چوڭ دادام – سابىت ئىبراھىم سابىت ئىبراھىم 1898-يىلى ئۈستۈنئاتۇش يېزا ئىكساق كەنتىدە قول ھۈنەرۋەنچى ئىبراھىم ئاخۇن ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ.ئوقۇش يىشىغا يەتكەندە ئىكساق ھۈسەيىنىيە مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. كېيىن دادىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ ئەنجاندا ھۈنەرۋەنچىلىك قىلدۇ.
1. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنجاندا تەسىس قىلىنغان مۇھاجىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئاز كۈن ئوقۇغاندىن كېيىن ئىكساقتا ساۋاتىنى چىقارغانلىقى ئۈچۈن تاشكەنتتىكى ئىشچىلار مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا ئىلغار تەشكىلاتلارغا قاتنىشىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مۇسكۇۋادىكى شەرت ئىنىستىتۇنىڭ مائارىپ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كىلىپ كىتىپ تۇرىدۇ، 1928-يىلى يۇرتىغا قايىتىپ كىلىپ، ئىكساقتىكى ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. شۇ يىلى 7-ئايدا ياڭ زىڭشىن ئۆلتۈرۈلۈپ، جىن شۇرىن ھاكىمىيەت بىشىغا چىققاندىن كېيىن ، سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن سودا – مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كىلىشىمى ئىمزالاپ، سوۋېتكە ئوقۇغۇچى چىقارماق بولىدۇ، مىللىي مەكتەپ قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1929-يىلى ئىكساق ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش مەكتىپىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۈرۈمچىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، مائارىپ نازارىتى ئارقىلىق ئۇلارنى جايلارغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئەۋەتىدۇ. سابىت ئىبراھىم شۇ قاتارىدا دەسلەپ تۇرپانغا تەقسىم قىلىنىپ، ئىلى ئەپەندى (بۇ كىشى يۇقىرىدا ھەيدەر سايراننىڭ تەرجىمھالىدا قەيت قىلىنغان ئەلى ئىبراھىم ئەپەندى بولۇپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستىتى كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەن) دىگەن تاتار بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. كېيىن گۇچۇڭ، مورى، ئالتايدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. شۇ يىللاردا قۇتۇبىدىن ئۆيلىنىدۇ.
1933-يىلىنىڭ ئاخىرى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مەنسۇر ئەپەندى بىلەن قەشقەرگە بىرىپ، قەشقەردە تۇنجى قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى بىلەن مەدرىسلەرنىڭ ئىسلاھ قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا قەشقەر ساقچى مەسئۇلى ئابدۇقادىر ھاجى، ھەمزە بايۇپ نۇرھاجى، مائارىپ خادىملىرىدىن ئابدۇقادىر سىدىقى، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەردىن مامۇتخان ئولاي، ئابدۇكىرىمخان مەخسۇم قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇرۇمچىگە كىلىپ، ئۇرۇمچى 7-باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر، قوشۇمچە مائارىپ نازارىتىدە ئىشخانا مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇ چاغلاردا سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بالا چىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان نازىر ئابدۇللا دامۇللىغا ياردەملىشىدۇ. 1936-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىغا باشلىق، قەشقەردە تۇنجى قۇرۇلغان قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە مۇدىر بولىدۇ. بۇ يىللاردا قەشقەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ قەشقەردە ئاياللار مائارىپىنىڭ بارلىققا كىلىشىدە كۆپ كۈچ سەرپقىلىدۇ. شۇ يىللاردا قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە قاسىم ئەپەندى (قاسىم قازاق)، بەي ۋىنيۇ (خۇيزۇ)، ئەمەت تۈەنجان، ئابدۇقادىر سىدىقى، مامۇتجان ئولاي قاتارلىق يەتتە كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ماتېرىيالىزىملىق پەلسەپە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇ گۇرۇپپىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ (بۇ گۇرۇپپىنىڭ كاتىپى ئابدۇرشىت يۈسۈپ ھازىر ئۈرۈمچىدە) 1938-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدە باشلىق بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1939-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىغا چىقىپ، بىلىم ئاشۇرۇپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1942-يىلى قولغا ئىلىنىپ، ئۇرۇمچىگە ئېلىپ كىلىنىدۇ. قويۇپ بىرىلگەندىن كېيىن ، 1943-يىلى قۇتۇبىگە ئائىلىسىگە كېتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر بولىدۇ. شۇ يىللاردا ئاتالمىش خائىنلارنىڭ سۇرگۈن قىلىنغان بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. 1944-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ، 1945-يىلى تۇرمىدىن بوشىنىپ، مائارىپ نازارىتى ۋە ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئىشلەيدۇ. 1948-يىلى قۇتۇبىغا قايتىپ، يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.
ئازادلىقتىن كېيىن قۇتۇبى ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشتە ئىشلەيدۇ. 1963-يىلى قۇتۇبىدا ۋاپات بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: شىرىك نىياز خۇشتارنىڭ «شىنجاڭ يىقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر ناملىق كىتاۋى»
/u/ARTUQ/asar/37974 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-14 17:42
|