ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ھەنبەھەجەم مازىرى
كۆرۈش: 155|ئىنكاس: 2
go

ھەنبەھەجەم مازىرى

توردا
45سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
72 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 17:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ھەنبەھەجەم مازىرى-ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى ئىكىساق كەنتىنىڭ غەربى شىمال بۇرجىكىگەجايلاشقان ،كۆرۈنىشى ھەيۋەتلىك ،قۇرۇلۇشنىڭ توغرىسىغا كەڭلىگى 13مېتىر ،ئىچىگە سوزۇلغان ئۇزۇنلىقى 17.5مېتىر .ئالدىنقى ئىشىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى گەۋدىسىدىن 1.8مېتىر ئالدىغا چىقىپ تۇرىدۇ،ئىشىكنىڭ كەڭلىگى 3.5مېتىر ،ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىگى 17.5مېتىر ،ئاستىنقى تەرىپى رومبا شەكلىدە ،ئۈستى تەرىپى يۇمىلاق گۈمبەزشەكلىدە،تۆت بۇلۇڭى ۋە ئىككى تەرىپىگە ئالتەدانە يۇمىلاق تۈۋرۈك قويۇلغان.مەسچىتنىڭ ئارقىسىدا خەتمە قىرائەت قىلىدىغان قىرائەتخانىسى بار.ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى 24مېتىر ،كەڭلىگى 4.8 مېتىر ،مەسچىتنىڭ ئالدىدا بىر كۆل بار،دەل –دەرەخلەر بۈك –باراقسان.كۈز ۋە ياز پەسىللىرىدە تېخىمۇ كۆركەم بولۇپ كېتىدۇ.ھەنبە ھەجەم مازىرىنىڭ بىناكارلىقى ئىسلام پاسونىدا بولۇپ ،قۇرۇلمىسى پۇختا ،ئۆگزىسى گۈمبەز شەكلىدە،گۈمبىزى سىرلىق پىششىق قىش ،گەج،قۇم ۋە لاي بىلەن سېلىنغان.ياغاچ ۋە پولات قاتارلىق ماتېرياللار زادى ئىشلىتىلمىگەن.قەبرە ئىچىنىڭ تۈۋى قىسمىدا24دەرىزە بار.بىر ئىشىكى شەرققە قاراپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا10مېتىر ئىگىزلىكتە ھاۋا ئۆتىشىدىغان بىر تۈڭلۈك بار.

ئۈستۈنكى قىسمىدا 36 تاكچە بار.شەرق ،جەنۇب،غەرب،شىمال تەرىپىگە بىردىن مېھراپ قويۇلغان.ئايلانما پەلەمپەي ئىشىكىنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن ئۆگزىگىچە چىقىدۇ.سىرلىق قىشنىڭ رەڭگى خۇددى ھازىر قۇيغاندەك نۇر چېچىپ تۇرىدۇ.ياغاچ ۋەرەڭلىك قىشلارغا كۆركەم رەسىملەر ئىنچىكلىلىك بىلەن ئويۇلغان.كۆركەملىك دەرىجىسى قەشقەردىكى ئىپارخان مەقبەرىسىنىڭ ھۈنەر سەنئىتىدن قېلىشمايدۇ.ئۆينىڭ ئىچىدىكى تامغا يېزىلغان:
<< دوستلار بۇئىمارەتنى كىمنىڭ سالغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ئۇلار مۇھەممەتئېلى ھاجى ،نىياز ئاخۇن ،ئەبەي موللاقاتارلىق ئۇستازلاردۇر>> دىگەن خەتلەر ھازىرغىچە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئارخىتىكتور ( بىناكارلىق ئۇستىسى)لىرنىڭ يۈكسەك دەرىجدىكى بىناكارلىق ماھارىتى ۋە ھۆنە سەنئىتىنى نامايەن قىلىدۇ.ھەنبە ھەجەم مازىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سېلىنغان .(ئۇنىڭدىن ئىلگىرى خام قىش بىلەن سېلىنغان بولۇپ ،كۆلىمى ھازىرقىدىن كىچىك ئىكەن)بولۇپ 1902-يىلىدىكى سەككىز بال قاتتىق يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بەرگەن.لېكىن ھازىر قەبرىنىڭ لەمپە قىسمىغا چاك كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.



------------------------------------------------------------------------------------------------------------


<<ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ يەر نامىلىرى تەزكىرىسى>>دىن ئارتۇچ تورى دىن ئارتۇچ ئوغلى تەرپىدىن يوللاندى ئارتۇچ تورى ئالىم ئابدۇشۇكۈر مەمتىمىن: «ئارتۇچ دىگەن بۇ جۇغراپىيىلىك نامىمۇ قارا ئارچا (ئارتۇچ) دەرخىدىن ئىلىنغان بولۇپ، (ئار تۇپزارلىق) دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى». «كىيىنكى مەزگىلىلەردە مۇھىتنىڭ تەبىئىي ۋە سۇنئىي ۋاستلەر بىلەن قۇرغاقلىشىش، يەر ئاستىن سۈيىنىڭ 10 مىتىردىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن ئارتۇچ دەرىخى قۇرۇپ كەتكەن» دەپ ئىلمىي ئاساستا ئىسپات قىلغان.


قەدىمى ئىسىم يىڭىچە تىخنىكا بىلەن قەلىبلەردىن ئۆچمىسۇن




بۇ مەزمۇن /u/ARTUQ/asar/31870


Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 18:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنبەسىنى يەنىلىكىم ئەسكەرىتمەپسىز ... كىيىنكى قېتىم دىققەت قىلىڭ ... مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تېما بىردەك ئۈچۈرىلىدۇ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
37سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
575 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 14:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت ھار مىغايسىز ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:27

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.