ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ياپونىيە ھەققىدە چۈشەنچە
كۆرۈش: 592|ئىنكاس: 5
go

ياپونىيە ھەققىدە چۈشەنچە

توردا
285سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
505 
تېما
120 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 22:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

دۆلەت بايرىقى

  دۆلەت سىمۋولى: تەڭرىخان ئاكىخىتو 1933-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان. 1956-يىلى ياپونىيە گاكۇشۇين ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1952-يىلى 11-ئايدا ۋەلىئەھد بولۇپ سايلانغان. 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى تەختكە ئولتۇرۇپ، ياپونىيە تارىخىدىكى 125-تەڭرىخان بولغان، يىلنامىنى «خېيسېي» دەپ ئاتىغان. ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە، تەڭرىخان ياپونىيە دۆلىتى ۋە ياپونىيە خەلقىنىڭ سىمۋولى.

  دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى: باش ۋەزىر ناۋتو كان، 2010-يىلى 6-ئايدا سايلانغان؛ كېڭەش پالاتاسى باشلىقى تاكېئو نىشيوكا، 2010-يىلى 7-ئايدا سايلانغان.

  تەبىئىي جۇغراپىيەلىك شارائىتى: ياپونىيە تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان يايسىمان ئارال دۆلىتى. غەربتە شەرقىي دېڭىز، سېرىق دېڭىز، چاۋشيەن دېڭىز بوغۇزى، ياپون دېڭىزى ئارقىلىق جۇڭگو، چاۋشيەن، كورېيە، رۇسىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ.زېمىنى خوككايدو، خونشۇ، شىكوكۇ، كيۇسيۇ قاتارلىق تۆت چوڭ ئارال ۋە 6800دىن كۆپرەك كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «ئارال دۆلىتى» دېگەن نامى بار. ياپونىيەنىڭ قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى تەخمىنەن 377 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر.

دۆلەت گىربى






  ياپونىيە مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى ئىللىق، تۆت پەسلى ئېنىق پەرقلىنىدۇ. نورۇزگۈلى ياپونىيەنىڭ دۆلەت گۈلى بولۇپ، باھار كېلىشى بىلەن كۆپكۆك تاغ، زۇمرەتتەك سۇلار ئارىسىدا نورۇز گۈللىرى جۇلالىنىپ كېتىدۇ. ياپونىيەدە تاغ كۆپرەك بولۇپ، تاغلىق ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تاغلارنىڭ كۆپ قىسمى يانار تاغ، بۇنىڭ ئىچىدىكى داڭلىق يانار تېغى فۇجى يانار تېغى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3776 مېتىر كېلىدۇ، فۇجى يانار تېغى ياپونىيەدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ سىمۋولى. ياپونىيەدە يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ھەر يىلى سېزىلەرلىك يەر تەۋرەش مىڭ قېتىمدىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى يەر تەۋرەش ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ، يەر شارىدىكى %10 يەر تەۋرەش ياپونىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا يۈز بېرىدۇ.نوپۇسى: 127 مىليون. ياپونىيە ھۆكۈمىتى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنى باشلىغان.

  نوپۇس ئەھۋالى: ياپونىيىدە قېرىلىشىش يەنە يېڭى رېكورت ياراتقان بولۇپ، ياپونىيەدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا، يۈز ياشتىن ئاشىدىغان ئادەم 32 مىڭ نەپەر، ياپونلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 83 ياش بولۇپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.ياپونىيەدە 15 ياشتىن تۆۋەن نوپۇس ئۇدا 27 يىل ئازايغان، ياپونىيەدە ياش-ئۆسمۈرلەر نوپۇسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.مىللەت ۋە دىن: ياپونىيەدىكى ئاساسلىق مىللەت داخې مىللىتى بولۇپ، خوككايدو رايونىدا تەخمىنەن 240 مىڭ ئەينۇ مىللىتى بار. ياپون تىلى ئورتاق تىل، خوككايدو رايونىدىكى ئاز بىر قىسىم كىشى ئەينۇ تىلىنى بىلىدۇ. ئاساسلىق دىنى شىنتو دىنى ۋە بۇددا دىنى، بۇ دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەم سانى ئايرىم ئايرىم ھالدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %49.6 ۋە %44.8ىنى ئىگىلەيدۇ.

  پايتەختى: توكيو، نوپۇسى 13 مىليوندىن ئاشىدىغان زامانىۋى چوڭ شەھەر. توكيونىڭ 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃3، 8-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25 ئەتراپىدا بولۇپ، ياپونىيەدىكى %10 نوپۇس توكيوغا مەركەزلەشكەن.

مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15140348.html

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
232 
تېما

تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 01:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش ozyarim نىڭ يازمىسى

رەھمەت .خېلى ئەجىرقىلىپسىز قۇلڭىزغا دەت كەلمىسۇن

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 04:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشې

Rank: 8Rank: 8

توردا
837سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1838 
تېما
73 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 15:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياپۇنىيەگەبىر بىرىپ باققۇم بار

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
73 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 23:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭمۇ شۇ

توردا
92سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
531 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-24 14:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خېلى ئەجىرقىلىپسىز قۇلڭىزغا دەت كەلمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:26

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.