- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-26
- تىزىملاش
- 2010-4-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 162سائەت
- جۇغلانما
- 775
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 169
- تېما
- 121
- توردا
- 162سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 8
- يازما
- 169
- تېما
- 121
|
مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى
ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى
مۇھەررىردىن
مەدەنىيەتلىك ئەللەردىكى ساپالىق خەلق گۈزەل ئەخلاقنى ئىنسان ھاياتىدا ئېسىلزادەلەرچە، بەختلىك ياشاشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى، گۈزەل ئەخلاق مۇنداق مۇھىم ئامىللاردىن تەركىب تاپىدۇ، دەپ قارايدۇ:
ئەدەپ-قائىدەلىك، ۋاقتچانلىق (ۋاقت قاراشى يۇقىرى بولۇش)، مەسئۇلىيەتچانلىق، لەۋزىدە تۇرۇش، ساداقەتمەنلىك، ئاقىلانەلىك، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، مەردلىك-سېخىيلىق، سۆيگۈ-مۇھەببەتلىك، ساپ دىللىق، كۆيۈمچانلىق (ئىچ ئاغرىتىش)، مېھرىبانلىق، مۇلايىملىق، راستچىللىق، كەڭ قورساقلىق، كەمتەرلىك، پاكلىق، ھەققانىيلىق، باتۇرلۇق، مىننەتدارلىق (تەشەككۈر بىلدۈرۈش)، خۇش پېئىللىق (يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەت)، خىيانەت قىلماسلىق قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئەدەپ-قائىدەسىزلىك، ۋاقتقا رىئايە قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، لەۋزىگە ئەمەل قىلماسلىق، ۋاپاسىزلىق، نادانلىق، ئاچكۆزلۈك، نامەردلىك-بېخىللىق، لەنەت-نەپرەتلىك، ھىيلەگەرلىك، زالىملىق، شەپقەتسىزلىك، قوپاللىق، يالغانچىلىق، ئىچى تارلىق-ھەسەتخورلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، ناپاكلىق، ئادالەتسىزلىك، قورقۇنچاقلىق، قانائەتسىزلىك، توڭ قاپاقلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش قاتارلىقلار رەزىللىك ھېسابلانىدۇ.
بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت مىزانلارىمىز ئىچىدە، يۈرۈش-تۇرۇشقا قويۇلىدىغان ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلارى ئىنتايىن مۇھىم سالماق تۇتىدۇ. چۈنكى، سىز كۈندەلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئىجتىمائىي ئالاقەلەردە ناتونۇشلار، تونۇشلار ۋە ياقىن-يورۇقلارىڭىز بىلەن ھەر خىل سورۇنلاردا ئۇچراشىپ تۇرىسىز. بۇنداق ئۇچراشىشلاردا سىزنىڭ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلەدە بولۇشىڭىز ھەمدە قانداق تەسىر بەرىشىڭىز ئۆز ئوبرازىڭىزغا، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەت، ئوبرازىغا بارىپ تاقالىدۇ. دائىم سەمىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ھالقالىق پەيتلەردىكى ئەدەپ-ئەخلاق ئىپادەڭىز بىلەن پۈتۈن بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىسىز. تەھقىقكى، سىزنىڭ شەخسىي ئوبرازىڭىز بىلەن مىللەتىڭىزنىڭ ئوبرازى چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، بۇنداق يۈكسەك ئوبرازنى رەسساملار رەسىم سىزغانغا ئوخشاش سىزگە ئۆزگەلەر تىكلەپ بەرمەيدۇ، بەلكى ئۆزىڭىزگە، شۇنداقلا مىللەتىڭىزگە خاس بولغان ئوبراز-ئىناۋەتىڭىزنى سەمىمىيەتىڭىز، ئىخلاسمەنلىكىڭىز، ئالىيجانابلىقىڭىز بىلەن ساقلايسىز، ۋايىغا يەتكۈزىسىز ۋە ياراتىسىز.
جەمىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى كىشىلەر مۇئەييەن ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيەسىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىدىغان ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى ۋە جەمىيەت تەربىيەسى كۆرگەن ياكى كۆرۈۋاتقان بولسامۇ، ھەركىمنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىكى تەربىيەلەنىش دەرىجەسىدە مەلۇم پەرقلەر بولىدۇ. شۇڭا، بىز كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەدەپسىزلىك، ئەخلاقسىزلىك، پەزىلەتسىزلىك قىلمىشلارىغا دائىم دەگۈدەك دۇچ كەلىپ تۇرىمىز. بىر ئادەمنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەمەلىي ئىپادەسى ئۇنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىدىن، پەزىلەتىدىن بىشارەت بەرىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق جۇلالارى سۆز-ھەرىكەت، چىراي ئىپادەسى، ياسانىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىپادەلەنىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلارى ناھايەتى كۆپ بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مۇھىم نۇقتالارغا دىققەت قىلىش، ئەھمىيەت بەرىش زۆرۈر.
1. سالاملاشىش-كۆرۈشۈش ۋە ئولتۇرۇش-قوپۇش، سۆزلەشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلەلەر
1) كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كەتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارغا، ئۇلاغلىق كىشى پىيادەلەرگە، ئىشىكتىن كىرگۈچىلەر خانا ئىچىدىكىلەرگە سالام قىلماقى ئەۋزەلدۇر. سالام بەرگۈچىلەر «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئەھۋال سوراشى، سالامنى ئىلىك ئالغۇچىلار «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەيىش بىلەن ئەھۋاللاشىشى كەرەك. كىشىلەر بىلەن سالاملىشىش-كۆرۈشۈش ۋە خوشلاشىشلاردا كۈلۈمسىرەش، تەبەسسۇم قىلىش ياخشىراقتۇر. قول ئالىشىپ كۆرۈشكەندە، باشقالارنىڭ قولىنى بەك چىڭ قىسىۋېتىش ياكى خوشياقماغاندەك قول بەرىش، باشقا ئادەم بىلەن قول ئالىشىۋېتىپ تۇرۇقلۇق، يەنە باشقا ئادەمگە، باشقا ياققا قاراش، قول ئالىشىۋاتقان ئادەمگە ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك جۈملەسىگە كىرىدۇ. بىر ئائىلە ئەزالارى، قوشنالار ۋە بىر ئىدارەدە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلارنىڭ ئەرتەگەندە سالاملاشىپ ئەھۋال سوراشىدىغان، سىرتلارغا چىققاندا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە ئۆزارا ئامانلىق تىلەپ خوشلاشىدىغان ئادەتى ئەدەپ-ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. سالام بەرگەندە، ئوڭ قولىڭىزنى كۆكسىڭىزگە (قورساقىڭىز ياكى كىندىك ئەتراپىغا ئەمەس!) ئالىپ، باشىڭىزنى سەل ئەگىڭ.
2) ئولتۇرۇش-قوپۇش ھالەتىڭىز دۇرۇس بولسۇن. ئادەم بارلاكى جايلاردا، بولۇپمۇ ئامماۋىي سورۇنلاردا، ئولتۇرۇش ھالەتىڭىزنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا دىققەت قىلىشىڭىز كەرەك. مەسىلەن، باشقالارغا بەك ياقىن ئولتۇرۇش، سۈركەلىپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى ئۆز ئۇدۇلىغا قويماي باشقالارنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى باشقالارنىڭ پۇتىغا تەگكۈزۈش، پۇتىنى توختاماستىن لىكىلداتىش، باشقىلارنىڭ ئورۇندۇقى كەينىگە پۇتىنى ئالىۋېلىش، چاتىنى كەرىپ، پۇت ياكى يوتاسىنى ئاچىپ ئولتۇرۇش، نامۇۋاپىق ھالدا باشقالارغا كەينىنى قىلىۋېلىش، ئادەم بار يەردە قاقىرىپ تۈكۈرۈش، مىشقارىش، باشقالارغا قاراپ تۇرۇپ يۆتەلىش-چۈشكۈرۈش، كەرىلىش، قۇلاق-بۇرنىنى كولاش، چىشلارىنى تازالاش، ئاغزىنى توسۇۋالماي ئەسنەش، كىيىمىنى سالىپ قاقىشتۇرۇش، ئامماۋىي سورۇنلاردا ئاچچىقلانىش ياكى ھەددەدىن زىيادە تالىقىپ كۈلۈش، ۋارقىراش-جارقىراش، تېلېفونلاشىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.
ئاشخانا-رېستورانلارغا ياكى بىراۋنىڭ ئۆيىگە ۋە ياكى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ قاتارلىق جامائەت سورۇنلارىغا بارغاندا، تەكلىپ بويىچە ئۆز ۋاقتىدا بارىش، تەگىشلىك جايدىن ئورۇن ئالىپ ئولتۇرۇش، مويسىپىتلارنى ۋە چوڭلارنى، ئالىم-زىيالىيلارنى تۆرگە تەكلىپ قىلىش، تۆر تالاشماسلىق لازىم. سىرتتىن كىرگۈچىلەر ئولتۇرغانلارغا سالام بەرىپ، ئىمكان قەدەر ئولتۇرغانلارنى قوزغاۋەتمەستىن ئورۇن ئالىشى، ناۋادا ئۇلار غىزالانىۋاتقان بولسا، ئۇلار بىلەن قول ئالىشىپ كۆرۈشمەسلىكى كەرەك. ئەگەر سورۇندا كۆرۈشۈش زۆرۈر كىشىلەر بولسا، جامائەتنى ئارالاپ ئۇدۇل ئالدىغا بارىپ كۆرۈشۈشكە ئالدىراماسلىق، داستىخاندىن كەيىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشىش لازىم. باشقالارغا يۆلەنىپ ئولتۇرۇش ياكى بەدەنىنى ئۆزگەلەرگە تەگكۈزۈپ ئولتۇرۇش، قىستاش، دىۋاندا ئولتۇرغاندا سونايلانىۋېلىش، ئولتۇرغان پېتى ئۇخلاش، بىراۋ سىرتقا چىقىپ كىرىش ئۈچۈن ماڭسا ئۇنىڭ جايىدا ئولتۇرۇۋېلىش، يانىدا ئولتۇرغان بىراۋ بىلەن قانداقتۇر ئىشلار ئۈستىدە ۋالاقلاپ كۈلۈشۈش، بولماغۇر قىلىق چىقارىپ باشقالارنىڭ دىققەتىنى تارتىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممەسى ئەدەپسىزلىك جۈملەسىدىندۇر.
داستىخاندا ئاۋۋال چوڭلار مەزەگە قول ئۇزاتسۇن. تەخسەلەردىكى قورۇمالارنى چوكاڭىز بىلەن ئاستىن-ئۈستۈن ئۆرۈمەڭ، بىر نەرسەلەرنى ئىلغاماڭ. ئالدىڭىزغا ئايرىم قاچادا كەلتۈرۈلگەن غىزانى ئاشۇرۇپ قويماڭ، يەپ بولالماسلىق ئېھتىمالىڭىز بولسا، قاچاغا تەگمەي تۇرۇپ، ئېھتىياجىڭىزنى ساھىبخانغا ئايتىڭ. غىزا-تائاملارغا ۋە گېزەك، يەل-يەمىشلەرگە ئاچ كۆزلەرچە تەگىش قىلماڭ، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن تېتىپ كۆرسەڭىزلا كۇپايە.
ئۆيىڭىزگە مېھمان كەلگەندە، روھىي كەيپىياتىڭىزنىڭ نورماللىقىنى ساقلاشىڭىز، قىزغىن بولۇشىڭىز، قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنىڭ سىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتمەسلىكىڭىز، سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىكىڭىز ياكى سائەتكە تولا قاراماسلىقىڭىز،بالالارغا ياكى ئىت-مۈشۇك، توخۇ-ئۆردەكلەرگە ئاچچىقلانماسلىقىڭىز لازىم. باشقالارنى تائامغا، ئىچىملىك-چەكىملىكلەرگە زورلاش، قولنى يۇغاندا سىلكىش، يەمەكلىكلەرنى چاچىش، ئۇيەر-بۇ يەرىنى قاشلاش، قولىنى ياكى غىزا سايمانلارىنى يالاش، داستىخانغا دەسسەش، باشقىئالارنىڭ ئالدىدىكى يەمەكلىكلەرنى تارتىپلا ئالىۋېلىش، باشقالار غىزادىن قولىنى تارتماستىنلا قول سۈرتۈشكە باشلاش قاتارلىقلار ئەدەپ جۈملەسىدىن ئەمەس. غىزادىن كەيىن ئاۋۋال چوڭلار دۇئاغا قول كۆتۈرسۇن، ئاندىن چوڭلارنىڭ ئىشىكتىن چىقىشىنى كۈتۈڭ؛ ئاۋۋال ئىشىككە ياقىن ئولتۇرغانلار، ئاندىن تۆردە ئولتۇرغانلار ئىشىكتىن چىققانى مۇۋاپىق.
پۇت ۋە پايپاقنىڭ تازالىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ پۇت ۋە پايپاقىنىڭ تازالىقىغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئاياغىنى سالسالا سېسىق پۇراپ كەتىدىغانلىقىنى دائىم دەگۈدەك ئۇچراتىپ تۇرىمىز. سىز ئۆزگەلەرنىڭ گىلەم سالىنغان ئۆيلەرىگە، ئىشخانالارىغا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سورۇنلارغا كىرگەنىڭىزدە ۋەياكى كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، جەزمەن ئاياغىڭىزنى سالىۋېتىشىڭىزغا توغرا كەلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا پايپاقىڭىزدىن پۇراق چىقسا، سىزنىڭ بۇنداق بولماغۇر ئادەتىڭىز تەبىئىي ھالدا باشقالارنى بىزار-بىئارام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىگەسى ئىشىك-دەرىزەلەرنى ئاچىۋېتىشى، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئوزىڭىزمۇ ئوسال بولىسىز. ئادەتتە پۇت پۇراش ناھايەتى ئاز ساندىكى پۇت تەرلەش كەسەللىكىدىن كۆرۈلسە، كۆپ ساندىكىلىرى ئاخشامى پۇت ۋە پايپاقنى يۇيۇۋەتمەي ياتىشتەك ناچار ئادەتتىن كەلىپ چىقىدۇ. دەمەك، ھەر كۈنى ئاخشامى پۇت ۋە پايپاقنى يۇماسلىق، ئاياغنى پاكىزە تۇتماسلىق، ھەتتا گىلەم، كۆرپەلەرنىڭ ئۈستىگە ئاياغ بىلەنلا چىقىپ ئولتۇرۇش قاتارلىقلار ئەدەپ-قائىدەگە يات ئىللەتلەردۇر.
تاماكا چەكىش ئادەتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقالارنىڭ ئۆيىدە، ئىشخانادا، تاماكا چەكمەيدىغانلار قاشىدا، ئامماۋىي سورۇنلاردا، خانىم-قىزلار، بالالار-ئۆسمۈرلەر ھەمدە مويسىپىت-چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. بۇ جەھەتتە، چەت ئەللەردىكى بەزى ئەدەپ-قائىدەلەر بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. چەت ئەللەرنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلملەرىدىن شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز: تاماكا چەكمەكچى بولغان بىر كىشى ئۆي-خانالاردىلا ئەمەس، بەلكى دەم ئالىش، كۆڭۈل ئاچىش سورۇنلارى، باغچالاردا، ھەتتا ئوچۇقچىلىقلاردامۇ يانىدىكى ھەمراھىدىن: «يانىڭىزدا تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟» دەپ ئىجازەت سورايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ يانىدا ئۆز مەيلىچە تاماكا چەكىشنى ئۆزگەلەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، باشقالارنىڭ ئىززەت-نەپسىگە تەگكەنلىك، كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك، دەپ قاراغانلىقىدىن بولغان. بىزدە ئامماۋىي سورۇنلاردا، كىشىلەرنىڭ يانىدا تاماكا چەكىش چەكلەنىدىغانلىقى ھەممەگە ئايان بولسامۇ، ئەمما بەڭگەلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە ئۇدۇل كەلگەن يەرلەردە تاماكا چەكىپ يۈرگەنىنى دائىم دەگۈدەك ئۇچراتىپ تۇرىمىز. سىزنىڭ ئەدەپسىزلىككە ياتىدىغان تاماكا چەكىشتەك ناچار ئادەتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ياكى تاماكا تاشلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ھوقۇقىڭىز ۋە باشقالارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيەتىڭىز باركى، ئۆز خۇمارىڭىزنى باسىش بەدەلىگە مۇھىتنى بۇلغاشقا، جۈملەدىن ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشكە زىنھار ھەققىڭىز يوق.
3) سۆزلەش ۋە سۆزلەشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلەلەر. يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملارىدىن بىرىدۇر. دانىشمەن ئاتا-بوۋالارىمىز «ئويناپ سۆزلەسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە» دەگەن ھېكمەتى ئارقالىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سۆزلەش ۋە سۆزلەشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىدىن بىزگە تەربىيە بەرگەن. سۆز خۇددى ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ، ئۇ ئاغىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كەيىن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ؛ سۆز خۇددى تۇغۇلۇپ بولغان بوۋاققا ئوخشايدۇ، قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇلىدۇكى، ئۇنى قايتادىن تۇغۇش-تۇغدۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس؛ سۆز خۇددى ئۆتكۈر تىغقا ئوخشايدۇ، يامان سۆز قەلبنى جاراھەتلەيدۇ، تەن جاراھەتىنى ساقايماق ئاسان، ئەمما قەلب جاراھەتىنى ساقايتماق تەستۇر. دەمەك، ئەدەپ-قائىدەگە مۇخالىپ كەلىدىغان سۆزلەردىن ھەربىر ئاقىل ئىگەسى ئۆزىنى چەكلەشى، ئاغىز قۇلۇپىنى ئاقىل-پاراسەت ئاچقۇچى بىلەن ئاچماقى توغرادۇر.
«يولۋاس ئىزىدىن يانماس، يىگىت سۆزىدىن» دەگەن ماقالدىكى «يىگىت» سۆزى ئەرلەر تائىپەسىگىلا قاراتىلغان بولماستىن، بەلكى «لەۋزىدە تۇرىدىغان چىن ئادەم» دەگەن مەنەدە كەلگەن بولۇپ، ئەر-ئايال (پۈتكۈل ئىنسان)نى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەملەيدۇ. بۇ ماقال جىنس ئايرىماسىدىن مۇستەسنا ھالدا چىن ئىنساننى «يىگىت» سۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى چىن ئىنسانلىق دەرىجەسى ئىنتايىن يۈكسەك بولۇپ، راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە ئۆزى قىلغان سۆزگە مەسئۇل بولۇشتا ئۆز ئىپادەسىنى تاپىدۇ. ئەخلاق-پەزىلەتكە ئىگە چىن ئىنسانلىق دەرىجەسىنى ساقلاشنى، ئۇنى تاكامۇللاپ ۋايىغا يەتكۈزۈشنى، ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ھەقىقىي قەدىر-قىممەتىنى ھەم ئابرۇي-ئىناۋەتىنى ساقلاشنى، شۇ ئارقالىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يولىنى نۇرلاندۇرۇشنى ئويلايدىغان ھەربىر ئاقىل ئىگەسى «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دەگەندەك، گەپ-سۆزنى كۆڭۈل تارازاسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئاغزدىن چىقارىشى، راست گەپ قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، كۆڭۈلدە غۇم ساقلاماسلىقى ۋە قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت. يالغانچىلىق، لەۋزىدە تۇرماسلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، ئىككى يۈزلەمەلىك، ئالدامچىلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىق قەبىھ ئىللەتلەر ئىنساننىڭ ئەخلاق-پەزىلەتىنى پايخان قىلىدۇ، قەدىر-قىممەتىنى ۋە ئابروي-ئىناۋەتىنى يەرگە ئۇرىدۇ.
سۆزلەش-سۆزلەشىشتە دىققەت قىلىشقا تەگىشلىك بىر قاتار كونكرېت مەسىلەلەر بار. مەسىلەن، سۆزلەگەندە ئاڭلاغۇچىغا بەك ياقىن تۇرۇۋالماسلىق، ئاڭلاغۇچىغا تىنىق ئۇرۇلۇپ كەتىشتىن، تۈكۈرۈك چاچراپ كەتىشتىن ساقلانىش كەرەك. ئەلۋەتتە، ھەربىر ئادەم ئاغىز بوشلۇقى تازالىقىغا ئەھمىيەت بەرىشى زۆرۈر. سۆزلەگەندە توختاماي قول پۇلاڭلاتىدىغان، قول شىلتىيدىغان، ئاڭلاغۇچىنى پات-پات نوقۇپ قويىدىغان، ئۈستەلگە مۇشتلايدىغان، ئۇرىدىغان، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيدىغان ئادەتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا گەپنى بۆلۈپلا سۆزلەپ كەتىش، سۆزلەگۈچىنىڭ سۆز تېماسىنى باشقا ياققا بۇراش، سۆزلەگۈچىگە دىققەت-نەزەرنى بەرمەي ئۇياق-بۇياققا قاراش ياكى قولغا قانداقتۇر بىر نەرسەلەرنى ئالىۋېلىپ باشقا ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كەتىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىككە ياتىدۇ. سىز ئىشلەۋاتقاندا، قاشىڭىزغا كەلگەن كىشى سىزگە گەپ قىلغان بولسا، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى قويۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئەستائىدىل ئاڭلاڭ. ئۈچ ئادەم بار يەردە ئىككىسى كۇسۇرلاشىپ سۆزلەشمەگىنى ياكى بىرنىمەلەرنى دەيىشىپ كۈلۈشمەگىنى ياخشى. ئەگەر سىز سۆزلەۋاتقاندا ئاڭلاغۇچى گەپىڭىزگە قىزىقماغاندەك پوزىتسىيەدە بولسا، ئۇنى گەپىڭىزنى ئاڭلاشقا زورلاماغانىڭىز ياكى گەپنى باشقا تېماغا يۆتكەگەنىڭىز ۋە ياكى گەپىڭىزنى پەم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانىڭىز تۈزۈك. مېھمان بولغاندا ياكى مېھمان كۈتكەندە، سۆزلەشىشكە تەگىشلىك گەپنى سورۇندا تۈگەتىش، ئۇزاتىش ياكى خوشلاشىشتا ساھىبخاننى، مېھماننى تولا گەپكە تۇتماسلىق لازىم. جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەربىيەلەنىشى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، مەسىلەلەر ۋە شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، تونۇشى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، بىراۋ «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك» سۆزلەپ كەتسە ياكى ئەمەس گەپلەرنى دەسە، ئۆزىڭىزنى تۇتۇشنى بىلىشىڭىز، ئۇنى مەسخىرە-مازاق قىلماسلىقىڭىز لازىم. ئورۇنسىز گەپ قىلىش، نادان بىلەن گەپ تالاشىش، قىلچە ئەھمىيەتى يوق گەپلەر ئۈستىدە مۇنازىرەلەشىش، بىراۋنى يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئەيبلەش ياكى تەنقىدلەش جىم تۇرغان تامغا ئۈسگەنلىك بىلەن باراۋەر. بىزدە: «ئالدىدا ماڭغاننىڭ بۇرنى قاناپتۇ، كەينىدە قالغاننىڭ كۆتىگە تاياق تەگىپتۇ» دەيدىغان گەپ بار، «پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، تىل يۈگۈرۈكى تاشقا» دەيدىغان گەپمۇ بار. گەپ-سۆزدە ئالدىراقسانلىق قىلىش، گەپىم بار دەپ ھەممەنى بىراقلا تېرە ئۈستىگە تۆكۈۋېتىش، مەسىلەلەرگە دۇچ كەلگەندە ھاپىلا-شاپىلا پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋېتىش، چوڭلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرىش، بىراۋ گەپنىڭ باشىنى چىقارىپ بولغۇچە ئاخىرىنى سۆزلەپ ئالدىپەشلىك قىلىش، كۆپ سانلىقلارنىڭ پىكىر يۆنەلىشىگە قارشى چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممەسى ئەدەپ-قائىدەسىزلىك بولۇپ، بۇ خىل ئىللەتلەر ئادەمگە زىيان ئالىپ كەلىدۇ. پالتانىڭ ئىشىنى يىڭنە، يىڭنەنىڭ ئىشىنى پالتا قىلالماغانىغا ئوخشاش، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ياراشا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، كىشىلەرگە باھا بەرگەندە ھەممەنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە، بىرىنى مۇئەييەنلەپ، يەنە بىرىنى چۆكۈرۈشكە بولمايدۇ. كىشىلەرنى ماختاغاندا چەكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، تەنقىدلەگەندە ھەممەنى ئىنكار قىلىش ئاقىل ئىگەسىنىڭ ئىشى ئەمەس. غەيۋەتخورلۇق، چاقىمچىلىق، كاززاپلىق، پىتنە-پاسات تارقاتىش، بوھتان چاپلاش، گۇمانخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەر ئىنسان قالىپىدىن چىققان نائەھلىلەرنىڭ قىلمىشى بولۇپ، ئەخلاق-پەزىلەت گۈلىستانىغا تەگكەن ۋابا، ئادەمىيلىك قوغۇنلۇقىغا ئۈنگەن شۇمبۇيادىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەخپىيەتلىكىڭىزنى بىراۋغا سۆزلەپ يۈرمەڭ، ئۆزىڭىز ساقلايالماغان مەخپىيەت ئىككىنچى بىرسىنىڭ قورساقىدا جىم تۇرمايدىغانى ئەسىڭىزدە بولسۇن. مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا كىشىلەردىن گەپ كوچىلاماڭ، بىراۋنىڭ ئاللىقانداق مەخپىيەتلىكى بىلەن كارىڭىز بولماسۇن. باشقالارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سۆزلەپ يۈرۈش، شەخسىيەتىگە چاقىلىش، ئەيب-نۇقسانلارىنى ئاچكارالاش، بىلىشكە تەگىشلىك بولماغان ئىشلارغا ياپىشىۋېلىش، كىشىلەرنىڭ نەرسەلەرىنى ئاختۇرۇش، خەت-چەكلەرىنى كۆرۈش، نام-شەرەپىگە، غۇرۇرىغا چاقىلىش ئاقىللارنىڭ قىلىقى ئەمەس. ئۆزىدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلىش، قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ كىشىلەرگە ياقمايدىغان قىلىقلارنى چىقارىش، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە قاملاشماغان گەپلەرنى قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ-قائىدەدىن چىققانلىق ۋە تېتىقسىزلىق ھېسابلانىدۇ. ئەرىڭىز ياكى ئايالىڭىزغا باشقالارنىڭ ئەر-ئاياللارىنى ماختاپ ئۇچۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ يۈرمەگەنىڭىز ياخشىدۇر. ئائىلەدە بولۇنغان ھەر خىل گەپلەرنى، بولۇپمۇ ئائىلەنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتىگە تاقالىدىغان ئىشلارنى باشقالارغا دەپ يۈرۈش ھاماقەتلىك بولىدۇ. چىرايلىق سۆزلەش، گەپ-سۆزدە ئىلمىي ھەم سىلىق-سىپايە بولۇش، گەپنى مېغىزلىق، ئىخچام قىلىشقا ئادەتلەنىش ئىنسانغا ئەدەپ-ئەخلاق خەزىنەسىنىڭ ئېسىل نېمەتلەرىنى تەقدىم قىلىدۇ. سەت، بەدەۋىي سۆزلەرنى قىلىش، گەپ-سۆزدە قوپال بولۇش، ئادەم تىلغا ئالىشقىمۇ ئۇيالىدىغان قىپيالاڭاچ سۆزلەرنى، ئۇياتلىق ئاتالغۇلارنى ئاتاش، تېتىقسىز گەپلەردىن تىلنى تارتماسلىق، تولا گەپ قىلىش، ئەزمەلىك، تەنە-ياپتا گەپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممەسى ئەدەپ-ئەخلاق گۆھەرىنى تاشقا ئۇرىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ مۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ: چۈشىدە ئۇنىڭ ھەممە چىشى چۈشۈپ كەتكۈدەكمىش، پەقەتلا بىر تال چىشى قالغۇدەكمىش. ئەرتەسى چاقىرتىلغان چۈش تەبىرچىسى: «پادىشاھىم، بۇ، سىلىنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتىدىغانلىقىنى، سىلىنىڭ يالغۇز قالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ» دەپتۇ. پادىشاھ دەرھال بۇ تەبىرچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىپتۇ. يەنە بىر چۈش تەبىرچىسى چاقىرتىلىپتۇ. ئۇ: «پادىشاھى ئالەم، بۇ، ئۆزلەرىنىڭ ئۆمرى بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلارىدىن ئۇزاق بولىدىغانلىقىدىن بىشارەتتۇر» دەگەن ئىكەن، بۇنىڭدىن پادىشاھ مەمنۇن بوپتۇ ۋە تەبىرچىنى تارتۇقلاپتۇ. ئىككى تەبىرچى ئايتقان تەبىرلەرنىڭ مەنەسى ئوخشاش بولسامۇ، ئەمما ئىپادەلەشتە، سۆزنىڭ ئايتىلىشىدا مۇئەييەن پەرق بار. شۇڭا، بۇ ئىككى خىل تەبىرنىڭ ئاڭلاغۇچىغا ئىككى خىل — بىرىنىڭ ياقىملىق، يەنە بىرىنىڭ قوپال ئاڭلانىشى تەبىئىي ئەھۋال. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سۆزنى چىرايلىق قىلىشقا، كۆڭۈلدىكىنى ئەڭ گۈزەل تىل ۋاسىتەسى بىلەن ئىپادەلەشكە، سۆزنى مېغىزلىق ھەم ئاددىي قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشى ھەردائىم ئەخلاق-پەزىلەت بۇلاقىدىن كەۋسەر سۈمۈرىدۇ، گۈزەل سۆزلەر خاسىيەتىدىن نۇسرەت تاپىدۇ.
يانفون، تېلېفون ئىشلەتكەندە ۋە ئىنتېرنېت تورىغا چىققاندا ئەدەپ-قائىدەلىك بولۇشمۇ ناھايەتى مۇھىم. تېلېفوندا تولا گەپ قىلىش، ئەتراپتا ئادەم بار-يوق دەمەي، تېتىقسىز سۆز-ئىبارەلەرنى تىلغا ئالىش، كىشىلەر يىغىلغان تىنچ سورۇنلاردا تېلېفون قوبۇل قىلىش-بەرىش، ۋارقىراپ-جارقىراپ سۆزلەش، ئۆزى تونۇيدىغان ياكى ياقىن ئۆتىدىغان يۇقىرى ئابرۇيلۇق ئەربابلارغا كىشىلەر ئالدىدا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش دەگەندەك قىلمىشلار ئەدەپ-ئەخلاق بابىغا زىت ناچار ئىللەت ھېسابلانىدۇ. تياتىرخانا، دەرسخانا، مەجلىسخانا قاتارلىق سورۇنلاردا يانفون ئىشلەتكۈلۈك ئەمەس. يانفونىڭىزنىڭ ئېكرانىدىن، ئېلېكترونلۇق يوللانما قوبۇل قىلىش-يوللاش ئىقتىدارىدىن، ئاۋازسىز، تىترەك قاتارلىق ھەر خىل روللارىدىن پايدالانىشنى ئۆرگەنىۋېلىڭ. بۇلار سىزنىڭ يانفون ئىشلەتكەندە ئەدەپ-قائىدەلىك بولۇشىڭىزغا ياردەم بەرىدۇ. يانفون شەخسىي مۈلۈك بولۇپ، ئۇنى ئىگەسىنىڭ رۇخسەتىسىز باشقالارنىڭ ئىشلەتىشى ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. ئائىلە ۋە ئىشخانالاردىكى خاس تېلېفونلارمۇ ئىگەسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنى باشقالارنىڭ خالاغانچە ئىشلەتىشىمۇ ئەدەپ جۈملەسىگە كىرمەيدۇ. دوستلارىڭىز ۋە باشقالارنىڭ، ئايالىڭىز ياكى ئەرىڭىزنىڭ يانفونىنى نازارەت قىلىدىغان، ئالاقەلەشىش تېلېفون نومۇرلارى ھەمدە يانفوندىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىقچە كۆرىدىغان بولماغۇر قىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ. باشقالارنىڭ يانفونى ياكى خاس تېلېفونىنى ئىشلەتىشكە توغرا كەلسە، ئىگەسىدىن ئىجازەت سوراغانىڭىز، باشقالارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆي تېلېفونىنى ئىشلەتمەگەنىڭىز دۇرۇستۇر.
ئىنتېرنېت تورىدا ئەدەپلىك بولۇشنى تەكىتلەش ھازىرقى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ھەممە نەرسەنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرەپى بولغانىدەك، ئىنتېرنېت تورىدىمۇ بەزى پاسسىپ، ناچار نەرسەلەر مەۋجۇت. ئىنتېرنېت تورىدىن شەھۋانىي، مەزمۇنى ساغلام بولماغان نەرسەلەرنى كۆرۈش، ناتونۇش كىشىلەرگە قالايمىقان يوللانمالارنى ئەۋەتىش، تور بېكەتلەرىنىڭ سۆز قالدۇرۇش مۇنبەرلەرىگە قاملاشماغان مەزمۇندىكى نەرسەلەرنى قالدۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلار ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن بىنورمال ئادەملەرنىڭ قىلمىشىدۇر. ئىنتېرنېت تور بېكەتلەرىدىكى «چايخانا» ۋە ققلاردا ناتونۇشلار تونۇشىدۇ، تورداشلار پاراڭلاشىدۇ، ياقىن دوستلار كۆرۈشۈپ ئۆزارا پىكر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى پاراڭلاشىش-مۇڭداشىش ھەر خىل تېمالاردا، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارىچە بولىدۇ. بۇ خىل پاراڭلاشىشتا، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپ-قائىدەلىك بولۇش، گۈزەل سۆز-ئىبارەلەرنى ئىشلەتىش، ئۆزارا ھۆرمەت-ئىززەتنى ساقلاش لازىم. ھە دەسەلا، بىر-بىرىنىڭ شەخسىيەتىگە، غۇرۇرىغا تەگىش، يوقىلاڭ سەۋەبلەرنى دەپ قوپال، سەت سۆزلەرنى ئىشلەتىش، ھەتتا تىللاشىش، ھاقارەت قىلىشتەك ئەدەپسىزلىك ئامىللارىدىن ساقلانىڭ.
2. كەيىنىش ۋە ياسانىشتا دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلەلەر
دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس كەيىنىش ۋە ياسانىش ئەنئەنەسى، ئۆرپ-ئادەتى، قائىدە-يوسۇنلارى بار. شۇڭا، تارىختىن بېرى ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىستېتىكالىق قاراشلارىدا مۇئەييەن پەرقلەر ساقلانىپ كەلگەن. ئەمما، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلا بولىدىكەن، يەنەلا ئۇلارنىڭ كەيىنىش ۋە ياسانىش سەنئەتىدە ھەم ئەخلاقىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار، ئورتاق تەرەپلەر ھامان مەۋجۇت بولىدۇ.
گۈل ئۆزىنىڭ ياپراقى بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەللىككە ۋە چىنلىققا تويۇنغاندەك، ئادەم كەيىنىش ۋە ياسانىش بىلەن ئېسىل، قەددى-قامەتلىك، سالاپەتلىكتۇر. ئادەم سىرتقىي جەھەتتىن ئايتقاندا كەيىم-كەچەكى، ئۆزىنى تۈزەشى ۋە ھاياسى بىلەن ئادەمىيلىككە، جەلپكارلىققا ھەم ئەخلاققا ئىگەدۇر. ئادەملەرنىڭ ھايۋاناتتىن روشەن پەرقلەنىپ تۇرۇشىمۇ، ئۇنىڭ كەيىم-كەچەك ئارقالىق ئۈستباشىنى يۆگەيدىغان «مەخلۇقات» بولغانلىقىدا خاراكتېرلەنىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان ھايا، جۈملەدىن ئەدەپ-ئەخلاق، ھەرقاچان-ھەرزامان كەيىم-كەچەكنى، ياسانىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. كەيىم-كەچەك ئادەمنىڭ يۆگەشكە تەگىشلىك جايلارىنى يۆگەپ، «ئادەم»نى ئادەم قىلىدۇ. ياراشىملىق كەيىم-كەچەك ئادەمنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ، قامەتىگە سۆلەت، چىرايىغا بەرنالىق ۋە زىبالىق بەخش ئەتىدۇ.ئۈستباشتىكى كەيىم-كەچەك كۆپىنچە ھاللاردا ئادەمنىڭ ئوبرازىغا، ئابرۇي-ئىناۋەتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتىدۇ. كەيىم-كەچەك يەنە ئادەمنى سوغۇق، ئاپتاپ، شامال قاتارلىقلارنىڭ زەربەسىدىن ساقلاپ، سالامەتلىك جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، مىللەتىمىزنىڭ كەيىنىش ۋە ياسانىش مەدەنىيەتىدە ئەزەلدىن ئىلمىيلىك، مەنتەقە، ئىستېتىكا كەم بولغان ئەمەس.
بىزنىڭ كەيىنىش ۋە ياسانىشىمىز گۈزەل ئەنئەنەۋىي ئۆرپ-ئادەتلەرىمىزگە، قائىدە- يوسۇنلارىمىزغا، مىللەت خاراكتېرى ۋە ئوبرازىغا، كەسپىي ئالاھىدەلىككە، تۈرلۈك سورۇن-يىغىلىشلارغا ئۇيغۇن، ياراشىملىق بولسۇن. ئادەتتە، كەيىم-كەچەكىنى ياش ئالاھىدەلىكى، بەدەن قۇرۇلماسى ۋە كەسپ خاراكتېرى قاتارلىق تەرەپلەرگە، شۇنىڭدەك زامان، ماكانغا لايىقلاشتۇرۇپ كەيەلەگەن ئادەم كەيىنىش ئەخلاقىنىڭ ئەقەللىي ساۋادىنى ھازىرلاغان بولىدۇ. مەسىلەن، بەدەنىڭىز زىلۋا بولسا بەك كەڭ كەيىملەرنى، سەمىز بولساڭىز، بەك تار كەيىملەرنى كەيمەگەنىڭىز تۈزۈك. ياشى چوڭلار ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە خاس كەيىملەرنى، ياشتا كىچىكلەر چوڭلارنىڭ كەيىمىنى كەيمەگەنى ياخشى. رەتسىز كەيىنىش، ئىسكەتىنى تۈزەپ يۈرمەسلىك ۋە كەيىمنىڭ رەڭى، پاسونى، رەختىنى ئۆزىنىڭ رەڭى، قامەتى، ياشى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ئېتىبارسىز قاراش، ئۆزىنىڭ ياشى، بەدەن قۇرۇلماسى بىلەن ھېسابلاشماستىن، قارغۇلارچە مودا قوغلاشىش، ئۆزىگە ياراشقان-ياراشماغانلىقى بىلەن كارى بولماي غەلىتە گىرىم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممەسى ئاقىلانەلىك بولمايلا قالماي، بەلكى مەنەۋىي پۇچەكلىك ھېسابلانىدۇ. ھەممەگە ئايانكى، ئايرىم خانىم-قىزلارىمىزدا مودا قوغلاشىش خائىشى خېلىلا گەۋدەلىك. مودا كىيىملەرنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا، ئۆتكەن يىلدىكىنى بۇيىل كەيىشكە بولمايدۇ-دە، ئۈزلۈكسىز يەڭىسىنى ساتىۋالىشقا توغرا كەلىپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلانماق تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مودا كەيىملەر ھەركىمگە ماس كەلىۋەرمەگەچكە، نۇرغۇن مودا قوغلاشقۇچىلار كىشىلەرنىڭ «پىچىر-پىچىر» تېماسى بولۇپ قالىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، مودا قوغلاشىش بىر خىل پسىخىكالىق كەسەللىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كەيىم كەيگەندە قارغۇلارچە مودا قوغلاشىشتىن ساقلانىپ، كەيىم-كەچەكنىڭ پايدالانىش ئۈنۈمىنى، بەدەنگە ھۇزۇرلۇق بولۇشىنى ۋە گۈزەللىك قىممەتىنى ئويلاشقان تۈزۈكتۇر.
كەيىم تاللاپ ساتىۋالىشتا ۋە ھەر خىل كەيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كەيىشتە، پەسل، سورۇن، تۈرلۈك مۇراسىم-يىغىلىشلارغا دۇرۇس كەلتۈرۈشمۇ ناھايەتى مۇھىم. خاس پاسون، رەڭ تاللاش ۋە كەيىملەرنى ئۆزارا ماسلاشتۇرۇپ كەيىش كىشىنى سۆلەتلىك، قەددى-قامەتلىك، جەسۇر، لەۋەن، گۈزەل ۋە ئەدەپ-قائىدەلىك قىلىپ كۆرسەتىدۇ. ئەرلەر ئايالچە كەيىملەرنى، ئاياللار ئەرەنچە كەيىملەرنى كەيمەسۇن. كەيىم-كەچەكىڭىز دائىم پاكىز-رەتلىك، تۈگمەلەرىڭىز مۇۋاپىق ئەتىلگەن بولسۇن. ئىش ئورنىغا رەتسىز كەيىنىپ كەلىش، تەرەت كەشى كىيگەن پېتى كەلىش مۇۋاپىق ئەمەس (ئىشخاناڭىزغا گىلەم سالىنغان بولسا بۇ باشقا ئەھۋال).
پۇلۇم بار دەپ، ھەددىدىن زىيادە سۆلەتۋازلىق قىلىشتىن، قولۇم قىسقا دەپ بەك ئاددىي، كىشىلەر ئالدىدا چانىپ قالىدىغان كەيىملەرنى كەيىپ يۈرۈشتىن ساقلانىڭ. بەزى سورۇنلاردا كەيىم-كەچەككە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىمۇ سەمىڭىزدە بولسۇن. نەسىردىن ئەپەندى لەتىپەلەرىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار: نەسىردىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ كونا، ئادەتتىكىچە كەيىملەرىنى كەيگەن پېتى ئېشەكىنى يىتىلەپ، پادىشاھ ئورداسىغا كىرمەكچى بولىدۇ. ياساۋۇللار ئۇنىڭ ئۈستباشىدىن ئۇنى گاداي ياكى ئادەتتىكى ئادەم دەپ قارايدۇ-دە، دەرۋازادىن كىرگۈزمەيدۇ. ئەھۋالنىڭ تەگىگە يەتكەن نەسىردىن ئەپەندى قايتىپ كەتىدۇ ۋە ئېسىل تون-سەرپايەلەر بىلەن ياسانىپ ھايال ئۆتمەستىنلا يەنە كەلىدۇ. بۇ چاغدا، ھېلىقى ياساۋۇللار نەسىردىن ئەپەندىگە ئەگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈشىدۇ ۋە ئۇنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا مەرھەمەت قىلىدۇ... بۇ گەرچە كونا زاماندىكى ئىش بولسامۇ، ئەمما بۇ لەتىپە ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۆز تىندىنسىيەسى بىلەن كىشىلەرگە كەيىنىش ۋە ياسانىشنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ناھايەتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ھەقىدە ئەمەلىي دەرس بەرىدۇ. دەمەك، سىزنىڭ كەيىنىش ئادەتىڭىز ياكى سەنئەتىڭىز ئەدەپ-ئەخلاققا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى سىزنىڭ ئوبرازىڭىز، مىللەت خاراكتېرىڭىز ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتىڭىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، مىللەتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس كەيىم-كەچەك مەدەنىيەتى دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنەسىنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلەرىدىن ھېسابلاناتتى. بىراق، ھازىر يېزا-قىشلاقلاردىكى ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالماغاندا، مىللىتەمىزگە خاس كەيىم-كەچەكلەرىمىزنى سەھنەلەردىكى ئارتىسلارنىڭ ئۈستباشىدىلا كۆرۈۋاتىمىز. ئەسلدە، بىر ئادەمنىڭ كەيىم-كەچەكىگە قاراپلا، ئۇنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈۋالغىلى بولسا، ئاندىن كەيىم-كەچەك جەھەتتە مىللەت خاراكتېرىدىن سۆز ئاچقىلى بولاتتى. بىز بۇ جەھەتتە ياتلاشقان روھىمىزنى بالدۇرراق تونۇپ، ئۆزلۈك ئاڭىمىزغا سادىق بولۇشىمىز، كەيىنىشتىمۇ مىللەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق، پەرۋىشكارلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتۇشىمىز قىممەتلىكتۇر.
بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەشكە تەگىشلىك بىر مۇھىم مەسىلە بار، ئۇ بولسامۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەيىنىش ۋە ياسانىش مەسىلەسى. ئىنسان روھىنىڭ ئىنزھېنېرلەرىدىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈستباشىدىكى كەيىم-كەچەكىنىڭ مەدەنىي، ئاددىي-ساددا، پاكىز، رەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلاردىن پەننىي بىلىملەرنى ئۆرگەنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كەيىنىش ۋە ياسانىش سەنئەتى، خاراكتېر، ئەخلاق-پەزىلەت قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپلىمەلىك بىلىملەرنى، تەسىرلەرنى ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ كەيىنىش-ياسەنىشى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەم ئەمەلىي، ھەم تەسىر كۈچى زور، جانلىق ئۈلگەدۇر. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنى دورايدۇ، ئوقۇتقۇچى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاجايىپ-غارايىپ كەيىنىپ-ياسانىپ، زىبۇزىننەتلەرنى تاقاپ ياكى ئالاياشىل كەيىملەرنى كەيىپ، چاكىنا ياسانىپ دەرسخاناغا كىرمەسلىكى لازىم. بۇنداق قىلىش ئامماۋىي ئەدەپ-قائىدەگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كەسپىي ئەخلاققىمۇ مۇخالىپ كەلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئاجايىپ-غارايىپ كەيىنىپ-ياسانىپ دەرس ئۆتسە، ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەسىر بەرىپ قويىدۇ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئاغىر تەسىر يەتىدۇ. ھەممەدىن يامانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەتى چاچىلىپ، پسىخىكاسى غىدىقلانىپ، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمى تەبىئىي ھالدا تۆۋەنلەپ كەتىدۇ. ئوقۇتقۇچى خانىم-قىزلار غەيرىي كەيىنسە، ئالتۇن زىبۇزىننەتلەرنى كۆپلەپ تاقاسا، چەكىدىن ئاشۇرۇپ گىرىم قىلسا، مۇقەررەر ھالدا قىز ئوقۇغۇچىلاردا بىنورمال ياسانىش ئادەتلەرىنىڭ شەكىللەنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىچىك قىزلار ياسانچۇق بولۇپ قالىدۇ، كەيىم-كەچەك دەسە ئۆزىنى ئۇرىدىغان مىجەز يەتىلدۈرۈۋالىدۇ، ناچار ئادەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋالىدۇ، ھەتتا تەدرىجىي ھالدا يامان يولغا ماڭىپ قالىدۇ. چۈنكى، خانىم-قىزلار ئۆزلەرىنىڭ كەيىم-كەچەككە، زىبۇزىننەتلەرغا ئامراق بولۇشتەك كەمچىلىكىگە ھەر دائىم دىققەت قىلماسا، ئۇلار ئائىلە تۇرمۇشىنى قالايماقان قىلىشى، ئۆينى بۇزۇشى، ھەتتا ئاسانلا خاتا يولغا كىرىپ قالىشى مۇمكىن. بۇ سەترەدە شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «بوياق بىلەن بوياغىچە تاشىڭنى، ئىلم بىلەن زىننەتلەگىن ئىچىڭنى» دەپ ئىنتايىن توغرا ئايتقان. بۇ يەردىكى مەنە چوڭقۇرلۇقى كەيىنىش ۋە ياسانىش گۈزەللىكىگە قەلب گۈزەللىكىنىڭ ماس كەلىشى، بولۇپمۇ قەلب گۈزەللىكى كەيىنىش ۋە ياسانىشتا ئالدىنقى شەرت بولىدىغانلىقى لىنىيىسىدە تىرەنلەشىدۇ. مۇبادا، ئوقۇتقۇچىلاردا بۇ خىل ئەدەپسىزلىك ئىللەتلەرى ساقلانىدىكەن، ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك پاسسىپ ئامىللارنى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۆرگەنىۋالىدۇ. ئەر ئوقۇتقۇچىلار ساقال-بۇرۇتلارىنى ئۆستۈرۈۋالماسلىقى، چاچلارى رەتسىز، ئاياغلارى توپا ھالەتتە دەرسخانالارغا كىرمەسلىكى لازىم. ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەتىنى تارتىدىغان بەك قىسقا كەيىملەرنى، تار كەيىملەرنى ياكى مەيدەسى ئوچۇق كەيىملەرنى كەيمەسلىكى كەرەك. دەمەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەيىنىش ۋە ياسانىش ئەخلاقى بىر پۈتۈن مائارىپنىڭ سۈپەتىگە بارىپ تاقالىدۇ.
كەيىم-كەچەكنى رەتلىك، پاكىز، ئۆزىگە ماس قىلىپ كەيمەسلىك، زىبۇزىننەتلەرنى مەنمەنلىك تالاشىپ چەكىدىن ئاشۇرۇپ تاقاۋېلىش، ئاسىۋېلىش، ئادەتتىن تاشقىرى گىرىم قىلىۋېلىش، بەدەننىڭ يۆگەشكە تەگىشلىك جايلارىنى ئوچۇق قويۇش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ-ئەخلاققا يات ئىللەتلەرگە كىرىدۇ.
خانىم-قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشى مەسىلەسىدە، بىز يەنەلا تەبىئىي گۈزەللىكنى تەكىتلەيمىزكى، چەكىدىن ئاشۇرۇپ گىرىم قىلىش، ئۆزىنىڭ مىللەتكە خاس ئالاھەدىلىكىنى يوقاتىپ چەتئەللىكلەرنى قارغۇلارچە دوراش، بەدەن تېرەسىنىڭ ئۇيەر-بۇيەرىگە ياكى يۈز-كۆزىگە، قاش-قاپاقىغا خال چەكىش، خەت ۋە رەسىملەرنى سىزىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ناچار ئىللەت ھېسابلايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكاسى قانىق گىرىم قىلىشنىڭ تەن سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاغان. شۇڭا، چەكتىن ئاشۇرۇپ ياسانماسلىق، غەلىتە گىرىم قىلماسلىق، گىرىم قىلغاندا تەبىئىي گۈزەللىك ئاساس، سۈنئىي گۈزەللىك قوشۇمچە بولۇشى لازىم.
ئەسىڭىزدە بولسۇنكى، كىرلەشكەن، داغ چۈشكەن كەيىملەرنى، بولۇپمۇ ياقاسى كىرلەشكەن، پۈرلەش كەيىملەرنى، تۈگمەلەرى ئۈزۈلگەن، سەرتمەلەرى بۇزۇلغان كەيىملەرنى كەيىپ يۈرۈش ئۆز-ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتىنى ساقلاشنى بىلمەگەنلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەپ-قائىدەنى بۇزغانلىق سانالىدۇ. بىزدە: «دوستۇڭ باشىڭغا قارار، رەقىبىڭ ئاياغىڭغا» دەيدىغان گەپ بار. بۇ، ئادەمنىڭ تاشقى سۈپەتىدە ئاياغ كەيىمنىڭ ناھايەتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئاياغ كەيىمگە ئېتىبارسىز قاراماسلىق لازىملىقىنى دەلىللەيدۇ. بەزى كىشىلەر قىممەت باھالىق ئاياغلارنى قوغلاشىپ كەيىدۇ-يۇ، ئاياغىنىڭ پاكىزلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ. بىلىشىڭىز كەرەككى، سىزنىڭ كەيىملەرىڭىزدە ئاياغىڭىزنىڭ پاكىزلىقى كەيىمىڭىزنىڭ ياقاسىدىن قالسالا، بەلگەلەگۈچ سالماق تۇتىدۇ. ئاياغىڭىزنىڭ قىممەتى پۇتىڭىزغا كەيگەندىن باشلاپلا، ماگازىندىكى باھاسى بىلەن ئەمەس، بەلكى پاكىز-پارقىراقلىقى بىلەن ئۆلچەنىدۇ. ئاياغ كەيىمنى مايلاپ، پارقىرىتىپ كەيىش، ھەركۈنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئاياغ بوغقۇچىنى چىڭ چىگىش، ئاياغ ئىچىدىكى پاتەكلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىمكانىيەت يار بەرسە ئاياغ كەيىمنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ كەيىش، پايپاقنى پاكىز تۇتۇشمۇ ئەدەپ-ئەخلاق جۈملەسىگە تەۋەدۇر.
ئەرلەر چاچ ۋە ساقال-بۇرۇتلارىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ياساتىشقا دىققەت قىلسۇن. ساقال-بۇرۇت قويمايدىغان كىشىلەر ساقال-بۇرۇتلارىنى قىرىپ، ئىڭەكلەرىنى پارقىرىتىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنسۇن. بەزى ئەرلەرنىڭ خانىم-قىزلارچە، ئايرىم خانىم-قىزلارنىڭ ئەرەنچە چاچ قويۇۋېلىشلىرى مىللەتىمىزنىڭ ئەنئەنەۋىي گۈزەل ئەخلاقىغا، قائىدە-يوسۇنلارىغا تۈپتىن يات، خىجىل بولۇشقا تەگىشلىك ئىللەتتۇر. بىز ئىككى خىل جىنسقا خاس چاچ پاسونلارىنى ئالىشتۇرۇۋەتكۈچىلەرنى ۋە چاچلارىنى غەلىتە، ئالاياشىل بوياۋالغۇچىلارنى مىللەتىمىزنىڭ ئەخلاق تارازاسى بىلەن ئۆلچەپ قاتتىق تەنقىد قىلىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ تېزراق ئۆزىنى تاپىۋېلىشىنى، ئۆزلۈك ئەخلاققا قايتىپ كەلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز پارلاق تارىخىمىزنى ساغىنىش ئىلكىدە، ئەرلەرنىڭ ئەركەكلەرچە چاچ قويۇشىنى، خانىم-قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكنىڭ ئامىللى سانالغان سۇمبۇل چاچلارىنى كەسمەسلىكىنى تەكىتلەيمىز. قۇشلار ئۆزىنىڭ پەي-قاناتلارى بىلەن گۈزەل بولغانىدەك، ئۇيغۇر خانىم-قىزلارىمىز ئۆزلەرىنىڭ مەجنۇنتالدەك ئۇزۇن چاچلارى بىلەن ئوماق-چىرايلىقتۇر، مىللىي ئەنئەنەمىزگە خاستۇر ھەم جەزبداردۇر.
خانىم-قىزلەرىمىز كەيىنىش ۋە ياسانىشتا كۆپرەك سادىر قىلىۋاتقان ھەمدە دىققەت قىلماسا بولمايدىغان يەنە بىر مەسىلە بار. نۇرغۇن ئاياللار كەيىنىش ۋە ياسانىشقا ئەھمىيەت بەرسەمۇ، ئەپسۇسكى ئائىلەدە بۇ ئىشقا ئېتىبارسىز قارايدۇ. «بۇ دېگەن ئۆز ئۆيۈمغۇ... قانداق كەيىنسەم بەرىبىرغۇ...» دەپ ئويلاپ، ئۆي ئىچىدە مەينەت-كىر، پۈرلەش كەيىملەرنى، جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن تەرەت كەشىنى كەيىۋالىدۇ. چاچلارىنى تارامايدۇ، ھەتتا ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەي، ئەرىنىڭ ۋە بالالارىنىڭ ئالدىدا خۇددى ھازىرلا مۇنچادىن چىققاندەك يۈرۈۋېرىدۇ... سىز ئاياللىق خاراكتېرىڭىز ۋە قىياپەت جەھەتتە ياسانىش جەزبدارلىقىڭىز بىلەن ئايالسىز، سىزنىڭ ياسانىشىڭىز ئالدى بىلەن ئائىلەڭىز ئۈچۈن، ئانىقراقى ئەرىڭىز ئۈچۈن، ئاندىن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن بولۇشى كەرەك. «ئاياللار ئۆينىڭ گۈلىدۇر» دېگەن گەپ بىكاردىن چىقماغان. بەزى ئەرلەرنىڭ: «خوتۇنۇمنىڭ تالالىقى بارۇ، ئۆي ئىچىلىكى يوق» دەگەن گەپىنى ئاساسسىز دەگىلى بولماس. بۇ گەپ گەرچە نوقۇل ھالدا كەيىنىش ۋە ياسانىشنى كۆزدە تۇتماسامۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدە ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە سەل قارايدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالماي قالمايدۇ. خانىم-قىزلار: «بۈگۈن مەن سىرتلارغا چىقماغاندىكىن... زۆرۈرىيىتى يوققۇ...» دەمەسلىكى، ئۆي ئىچىدىمۇ مۇۋاپىق كەيىنىش ۋە ياسانىشقا ئەھمىيەت بەرگەنى ياخشى. ئەرىڭىزنى «ئۆز» كۆرۈپ، ئەسكى كەيىملەرنى كەيىۋالغانىڭىز، چاچىڭىزنى تۈزەشتۈرۈشكە ئېرىنگەنىڭىز بىلەن، شۇنداق چاغلاردا ئۆيىڭىزگە تۇيۇقسىز مېھمان كەلىپ قالىشى، دەرھال سىرتلارغا چىقىش زۆرۈرىيەتى تۇغۇلۇشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بەرىشى مۇمكىن. بىزدە يەنە: «ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە» دەيدىغان گەپمۇ بار. مانا بۇ، خانىم-قىزلارنىڭ ئەخلاق گۈزەللىكىنى، قىياپەت ئوبرازىنى ۋە جەزبدارلىقىنى ساقلاشىدا كەم بولماسلىقى زۆرۈر يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ
(ئاپتور: تۇرغۇن يىلتىز، «جۇڭگو مىللەتلىرى» جھۇرنىلى تەھرىراتىدا)
ئۇيغۇر كونا يىزىققا ئالماشتۇرۇلۇپ بۇ يەرگە يوللاندى
مەنبەسى :
http://hi.baidu.com/aptap/blog/item/9820f5a1f2fe8a8646106479.htm
كۆچۈرمەكچى بولسىڭز مەنبەسى ئەسكەتىپ كۈچۈۈڭ l
|
|