مىلادىيە 11 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى، دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى - مەﻫمۇد كاشغەرىي مىلادىيە 1003 - يىلى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاستانىسى قەشقەرگە قاراشلىق ئوپال ئازىغدا دۇنياغا كەلگەن.
مەﻫمۇد كاشغەرىي ئۆز ئۆمرىدە قەشقەر، ئوتتۇرا ئاسىيا، ﻫىندىستان، باغداد... قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا پەننىڭ ئەينى يىللاردا مەلۇم بولغان ﻫەممە تۈرلىرىدە دېگۈدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىلىم تەﻫسىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى - «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
مەﻫمۇد كاشغەرىي قەلەم بىلەن ئەلەمنى بىللە تۇتۇپ، قاراخانىيلار ئوردىسىدا مۇﻫىم خىزمەتلەردە بولغان. ئۇ ئۆزى خان جەمەتىدىن بولغان يۇقىرى تەبىقە كىشىسى بولسىمۇ، قاراخانىيلار دۆلەت ﻫاكىمىيىتىگە ﻫەسسە قوشۇش بىلەن بىرگە، ئاۋام پۇقرالار ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشقا ﻫەردائىم تەييار تۇرغان. ئۇنىڭ ئاددىي ئاۋام قىزىغا ئۆيلىنىشىنى پاك مۇﻫەببەتتىن باشقا، ئىنسانىي مۇﻫەببەتتىن، مەن خانزادە دەپلا قارىماي، «مەن ئالدى بىلەن ئىنسانمەن» دەپ قارايدىغان ئېسىل ئادىمىيلىك پەزىلىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
مەﻫمۇد كاشغەرىي خان ئەۋلادلىرىغا لايىق ﻫەربىي تەلىم - تەربىيە كۆرۈپ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ ئۆگەي ئانىسى قوزغىغان ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە قۇربان بولغان چوڭ دادىسى مۇﻫەممەد ئارسىلانخان، دادىسى ﻫۈسەيىن بۇغراخان ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، قەﻫرىمانلىق شەجەرىسىنى يازغان.
مەﻫمۇد كاشغەرىي نۇرغۇن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئىجاد ئەتكەن بولسىمۇ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن باشقا ئەمگەكلىرى زاماننىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدىن ئامان قالمىغان. قولىمىزدا بار بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» مۇ ئالىمنىڭ ئەسلى قوليازمىسى بولماستىن، بەلكى خېلى يىللاردىن كېيىن ئىلىم ئاشىنالىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان قوليازمىلارنىڭ بىرىدۇر. بىز ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى قوغداپ قالالمىغانلىقىمىزدىن ئەپسۇسلىنىمىز، ﻫەقتىن گۇناﻫىمىزنى تىلەيمىز.
مەﻫمۇد كاشغەرىي بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۆلمەس ئەسىرى - «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئەسلى قوليازمىسىنى مىلادىيە 1074 - يىلى تولۇق تاماملاپ، ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى - ئۇبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بى ئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
مەﻫمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئەسىرىنى خەلىپىگە تەقدىم قىلىشىنى مۇنداق چۈشىنىش مۇمكىن:
پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ئورنىغا ئولتۇرغان ئەرەب خەلىپىسى پەقەت ئەرەب دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي داﻫىيسى ﻫېسابلىناتتى. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، مۇسۇلمان ئالىمى بولغان مەھمۇد كاشغەرىيمۇ ئۆز ئەسىرىنى خەلىپىگە تەقدىم قىلىشنى بۇرچ دەپ بىلگەن بولسا كېرەك (ياكى باشقا سەۋەب باردۇر، بۇنىسى پەقەت ئاللاﻫقا مەلۇم).
مەﻫمۇد كاشغەرىي مىلادىيە 1105 - يىلى ۋاپات بولغان، مۇبارەك جەسىتى ﻫايات چېغىدا مۇدەرىسلىك قىلغان ئوپال ئازىغتىكى «مەﻫمۇدىيە مەدرىسى» نىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. بۇ جاي ﻫازىر ئىلىم ئاشىنالىرىنىڭ دائىملىق زىيارەتگاﻫىغا ئايلاندى.
تۆۋەندە ئالىمنىڭ نەسەبنامىسى بايان قىلىنىدۇ.
مەﻫمۇد كاشغەرىينىڭ ئەجدادلىرى
(ئەۋلادتىن ئەجدادقا قاراپ تىزىلدى)
1. مەﻫمۇد كاشغەرىي
2. ﻫۈسەيىن بۇغراخان
3. مۇﻫەممەد ئارسىلانخان
4. يۈسۈپ قېدىرخان (يۈسۈپ قادىرخان)
5. ﻫارۇن بۇغراخان (ﻫەسەن بۇغراخان)
6. سۇلايمان بۇغراخان
7. سۇتۇق بۇغراخان
8. بازېر ئارسىلانخان
9. كۆل بىلگە قادىرخان (پانتېكىن ؟)
...
ئالىپ ئەرتوڭا ؟ (ئافراسىياپ)
مەﻫمۇد كاشغەرىينىڭ ئەۋلادلىرى
(ئەۋلادتىن ئەجدادقا قاراپ تىزىلدى)
1. ئىمىر ﻫۈسەيىن (ﻫۆسىيىن) قازى ﻫاجىم
2. ﻫاجى قۇتلۇق شەۋقى
3. ئابدۇرېﻬىمبەگ ﻫاجىم (ئابدۇرېﻬىم نەزارىنىڭ نەۋرىسى)
4. مۇسا باي (ئابدۇرېﻬىم نەزارىنىڭ كۈيئوغلى)
5. ئۆمەر ئەتتار
6. قۇتلۇق شاﻫئەئلەم
7. توختى پالۋان
8. موللا باقى ئاخۇن خەلپىتىم
9. ئەلقۇت ۋەلى خوجا ئىشان
10. موللا مۇﻫەممىدى مۇپتى ئاخۇنۇم
11. ئۆمەر قازى ئاخۇنۇم
12. خوجا ئابدۇراﻫمان خەلپەم
13. موللا يۇنۇس خەلپىتىم
14. ئىبراﻫىم ﻫاجى مەۋلەۋى
15. مۇﻫەممەد رېﻬىم شەيىخ
16. ئابدۇرېشىت شەيىخ
17. ئىسمايىلخان
18. ئابدۇمۆمىن شەيىخ
19. قۇتلۇق خوجا
20. ئابدۇراﻫمان مۇپتى
21. مۇﻫەممەد ئىمىن خوجا
22. خەلپەت مىرزا
23. ئىمىر ﻫۈسەيىن مەۋلەۋى
24. مەﻫمۇد غازى بەگ
25. مۇﻫەممەدخان
26. ئەبۇئەلى شەيىخ
27. ئەلقۇت شەيىخ
28. مۇسا خەتمە گەردە
29. ئابدۇكېرىمخان
30. ئوسمانخان
31. ﻫەسەن خان مىرزا
32. يۈسۈپخان سۇدۇر
33. سۇلايمان ئالىپ تېكىن
34. مەﻫمۇد كاشغەرىي
(مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار ئۈچۈن، مۇنبەر ژۇرنىلىنىڭ 2002 - يىللىق 1 - سانىغا، 2005 - يىللىق 3 -، 5 - سانلىرىغا، «ئىلىم ۋە ئالىم» ناملىق كىتابقا قارالسۇن. بۇ يەردە مەندىن بۇرۇن قەلەم تەۋرەتكەن قەلەم ساﻫىبلىرىغا يۈرىكىمدىن تەشەككۇر بىلدۈرىمەن، ئاللاﻫ ئۇلارغا رەﻫمەت قىلسۇن!)
ماقالە ئاپتورى: قىسمەت، رەسىملەر توردىن يىغۋىلىپ كىرشتۈرۈلگەن