لەنەت ياغسۇن يالغانچىلار 1
ئەل مىساقتىن مىراس بوپ قالغان ، ئىرىسىيەت بۇ ، ئۇنىڭغا شۇنداق . يالغاننىمۇ راسىتتەك توقۇيدۇ ، ئەسلى ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق . 2
ئويدۇرمىنى ئويىدۇ ، ئوخشاش ، ھېچكىمنى تەڭ قىلماي ئۈزىگە . خۇدا دەيدۇ ، قەسەم قىپ شۇندا ، ئىسسىق ياشنى ئېلىپ كۆزىگە . 4 ھاياتلىقنىڭ مەنىسىن ياشاش ، مىزان قىلغان ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھ . چىن يۈرەكلەر ئۇنىڭدا بولماس ، چىن سۆيگۈنى قىلسىمۇ گۇمراھ . 5
قىزىرىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ ، مەيدە كىرىپ چىقار پاسىبان ، بىلمىدىم ھېچ ، ئويلىدۇم شۇندا ، بۇ مۇدىھىش يۈتىدۇ قاچان ؟ 6 قۇلاق سالساڭ ، ئىرىتەر سېنى ، زەپمۇ ئىللىق گەپلىرى شۈنچە . بىلمىگەنلەر ۋاي ئاقىل دەيدۇ ، بىلگەندە ئۇ ، ۋايسايدۇ بونچە . 5 ئوغۇرلايدۇ ئۇنىڭ - بۇنىڭكى ، بۇ ھاياتلىق چوڭقۇر مىھرىنى . ئۇۋالچىلىق بولماس ئۇنىڭغا ، ياغدۇرسىمۇ ئاۋام قەھرىنى . 6 سېنىڭ ئۈچۈن مەن ئۈلەي دەيمەن ، ئىچ ئاغرىتقاچ ئۇش بۇ يازمىلار . كۆزدىن يۈتسۇن دەيدۇ ، خىتاپ قىپ ، لەنەت بولسۇن ، ھەي يالغانچىلار .
ئەھمىدى « شەيدائىي » يازمام |