشلىنىش مۇزىكىسى دېيىلىدىغان چاچما ئۇدارلىق(داپ چېلىنمايدىغان) نەغمە دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، “مۇقام” سۆزى ھازىرمۇ ئەل ئىچىدە چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى مەنىسىدە قىللىنىلىدۇ. مەسىلەن، قۇمۇل مەشرەپلىرىنىڭ يالغۇز غىجەك بىلەن ئورۇنلىنىدىغان چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى ئادەتتە “مۇقام” دەپلا ئاتىلىدۇ؛ دولان مۇقاملىرىدىمۇ باشلىنىش مۇزىكىسى “مۇقام” دەپلا ئاتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مۆجىزى “مۇقام” سۆزىنى ھامان “ناخشا”، “ئاھاڭ” سۆزلىرى بىلەن قاتار قويىدۇ، مەسىلەن، مۇھەممەت كۈچتىنگىر ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ “بىھەد ۋە بىئەدەد غەزەل، مۇقاملار، ئاھاڭلار ئىجات قىلغان”لىقىنى يازىدۇ. مانا بۇنىڭدىن ئۇنىڭ “مۇقام” سۆزىنى باشقا نەغمىلەردىن پەرقلىق بولغان بىر نەغمە مەنىسىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئۈچىنچىدىن، مۆجىزى “مۇقام” ئۈستىدە سۆزلىگىنىدە ھامان ئۇنىڭغا قايسى شائىرنىڭ قايسى غەزىلى سېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇقامنىڭ سۈپىتىنى ئۇنىڭغا سېلىنغان غەزەلنىڭ سۈپىتى بىلەن ئۆلچەيدۇ. تېكىستنىڭ رولىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدىغان بۇ خىل ئەھۋال تولاراق چاچما ئۇدارلىق نەغمىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى بۇ خىل نەغمىلەر ئادەتتە ساتار، غىجەك ياكى تەمبۇر قاتارلىق ئاساسىي ساز بىلەن يالغۇز كىشى تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدىغانلىقى، چاچما ئۇدارلىق بولغانلىقى ھەم تاللانغان غەزەللەر سېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتى مۇزىكىدىن كۆرە كۆپرەك تېكىستكە مەزكەزلىشىدۇ. مۆجىزى تونۇشتۇرغان 17 نەپەر مۇزىكا پىرىدىن 14 نەپىرىنى 15-16-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان 16 مۇقامدىن 13 ئى مۇشۇ شائىرلارنىڭ نامى بىلەن باغلانغان. مۆجىزى يەنە نەۋايىنىڭ ھەر كېچىسى ساتار ياكى تەمبۇر بىلەن ئۆزى يازغان غەزەللەرنى ئوقۇپ بىھۇش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى يازغان. يوقۇرىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىمىز مۇمكىن: بىرىنچىدىن، <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>دا “مۇقام” دەپ ئاتالغان بۇ چاچما ئۇدارلىق نەغمىلەر شۇ دەۋىردە شائىرلار دائىرىسىدىلا ئەۋج ئالغان بولۇپ، تېخى خەلقنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى مۇزىكا بايلىقىنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە تاللىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلۋاتقان چوڭ نەغمىلەر تەركىۋىگە كىرگۈزۈلمىگەن؛ ئىككىنچى، ھازىرقى <ئون ئىككى مۇقام> تەركىۋىدىكى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەر ھە دېگەندىلا ھازىرقى نامى ب ئىككىنچى، ھازىرقى <ئون ئىككى مۇقام> تەركىۋىدىكى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەر ھە دېگەندىلا ھازىرقى نامى بىلەن ئاتالمىغان، ئۇلار ھازىرقى نامىغا شۇ نامدىكى چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنى كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى قىلىپ كىرگۈزۈلىشى بىلەن ئېرىشكەن، ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ''مۇقام'' ئاتالغۇسى 15-16-ئەسىرلەردە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى مەلۇم دەۋر ئىچىدە پەقەت تار مەنىدىلا قوللىنىلىپ، چاچما ئۇدارلىق نەغمە ئۇقۇمىنى ئىپادىلىگەن. كېيىنكى دەۋىرلەردە شۇ چاچما ئۇدارلىق نەغمىلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەرگە باشلىنىش مۇزىكىسى قىلىپ كىرگۈزۈلىشى بىلەن كەڭ مەنىدە - يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمە مەنىسىدىمۇ قوللىنىلىدىغان بولغان؛ ئۈچىنچى، <ئون ئىككى مۇقام> تەركىۋىدىكى چوڭ نەغمىلەر ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى، ئۇلار ئاساسەن خەلق ئىجادىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، لېكىن ئۇلارغا ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئايرىم شەخسلەرنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمۇ سىڭگەن. 5 بۇ ئەسەرنىڭ تىلى ئاساسىي جاھەتتىن 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلغان ئۇيغۇر يەزىق تىلى - چاغاتاي تىلىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن، زور دەرىجىدە شۇ دەۋردىكى جانلىق ئۇيغۇر تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان، بەزى قىسىملىرى، مەسىلەن ئاماننىساخان قىسمى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا دېگۈدەك يېزىلغان؛ قوليازمىنىڭ ئىملاسىدا چاغاتاي يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىدىن چەتنەپ جانلىق تىلغا يېقىنلاشتۇرۇلغان جايلار تېخىمۇ كۆپ. مەسىلەن، چاغاتاي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە ''چاليپ''، ''باريپ''، ''بولغانينى''، ''چالماقيدين''، ''قيلماغايسيزلار''، ''ئالالماغان'' شەكلىدە ئاجىزلاشتۇرۇلماي يېزىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر بەزى جايلاردا ''چيليپ''، ''بيريپ''، ''بولغينىنى''، ''چالميقيدين''، ''قيلميغايسيزلار''، ''ئالالميغان'' ؛ ''نامۇس''، ''شاگرد''، ''ئەمر'' شەكلىدە يېزىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر بەسىدە جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزى بويىچە ''نومۇس''، ''شاگرت''، ''ئەمرى'' قىلىپ يېزىلغان. چاغاتاي يېزىغىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە توغرا كېلمەيدىغان بۇ خىل ئەھۋاللار قوليازما كېيىن كۆچۈرۈلگەندە يۈز بەرگەن بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ چاغاتاي تىلى دەۋرىنى بولۇپمۇ چاغاتاي تىلىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئورۇن بېرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. 6 <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> رىسالىسى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزنى، بولۇپمۇ مۇزىكا تارىخىمىز بىلەن ئەدەبىيات تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى خېلى مۇھىم ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى ئەسەر بولۇش بىلەن بىر ۋاقتتا، بىرمۇنچە ئېغىر نۇقسانلاردىنمۇ خالى ئەمەس. مۆجىزى پەقەت كۆپرەك شائىرلار ۋە زىيالىلار دائىرىسىدە ئەۋج ئالغان چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنىلا (تار مەنىدىكى ''مۇقام''لارنىلا) مۇزىكا ھىساپلاپ، خەلق مۇزىكىلىرىغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ئىچىدە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىجات قىلىنىپ، رەتلىنىپ، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان چوڭ نەغمىلەرگە (كەڭ مەنىدىكى ''مۇقام''لارغا) پۈتۈنلەي ئەتىبارسىز قارىغان، شۇڭا پەقەت شۇ چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنىڭ ئىجاتچىلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا بولۇپ، خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەرنىڭ ئاساسىي ئىجاتچىسى بولغان خەلق ئاممىسىنى، خەلق مۇزىكىچىلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان؛ بىرمۇنچە جايلاردا ئاساسسىز ھەتتا ئەپسانىلەشتۈرۈلگەن رىۋايەتلەرنى ھەقىقى پاكىت سۈپىتىدە ئۆز ئەسىرىگە كىرگۈزگەن، مەسىلەن، نەينىڭ كەشپ قىلىنىشىنى جەمشىتنىڭ خوتۇنى مەلىكە دىلسۇزغا، داپنىڭ كەشپ قىلىنىشىنى دىۋىلەرگە باغلاپ قويغان؛ مەۋلانە ساھىپ بەلخىنىڭ تەمبۇر چېلىشتىكى يۈكسەك ماھارىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەۋلانە ساھىپ بەلخى بابۇرشاھنىڭ كابۇل شەھرىدىكى بىر باغدا ئۆتكۈزگەن شاھانە ئولتۇرۇشىدا تەمبۇر چالغاندا بىر بۇلبۇل ئۇچۇپ كېلىپ تەمبۇرنىڭ قۇلىغىغا قونغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى بىرنەچچە قېتىم تەمبۇرغا ئۇرۇپ ئۆلگەنلىكىنى، بۇ ھالنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھۇشسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى يازغان؛ كۆپچىلىك ئىسلام تارىخچىلىرىغا ئوخشاش، مۆجىزىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى نوھ ۋە ئۇنىڭ ھام، سام، يافەس ناملىق ئوغۇللىرى توغرىسىدىكى يەھۇدى-خىرىستىيان دىنى رىۋايەتلىرىگە تاقاپ، مۇزىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ شۇلار بىلەن باغلىغان؛ بەزى يەر ئىسمى ۋە يىلنامىلەرنى خاتا قىلىپ قويغان، ۋاھاكازا. بىز <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> رىسالىسىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭغا تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇنى ئوبدان تەھلىل قىلىشىمىز، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. سەۋىيىمىز چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بىزنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى مۇلاھىزىمىز، قوليازمىنىڭ تىرانسكىرىپسىيىسى، تەرجىمىسى ۋە ئىزاھلاردا كەمچىلىك، خاتالىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئى. كىتابخانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي پىكىرلىرىنى سەمىمى قارشى ئالىمىز. ئەنۋەر بايتۇر، خەمىت تۆمۈر. تەرجىمە مەرھەمەتلىك ۋە رەھمەتلىك ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ئەي [خۇدا]، (بۇ يەردىكى ۋە باشقا يەرلەردىكى تىرناق [ ] ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەرنى مۇشۇ كىتاپنى نەشرگە تەييارلىغۇچىلار قوشقان. -مەھەررىردىن.) ھىكمەت كۆرسۈتۈپ گۈلگە پۇراق ۋە رەڭ بەردىڭ، بۇلبۇلنى چىمەندە يېقىملىق سايرايدىغان قىلدىڭ. سېنىڭ قۇدرىتىڭدىن راۋاپ، تەمبۇر، دۇتتار، سەتتار، ئۇد، قالۇن ۋە چاڭلار نالە قىلىدۇ. خۇدا،(قىزىل ھەرپلەر بىلەن يەزىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى ئەسەردىمۇ قىزىل سىيا بىلەن يېزىلغان.)شەۋقىڭنىڭ چىمەنزارىدا گۈل-چىچەكلەرنى كۈلدۈرگۈچىسەن؛گۈل ئىشقىدا بۇلبۇل، تۇتىلارنى سايراتقۇچى، يىغلاتقۇچىسەن. لەيلىنىڭ چېچىنى مەجنۇننىڭ كۆڭلىگە سىرتماق قىلغاندەك، پەرھاتنىڭ قېنىنىدىن شېرىننىڭ لېۋىنى قىزارتقاندەك، ئۇزرا جامالىنىڭ ئوتى ھارارىتىدىن ھامۇقنىڭ تېنىنى ياش گىرداۋىغا غەرق قىلغاندەك، زۆھرانىڭ ئىشقىدا تاھىرنى ساندۇققا سېلىپ تارىمدا ئېقىتقاندەك، يۈسۈپ ھۆسنىدىن، زۇلەيخا ئىشقىدىن گۈزەل ھىكايە تۈزگەندەك مېنى ئۇ نىگار ئىشقىدا ئەسىر ۋە سەرگەردان قىل؛ ئۇ قۇياش ئەتراپىدا مەندەك بىر زەررىنى تاقەتسىز ئاشىق قىل؛ مەن شۇنداق دەرىجىگە يېتەيكى، ئۇنىڭ ئىشقىدا تەمبۇرۇمنى قولغا ئالاي؛ ئۇنىڭ سۆزىنى سېغىنغاندا ئۇنى چالاي؛ گاھى نەۋايى بېيىتلىرىدىن ھەمد [ئاللاغا مەدىيە] ئىلغاپ، بەزەن لۇتفى شېئىرلىرىدىن نەئىت[رەسۇللۇللا تەرىپلەنگەن مىسرالار] يادلاپ، تەمبۇرۇم سىملىرىغا زەخمەك ئۇراي؛ ئۇ مېھىر نىگارىم شەۋقىدە باغرىمنىڭ قارا قېنىنى سىيا قىلىپ ئېزەي؛ ئۇنىڭ ئىشقىدا چۆل-باياۋاننى كېزەي؛ سېنى مەدھىيىلەپ بېيىتلەر يازاي؛ ھەبىبىڭنى تەرىپلەپ شېئىر يازاي. مۇناجات ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ مەقسىدىم سەن، مېنىڭ ئىبادەت قىلىدىغىنىم سەن، مېنىڭ سەجدە قىلىدىغىنىم سەن، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن. مەن سېنىڭ ئاسى قولۇڭمەن، مەن سېنىڭ گۇناكار قولۇڭمەن، مەن غەم ئىلكىدە ئەسىر بولۇپ قالدىم، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن. ئەي قەدىمدىن رىسىق بەرگۈچى، كېچىرگۈچىسەن، ئەي رەھىم، مېنى ھاجەتتىن چىقارغىن، ئەي كەرىم، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن. ئىشقىڭنى دىلىمغا كىرگۈزگىن، مەن سەتار بىلەن دۇتارنى چالاي، مەندە خاتالىق بار، ئەپۇ قىلغىن، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن. مەن مۆجىزى تاقەتسىز ئاشىق بولدۇم، سەن بىر ئاللاغا يالۋۇردۇم، رەھمىڭگە ئىنتىزار بولدۇم، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن . [ئايەتنىڭ مەنىسى]: “ماختاش پۈتۈن ئالەمنى تەربىيىلىگۈچى تەڭرىگە خاستۇر، رەھمەت ۋە تېنىچلىق پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ غۇجىسى [مۇھەممەت]گە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئەت ۋە ھەمرالىرىنىڭ ھەممىسىگە بولسۇن! ھەمد ۋە نەئىتتىن كېيىنكى سۆز شۇكى، ئادالەت مەملىكىتىنىڭ ئەڭ كاتتا پادىشاسى، سەخىلىك كېچىسىنىڭ تولۇن ئېيى، ئېسىللىق چىمەنزارىنىڭ گۈزەل سەرۋى، ئۇلۇغلۇق دېڭىزىنىڭ بىردىن-بىر گۆھىرى، غېرىپ-يېتىملەرنىڭ ئاتىسى، پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ يېتاكچىسى، جەمشىتتەك سۆلەتلىك، سۇلايماندەك دۆلەتلىك، يولۋاستەك غەزەپلىك، ئىسكەندەردەك مەرتىۋىلىك، خاقان سۈپەت، دەرۋىش مىجەز، ۋەتەننىڭ چىرىغى، خوتەننىڭ شاھى ئەلىشىر ھېكىم بېگىم ھەزرەتلىرى قۇياشىدىن مەندەك بىر ئەرزىمەس غېرىپ-بىچارە، جۇدالىق دەشتىدە ئاۋارە، غەم ئىلكىدە ئەسىر، بارچە ئادەمدىن تۆۋەن [كىشىگە] يەنى موللا نېمەتۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزىگە بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ، مەندەك بىر زەررىنى پەلەك قۇياشىدىن ئۆتكۈزۈپ شۇنداق يارلىق بولدى: ''مۇزىكا-كۈي خوشاللىق ۋە تۇرمۇش ھوزۇرىنىڭ سەۋەپچىسىدۇر، شۇڭا پادىشادىن گادايغىچە، ئەۋلىيادىن خىرىستىيانغىچە ھەممە ئىنسانە بۇ پەندىن شاتلىنىدۇ، ئەمما، بۇ پەننىڭ ئالىملىرى ۋە كەشپىياتچىلىرى كىملەر، ئىخلاسمەن يېتەكچىلىرى كىملەر، ئۇستىلىرى كىملەر ؟ بۇنى كۆپ سازاندىلەر تا ھازىرغىچە بىلمەيدۇ. سەن بولساڭ مۇزىكىنى كەسىپ قىلغانسەن ھەم بېيىت مەملىكىتىنىڭ بۇلبۇلدەك سۇلتانى، ئەدەبىيات دۆلىتىنىڭ شېرىن سۆزلۈك تۇتىسىدۇرسەن، شۇنىڭدەك خۇش پۈتۈكچى ۋە دىلكەش ئېيتقۇچىدۇرسەن. مۇشۇ غېرىپ پەننىڭ كەشپىياتچىلىرى تارىخىدىن بىر رىسالە پۈتۈپ باشقا سازەندىلەرگە يادىكار قىلساڭ قانداق؟'' [بۇنىڭ بىلەن] گويا بىر غېرىپ چۆمۈلە ئۈستىگە تاغ يۈكلەندى، گويا بىر زەيىپ بىچارە ئۈستىگە ئاسمان يېقىلدى. بۇ بۈيۈك ئەمىرنى ئىجرا قىلغۇدەك قۇۋۋەت [مەندە] يوق ئىدى! ھەيرەت دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ[تۇرغىنىمدا]، ''دېگىنكى، ئاللاغا، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئۆزەڭلەردىن بولغان باشلىقلارغا بوي سۇنۇڭلار'' دېگەن ئۇلۇغ ئايەتنىڭ مەزمونى ئىسىمگە كەلدى-دە بۇ ۋاجىپ ئەمىرنى ئىجراسىز قالدۇرۇشقا چارە تاپالمىدىم. تەۋەككۈلنى تەڭرىمگە قىلىپ، بۇ ئالى ئەمىرنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ تارخ-تەزكىرىلەرنى يېغىپ، <تارىخى رەشىدى> [رەشىدى تارىخى]، <تەۋارىخى تەبىرى>[تەبىرى تارىخى]، <تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا>[ ساپالىق باغ تارىخى]، <تەۋارىخى ھۆكۈما>[دانىشمەنلەر تارىخى]، <تەۋارىخى ئەجەم> [ئەجەم تارىخى]، <تەۋارىخى ئەرەپ>[ ئەرەپ تارىخى] لەردىن [ئاساس] تاللىدىم ۋە زور ئالىم، مۇزىكا ئۇستازلىرىدىن فىساغۇرس، فارابى، پەھلىۋان مۇھەممەت كۈچتىنگىر، ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايى پىرىمنىڭ بۇ پەن ھەققىدە يازغان كىتاب ۋە رىسالىلىرىدىن پايدىلاندىم. ئاخىر قۇدرىتىمگە لايىق، قابىلىيىتىمگە مۇۋاپىق بۇ رىسالىنى يېزىپ، ئالەم خەلقىغە سوغا قىلدىم. بۇ رىسالىگە <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> [مۇزىكانتلار تارىخى] دەپ ئات قويدۇم. ئەقىل ئىگىلىرىگە، چوڭ-كىچىك سازەندىلەرگە، مەرتىۋىلىك ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگە، شاھ ۋە گادايلارغا نامەلۇم قالمىسۇنكى، تارىخى رەۋزەتۇسسەفا ۋە تارىخى رەشىدىدە مۇنداق يېزىلغان. نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ تۈرك ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى، خۇدايىتائاللا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردى. ئۇنىڭ بۇ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى خىزىر قويدى. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا تۈلكە تۇتۇپ، ئۇنىڭ تېرىسىنى كىيىم قىلىپ كېيىشنى، غىزاغا تۇز سېلىپ يېيىشنى، تەمبۇر، بەربەت، ئۇدلارنى ياساپ چېلىشنى كەشپ قىلىپ ئالەم خەلقىغە ئۆگەتتى. ئۇ زاماندا ئاتا-ئانىسى، بالىلىرى ئۆلگەن كىشىلەر مۇسىبەت ماتىمىدە تەمبۇر چېلىپ يىغلاپ، ئاندىن ئۆلۈكنى كۆيدۈرىدىغان قائىدە بار ئىدى. خىزىر يافەس ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يەركەن، خوتەن رايونلىرىنى شۇ خىزىرنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاۋات قىلغان. دېمەك بىز يەركەنلىك ۋە خوتەنلىكلەر خىزىرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىمىز. ئۇ زاماندىن ھازىرغىچە 5850 يىل ئۆتكەن. ئۇ چاغلاردا تەمبۇرغا قوي-ئۆچكىنىڭ ئۈچەي-پەيلىرىدىن تار ئېشىپ سالاتتى. مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئىككىنچى پىرى فىساغۇرس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ كىشى سۈررى(ھازىرقى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى. تارىخىي ھۆججەتلەردە بۇ شەھەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 2751-يىلى بىنا قىلىنغان دېيىلىدۇ. بۇ شەھەر مىلادى 1202-يىلى قاتتىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان. <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن> دا فىساغۇرس سۈررى شەھىرىدىن ئىدى، دەپ يېزىلغان. لېكىن ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، فىساغۇرس قەدىمكى يۇناننىڭ سېسىم شەھىرىدە-- ئاناتولى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدە گرىتسىيىگە قارايدىغان بىر ئارالدا دۇنياغا كەلگەن.) شەھىرىدىن ئىدى. ئۇ ساياھەتچىلىكنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ئۇ خەلقنى ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ياخشى پەزىلەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان كىشى ئىدى. ھەرگىز ساۋاپ تاما قىلمايتتى ۋە گۇنادىنمۇ قورقمايتتى. بىراق ساۋاپ-جازاغا قايىل ئىدى. شەھەرمۇ-شەھەر يۈرۈپ ئىلىم ئۈگىنەتتى. ئۇنىڭ خوشال بولغىنىنىمۇ، خاپا بولغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ، مال-دۇنيا كىشى ئۈچۈن دوست-دۈشمەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان نەرسە دەيتى . ھەرقاچان، ھەرجايدا بولسۇن، ئۇ بار يەردە كىشىلەر بىر مۇھىم ئىشقا دۇچ كەلسە، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتى. ھازىرقى پەرەڭىستان ئۇ چاغدا ئەنتاكىيە (بۇ يەردە پەرەڭىستاننىڭ بۇرۇنقى نامى ئەنتاكىيە دەپ ئاتىلاتتى دېيىلگەن. لېكىن ئەمىلىيەتتە پەرەڭىستان بىلەن ئەنتاكىيە تارىختا باشقا-باشقا جايلارنىڭ نامى. ''پەرەڭىستان''دېگان سۆز ئەسلىدە ''ئېۋرۇپپەن''لىق؛ياۋۇپالىقلار> سۆزىنىڭ ئەرەبچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان ''ئېفرەنج'' سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دەسلەپتە ئەرەبلەر بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغان شەرقىي ياۋرۇپا ۋە جەنۇبىي ياۋرۇپا زېمىنىنى كۆرسىتىدىغان جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ قالغان. ''ئەنتاكىيە'' بولسا، ھازىرقى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى.) شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ ئۆزى كەشپ قىلغان ساتارىنى چېلىپ شېئىر ئوقۇدى. بۇ شېئىر ''سەن ئۆزەڭنى تۈزىمەي تۇرۇپ باشقىلارغا نەسىھەت قىلما؛ ئەيىبىڭنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىنى دوست بىلىپ قەدىرلە؛ ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگىچە، ئىسىل سۆزلەرنى قىلىپ يۈرۈشنى ئۆگەن؛ ياخشى سۆزلەرنى قىلالمىساڭ، ياخشى سۆزلەرنى قىلالايدىغان ئادەملەردىن ئۆگەن؛ ئىلىم ئوگۈنۈشتىن نومۇس قىلما، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل؛ ھايۋان تىلسىزلىقتىن جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرايدۇ، ئىنسان ئۆز تىلىدىن بالا-مۇسىبەتكە ئۇچرايدۇ''دېگەن مەزموندا ئىدى. ئەنتاكىيە شەھىرىدە شۇ چاغقىچە شېئىر، مۇزىكا بولۇپ باقمىغان ئىدى. كىشىلەر 25 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ غارايىپ سۆزلەرنى قىلىپ، ئاجايىپ نەرسىنى چالغىنىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۇنىڭ كەيىڭە كىرىۋالدى، ئۇ كىشىلەرگە چوڭقۇر مەنىلىك ۋە نەسىھەت خارەكتىرلىق سۆزلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرلارنى سەتار بىلەن ئوقۇپ بېرەتتى. بۇ ۋەقە پادىشاھقا ئاڭلاندى. پادىشاھ دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىللە چىقىپ، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، قاتتىق ھەيران بولدى <ھەيرەت قولىنى تەئەجۈپ چىشلىرى بىلەن چىشلىدى>، ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتتى. شاھ غىزادىمۇ، يېتىش-قوپۇشتىمۇ ئۇنىڭدىن ئاجرىمايدىغان بولدى، ئۇنى پەرزەندىم دەپ ئاتىدى. مۇزىكا ئىلمىنى تارقىتىش ئۈچۈن جاي راسلاپ، ئەنتاكىيە خەلقىغە بۇ ئىلىمنى ئۆگۈنۈش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇ ئون يىل ئىچىدە 40 مىڭ شاگىرت مۇزىكا ئىلمىدە يېتىشىپ چىقتى. فىساغۇرس پادىشاھدىن روخسەت سوراپ ھىندىستانغا كېلىپ ئىلمىي نۇجۇم<ئاستىرونومىيە> ئۆگەندى، ھىندىستان خەلقى فىساغۇرستىن مۇزىكا ئۆگەندى، جەمشىت، كەيكۇبات پادىشاھلاردىن كېيىن ئالەمگە مۇزىكىنىڭ ئۇرۇغىنى سالغان دانا ئالىم فىساغۇرس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇ ھىندىستاندىن يېنىپ مىسىرغا بېرىپ سېھىرگەرلەردىن سېھىر ئىلمى بىلەن 3 خىل يېزىق ئۆگەندى. ئۆتكۈنچى دۇنيادىن مەڭگۈلۈك دۇنياغا سەپەر قىلىش ۋاقتىدا، 500 شاگىرتى بار ئىدى. پىشقەدەم تالىپلىرىدىبىز <سىزدىن كېيىن قالغاندا> قانداق ئىش تۇتىشىمىز كېرەك؟؟دەپ سورىغاندا، ئۇ “خالايىققا پايدىسى تەگمەيدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلماڭلار؟دەپ كۆز يۇمدى. ئۇ ھەزرىتى ئىسكەندەرنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن ۋاپات بولدى. 93 يىل ئۆمۈر كۆردى. كىشىلەرنىڭ قۇدرىتى يېتمىگەن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى، مۇھتاجلارغا ساخاۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى.
ئۈچىنچى پىرى ئالتاينىڭ بالاساغۇن (ھازىرقى سوۋەت ئىتتىپاقى ئىسسىق كۆل بويىغا جايلاشقان توقماق شەھىرى يېنىدىكى بىر قەدىمىي شەھەر. تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ شەھەر تۈرك قەۋىملىرىگە مەنسۇپ بولغان بويلا سانغۇن <بويلا جاڭجۈن> تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. بۇ شەھەر تارىختا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ قارلۇق خانلىقى<مىلادى 766-940-يىللىرى>، قاراخانىلار سۇلالىسى< مىلادى 932-1219-يىللىرى>، قارا خىتاي خانلىقى< مىلادى 1131-1219-يىللىرى>نىڭ پايتەختى بولغان. <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>دا بالاساغۇن ئالتاي تەۋەسىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ يەردە قارلۇق قەبىلىسىنىڭ ئەسلى ماكانى نەزەردە تۇتۇلغان بولىشى مۈمكىن.) دېگەن يېرىدە ئۆتكەن مەۋلانە شەيخ ئەبۇ نەسىر فارابىدۇر. بۇ ئەزىز ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەت غەززالى(زەينىددىن ئەبۇھامىت مۇھەممەت ئىبنى ئەخمەت تۇسى. مىلادى 1059-يىلى خۇراساننىڭ تۇس شەئىرىگە قاراشلىق غەززالە دېگەن جايىدا دۇنياغا كېلىپ، مىلادى 1111-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ، شۇ چاغدىكى مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى بولۇپ، تەرىقەتچىلىك<سوفىزىم> بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ''ئەنئەنىچىلەر''دەپ ئاتالغان سۈننى مەزھىپىنىڭ كۆزقاراشلىرىدىكى بىرلىكنى تەكىتلەپ، تەرىقەتچىلىكنىڭ مۇھىم كۆزقاراشلىرىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى.) ھەزرىتى ئىمام پەخرى رازى (ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەت بىننى ئەلتەمىلكە بىرى پەخرى رازى. مىلادى 1149-يىلى دۇنياغا كېلىپ، 1209-يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان مەشھۇر ئەرەپ پەيلاسوپى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ئاساسەن ئىسلام پەلسەپەسى<تەفسىرچىلىك>، تىبابەتچىلىك، ئىلمىي رىيازەت<ماتىماتىكا>، ئىلمىي مەنتىق<لوگىكا> قاتارلىق پەنلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بىرمۇنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان. ئۇ، ئۆز ئۆمرىدە 100 دىن ئارتۇق كىتاپ يېزىپ ''شەيخۇل ئىسلام'' دېگەن شۆھرەتكە ئىگە بولغان.) لاردىن ئارتۇق كامالەت تاپقان، دىننىي ئىلىملەردە يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن، پەننى ئىلىملەردە ئىبنى سىنا (ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا. ئۇ مىلادى 980-يىلى بۇرۇنقى سامانىلار سۇلالىسى <مىلادى 875-999-يىللىرى> نىڭ پايتەختى بۇخارانىڭ يەنىدىكى قىشلاقتا دۇنياغا كەلگەن. 999-يىلى قاراخانىلار سۇلالىسى سامانىلار سۇلالىسىنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كېيىن ئىبنى سىنا بۇخارا، ئۆرگەنچ قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە ئىراندىكى ئىسپاھان، ھەمەدان قاتارلىق جايلاردا تىبابەتچىلىك، فىزىكا، ماتىماتىكا ۋە پەلسەپە پەنلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ <ئەلقانۇن>، <كىتابۇلشىپا>، قاتارلىق ئەسەرلىرى پۈتۈم شەرق ئەللىرى تىبابەتچىلىگى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ ئاساسىنى ئورنىتىش بىلەن بىللە، دۇنيا تىبابەتچىلىگى ۋە ئىسلام پەلسەپەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئىبنى سىنا مىلادى 1037-يىلى ھەمەداندا ۋاپات بولغان.) دىنمۇ ئۈستۈن ئىدىكى، شەرىئەت ئىلمى، تەرىقەت ئىلمى، تەفسىر[قۇرئاننىڭ شەرھى]، ھەدىس، تىۋىپلىق، پەلسەپە، ئىدىئولوگىيە، ئەدەبىيات ھەتتا شاھمات، نەرد ئويۇنلىرىغىچە بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى. جۈملىدىن مۇزىكا ئىلمىدىمۇ ناھايىتى يېتىلگەن ئىدى. قالۇننى ئۆز قولى بىلەن ياساپ، سىم تارتىپ چالغان ۋە سازەندە شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى. راك، ئۇشاق مۇقاملىرىنى ۋە ئۇشاقنىڭ مەرغۇللىرىنى ئىجات قىلىپ ئالەمگە يايغان ھەم شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى. ھازىرمۇ ھەممە سازەندىلەرگە مەلۇم بولغان ئۆزھال مۇقامىنى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى مەرغۇللىرىنى كەشپ قىلغان ئىدى. < رىسالەئى مۇغەننىيۇن> [سازەندىلەر رىسالىسى] دېگەن كىتابىدا ''مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋى ئوتنى تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا شېئىر قوشۇلسا، بۇ مۇڭنىڭ نىمە ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ'' دەپ ئېيتقان ۋە يەنە '' يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان پەيزىنى مېنىڭ قالۇنۇمنىڭ سىملىرىدىن ئالغايسىزلەر'' دېگەن. بۇ ئەزىز تۈرلۈك ئىلىملەر ھەققىدە 114 پارچە كىتاپ يازغان. بۇ كىتاپلارنىڭ بىرى <رىسالەئى مۇغەننىيۇن>دۇر. لېكىن بۇ كىتاپ ھازىرغىچە ئەرەپچىدۇر. مۇشۇ رىسالىنى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ۋاقتىمنىڭ بارىچە شۇ كىتاپنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا..
بۇ پەننىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك پىرى مەۋلانە ئەلى ھەزرەتلىرىدۇ*. ئۇ خۇراسان*نىڭ شابۇك دېگەن يېرىدىن ئىدى. ئۇ بۇ پەندە ئۆز ئەسىرىنىڭ تەڭداشسىزى ئىدى، ئۇ بۇ پەن ھەققىدە <ئەسلۇلۋەسىل> [ۋەسىللەرنىڭ نېگىزى] ئاتلىق بىر كىتاپ يازغان، كېيىن <مۇرتاز> [نەپسىدىن كەچكۈچى] يەنە بىر كىتاپ يازغان ئىدى. نەغمىچىلەر ئىچىدە مەشھۇر بولۇپ كېلىۋاتقان چۆل ئىراق مۇقامىنى شۇ كىشى ھەج سەپىرىدە ئىراق چۆلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىجات قىلىپ، شۇ نام بىلەن ئاتىغان. دۇتارنىمۇ شۇ كىشى كەشپ قىلغان. ئۇ شېئىر يېزىش ۋە مۇزىكا ئۆگىتىشتىمۇ ئۆز زامانىنىڭ تەڭداشسىزى ئىدى. ئۇ باشقا ئىلىملەر بويىچىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلىك ياخشى كىتاپلارنى يازغان. ئاخىرقى ئۆمرىدە ئەپيۇننى كۆپ ئىستىمال قىلغان سەۋەپتىن ئەقلىنى يوقۇتۇپ ۋاپات بولغان.
______________________
مەۋلانە ئەلى __ خۇراسان پادىشاسى ھۈسەيىن بايقارا زامانىدا (مىلادى 1470-1505- يىللىرى) ئۆتكەن ئىران شائىرى بولۇپ، ھۈسەيىن بايقارانىڭ دىۋانخانىسىدا خەتتاتلىق ۋە مۇغەننىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە بىرمۇنچە لېرىك غەزەللەرنىمۇ يازغان. ئۇنىڭ < ئەسلۇلۋەسىل> ۋە <مۇرتاز> ناملىق ئەسەرلىرى كەڭ تارقالغان.
خۇراسان__ قەدىمكى زاماندا ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقى، ئافغانستاننىڭ غەربى، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئومۇمى نامى ئىدى. ''خۇراسان'' دېگەن سۆز پارىسچە ''خۇر'' (قۇياش) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ''قۇياش دۆلىتى'' ياكى ''شەرق دۆلىتى'' دېگەن مەنىدە. ''خۇراسان'' دېگەن بۇ نام ئىران ساسانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادى 224-651-يىللىرى) پەيدا بولدى. تۆمۈرلەڭ زامانىدا خۇراسان غەربى چاغاتاي خانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. مىلادى 1451-يىلى تۆمۈرلەڭ ئەۋلادى ئابدۇللا بىننى ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، تۆمۈرلەڭ ئەۋلادى ئەبۇ سەيىد بىننى مۇھەممەت بىننى ئەمىرانشاھ بىننى تۆمۈر ئۆز ئالدىغا مۇستەققىللىق ئېلان قىلىپ خۇراسان دۆلىتىنى قۇردى، بۇ دۆلەت مىلادى 1510-يىلى ئىران سافاۋىلار سۇلالىسى (مىلادى 1502-1722-يىللىرى) تەرىپىدىن يوق قىلىندى.
بەشىنقى پىرى خۇجە شاھابىدىن* بولۇپ، بۇ پەندە ئۆز ئەسىرى بويىچە بىردىن-بىر ئىدى، ئۇ بۇ پەن بويىچە 200دىن ئارتۇق شاگىرت يېتىشتۈردى ھەم رىسالە يازدى.
_________________
خۇجا شاھابىددىن__ شاباھىددىن ئەبۇ ھەفس ئۆمەر بىننى مۇھەممەدۇلبەكرى. مەشھۇر ئىران شائىرى، تەرىقەتچىلىك نەزىرىيىچىسى. ئۇ ئۆز ھاياتىدا ئىسلام پەلسەپەسى بولۇپمۇ ھەدىس ۋە تەسەۋۇپچىلىق ھەققىدە بىرمۇنچە ئەسەرلەر يازغان. مىلادى 1444-يىلى ئىراننىڭ شۇھرەۋەردى شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 1534-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان.
ئالتىنچى پىرى ئابدۇللا مەرۋارىت* ھەزرەتلىرى بولۇپ، سەمەرقەنتتىن ئىدى. بۇ ئەزىزمۇ بۇ پەننىڭ ئۇستازلىرىدىن ھىساپلىناتتى. بۇ پەن ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ياخشى رىسالىلەرنى يازغان ھەم 100 دىن ئارتۇق شاگىرت چىقارغان ئىدى. ئۆز زامانىسىدا ناھايىتى داڭلىق مۇزىكىچىلاردىن بولغان ئىدى. ھىجرىيە 881-يىلى [مىلادى 1476-يىلى] ھىسار* ۋىلايىتىدە دەپنە قىلىندى.
___________________
ئابدۇللا مەرۋارىت__ سەمەرقەنتلىق مەشھۇر شائىر ۋە خەتتات بولۇپ، بىر مەزگىل ئىران قاتارلىق جايلاردا ياشىغان. ھۇراسان پادىشاسى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئوردىسىدا بىر مەزگىل مۇنشى (باش كاتىپ) بولۇپ ئىشلىگەن. “بايانى” دېگەن تەخەللۇس بىلەن <تارىخى شاھى>، <خىسروۋ ۋە شېرىن> ناملىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. مىلادى 1516-يىلى ھىساردا ۋاپات بولغان. لېكىن <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>دا ئۇ ھىجرى 881-يىلى (مىلادى 1476-يىلى) ۋاپات بولدى دەپ يېزىلغان.
ھىسار__ ئاسىيادا بىرقانچە شەھەر بۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى بۇخارانىڭ شەرقىدىكى قەدىمكى بىر شەھەر. ئىككىنچىسى ھىندىستاندىكى دېھلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر قەدىمكى شەھەر. يەنە ھازىرقى تۈركىيەدە ''قارا ھىسار'' دەپ ئاتالغان بىر شەھەرمۇ بار. شىنجاڭدا ''يېڭى ھىسار'' (يېڭىسار) دېگەن جايمۇ بار. بۇ يەردە بۇخارانىڭ شەرقىدىكى ھىسار شەھىرى نەزەردە تۇتىلىدۇ.
يەتتىنچى پىرى مەۋلانە نۇرىددىن ئابدۇراخمان جامى* ئىدى. بۇ ئەزىزنىڭ خىسلەت-پەزىلەتلىرى خىلمۇ-خىل كىتاپلاردا تەرىپلەنگەن. ئۇنىڭ قانچىلىك قابىلىيەتلىك ئىكەنلىگىنى شۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ئۇ ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايىدەك ئالىمغا ھەممە ئىلىم ۋە ئەمەللەر بويىچە ئۇستاز بولغان. نەۋايىدەك زاتنىڭ ئۇنى ئۇستازىم، پىرىم دېگەنلىكى ئۇنىڭ سۈپەت ۋە تەرىپى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. نەۋايى ھەزرەتلىرى ئۆز <خەمسە>سىدە بەش جايدا بۇ ئەزىز ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، نىمە دەپ تەرىپلىگەنلىگىنى ئۆزەڭلار كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ. بۇ ئەزىز ھەممە ئىلىمدە ھەزرىتى فارابىدەك ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ شائىر ھەم ئالىم بولغىنىدىن مەپتۇنلىغى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. تەمبۇر، سەتار، قالۇن قاتارلىق بارلىق سازنى ئۆز قولى بىلەن چالاتتى. ئەجەم دېگەن بىر مۇقامنى ھەم ئۇنىڭ ئىككى مەرغۇلىنى ئىجات قىلدى. نۇرغۇن شاگىرتلارنى مۇزىكا ئىلمىگە مۇكەممەل قىلىپ چىقاردى. بۇ پەن ھەققىدە <رىسالەئى دەۋۋار> [ دەۋر قىلغۇچى رىسالە] ناملىق بىر كىتاپ يازدى. ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋايىمۇ بۇ پەننى ھەزرىتى جامىدىن ئۆگەندى. ھەزرىتى جامى 898-ھىجرىيەدە (مىلادى 1492-1493-يىلى) 79 يېشىدا خۇراساننىڭ ھىرات* شەھىرىدە ۋاپات بولدى.
_______________
جامى__ نۇرىددىن ئابدۇراخمان جامى، مەشھۇر تاجىك ئالىمى، پەيلاسۇپى، يازغۇچىسى، تىلشۇناسى ۋە تارىخچىسى. جامى مىلادى 1414-يىلى ئەسلى چاغاتايخانلىقى تەۋەسىدىكى ھىرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ھۇراسان پادىشاسى ئەبۇسەئىد ۋە ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىدا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىگەن. جامى ئۆز ئۆمرىدە <يۈسۈپ-زۇلايخا>، <لەيلى ۋە مەجنۇن> قاتارلىق مەشھۇر ئەدىبى ئەسەرلەرنى يېزىپ، پۈتۈن مۇسۇلمان ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا داڭ چىقارغان. ئەلىشىر نەۋايى جامىنى ئۆز ئۇستازىلىرى قاتارىدا ھىساپلايتتى. جامى مىلادى 1492-يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان.
ھىرات__ ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى قەدىمى بىر شەھەرنىڭ نامى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادى 1-ئەسىرگىچە باكتىرىيە سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان ۋە “ھىرى” دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تەرىپىدىن ئىستىلا قلىنغان. مىلادى 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەرەپ خەلىپىلىگى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيا قىتئەسىدە مۇھىم ئىسلام مەدىنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. مىلادى 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا خۇراسان دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان.
سەككىزىنچى پىرى ھەزرىتى ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايىدۇر. بۇ ئەزىزنىڭ ھەممە پەزىل-شاراپەتلىرى ئۆزى يازغان شېئىر كىتابلىرىدىن ئايان بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ <كۇللىيات>، <چاھار دىۋان>لىرىدىن، <خەمسە>سىدىن ھەم بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى كېيىن ، ئاز-كۆپ بولۇپ، پۈتكەن 36 پارچە كىتابىدىن بەھرىمان بولۇپ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشقى مۇھەببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم. ئۇ مۇشۇنداق قىممەتلىك ئىلىملەرنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى بولغان ھەزرىتى جامىنىدىن مۇزىكا ئىلمىنى ياخشى ئۆگەندى. ھەر كېچىسى سەتار ياكى تەمبۇر چېلىپ، ئۆزى يازغان غەزەللەر بىلەن ھەمىد ئېيتىپ بىھۇش بولۇپ كېتەتتى. نەۋا دېگەن بىر مۇقامنى ئىجات قىلىپ ئالەمگە تارقاتتى. بۇ ئەزىز ھىجرىيە 843-يىلى [مىلادى 1439-يىلى] 6-ئايدا دۇنياغا كېلىپ، 63 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، 63 پارچە كىتاب يېزىپ، ھىجرىيە 906-يىلى [مىلادى 1500-يىلى] ھىرات شەھىرىدە سەكتە [مېڭىگە قان چۈشۈش] كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى.
توققۇچىنچى پىرى ئۇستاز مۇھەممەت خارازىمى* بولۇپ، ئۆز ئەسىرىدە مۇزىكا پەنى بويىچە كۆپ تىرىشچانلىق ۋە ماھارەتلەر كۆسەتتى. 200دىن كۆپرەك شاگىرتنى يېتىلگەن ئۇستازلاردىن قىلىپ چىقاردى. بۇ پەننىڭ چوڭقۇر سىرلىرى ھەققىدە رىسالە يازدى. ھىجرىيە 852-يىلى [مىلادى 1448-يىلى] ۋاپات بولدى.
_____________
مۇھەممەت خارازىمى__ غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى بولۇپ، مىلادى 1448-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ تەفسىرچىلىكتە ناھايىتى شۆھرەت قازانغان ۋە ''ئۇستاز مۇھەممەت'' دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ چاغاتاي تىلىدا يازغان بىرمۇنچە شېئىر-غەزەللىرى شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ناخشا-مۇقام تېكىستلىرى قىلىنغان ئىدى.
ئونىنچى پىرى مەۋلانە نەمان سەمەرقەندىدۇر* بۇ ئەزىز ئۇستا قارى بولۇپ، 500 كىشى نۆۋەت بىلەن ئۇنىڭدا قۇرئان ياد ئالغان ئىدى. ئۇ شۇنداقلا ناھايىتى ئۇستا ناخشىچى ھەم دىلكەش چالغۇچى ئىدى. ئالىملار سۆھبىتى ۋە ماشايىخلار ئولتۇرۇشلىرىدا ساز چېلىپ ناخشا ئېيتاتتى. بىر كۈنى سەمەرقەند ئالىملىرى ئولتۇرىشىدا مەۋلانە شەمشىددىن تەبرىز*نىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇپ سەتارنى سايراتتى. ئالىملار بىردىن باشلىرىنى تۆۋەن قىلىپ ئويغا چۆمۈپ كەتتى، ئون نەچچە كىشى بىھۇش بولدى، مەۋلانە ئەلى ھەزرەتلىرى بىھۇش بولغىنىچە شۇ ئولتۇرۇشتا ئالەمدىن كەتتى. بۇ خەۋەر ھەممە ياققا تارقىلىپ كەتتى، پادىش ئاڭلاپ، بۇ ئەزىزنى زىندانغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇ 5 يىل زىنداندا يېتىپ ھىجرىيە 865-يىلى [مىلادى 1461-يىلى] ۋاپات بولدى. بۇ ئەزىزنىڭ تەربىيىسىدە 300دىن ئارتۇق نەغمىچى مۇزىكا ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن ئىدى. بىرنەچچە يۈز كىشى شەرىئەت ئىلمىدە ئالىم بولدى، نەچچە مىڭ سوپىلىرى بار ئىدى. ئۇ تەرىقەتى چەشتىيە* ماشايىخلىرىدىن ئىدى. مۇزىكىنىڭ تەرىقەت ئەھلىگە بەخش ئەتكەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا <مىئىراجۇسسالىكىن> [سوپىلىق يولىنى تۇتقۇچىلارنىڭ شوتىسى] ناملىق بىر كىتاب يازغان ئىدى.
نەمان سەمەرقەندى__ مىلادى 15-ئەسىردە غەربىي چاغاتاي خانلىقىدا ئۆتكەن مەشھۇر شائىر، غەزەلچى، مۇزىكا ئۇستازى ھەم مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى. ئۇ مەۋلانە شەمشىددىن تەبرىزى بىلەن بىللە ئىمام مۇھەممەت غەززالى ۋە جالالىدىن رومى (مىلادى 1207-1273-يىللىرى) قاتارلىقلارنىڭ ئىسلام پەلسەپەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبى بىلەن تەرىقەتچىلىكنىڭ قارىمۇ-قارىشىلىقىنى كېلىشتۈركە ئۇرۇنغان. ئۇ يەنە مىلادى 10-ئەسىردە ئەرەپ خەلىپىلىگىدە پەيدا بولۇپ، كېيىنچە ئافغانىستان، پاكىستان ۋە غەربىي ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان تەرىقەت مەسلىگى ''چەشتىيە'' مەزھىپىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەرىكەت قىلغان. مىلادى 1461-يىلى سەمەرقەندتە ۋاپات بولغان.
مەۋلانە شەمشىددىن تەبرىزى__ شەمشىددىن مۇھەممەت بىننى ئەلى بىننى مۈلك. مىلادى 15-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تەرىقەت نەزىريىچىسى. ئىمام مۇھەممەت غەزاللى ۋە جالالىدىن رومى قاتارلىقلارنىڭ تەرىقەتچىلىك نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسلىق ۋارىسى. ئۇ كۆپرەك ۋاقتىنى سەمەرقەندتە ئۆتكۈزۈپ، مەۋلانە نەمان سەمەرقەندى بىلەن تەرىقەتچىلىكنى كېڭەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان ۋە نۇرغۇن شېئىر غەزەللەرنى يازغان. ئۇ نامەلۇم بىر شەخس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن ۋاقتى نامەلۇم.
چەشتىيە__ مىلادى 10-ئەسىردە تەرىقەت ئۇستازلىرىنىڭ بىرى ئىۋەج ئىسھاق شامى (مىلادى 940-يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان تەرىقەتچىلىك مەزھەپلىرىدىن بىرى، ئىزاھ ''نەمان سەمەرقەندى'' گە قارالسۇن.
ئون بىرىنچى پىرى مەۋلانە ساھىپ بەلھى* ھەزرەتلىرىدۇر. بۇ ئەزىز مۇدەررىس ئىدى، بەش- ئالتە يۈز تالىپ ئۇنىڭ تەربىيىسىدە كامالەتكە يەتكەن ئىدى. ئۇ تەمبۇرنى سېھىرلىك بىر تەرىزدە سۆزلىتەتتى. بابۇر شاھ* ئۇنىڭدىن بىر دەممۇ ئايرىلمايتتى. كېيىن ئۇ مۇدەررىسلىكتىن بوشىنىپ زاھىرىددىن بابۇر ھوزۇرىدا قالدى. بىر كۈنى كابۇل شەھرىدىكى بىر باغدا شاھانە ئولتۇرۇش ئويۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلۇغ زاتلار، ئەمىر-ۋەزىرلەر، ئۆلىما ۋە ئەۋلىيالارنىڭ ھەممىسى يېغىلدى. تۈرلۈك-تۈرلۈك تائاملار تارتىلىپ، داستىخان يېغىلغاندىن كېيىن، بابۇر شاھ مۇزىكىغا ئىشارەت قىلغان ئىدى، بۇ ئەزىز تەمبۇرىنى قولىغا ئېلىپ، چۆل ئىراق مۇقامىغا چېلىشقا باشلىدى، مۇزىكا ئىككىنچى ئەۋجىدىن ئۆتۈپ ئۈچىنچى ئەۋجىگە يەتكەندە بىر بۇلبۇل كېلىپ تەمبۇرنىڭ قۇلىغىغا قونىۋېلىپ سايراشقا باشلىدى. مەجلىس ئەھلى چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈشتى، بىرمۇنچە كىشىلەر يىغلاپ بىھۇش بولۇپ يۇمۇلىنىشقا باشلىدى. بۇلبۇل يىراقتىن ئۇچۇپ كېلىپ تەمبۇرغا ئۆزىنى ئۇرۇشقا باشلىدى ۋە يەتتە-سەككىز قېتىم ئۆزىنى تەمبۇرغا ئۇرغاندىن كېيىن يەرگە چۈشۈپ ئۆلدى. بەك تەسىرلىنىپ كەتكەن مەۋلانە تەمبۇرنى تاشلاپ يىغلىغىنىچە بىھۇش بولدى. بىر ئازدىن كېيىن بىھۇشلارغا گۇلاپلار سېپىلدى، شاتلىق شارابلىرى ئىچۈرۈلدى، بىھۇشلار ھۇشىغا كەلدى، لېكىن مەۋلانە ساھىپ بەلھى ھۇشىغا كېلەلمىدى، ھېكىملەر ھەرقانچە قارە-تەدبىر قىلىشقان بولسىمۇ پايدا چىقمىدى. شۇنداق قىلىپ، مەۋلانە ھىجرىيە 844-يىلى [مىلادى 1440-يىلى] ئالەمدىن كەتتى. بابۇر شاھ يازغان <ئەسرارى مۇسىقى> [مۇزىكىنىڭ سىرى] ناملىق رىسالىدە بۇ قىسسە ئالاھىدە تەپسىلى بايان قىلىنغان.
______________________
مەۋلانە ساھىپ بەلھى__ تارىخىي ھۆججەتلەردە يېزىلىشىچە، ئۇ مىلادى 15-ئەسىردە ئۆتكەن ئىران شائىرى بولۇپ، ھۈسەيىن بايقارا ھەم ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتداش بولغان، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مەجلىسلىرىگە قاتناشقان. <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>دا ئۇنىڭ كابۇلدا بابۇر شاھ ھوزۇرىدا ئىشلىگەنلىگى ۋە ھىجرى 844-يىلى (مىلادى 1440-يىلى) نەغمە ئۈستىدە ۋاپات بولغانلىقىنى بايان قىلىنغان. بۇ يەردە بىر ئېنىقسىزلىق بار. چۈنكى بابۇر شاھ مىلادى 1482-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كابۇلدا تۇرغان ۋاقتى مىلادى 1504-يىلدىن كېيىنكى يىللارغا توغرا كېلىدۇ.
بابۇر شاھ__ زاھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر شاھ. ئاتا جەمەت تەرىپىدىن غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھى تۆمۈرلەڭنىڭ ئەۋلادى، ئانا جەمەت تەرەپتىن مۇغۇلىستان خانلىقىنىڭ 9-پادىشاھى ئۇستاد يۇنۇسخاننىڭ ئەۋرىسى. بابۇر شاھ مىلادى 1482-يىلى مۇغۇلىستان تەۋەلىگىدىكى پەرغانىدا دۇنياغا كەلگەن. 1492-يىلى دادىسى ئۆمەرشەيخ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پەرغانە ۋالىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. كېيىنچە ئۆزبېك خانلىقىدىن شايبانىخان (مىلادى 1450-1510-يىللىرى) سەمەرقەند رايونىنى بېسىۋېلىپ، غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغان ھەم مۇغۇلىستان تەۋەلىگىگە ھۇجۇم قىلىپ، بابۇر شاھنى پەرغانىدىن قوغلاپ چىقارغان. بابۇر شاھ كېيىنچە ھازىرقى ئافغانىستان، پاكىستان، كەشمىر، ھىندىستان قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، مۇغۇلىستان خانلىقىغا تەقلىت قىلىپ بۈيۈك مۇغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ <بابۇرنامە> ناملىق چاغاتاي تىلىدا يازغان مەشھۇر ئەسىرى تا ھازىرغىچە زور قىممەتكە ئىگە. بۇ ئەسەرنىڭ شۇ چاغدىكى يەركەن خانلىقىنىڭ ئەدىبى-سەنئەت تەرەقىياتى ئۈچۈن تەسىرى چوڭ بولغان ئىدى. بۇ ئەسەر بابۇر شاھنىڭ <ئەسرارى مۇسىقى> ناملىق مۇزىكا كىتابى بىلەن بىللە تېزلا شىنجاڭ رايونىغا تارقالغان ئىدى. ھازىر <بابۇرنامە> نىڭ پارىسچە، ئىڭىلىزچە، رۇسچە تەرجىمىلىرى بار. بابۇر شاھ مىلادى 1530-يىلى ۋاپات بولغان.
كابۇل__ ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى. قەدىمكى زاماندا شەرق بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدا ئاساسىي قاتناش تۈگۈنى بولغان. مىلادى 1504-يىلى زاھىرىددىن مۇھەممەت بابۇر شاھ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئىككى ئەسىرگىچە مۇغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىگىدە بولۇپ كەلگەن.
ئون ئىككىنچى پىرى شەيخ سەفايى سەمەرقەندى* ھەزرەتلىرىدۇر. بۇ ئەزىز بىلمەيدىغان مۇقام ئاھاڭلىرى، بۇ ئەزىز چالالمايدىغان چالغۇ ئەسۋاپلىرى يوق دىسىمۇ بولىدۇ. بۇ پەن بويىچە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق شاگىرتنى ماھىر قىلىپ چىقاردى. <نەشائەتى مۇسىقى> [مۇزىكىنىڭ ئۈنۈمى] ناملىق بىر رىسالە يازدى، بىر قانچە تۈرلۈك ناخشا-غەزەللەرنى ئىجات قىلدى. ھىجرىيە 869-يىلى [مىلادى 1464-1465-يىلى] ئەللىك ئالتە يېشىدا پالەچ كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى.
_________________
شەيخ سەفايى سەمەرقەندى__ ناسىر بىننى مۇھەممەت بىننى ئىبراھىم شەيخ سەفايى سەمەرقەندى. مىلادى 1408-يىلى سەمەرقەندتە دۇنياغا كېلىپ، 1469-يىلى ۋاپات بولغان. لېكىن <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>دا ھىجرى 869-يىلى (مىلادى 1464-1465-يىلى) ۋاپات بولدى دەپ يېزىلغان. ئۇ مەشھۇر دىنىي پەيلاسوپ ۋە ئەدىپ بولۇپ، <ئەلبوستان> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.
بۇ پەننىڭ ئون ئۈچىنچى پىرى قىدىرخان يەركەندى*دۇر. بۇ پەندە بۇ ئەزىزدەك ماھارەت كۆرسەتكەن ئۇستاز ئاز. بۇ ئەزىز كۆپرەك ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ غەزەللىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتاتتى. ئالەم ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك خۇش ئاۋاز ئادەم بولمىغان دىيىشكە بولىدۇ. ئىراقتىن، ئىراندىن، تەبرىز*دىن، خارازم، سەمەرقەند، ئەنجان، ئىستامبۇل*، كەشمىر، بەلخ*، شىراز* قاتارلىق يىراق شەھەرلەردىن مۇزىكا ئۆگۈنۈشكە كەلگەن شاگىرتلىرى بار ئىدى. راۋاپنى ۋە ھەشتتار [تارلىق بىر خىل چالغۇ] نى بۇ ئەزىز كەشپ قىلدى. ئۇ يەنە شائىر ئىدى، <دىۋان قىدىرى> [قىدىرخان شېئىرلىرى توپلىمى] بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئىلمى ھەققىدىكى رىسالىلىرىدە چوڭقۇر مەنىلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. جەندە-كۇلا كېيىپ يۈرەتتى. داڭلىق سۇلتان ئابدۇرىشىتخان* غىزادىمۇ، يېتىپ-قوپۇشتىمۇ قىدىرخاندىن ئاجرىمايتتى. قىدىرخان ۋىسال ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلىپ شاگىرتلىرىغا ئۆگەتتى. ئۇ ئابدۇرىشىتخان پادىشادىن ئىككى يىل كېيىن ئالەمدىن كەتتى.
___________________
قىدىرخان يەركەندى__ يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ۋە مۇزىكىشۇناس. ئۇ سۇلتان ئابدۇرىشىتخان ئوردىسىدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، سىياسى جەھەتتە يەركەن خانلىقىنىڭ بىرلىكى، تەرەقىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان ھەم ئۇيغۇر شائىرى مەۋلانە خۇلقى، ئايازى، نەفىسى( ئاماننىساخان)، مىرزا مىرەك چالىشى قاتارلىقلار بىلەن بىللە يەركەن خانلىقىنىڭ مەدىنىيىتى بولۇپمۇ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ <دىۋان قىدىرى> ناملىق بىر شېئىرلار توپلىمى بار ئىدى. قىدىرخان يەركەندى مىلادى 1572-يىلى يەركەندە ۋاپات بولغان.
تەبرىز__ ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمكى بىر شەھەرنىڭ نامى.
ئىستامبۇل__ ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇل شەھىرى. ئەرەپلەر دەسلەپتە بۇ شەھەرنى ''مەدىنەئى قۇنىستانتىن'' دەپ ئاتىغان. مىلادى 11-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدا ياشىغان ئوغۇز قەبىلىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان سالجۇق تۈركلىرى ئىران، ئەرەپ خەلىپىلىگىنى ئىشغال قىلىپ بۇ جاينى بېسىۋالغان. مىلادى 1453-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ئوسمان تۈرك سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن ۋە ''ئىستامبۇل'' ئەرەپچە ''ئىسلامبۇل'' دەپ ئاتالغان. ياۋرۇپالىقلار يەنىلا ''قۇنىستانتىن'' دېگەن نام بويىچە ''كونىستانتىنۇپولس'' دەپ ئاتايدۇ.
بەلخ__ ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى بىر شەھەر بولۇپ، مىلادى 1221-يىلى چىنگىزخان تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان. مىلادى 1370-يىلى تۆمۈرلەڭ تەرىپىدىن ئىستىلا قىلغان. كېيىنچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
شىراز__ قەدىمكى ئىراننىڭ مۇھىم سىياسى، مەدەنىيەت مەركىزلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادى 7-ئەسىردە ئىسلام دىنى ئىرانغا تارقالغاندىن كېيىن ھەججاج بىننى يۈسۈپنىڭ تاغىسى مۇھەممەت بىننى قاسىم بىننى ئاقىل تەرىپىدىن بىنا قىلدۇرغان ئىكەن. بۇ شەھەر ئىراندا ھوكۇم سۈرگەن تۈرك ئاتابېكان سۇلالىسى (مىلادى 1150-1393-يىللىرى)نىڭ پايتەختى بولغان.
سۇلتان ئابدۇرىشىتخان__ يەركەن خانلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاسى سۇلتان سەيىتخاننىڭ چوڭ ئوغلى. مىلادى 1510-يىلى مۇغۇلىستان خانلىقى تەۋەسىدىكى پەرغانە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋە ئوقۇش يىللىرىنى پەرغانە ۋە تاغىسى بابۇر شاھنىڭ كابۇلدىكى ئوردىسىدا ئۆتكۈزگەن. مىلادى 1514-يىلى يەركەن خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن دادىسى سۇلتان سەيىتخان بىلەن بىللە قەشقەر ۋە يەركەنگە كەلگەن. بىر مەزگىل يەركەن خانلىقىغا تەۋە يەتتە سۇ رايونى ( ھازىرقى بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبى)نىڭ سەرتاپلىقىغا (باش ۋالىلىقىغا) تەيىنلەنگەن. بۇ چاغدا ئابدۇرىشىتخان ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھەربى ئىلىم، پەلسەپە، ئەدەبىيات، مۇزىكا جەھەتتە زور ماھارىتىنى كۆرسەتكەن ئىدى. مىلادى 1533-يىلى سۇلتان سەيىتخان شىزاڭغا قىلغان بىر يۈرۈشىدە ئىس تېگىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يەركەن خانلىقىغا سۇلتان بولۇپ تەيىنلەنگەن. يەركەن خانلىقىنىڭ پۈتۈنلىگى، ئىگىلىگىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بىرمۇنچە پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان.
سۇلتان ئابدۇرىشىتخان بولۇپمۇ يەركەن خانلىقىنىڭ پەن، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. بەزى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ <دىۋان رەشىدى>، <سىلاتىننامە>، <مەشۇقنامە>، <غەئەليات رەشىدى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بولغان.
بۇ پەننىڭ ئون تۆتىنچى پىرى ھەزرىتى پەھلىۋان مۇھەممەت كۈشتىنگىردۇر. خۇدايىتائاللا ئۆز ئۈستۈنلۈگى ۋە كارامىتى بىلەن بۇ كىشىگە شۇنداق بىر قابىلىيەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، ئۇ ھەم ئۇلۇغ ئۆلىما ھەم ئەڭ كاتتا ئەۋلىيا ھەم زەبەردەست پەھلىۋان ئىدى. مىڭ يىللار ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك پەھلىۋان چىقمىغان. ئۇ ھەم شائىر ھەم نەغمىچى ھەم زور باي ئىدى، شۇنىڭغا مۇۋاپىق ئۇنىڭدەك خۇش خۇلۇق، خۇش سۆز ئادەم يوق ئىدى. ئۇ يوقۇرىدا ئىسمى ئېيتىلغان ئۇلۇغ ئۇستازلار باراۋىرىدە مۇزىكا ئىلمى ھەققىدە ئەسەرلەر يازدى، پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى، تۈرلۈك-تۈرلۈك ناخشا، سۆز، ئاھاڭلار ئىجات قىلدى. ئۇ ئىشلىگەن مۇقام كۈيلىرىنىڭ بىرى چاھارزەرپ بولۇپ، ھەممە ئۇستازلارنىڭ كۈيلىرىدىن ياخشى ھەم يېقىملىق بولغان ۋە تېزلا داڭ چىقارغان ئىدى. مەشھۇر ئىجادىي مۇقاملىرىنىڭ بىرى چاھارزەرپ، بىرى چاھارگاھ مۇقامى ئىدى. چاھارگاھقا مەۋلانە تۇتى* ئەلەيھىررەھىمنىڭ مۇنۇ غەزىلىنى سالغان ئىدى (باشلانما بېيىتنىڭ مەنىسى):
ئەي ساقى، ئەجەپكى ئەتىنىڭ دەھشەتلىك ئىشلىرى نامەلۇم كېتىۋاتىدۇ.

بۈگۈن ئۆزىمىزنى خۇش تۇتايلى، ئەتىنى كىم بىلىدۇ.
بۇ مىربۈزرۈك تىرمىزى* نامىغا باغلىنىپ تولىمۇ مۇۋاپىق ئىش بولغان، شۇڭا خۇراسان مەملىكىتىدە، ئىراق، سەمەرقەند ۋە يەركەن خانلىقى ئىچىدە بۇنى بىلمەيدىغان نەغمىچى يوق. يەنە بىرى دۇگاھ مۇقامى بولۇپ، بۇنىڭغا مىرخىسرو دېھلىۋىنىڭ* مۇنۇ شېئىرىنى سالغان ئىدى (شېئىر):
ئەي سېنىڭ مەڭزىڭنىڭ نۇرىدىن ھەر بىر ئۆي يورۇپ كەتتى،
سېنىڭ چېچىڭنىڭ ھەر بىر بۈدرىسى ئۈچۈن بىر كۆڭۈل ۋەيرانە ۋە ئەسىردۇر.
بۇ بابۇر سۇلتان نامىغا باغلىنىپ تولىمۇ تەسىرلىك ھەم مۇۋاپىق مۇقام بولغان. يەنە پەنجىگاھ مۇقامىنى ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەزرىتى مەۋلانە كاتىبىنىڭ* بىر شېئىرىنى سالغان ئىدىكى، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى ھوزۇرلىناتتى. بۇ مۇقام ئەجەم، مۇۋەرە ئۇننەھرى* شەھەرلىرىدە مەشھۇر بولدى. مەۋلانە كاتىبىنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق (مەنىسى):
سېنىڭ رەڭگىڭ بەزىدە ئادەم ئۆلتۈرىدىغانلار قىياپىتىگە كىرىپ قالىدۇ،
بىر تەلەپنىڭ گۇۋاچىلىغى ئۈچۈن يۈز شاھىت كېلىدۇ.
ئۇ بۇ شېئىرنى سېلىشتا ئۇنىڭ مۇنۇ چۈشۈرگە بېيىتىنى كۆزلىگەن ئىدى (مەنىسى):
كاتىبىدەك ئاخشىمى غەم قىلساڭ، تاڭدا ئۈمۈت قىل،
بۇ دۆلەتكە سۇلتان ئەبۇ سەئىد كەلدى.
بۇ سۇلتان ئەبۇ سەئىت مىرزا* نامىغا باغلىنىپ بەكمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولغان ۋە شۇنىڭ بىلەن خەلقى ئالەم ئىچىدە شۆھرەت تۇتقان. بۇ ئەزىزى بۇلاردىن باشقا يەنە بىھىساپ غەزەل، مۇقام، ئاھاڭلار ئىجات قىلدى، مەشھۇرلىرى مۇشاۋىرەك، بايادەك ۋە يوقۇرىدا ئېيتىلغان چاھارزەرپ، دۇگاھ، سىگاھ، چاھارگاھ، پەنجىگاھلار بولۇپ، غەرپ ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدا مەشھۇردۇر، ھەممىسىنى بۇ قىسقا رىسالىگە سىغدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەزىز ئاۋال بابۇر شاھنىڭ ھوزۇرىدا خىزمەت قىلدى، كېيىن مىرزا ئەبۇ سەئىدنىڭ بەرگاھىدا يوقۇرى ئورۇن تۇتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ساھىپ قىران ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭ* دەرگاھىدا مەھرەم بولدى، بۇ ئەزىزنىڭ ئۇلۇغلىقىنى شۇ يەردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرىدەك ئالىجاناپ زات بىلەن 40 يىل ھەمسۆھبەت، دوست بولۇپ ئۆتتى. ئەگەر بۇ كىشىنىڭ تەبىيىتىدە زەررىچە ئەيىپ بولسا ئىدى، نەۋايى ئۇنى دوستلۇققا قوبۇل قىلمىغان بولار ئىدى. ئەكسىچە، نەۋايى: ''مەن پەھلىۋان مۇھەممەت كۈشتىنگىر بىلەن 40 يىل ھەمسۆھبەت بولدۇم، بۇ جەرياندا كۆڭلۈم مالال بولغۇدەك ھىچقانداق ئىش ئۆتۈلمىدى، بەلكى دوستلۇق مۇھەببىتىمىز كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى'' دەپ يازغان. مانا بۇنىڭدىن ئۇ ئەزىزنىڭ خۇي-پەيلىنىڭ نەۋايىغا ناھايىتى يارىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. نەۋايىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، بۇ ئەزىزنى تەرىپلەپ تارىخ، ھىكايە يازغانلىقى بۇ ئەزىزگە بېرىلگەن ئەڭ يوقۇرى باھا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئەزىز شېئىرىي مۇئەمما [مەنىسى يوشۇرۇن شېئىر] ئىلمىدە دەۋرىنىڭ يىگانىسى، زاماننىڭ نادىرى ئىدى. بۇ پەن توغرىسىدا نۇرغۇن كىتاپلار يازدى. شۇ زاماندىكى شائىرلارنىڭ يۈزدىن بىرىدە مۇنداق قابىلىيەت يوق ئىدى. شائىرلار ھەرقانداق شېئىر يازسا، پەھلىۋانغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ پەندىكى سەمىمىيىتىنى ئۇنىڭ كۈشتىنگىر تەخەللۇسى بىلەن يازغان بىر شېئىرىنىڭ مۇنۇ باشلانما بېيىتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ (مەنىسى):
مەن ئۇنىڭغا: ئىشقى ئالىمىڭدە مېنىڭ ئىشىم غەم يېيىشتۇر، دىدىم.
ئۇ ھىراتتىكى بىر چوڭ يولنىڭ بويىغا 5 مىڭ كىشىلىك ئۆي-باغلاردىن تەركىپ تاپقان زور بىر ئىمارەت سالدۇردى، بۇ بىر مۇساپىرخانا بولۇپ، ئۇنىڭغا ''نىمەتى ئابات'' دەپ نام بەردى. پېقىرلار، دەرۋىشلەر، مۇساپىرلار ۋە يولۇچىلار كېلىپ بىر ئاي، ئىككى ئاي ھەتتا بىر يىل، ئىككى يىل تۇرۇپ قالاتتى. ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئۈچ تۈرلۈك ئالى تاماق بېرىلەتتى، ئۇلاقلىرىغا ئارپا-پىچان تەييار ئىدى. كاتتا-كىچىك ھىرات خەلقى ''نىمەتى ئابات'' تىن تاماق يەيتتى، پېقىرلاردىن باشقا بايلار، شاھزادىلەر، ۋەزىرلەرمۇ تاماق يەيتتى، ھەتتا سۇلتان ھۈسەيىن باھادىرخانغىمۇ تەييار بولغان تاماقتىن ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يەتكۈزىلەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ماشايىخ ۋە ئۆلىمالار ھەزرىتى پەھلىۋاندىن تەلىم ئېلىپ بەش-ئون يىل تۇرۇپ قالاتتى. ئۇ سېخىلىكتە ھاتەم تەيدىنمۇ* ئېشىپ كېتەتتى. ئۇ ھەزرىتى جامى بىلەن يېقىن ئۆتەتتى، تەسەۋۋۇفتا ئۇنىڭدىن مەخسۇس ئىلتىپاتلار كۆرگەن ئىدى. ئاللاتائاللا بىر قەترە خۇندىن تۆرەلگەن بەندىسىگە شۇنچىلىك كامالەت ۋە قابىلىيەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، ئۇ بىردىن-بىر ياراتقۇچىغا يۈز مىڭ ھەمدۇ-سانا ئوقۇش كېرەك! بۇ ئەزىز پادىشادىن گادايغىچە دوست تۇتمايدىغان ئادەم يوق ئىدى. ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلسا، پەھلىۋاننىڭ مەندىن يېقىن دوستى يوق، دەپ ئويلاپ قالاتتى. مىڭ-مىڭلىغان كىشىلەر بۇ ئەزىزنىڭ قولىدا قۇرئان ياد ئالدى. شەرىئەت ئىلمىنى ئۆگۈنۈپ ئالىم بولدى. ئۇ ھەربى ئىلىمدە سۇلتان ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭ پۈتۈن قوشۇنىغا ئۇستاز ئىدى. ئۇ، شائىرلارنىڭمۇ ئۇستازى ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدىمۇ ھەرخىل مۇقاملارنى ۋە مىڭلىغان شاگىرتلارنى يادىكار قىلدى. تەرىقەتتە ھەرخىل ئۇلۇغ شەيخ ۋە ھۆرمەتلىك ئەۋلىيالارنىڭ پىرى ئىدى. شۇ زاماندا دۇنيا بويىچە ئۇنىڭدەك باي يوق ئىدى. ھۈسەيىن باھادىرخان ئۇنىڭسىز ئولتۇرۇش ئۆتكۈزمەيتتى، ئۇنىڭ مەسلىھەتىسىز ئىش قىلمايتتى. پەھلىۋان بىر كۈنى تۇيۇقسىزدىن بۇھۇش بولۇپ يېقىلغىنىچە ئالەمدىن كەتتى. پادىشادىن گادايغىچە پۈتۈن خۇراسان خەلقى ھازىدار بولۇپ، گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك بىر ئەھۋال يۈز بەردى. ئۆزى ھايات ۋاقتىدا راسلاپ قويغان ۋە ھەر كېچىسى كىرىپ ئىستىقامەت قىلىپ كەلگەن ''نىمەتى ئابات'' تىكى يەرلىكىگە ھىجرىيە 899-يىلى [مىلادى 1443-1444-يىلى] دەپنە قىلىندى. [ئايەتنىڭ مەنىسى] ''بىز ئاللانىڭ، ئاللا تەرەپكىلا قايتىمىز''.
____________________
مەۋلانە تۇتى__ مىلادى 15-ئەسىردە ئۆتكەن ئىران شائىرى. مىلادى 1481-يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان.
تىرمىزى__ ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەت بىننى ئەلى تىرمىزى. مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى، ھازىرقى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى تىرمىز شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ شېئىر-غەزەلچىلىكتىمۇ خېلى مەشھۇر. مىلادى 869-يىلى تىرمىز شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
خىسرو دېھلىۋى__ ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ''لاچىن'' قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ھىجرى 651-يىلى (مىلادى 1253-يىلى) كەش شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، كېيىنچە ھىندىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇھاجىرلىق تۇرمۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، ھىجرى 725-يىلى (مىلادى 1325-يىلى) 72 يېشىدا دېھلىدە ۋاپات بولغان. ئۆز ھاياتىدا <ئىسكەندەرنامە>، < لەيلى ۋە مەجنۇن>، < شېرىن ۋە خۇسرو>، <تۇغلۇقنامە>، < تارىخى دېھلى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.
مەۋلانە كاتىبى__ مىلادى 15-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئىران شائىرى. ھىجرى 839-يىلى (مىلادى 1435-يىلى) ئاستىراباتتا ۋاپات بولغان. <ھەسەت ۋە ئىشق>، <ناسىر ۋە مەنسۇر>، <بەھرام ۋە گۈلەندەم> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.
ماۋەرە ئۇننەھرى__ قەدىمكى يۇناننىڭ تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتاپلىرىدا ''تىرانسىئوكسانىيە'' (ئوكس_ ئامۇ دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپى) دەپ ئاتالغان. مىلادى 8-ئەسىردە ئىسلام دىنى ۋە بۇ جايلارغا تارقالغاندىن كېيىن، ماۋەرە ئۇننەھرى (دەريانىڭ نېرىقى تەرىپى) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ ئارىلىغىدىكى جايلارنى كۆرسىتىدىغان جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ قالغان.
سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا__ ئەبۇ سەئىد بىننى مۇھەممەت بىننى ئەمىرانشاھ بىننى تۆمۈر. خۇراسان دۆلىتىنىڭ 1-پادىشاسى بولۇپ، ھىجرى 855-يىلى (مىلادى 1451-يىلى) تەختكە چىققان. ھىجرى 873-يىلى (مىلادى 1468-يىلى) قاراباغ دېگەن جايدا ئەزەربەيجان ۋالىسى ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
سۇلتان ساھىپ قىران ھۈسەيىن باھادىرخان__ ھۈسەيىن بىننى مەنسۇر بىننى بايقارا بىننى شەيخ ئۆمەر. تارىخى ئەسەرلەردە ھۈسەيىن بايقارا دەپلا ئاتىلىدۇ. بۇ خۇراسان دۆلىتىنىڭ 3-پادىشاسى بولۇپ، مىلادى 1470-يىلى تەختكە چىقىپ، مىلادى 1505-يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ياردىمى ئاستىدا خۇراسان دۆلىتىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جاھەتلەردىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر مۇنچە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغان. ئۆزى مەشھۇر شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان.
ھاتەم تەي__ ئەبۇ ئەدى بىننى ئابدۇللا بىننى سە’ئىد ھاتەم تەي. قەدىمكى زاماندىكى مەشھۇر ئەرەپ شائىرى. ئۇ رىۋايەتلەردە ئۆزىنىڭ ناھايىتى سېخىلىقى بىلەن داڭ چىقارغان.
ئون بەشىنچى پىرى ھەزرىتى مەۋلانە لۇتفىدۇر. بۇ ئەزىز مۇشۇ موغلىستاندىن* ئىدى، ئۇ ئالىملىقتا ھەزرىتى ئەبۇ نەسىر فارابىدەك، ھېكىملىقتا ھەزرىتى ئىبنى سىنادەك، شائىرلىقتا ھەزرىتى ئەمىر ئەلىشىر نەۋايىدەك، نەغمىچىلىكتە قىدىرخاندەك ئىدى. بۇ ئەزىز بىلمەيدىغان ئىلىم يوق ئىدى. زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىمى ئىدى. ئۇنىڭ قولىدا 500دىن ئارتۇق ئالىم ۋە قارى تەربىيىلىنىپ چىقتى، 200چە كىشى مۇزىكا ئىلمىدە كامالەت تېپىپ ماھارەت كۆرسەتتى. ئۇ 200دىن ئارتۇق كىتاپ يازدى. ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋايى ئىلمىي پاساھەتتە [ئىستىلىستىكا ئىلمىدە] بۇ ئەزىزنى ئۇستازىم دەيتتى. لۇتفى بولسا ھەزرىتى نەۋايىنى سەن مېنىڭ ئۇستازىم دەيتتى ۋە ''مېنىڭ ئۆمۈر بويى يازغان 10 مىڭ مىسرا شېئىرىمدىن سېنىڭ ئىككى مىسرا شېئىرىڭ ئارتۇق'' دەيتتى. ھىجرىيە 878-يىلى [مىلادى 1473-يىلى] ۋاپات بولدى.
________________
موغۇلىستان__ ئەسلىدە شەرقتە قارا شەھەر، غەرپتە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە شەھىرىنىڭ غەربى، شىمالدا كۆكچە دېڭىز (بالقاش كۆلى)، جەنۇپتا قارا قۇرۇمغىچە بولغان ھەم شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ (ماڭلاي سۈيە) قاتارلىق رايونلار تارىختا ''موڭۇلىستان'' دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ موڭغۇللار (چاغاتاي ئەۋلادى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايون دېگەنلىك بولىدۇ. مىلادى 1348-يىلى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈر (مىلادى 1331-1363-يىللىرى) بۇرۇنقى چاغاتاي خانلىقى تەۋەلىگىدىكى بىرقانچە پادىشالىق ۋە بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بىر خانلىق قۇرغان. بۇ خانلىق ''موغۇلىستان'' دەپ ئاتالغان. موغۇلىستان خانلىقى مىلادى 15-ئەسىردىن باشلاپ پارچىلىنىشقا باشلىغان. مىلادى 1514-يىلى تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلاتلىرىدىن سۇلتان سەئىتخان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ پارچىلانغان بىرقانچە رايونلىرىنى بىرلىككە كەتۈرۈپ يەركەن خانلىقىنى قۇرغان. مىلادى 1678-يىلى يەركەن خانلىقى ئاپپاق خۇجا ۋە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
ئون ئالتىنچى پىرى ھەزرىتى يۈسۈپ سەككاكىدۇر*. بۇ ئەزىزمۇ ھەممە ئىلىمدە ھەزرىتى فارابى ۋە ھەزرىتى لۇتفىدەك ئىدى. مىڭلىغان تالىپلار ئۇنىڭ قولىدا تۈرلۈك-تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگىنەتتى. مەنتىق ئىلمىدە، ئىلمىي پاساھەت ۋە ئىلمى بەلاغەت [ناتىقلىق ئىلمى]دە ئەسىرنىڭ يەكتاسى ئىدى؛ شېئىرىيەت ئىلمىدە بۇ ئەزىز موغۇللىستاندىن چىققان مۇتەپەككۈرلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن ئىدى، پاساھەت ۋە بەلاغەت ھەققىدە <تەلخىس> [ئومۇمى بايان] ناملىق بىر كىتاپ تۈزدى، مۇزىكا ئىلمى بويىچە رىسالىلەر يازدى. ھازىرغىچە نەغمىچىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ كېلىۋاتقان بايات ناملىق مۇقامنى بۇ ئەزىز ئىجات قىلىپ شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى.
__________________
يۈسۈپ سەككاكى__ 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىرمۇنچە شېئىر ۋە قەسىدىلەرنى يازغان. ئۇنىڭ <دىۋان سەككاكى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى تا ھازىرغىچە كەڭ تارقالغان. ئەلىشىر نەۋايى سەككاكىنى لۇتفى بىلەن بىر قاتاردا قويۇپ، ''ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ ماھىرى، تۈرك تىلىنىڭ ئۇستىسى'' دەپ تەرىپلىگەن. سەككاكى مىلادى 1468-يىلى ۋاپات بولغان.
ئون يەتتىچى پىرى مەلىكەئى ئاماننىسا خېنىم* ئىدى. بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ خانىشى ئىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ، <دىۋان نەفىسى> [نەفىسى شېئىرلىرى توپلىمى] ناملىق شىرىن بىر كىتابنى يازغان ئىدى. خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى، مۇزىكا ئىلمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى، سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغان ئىدى. سۇلتاننىڭ بۇ مەلىكىنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىش ۋەقەسى مۇنداق بولغان ئىدى؛ سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتاختى يەركەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى. سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېھقانچە ساددا كېيىملەرنى كېيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غەرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەتكە زۇلۇم-سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى. بۇ ئۆي مەخمۇت ئاتلىق بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى، بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەخمۇتنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئۆينىڭ بۇلىڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ، مەخمۇتتىن تەمبۇر چېلىپ بېرىشنى تەلەپ چىلدى. مەخمۇت: ''مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن، مۇشۇ قىزىمىز ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ''__ دەپ جاۋاپ بەردى. سۇلتان: ''ئەمىسە، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن''__ دېدى. مەخمۇت قىزىغا ئەمىر قىلدى. قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى، سۇلتان ھەيران قالدى، بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى سېلىپ ئوقۇغاندا، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ، بىھۇش بولۇپ كەتتى. شېئىرنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق ئىدى (مەنىسى):
خۇدا ساڭا يۈز شۈكرى، بىزگە ئادىل پادىشا بەردىڭ،
پېقىر-مىسكىنگە ئابدۇرىشىتخاننى پانا قىلدىڭ.
داق باشلانغان ئىدى (مەنىسى):
ئەي نەفىسى، ئۇلۇغ تەڭرىگە كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىن،
ئەگەر شاھ ھەققىدە دۇئا قىلمىساڭ، قاتتىق گۇنا قىلغان بولىسەن.
غەزەل تامام بولىشىغا سۇلتان ئالدىراپ: ''نەفىسى دېگەن شائىر كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن؟''__ دەپ سورىغان ئىدى، قىز: ''خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقامدىكىن، مەن نەۋايى، فۇزۇلى*، زەلىلى*نىڭ شېئىرلىرىدىن باشقىسىنى ئوقۇمايمەن''__ دەپ جاۋاپ بەردى. سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىگىنى سورىدى. ئاتىسى: ''13 ياشقا كىردى''__ دەپ جاۋاپ بەردى. سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى. ئاڭغىچە ئاماننىسا خېنىم قوپۇپ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شېئىرلارنى ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتتى. خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى. پادىشا بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارسىدىنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي: ''قېنى ئەمىسە، مەن قاراپ تۇراي، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ''__ دېگەن ئىدى، قىز دۆۋەت-قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى (مەنىسى):
خۇدا، بۇ بەندە ماڭا تولىمۇ گۇمانلىق كۆزدە قارىدى،
گويا بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن بىر تىكەن ئۈندى.
سۇلتان كۈلۈپ: ''ئىشەندىم، مېنى مەسخىرە قىلماڭ''__ دېدى ۋە مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ: '' بىز ھېلى كېلىمىز''__ دەپ كېتىپ قالدى. ئۇ لەشكەرگاھىغا بېرىپ، ۋەزىر-ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى. بېشىغا تاج كېيىپ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى. دەرھال ئون قوي ۋە شايى-ئەتلەسلەر تەييارلاندى. تۈن يېرىمىدە قىرىق كىشى مەخمۇتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەتنى بايان قىلدى. پادىشا ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى. بۇ مەلىكە 20 يىل پادىشانىڭ نىكاھىدا تۇردى. خۇدايتائاللا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. <دىۋان نەفىسى>نى يازدى، خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا <ئەخلاقى جەمىلە> [گۈزەل ئەخلاق] ناملىق بىر كىتاپ يازدى. <شۇرۇھۇلقۇلۇپ> [قەلبلەر شەرھى] ناملىق بىر رىسالە يازدى. شائىرلىق، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاپ ئاز. <ئىشرەت ئەنگىز> [شاتلىق قوزغىغۇچى]ناملىق مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجات قىلغان ئىدى. كۈچلۈك رەشك يۈزىسىدىن سۇلتان ئۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ۋە شۇ بويىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگەتتى بۇ مەلىكە 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان، دېيىلىدۇ. مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈدەك ھالەتكە يېتىپ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى. سۇلتان ئاخىرى يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى، دېيىلىدۇ.
بۇلاردىن كېيىن مۇقام، غەزەل ئىجات قىلغۇدەك بىر ئۇستازنىڭ ئالەمگە كەلگەنلىگى مەلۇم ئەمەس، شۇنى بىلىش كېرەككى، نەينى جەمشىت پادىشانىڭ مەشھۇر خوتۇنى مەلىكە دىلسۇز* كەشپ ق بۇلاردىن كېيىن مۇقام، غەزەل ئىجات قىلغۇدەك بىر ئۇستازنىڭ ئالەمگە كەلگەنلىگى مەلۇم ئەمەس، شۇنى بىلىش كېرەككى، نەينى جەمشىت پادىشانىڭ مەشھۇر خوتۇنى مەلىكە دىلسۇز* كەشپ قىلدى. سۇنەينى ئاۋال كەيكۇبات شاھنىڭ نەزىرىدە لەشكەرلىرى ئارىسىدا ئەردىشىر ئاتلىق بىر كىشى بۇغا مۈڭگۈزىدە ياساپ چالدى. نۇشىرۋان*نىڭ زامانىسىدا ياغاچتا سۇنەي ياساپ چالدى. داپنى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا دىۋىلەر ياساپ بەردى. ناغرا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن زامانىدا كەشپ بولدى، دېيىلىدۇ. (دۇ’ئانىڭ مەنىسى) ''بۇ كىتاپ بەك بىلگۈچى ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن ئاياقلاشتى''.
* * * *
يەنە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇزىكا ئىلىمنىڭ ئۇستازلىرى ۋە ئەسىر، ھەر شەھەردە يۈزلەپ بەلكى مىڭلاپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەھۋالاتىنى بايان قىلساق بۇ قىسقا رىسالىگە سىغمايدۇ. شۇڭا مىڭدىن بىرى تاللاپ ئېلىندى، يەنى بىرەر ناخشا-مۇقام ئىجات قىلغان ياكى بىرەر چالغۇ ئەسۋابى ياسىغان ياكى بۇ ئىلىم توغرىسىدا بىرەر رىسالە يېزىپ داڭ چىقارغانلىرىلا قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى.
خۇدايىمغا يۈز مىڭ سانا ۋە تەشەككۈر،
يەنە ئۇنىڭغا چەكسىز ھەمىد ۋە شۈكۈر.
ئەلىشىر ھېكىم بەگكە ئەمەل بەردى،
ئۇنى خوتەن خەلقىغە پادىشا قىلدى.
ئۇ مېنى بۇ شاھ دەۋرىدە تۆرەلدۈردى،
بېشىمغا كۇلا، ئۈستۈمگە جەندە كەيگۈزدى.
زامانە ئادالەتلىك شۇ قەدەر،
قولۇڭغا دۆۋەت ۋە قەلەم ئالغىن.
مەن بۇ ئەمىرگە ئىتائەت قىلدىم،
شىرىن سۆزلەرنى يىغىپ جەم قىلدىم.
نەغمىچى ھەققىدە رىسالە بولسا،
تارىخ ئېتى بار كىتاپلار بولسا.
يېغىپ تۈزدۈم بۇ تارىخنى مەن،
ياخشى دېگەي بۇنى ئوقۇپ ئەھلى خوتەن.
بولسىمۇ ئەقلىم قىسقا، بويۇم پاكار،
خوتەنلىككە قىلدىم بۇنى يادىكار.
سەۋەپ بولدى بۇنىڭغا ئەلىشىر ھېكىم،
كۆپ ئەجرى بەرگەي ئاڭا ئاللا كەرىم.
ئوقۇپ ئاڭلىغانغا بۇدۇر ئىلتىجا:
ئەلىشىر ھېكىمگە قىلىڭلار دۇئا.
يەنە مېنىمۇ تۇتۇڭلار ئەستە،
سېخى ئۆلسە بولۇر ئورنى جەننەتتە.
تارىخنىڭ پۈتۈلگەن ۋاقتىن تارىخىن دېدىم،
بىلەلمەسمىكىن دەپ بەكمۇ غەم يېدىم.
تۈگەت سۆزنى مۆجىز غەرىپ بىناۋا،
باشقىچە ئىش تۇت، كىر ئۇلۇغ يولغا.
تامان
1271-يىلى
_________________
ئاماننىسا خېنىم__ مۇشۇ كىتاپنىڭ ئۆز مەلۇماتلىرىغا قارالسۇن.
فۇزۇلى__ ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان ''چاغاتاي'' ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ مىلادى 1504-يىلى ھازىرقى ئىراقتىكى باغداتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كەربالا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى سۇلايمان ھەزرەت باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى ھىلە شەھىرىنىڭ مۇفتىسى بولغان. فۇزۇلى ئۆز ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى باغداتتا ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدا شۆھرەت قازانغان. شۇڭلاشقا ''فۇزۇلى باغداتى'' دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فۇزۇلى ئۆز ئانا تىلى ''چاغاتاي'' تىلىدا نۇرغۇن شېئىر-غەزەللەرنى يازغاندىن تاشقىرى يەنە پارىس تىلىدىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. شېئىرىيەتتە ''نەۋايى سانى'' (ئىككىنچى نەۋايى) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ <دىۋان فۇزۇلى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. فۇزۇلى مىلادى 1562-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان.
زەلىلى__ قولىمىزدىكى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، ''زەلىلى'' تەخەللۇسلۇق ئىككى شائىر ئۆتكەن. بىرى مىلادى 1743-يىلى ۋاپات بولغان يەركەنلىك مۇھەممەت سىدىق زەلىلى؛ يەنە بىرسى مىلادى 1790-1844-يىللاردا ئۆتكەن تۈركمەن شائىرى مەختۇم قۇلۇ زەلىلى. بۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئاماننىسا خېنىمدىن تەخمىنەن ئىككى ئەسىر كېيىن ياشىغان. دېمەك، بىر بولسا بۇ يەردىكى ''زەلىلى'' ئاپتور ياكى خەتتاتنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن خاتا يېزىلىپ قالغان، بىر بولسا، ئاماننىسا خېنىم ياشىغان دەۋردە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىزگە تەخى مەلۇم بولمىغان باشقا بىر زەلىلى ئۆتكەن.
مەلىكە دىلسۇز__مىرزا ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ <شاھنامە> ناملىق كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن شاھ جەمشىتنىڭ خوتۇنى. رىۋايەتتە ناھايىتى گۈزەل، ئەقىللىق، جەسۇر ۋە خەلقپەرۋەر شائىرە، غەزەلچى دەپ سۆزلىنىدۇ.
نۇشىرۋان__ قەدىمكى ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ 20-پادىشاسى. ئۇ ئىران، ماۋەرە ئۇننەھرى ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. مىلادى 531-يىلى تەختكە چىقىپ،مىلادى 579-يىلى ۋاپات بولغان.




كۆڭۈل مەملىكىتىنىڭ پادشاھى ساقلىقتۇر . بەدەننىڭ ساغلاملىقى ۋە ساغلاملىقنىڭ بۇزۇلۇشى كۆڭۈلىنىڭ ساغلاملىقى ۋ ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
291سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
738 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-2 21:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلار ئىكەن،بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ناخشا-مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن~!
بىزنى مۇشۇنداق قىممەتلىك بىلىم بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت~!

توردا
41سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
110 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-4 19:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز مۇزىكانتمۇ؟ جاپا تارتىپسىز...............رەخمەت

توردا
92سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
531 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-8 18:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلار ئىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:27

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.