ئۇيغۇرلارنىڭ مۇڭغۇللارغا مەدەنىيەت-يېزىق جەھەتتە ياردىمى ئاز بولمىغان. بۇ جەھەتتە سۆز بولغاندا ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى،پىداگوك ۋە يېزىقشۇناش تاتاتۇڭانى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ . تاتاتۇڭا قوچۇ ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ ،دادىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئەجدادى تۇڭا ئالىپ ئەرنىڭ نامىنى يادلاپ تۇرۇش ئۈچۈن بالىسىغا ‹‹قاپلانغا ئوخشاش ،باتۇر ئادەم ››دېگەن ‹‹تۇڭا››دىگەن ئىسىمنى قويغان .ئۇ يۈكسەك قابىلىيەتلىك بولۇپ ،چىڭگىزخان (مۇڭغۇلچە خانلارنىڭ خانى ،پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ،شاھىنشاھ دېگەن مەنىدە )شەرقنى ئىستىلا قىلپ غەرپكە يۈرۈش قىلىۋاتقان ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈۋاتقان دەۋردە ياشىغان .شۇ چاغدا ئەمدىلا باش كۆتۈرىۋاتقان مۇڭغۇللارنىڭ تېخى ئۆز يېزىقى يوق ئىدى .بەزى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئۆزىگە قوشنا بولغان غەربىي رايۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ قەلەم خىزمىتىگە قويغان .تاتاتۇڭا ئاددىي خەلق ئىچىدىن چىققان ‹‹ئەقىللىق ،سۆزمەن››كىشى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلگەندىن تاشقىرى مۇڭغۇل تىلىنىمۇ بىلەتتى.شۇڭا ،نايمان قەبىلىسى ئۇنى مۇھىم خىزمەتكە تەكلىپ قىلغان.چىڭگىزخان ئەسكەر تارتىپ نايمان قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغاندا ،تاتاتۇڭا چىڭگىزخانغا تەۋە بولغان . چىڭگىزخان دەسلەپتە ،تاتاتۇڭا باشقۇرۇۋاتقان خەزىنە تامغىسىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەندە ،تاتاتۇڭا بۇنى ئىزاھلاپ ‹‹پۇل سەرپ قىلىپ ،ئاشلىق سېتىۋېلىش ،ئىقتىساسلىق كىشىلەرنى ئىشقا قويۇش يولىنى تۇتقاندا ،ھەممە ئىشنى ئاقتۇرغىلى بولىدۇ ،باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ ››دېگەن. چىڭگىزخان بۇ ئىشنى ئورۇنلۇق دەپ بىلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، يارلىق چىقىرىشتا تامغا ئىشلىتىدىغان بولغان ،تاتۇڭانى يەنىلا تامغا تۇتقۇچى ئەمەلدار قىلىپ بەلگىلىگەن. بىر كۈنى چىڭگىزخان تاتاتۇڭادىن، ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق بىلەمسىز ،دەپ سورىغاندا ،تاتاتۇڭا كەمتەركىك قىلىپ تۇرمايلا،ئەينەن جاۋاپ بەرگەن. چىڭگىزخان ئۇنى مۇڭغۇل تىلىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىشقا بۇيرىغان.بۇ سۆز ،ئېيتماققا ئاسان بولغان بىلەن ،ئەمەلىيەتتە ،تاتاتۇڭادىن مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىق ئىدى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس ئىدى .لېكىن ،تاتاتۇڭا بۇ ۋەزىپىنى قۇبۇل قىلغان .ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدىكى چوڭقۇر مەلۇماتى بىلەن مۇڭغۇل تىلى ھەققىدىكى مول بىلىمىگە ،ئەقىل-پاراسىتى ۋە بېرىلىپ ئۆگىنىش روھىغا تايىنىپ ،ئاخىر ئۇيغۇرچە ھەرپ ئاساسىدىكى مۇڭغۇل ئېلىپبەلىك يېزىقىنى ئىجاد قىلغان .يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قوشۇپ يېزىلىدىغان ،قۇرلىرى سولدىن ئوڭغا قاراپ باشلىنىدىغان بۇ يېزىق مۇڭغۇل مىللىتى ئارىسىدا ناھايىتى تىزلا ئۇمۇملاشقان .‹‹نىڭدىن باشلاپ مۇڭغۇللار ...يېزىق قوللىنىپ، ‹يېزىق يوق › دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىغان . مۇڭغۇللارنىڭ ئۆز مىللىي يېزىقى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ،چىڭگىزخان تاتاتۇڭاغا تېخىمۇ ئىشەنگەن ھەم ئاقسۆڭەكلەر پەرزەنتلىرىگە ،جۈملىدىن ئۆز ئوغلىغا تاتاتۇڭادىن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.ئۇلار «ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆگۈنىۋالغان››.شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى ،تاتاتۇڭا مۇڭغۇل مىللىتى ئۈچۈن تۇنجى تۈركۈمدىكى زىيالىلارنى يېتىشتۈرگەن . تاتاتۇڭا ئىجاد قىلغان مۇڭغۇل يېزىقى مۇڭغۇللارنىڭ سىياسىي ،ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتى.چىڭگىزخان شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ،يارلىقلارنى يازما شەكىلدە چىقىرىدىغان بولدى .«يارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە تاتاتۇڭا تامغىسىنى باساتتى››،مۇڭغۇل ئەمەلدارلىرى نۇپۇس تىزىملاش ،ئەنزىلەرنى خاتىرىلەش ،پەرمەنلارنى يېزىش ئىشلىرىدا يېزىق قوللىنىدىغان بولدى ؛مۇڭغۇل قوشۇنلىرى ئىچىدە «پۈتۈكچى››يەنى كاتىپ قويۇلدى .مۇڭغۇللار ئىپتىدائىي جەمىيەتتىن بىراقلا مەدەنىيەتلىك جەمىيەتكە قەدەم قويدى .مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ تارىخى ،ئەدەبىي جەھەتتىكى بۈيۈك ئۆلمەس ئەسەر «مۇڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى››تاتاتۇڭا مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ 30يىلدىن كېيىن ،يازما شەكىلدە مەيدانغا كەلدى . كېيىن ،«خان ئۇستازى››باسبا يۈەن سۇلالىسىنىڭ خاقانى قۇبلاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن،مۇڭغۇل يىڭى يېزىقىنى (كېيىنكىلەر «باسبا يېزىقى»دەپ ئاتىغان )ئىجاد قىلدى ،ئەمما بۇ «باسبا يېزىقى››يۈەن سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا بىر مەزگىل ئىشلىتىلىپلا ،ئۈن-تىنسىز يوقالدى،ۋاھالەنكى،تاتاتۇڭا ئىجاد قىلغان مۇڭغۇل يېزىقى كېيىنكىلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ،تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى.شۇڭا ،ئۇ مۇڭغۇلار تەرىپىدىن تا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە . |