ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە
كۆرۈش: 550|ئىنكاس: 4
go

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە

توردا
285سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
505 
تېما
120 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 21:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىربى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىگە، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، رۇسىيە ۋە كانادادىن قالسىلا، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ.

  جۇڭگونىڭ زېمىنى شىمالدا غەربتە موخېنىڭ شىمالىدىكى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسى (شىمالىي كەڭلىك 53°30′) دىن جەنۇبتا نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى زېڭمۇئەنشا (شىمالىي كەڭلىك 4°) غىچە، 49 گرادۇستىن ئارتۇقراق كەڭلىكنى ھالقىيدۇ؛ شەرقتە خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بىلەن ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ كېسىشكەن جايى(شەرقىي مېرىدىيان135°05′)دىن غەربتە پامىر ئېگىزلىكى(شەرقىي مېرىدىيان 73°40′)گىچە بولۇپ، مېرىدىئان 60 گرادۇستىن ئارتۇقراق مېرىدىياننى ھالقىيدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئارىلىقنىڭ ھەممىسى 5 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

  جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 22 مىڭ 800 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، شەرقتە چاۋشيەن، شىمالدا موڭغۇلىيە، شەرقىي شىمالدا رۇسىيە، غەربىي شىمالدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان بىلەن، غەرب ۋە غەربىي جەنۇبتا ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، نېپال، بۇتان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا بىرما، لائوس، ۋىيېتنام بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبتا كورېيە، ياپونىيە، فىلىپپىن، برۇنېي، مالايشىيا، ھىندونېزىيە بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

  جۇڭگو دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2008-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 328 مىليون 20 مىڭغا يەتكەن. جۇڭگو يەنە دۇنيادىكى نوپۇس زىچلىقى بىر قەدەر يۇقىرى دۆلەت بولۇپ، ھەر كىۋادرات كىلومېتىرغا توغرا كېلىدىغان نوپۇس زىچلىقى 134 ئادەم؛ لېكىن تارقىلىشى تەكشى ئەمەس. پىلانلىق تۇغۇت جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى



  جۇڭگودىكى مىللەتلەر

  جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت، ھازىرغىچە، ئايرىلغان ھەم جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان مىللەتتىن 56سى بار. جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى نوپۇس جەھەتتىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ. باشقا 55 مىللەتنىڭ نوپۇسى ئازراق، ئادەتتە «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتىلىدۇ. 2000-يىلدىكى 5-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ نوپۇسى 104 مىليون 490 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 8.41 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.

دىن

   جۇڭگو كۆپ دىنلىق دۆلەت بولۇپ، ئاساسلىق دىنلاردىن بۇددا دىنى، تەرىقەت دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى ۋە خرىستىئان دىنى بار. جۇڭگو پۇقرالىرى دىنغا خالىغانچە ئېتىقاد قىلسا بولىدۇ.

  جۇڭگودىكى بايراملارجۇڭگودا قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملاردىن: يېڭى يىل، چاغان، خەلقئارا خانىم قىزلار بايرىمى، كۆچەت تىكىش بايرىمى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، جۇڭگو ياشلار بايرىمى، خەلقئارا سېسترالار بايرىمى، بالىلار بايرىمى، ج ك پ قۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنى، ئارمىيە بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، دۆلەت بايرىمى ۋە مۇخبىرلار بايرىمى قاتارلىقلار بار. جۇڭگونىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن چاغان، پانۇس بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.




مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15140326.html



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozyarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-3 21:48

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
355 
تېما
36 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 22:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت،بەك ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ،ئويلىسام تېمىدىكى كۆپ بىلىملەرنى مەن بىلىدىكەنمەن،بولسا سەئۇدى ئەرەبىستانى توغرىسىدا بىرنى ئەۋەتكەن بولسىڭز؟؟؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
674سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
16 
يازما
538 
تېما
65 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 22:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممەيلەن دۆلىتىمىزنى سۆيىمىز. دۆلىتىمىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىغاي. دۇنيادىكى ئالتە ئادەمنىڭ بىرى ئاچ قىلىۋاتقان، دۇنيا خاراكتىرلىق ئىقتىسادى كىرزىس،تەبىئىي ئاپەت كۆپ بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز ياخشى تاقابىل تۇرۇپ خەلق تۇرمۇش سەۋىسىنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىغا، ئىقتىسادنىڭ ئىزچىل ئىشىشغا كاپالەتلىك قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. خەۋەر كۆرۈپ ئاشۇ ئاچ يالىڭاچ قىلىۋاتقان، ئۇرۇش، تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان بىچارە خەلقلەرنى كۆرگەندە دۆلىتىمىزنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ھىس قىلىمەن.
بۇ يىل ئەجەپ غەلىتە بىر يىل بولدى

توردا
285سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
505 
تېما
120 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 23:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈندە بىرنى ئەۋەتىمەن...
سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەتە يوللاي...

بولۇپمۇ دۆلىتىمىز مۇشۇ قېتىمدىكى ئىقتىسادى كىرزىستا،ئۆز قۇدرىتىنى بىر قېتىم نامايەن قىلىپ قويدى...

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 00:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش PAKZAT0992 نىڭ يازمىسى

سەئۇدى ئەرەبىستانىڭ ئەھۋالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەھۋالى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:26

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.