ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 980|ئىنكاس: 9
go

ئۆزبېكىستان

توردا
285سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
505 
تېما
120 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-1 21:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

دۆلەت بايرىقى

  مۇستەقىللىق كۈنى: 1-سېنتەبىر (1991-يىلى)

  دۆلەت ئەربابلىرى: زۇڭتۇڭ ئىسلام كەرىموۋ، 1991-يىلى 12-ئايدا سايلانغان، 2000-يىلى 1-ئايدا قايتا سايلانغان، 2007-يىلى 12-ئايدا 3-قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.

  جۇغراپىيەلىك شارائىتى: ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، غەربىي شىمالىدا ئارال دېڭىزى بار، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 447 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر. زېمىنىنىڭ شەرقى ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، تۈزلەڭلىك، پەس جايلار ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %80ىنى ئىگىلەيدۇ، كۆپ قىسمى غەربىي شىمالدىكى قىزىلقۇم قۇملۇقىغا جايلاشقان. شەرقى ۋە جەنۇبىي قىسمى تەڭرىتاغ سىستېمىسى ۋە گىسسار ئالاي تاغ سىستېمىسىنىڭ غەربى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ئىچكى قىسمىدا داڭلىق پەرغانە ئويمانلىقى ۋە زەرەفشان ئويمانلىقى بار. دۆلەت چېگراسى ئىچىدە تەبىئىي بايلىق ئىنتايىن مول بولغان مۇنبەت قىيپاش ئويمانلىقلار بار. ئاساسلىق دەريالىرىدىن ئامۇ دەرياسى، سىر دەرياسى ۋە زەرەفشان دەرياسى بار. ئىقلىمى ئېغىر قۇرغاق قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە.

دۆلەت گىربى




  مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: مەملىكەت بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت(قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى)، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر(تاشكەنت) ۋە 12 ئوبلاستقا بۆلۈنىدۇ. ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، 26 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسى بار، ئۆزبېكىستاندا 130نەچچە مىللەت بار بولۇپ، ئۆزبېكلەر %78.8نى، رۇسلار %4.4نى، تاجىكلار %4.9نى، قازاقلار %3.9نى، تاتارلار %1.1نى، قاراقالپاقلار %2.2نى، قىرغىزلار %1نى، چاۋشيەنلەر %0.7نى ئىگىلەيدۇ. باشقا مىللەتلەردىن يەنە ئۇكرائىن، تۈركمەن ۋە بېلارۇس قاتارلىقلار بار. ھۆكۈمەت تىلى ئۆزبېك تىلى(ئالتاي تىلى سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى تارمىقىغا تەۋە) بولۇپ، رۇس تىلى ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. ئاساسلىق دىنى ئىسلام دىنى بولۇپ، سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە، ئۇنىڭدىن قالسا، پراۋۇسلاۋىيە دىنى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ

  قىسقىچە تارىخى: ئۆزبېكىستان ئۇزاق تارىخقا ئىگە دۆلەت. مىلادى 9-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ئۆزبېك مىللىتى شەكىللەنگەن. 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تېمۈرىيلەر خانىدانلىقى غايەت زور ئىمپېرىيەنى قۇرۇپ، سەمەرقەند(ھازىر ئۆزبېكىستاندىكى 2-چوڭ شەھەر)نى پايتەخت قىلغان. 1917-يىلىدىكى رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن، ئۆزبېكىستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان، 1924-يىلى 10-ئايدا ئۆزبېك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان. 1991-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق جاكارلىغان، شۇ يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل دۆلەت سالاھىيىتىدە م د ب غا ئەزا بولغان.


مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15140351.html

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
73 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 02:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىلىگە ئوزبىكىستاننى ئازراق بولسىمۇ چۇشىنۋالدىم

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
491 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 16:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ياخشى تىمىكەن .ئازىراق بولسىمۇ چۇشۇنىۋالدىم ئۆزبەكىستاننى.

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
14 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 17:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە ئۆزبىگىستان توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگەبولدۇم . مىنڭ ئۆزبىگىستانغا بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى . سىز ئۆزبىك تىلىنى بىلەمسىز؟

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1220 
تېما
186 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 17:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۆزبىكىسىتاننى ئازراق بولسىمۇ چۈشنىش ھاسىل قىلىغان يازمىڭىزغا رەخمەت

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
232 
تېما

تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 18:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 0998cn نىڭ يازمىسى

رەھمەت ..ئۆزبىكىستاننى چۇشەندۇرۇپ قويغىنڭىزغا

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1220 
تېما
186 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 19:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش abdusali نىڭ يازمىسى

ھەي ئۆزبىكىستاننى مەن چۈشەندۈرۈپ قويمىدىم تىما ئىگىسى چۈشەندۈرۈپ قويدى سىز بەك قىزىزىقىچىكەنسىز

توردا
285سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
505 
تېما
120 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 20:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش yiganaburkut نىڭ يازمىسى

ئازراق بىلىمەن،ئىش قىلىپ ئۆزەمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن...

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 11:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
زەرەفشان دەرياسى ئۇيەردىمۇ باما؟

توردا
92سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
531 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-24 14:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خېلى ئەجىرقىلىپسىز قۇلڭىزغا دەت كەلمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:26

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.