- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-25
- تىزىملاش
- 2010-10-5
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 113سائەت
- جۇغلانما
- 849
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 138
- تېما
- 65
- توردا
- 113سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 3
- يازما
- 138
- تېما
- 65
|
سوقا

بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار  سوقا ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن، يەرلىك ئۇسۇلدا شال ئاقلاش ئۈسكۈنىسى. سوقا قول سوقىسى، تەپمە سوقا، سۇ سوقىسى، دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
سۇ سوقىسى
سۇ سوقىسى كويلا، تاناي، غولۋا، چاقپەلەك، زەگىندە، بوي، چاناق قاتارلىق بۆلەكلەردىن تۈزۈلىدۇ. كويلا بىلەن غولۋىنىڭ تۈزۈلۈشى تۈگمەننىڭكىگە، زەگىندە بىلەن بوي تەپمە سوقىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مۇھىم قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىچە:
نور(قەدىمكى تىلىمىزدا تاناي دېيىلگەن، ھازىرمۇ كۆپ مويسىپىتلىرىمىز تاناي دەپ ئاتىشىدۇ) توغرا نور، ئۆرە نور دەپ ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپىدىغان، سۇ كۈچىنى چاقپەلەككە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسىي قۇرۇلما. توغرا تاناي تېرەك ياغىچىدىن ئويۇپ ياكى قېلىن تاختايدىن مىخلاپ ياسىلىدۇ. چوڭ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 40 سانتىمېتىر، كىچىك ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى 30 – 20 سانتىمېتىر بولىدۇ. ئۇ كويلىنىڭ يان باغرىغا يانتۇ ھالەتتە(تۈگمەن نورىغا ئوخشاش) ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. چوڭ ئېغىزى كويلا تېگىگە، كىچىك ئېغىزى ئۆرە نور(تاناي)نىڭ چوڭ ئېغىزىغا توغرىلىنىدۇ.
ئۆرە نور(تاناي) تېرەك ياغىچىنىڭ غولىدىن يېيىق ھالەتتە ئويۇپ ياسىلىدۇ، ئىچكى ئويمىسى تۆت قىرلىق نور شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭ چوڭ ئېغىز ئۆلچىمى 20 – 30 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، چوڭ ئېغىزى توغرا نورنىڭ كىچىك ئېغىزىغا توغرىلىنىدۇ. قۇيرۇق تەرىپى غولۋا تېگىدىكى تەگلىك تاشقا تاقىلىدۇ. ئۆرە نور(تاناي) نىڭ يېيىق قىسمى چاقپەلەك قانىتىغا ئۇدۇل، بىر يېرىم مېتىر ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. چاقپەلەك قانىتىنىڭ 40 سانتىمېتىر قىسمى دەل مۇشۇ ئوچۇق جايدىن ئۆرە تاناي ئىچىگە كىرىپ تۇرىدۇ ۋە سۇنىڭ بېسىمىنى كۈچلەندۈرۈپ، چاقپەلەك ئوقىنى ئايلاندۇرىدۇ. چاقپەلەك قانىتىنى ئايلاندۇرۇپ ئاققان سۇ سوقا ئويى ئاستىدىكى غولۋا ئارقىلىق ئېقىپ كېتىدۇ.
چاقپەلەك قانىتى سۇنىڭ بېسىمىدا ئايلىنىپ بوينى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، تەكىيە(ئوقىنىڭ ئاستىغا قويۇلغان كۆتەك)، ئوق، قانات، پەشپا قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ.
سۇ سوقىسىنىڭ چاناق تۈزۈلۈشى تەپمە سوقا چانىقىنىڭكىگە ئوخشىشىدۇ. بىراق سىغىمچانلىقى چوڭ بولۇپ، 100 كىلوگرامچە شال سىغىدۇ. سۇ سوقىسى دەسلەپكى قول سوقىسى ۋە تەپمە سوقىغا قارىغاندا مېخانىكلاشقانلىقى، چاقپەلەكنىڭ ئايلىنىشى تېز، شال سىغدۇرۇشى كۆپ بولغانلىقى، مۇھىمى، سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شال ئاقلاش ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى. چۈنكى سۇ سوقىسىنىڭ چاقپېلىكىگە، ئادەتتە، تۆت پەشپا، تۆت بوي، تۆت چاناق سەپلىنىدىغان بولۇپ، ئوق ھەر بىر ئايلانغاندا ھەر بىر بوي بىر قېتىم ھەرىكەتلىنىدۇ. بەزىدە چاقپەلەككە ئىككى تال پەشپا، ئىككى بوي، ئىككى چاناق ئورنىتىلىدۇ.
مەشغۇلات تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ياغاچ نوردىن كۈچلۈك بېسىم بىلەن چۈشكەن سۇ چاقپەلەكنى ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ كۈچىدە ئوق پالىقىمۇ ئايلىنىپ، بوي ياغاچنىڭ سىرتىغا قارىتىلغان ئۇچىنى بېسىپ بوي ياغاچنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ. بىرىنچى پاي سوقا بوي ياغىچى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ئوق پالىقىدىن ئايرىلغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۇمشۇق شال قۇيۇلغان چاناققا ‹‹گۈپ›› قىلىپ چۈشىدۇ. ئارقىدىنلا 2 – پاي سوقا بوي ياغىچى چاناققا چۈشىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ياغاچلار نۆۋەت بىلەن كۆتۈرۈلۈپ چۈشۈپ، تۇمشۇق چاناقتىكى شالنى قاسرىقىدىن ئايرىيدۇ. شال %50 ئاقلانغاندىن كېيىن، سوقىچى(شال ئاقلىغۇچى) بوي ياغاچ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەندە ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ئۇنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، گۈرجەك سېپى چوڭلۇقىدىكى تاياقچىنىڭ بىر ئۇچىنى چاناقنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كاۋاكچىغا، يەنە بىر ئۇچىنى بوي ياغاچنىڭ كاۋاكچىسىغا كىرگۈزۈپ تىرەپ قويۇپ، بىر پاي سوقىنى توختىتىدۇ. قالغان ئۈچ پاي سوقا توختىماي مېڭىۋېرىدۇ. توختىتىلغان سوقىنىڭ چانىقىدىكى %50 ئاقلانغان شال ئەگرى گۈرجەك بىلەن چىقىرىۋېلىنىپ، بورانچىغا قۇيۇلىدۇ(بورانچى چوڭ ساندۇق شەكلىدە ياسىلىپ، ئىچىگە نېپىز تاختايدىن چاقپەلەك شامالدۇرۇغۇچ ئورنىتىلىدۇ)، شامالدۇرغۇچ قول بىلەن تېز ئايلاندۇرۇلىدۇ. ساندۇقنىڭ يېرىقچىسىدىن چۈشكەن شالنىڭ قوغانى بورانچىنىڭ ئارقا تەرىپىگە، گۈرۈچ بورانچىنىڭ ئاستىغا چۈشىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ھەر بىر پاي سوقا توختىتىلىپ، ئېلىنغان يېرىم ئاقلانغان شال بورانچىدا سورۇلۇپ، قايتا – قايتا سوقىغا سېلىپ سوقۇلۇپ، سورۇلۇپ پاكىز گۈرۈچ ئايرىۋېلىنىدۇ.
بۇنداق سوقىلار توختىماي ھەرىكەتلەنسە، بىر سوتكىدا تەخمىنەن 1000 كىلوگرام شالنى ئاقلاشقا بولىدۇ. سوقىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي بولسىمۇ، ھەرىكىتى قوپال، ئاسان كاشىلا چىقىپ، بۇزۇلۇپ تۇرىدىغان، خەتىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭدا تېنى ئاجىز كىشىلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ مەشغۇلات قىلىشى چەكلىنىدۇ.
قول سوقىسى
قول سوقىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي بولۇپ، سوقا كۆتىكى ۋە توقماقتىن تەشكىل تاپىدۇ. سوقا كۆتىكى ئۆرۈك، چىلان، ئۈجمە ياغاچلىرىدىن ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم مېتىر، دىئامېتىرى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ياسىلىدۇ. كۆتەك توغرا كەسمە يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن 40 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئويۇلىدۇ. ئويۇقنىڭ تېگى يېرىم شار شەكلىدە، ئۈستى سىلىندىر شەكلىدە، دىئامېتىرى 25 – 30 سانتىمېتىر بولىدۇ. كۆتەك ئويۇقى ئۈستىگە قارىتىلىپ يەرگە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. توقماق دەستە ۋە تۇمشۇقتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، شەكلى بازغانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. قول سوقىسىدا شال ئاقلىغاندا، توقماقنىڭ ئۇزۇن تۇمشۇقى چاناقتىكى شالغا ئۇرۇلىدۇ. شال پاكىز تازىلىنىپ بولغاندا، سورۇپ قۇرۇتۇلىدۇ. ئاندىن توقماقنىڭ تۇمشۇقى ئۇچىدا قايتا – قايتا سوقۇلۇپ، شال پوستى چىقىرىۋېتىلىپ، گۈرۈچ ئايرىۋېلىنىدۇ.
تەپمە سوقا
تەپمە سوقا بوي، زەگىندە ۋە چاناق قاتارلىق ئاساسىي بۆلەكتىن تۈزۈلىدۇ. بوينىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، چوڭ باشنىڭ دىئامېتىرى 18 سانتىمېتىر، كىچىك باشنىڭ دىئامېتىرى 12 سانتىمېتىر بولۇپ، تېرەك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ بېشى چاناققا توغرىلىنىدۇ. كىچىك بېشى زەگىندىدىكى تىزلىققا مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. تىزلىق سىرتىدىكى قىسمى تاپانلىق(دەسسىلىدىغان يەلكە) قىلىنىدۇ. بوينىڭ چاناققا توغرىلانغان چوڭ بېشىغا تۇمشۇق ئورنىتىلىدۇ. تۇمشۇق ئۈجمە ياغىچى، جىگدە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ.
زەگىندە چاناقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سۇ سوقىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئوخشايدۇ.
تەپمە سوقىنىڭ چاناق سىغىمچانلىقى كىچىكرەك بولۇپ، 40 – 50 كىلوگرام ئەتراپىدا شال سىغىدۇ.
مەشغۇلاتى: مەشغۇلات قىلغۇچى تۇتقۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى بىر پۇتىغا چۈشۈرۈپ بوي تاپانلىقىغا دەسسەيدۇ. بوينىڭ تاپانلىق بېشى ئېغىرلىق كۈچ تەسىرىدىن تۆۋەنلەپ ئاخىرقى نۇقتىغا يەتكەندە، مەشغۇلات قىلغۇچى دەسسەپ تۇرغان پۇتىنى يۆتكەپ، تاپانلىقنى تېز قويۇپ بېرىدۇ. مەشغۇلات قىلغۇچى ھەر قېتىم پۇتىنى يۆتكىگەندە كۆتۈرۈلگەن توقماق چاناققا چۈشۈپ، شال پوستىنى ئاجرىتىدۇ. دېمەك، تاپانلىققا پۇتنى يۆتكەپ دەسسەش ئارقىلىق چاناققا توقماقنىڭ چۈشۈشى تەكرارلىنىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى
|
|