ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ تۆھپىكار تاتار خەلقى(3)
كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 2
go

تۆھپىكار تاتار خەلقى(3)

Rank: 8Rank: 8

توردا
277سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
596 
تېما
235 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 12:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تۆھپىكار تاتار خەلقى(3)

3.شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى تاتارلار

1944 -يىلى11-ئايدائىلى،ئالتاي، تارباغاتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ گومىنداڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاۋى پارتىلىدى. تاتار ئوغۇل-قىزلىرىمۇ قولىغى قۇرال ئېلىپ، ھەرمىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى.كەڭ تاتار خەلقى ھەرمىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى سەپنى ماددى ۋە مەنۋى جەھەتتىن قوللىدى. تاتار زىيالىلىرى ھەر مىللەت زىيالىلىرى بىلەن بىرلىكتە كەڭ تۈردە تەشۋىقات،تەشكىللەش ئىشلىرىنى قانات يايدۇردى. ئىنقىلابى ئۇرۇش جەريانىدا ئالدىنقى سەپتىكى تاتار پەرزەنتلىرى كوماندىر،جەڭچى،دوختۇر، شەپقەت ھەمشىرىلىرى،ئارقا سەپ تەمىنات خادىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى يۇقۇرى دەرىجىلىك كوماندىر، ئوفېتسىر،قابىليەتلىك رەھبەرلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابى قۇربانلار مەيدانغا كېلىپ شانلىق خاتىرلەرنى قالدۇردى.فاتىق مۇسلىمۇفلار،خەمىت مۇسلىمۇفلار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇقاددىمىسىنى نىلقىدىن باشلىغان ئالتە باتۇر(گومىنداڭچىلار ئۇلارنى«ئالتە ئوغرى» دەپ ئاتىغان) نىڭ ئىككىسى ئىدى.(خەمىت مۇسلىمۇف نىلقىنى ئازات قىلىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان بولۇپ،ئازاتلىقتىن كېيىن"ئىنقىلابى قۇربان" دەپ نام بېرىلگەن2003-يىلى جەسىتى نىلقىدىن غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار قەۋرىستانلىقىغا يۆتكەپ كېلىنىپ،خاتىرە تاش تۇرغۇزۇلغان).غۇلجا قوزغۇلىڭىدامەرگەن ئارۇپ ئابزى گومىنداڭنىڭ غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،جاللات لىيۇبىندىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ھەرمىللەت خالقىنىڭ قان قەرزىنى ئالغان.(ئارۇپ ئابزى كەڭساي ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان) سۈيدۈڭلۈك شەپقەت ھەمشىرىسى پاتىمە نىڭ قەھرىمانلىق ئىش –ئىزلىرى ئەينى دەۋر كىشىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئىدى.
ئاتاقلىق مەتبۇئاتچى،تەشكىلاتچى خەبىب يۇنۇچى قوزغۇلاڭ ھارپىسىداغۇلجىدكى مەخپىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئاپاراتىغاقاتناشقان. قوزغۇلاڭ جەريانىدا تەشۋىقات، تەشكىللەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى،مائارىپ ئىدارىسىىڭ مەسئوللىغىغا تەيىنلەنگەن.ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يىقىن سەپدىشى ئەسئەت ئىسقاقۇپ،گېنىراك-مايۇر مەرغۇپ ئىسقاقۇپ،پولكۇۋنىك رىفىق بايچۇرىن،پولكۇۋنىك نىغمەت،پولكۇۋنىك ئايتۇغان يۇنۇچى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان رەھبەر، كومادىرلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ،ئۇلار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىگىدىكى جۇڭگۇ خەلىق ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى كۈتىۋېلىش،سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇش ئىشلىرىدا تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشتى.

(داۋامى بار)
مەنبە:"ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى"24-سانىدىن پايدىلىنىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-12 12:10

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 14:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
داۋامىنى سوۋغا سۈپىتىدە سۇنغىنىڭىزدىن سىزگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن ... رەھمەت سىزگە ! ... داۋامىنى يەنە يوللاپ تۇرارسىز ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
256سائەت 
نادىر تېما
دوست
36 
يازما
1348 
تېما
199 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 17:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخىمەت سىزىگە . بۇ بىز ياشىلارنىڭ ئوقۇپ بىلىشىگە ، تىگىشىلىك تىما ئىكەن . قەلەم تۇلىپارىڭىز .ھارمىسۈن . داۋامىغا تەشىنا بىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:27

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.