ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار يان تېلىغۇن ۋە ئىشقىۋازلىق
كۆرۈش: 607|ئىنكاس: 7
go

يان تېلىغۇن ۋە ئىشقىۋازلىق

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
15 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 12:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
اە


ھىكايە



بۇ يېزىدا يۈز بەرگەن ۋەقە. باش پېرسۇناژىمىز تاجىگۈل 27-28 ياشلار چامىسىدىكى بۇغداي ئۆڭلۈك ،قاپ- قارا كۆمۈر كۆزلۈك، چىرايلىق يۈزلۈك، قويۇق قاشلىرىنى تېرىپ ئىنچىكىلەپ ئەگمە يىلاندەك قىلىۋالغان، چاچلىرىنىڭ ئۆرۈمىسىنى چۇۋۇپ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى خانىملاردەك چوققىسىغا تۈرمىلەكلىۋالغان،ئېرى بىلەن جىدەللىشىپ بىر يۈرۈش ئالتۇن جابدۇق قىلدۇرۇپ، توي تۆكۈن بازار-ئۇچالاردا ئېسىپ ۋالىلداپ يۈرىدىغان ، بازار كۈنلىرى تار قىسقا كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ مودىكەش قىز چوكانلار قاتارىغا قېتىلىۋالىدىغان،مۇشۇ يېزىدىكى چىرايلىقلارنىڭ ئالدى ھېساپلىنىدىغان ،ئىشتىن ئويۇنغا ئامراق شاش چوكان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرگەن ئادەم ھەرگىزمۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى دىمەيتتى.بالىلىرىنىڭ چوڭى ئەركىنجان 8-9 ياشلاردا، كىچىكى رىسالەت 4-5ياشلاردا بولۇپ ،ئىككىلىسى ئاساسەن قولدىن چىققان ئىدى. تاجىگۈلنىڭ ئېرى ساتتار30ياشلار چامىسىدىكى خېلى قاملاشقان شوپۇر يىگىت بولۇپ يۈك ماشىنىسى ھەيدەيتتى. ئۇ قىشتا كۆمۈر، كۈزدە پاختا، ئەتىيازدا ئوغۇت، سۇلياۋ،يازدا زىرە، بۇغداي،خىش دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۇياقتىن بۇياققا توشۇپ يىل بويى پۇل تاپىمەن دەپ سىرتتا يۈرۈپ ئۆيىدە تۇرىدىغان ۋاقتى ئانچە كۆپ بولمايتتى. ساتتارلارنىڭ ئەسلىدە كوللىكتىپتىن ھۆددە ئالغان 25موغا يېقىن يېرى بار ئىدى. دەسلەپكى يىللىرى راسا تېرىپ پايدىلىنىپ پۇل تېپىۋېلىپ ،كىيىن يۈك ماشىنىسى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئايالىنىڭ يېتىشەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پەقەت بەش مولا يەرنى بۇغداي تېرىپ يىىيىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ، قالغان يەرلىرىنى يېقىن تۇققانلىرىغا تېرىپ پايدىلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ بېرىشكەن ئىدى. تاجىگۇل –ئەر خوتۇن خېلى يىللار بۇرۇن قېيناتا قېينانىلىرىدىن بۆلەك چىقىپ ھازىرقى مۇشۇ ئۆيىنى سېلىۋېلىشقان بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ئىككى بالىسى بىلەن بۇ ئۆيدە ئەركىن ئازادە ياشايتتى. بالىلىرىنىڭ چوڭى ئەركىنجان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتتى. كىچىگى رىسالەت بولسا ئادەتتە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يالغۇزلۇقىنى چاندۇرمايتتى. بەش مو يەر، يەنە كىلىپ بۇغداي بىلەن قوناقلا تېرىلىدىغان بۇ ئازغىنە يەر يېزىدا ھىچقانچە يەر ھېساپلانمايتتى. تاجىگۈل 6-ئاي بىلەن 10- ئايدىلا بۇ يەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالغان بىلەن، باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنچە ئالدىراش بولۇپ كەتمەيتتى. چارۋىدىنمۇ پەقەت 2-3 لا قويى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ غەلۋىسى كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇلارغا ئەتىگەن ۋە ئاخشاملىرى بىرەر ئىككى قۇچاق ئوت تاشلاپ بەرسە ،چۈشتە بىر سۇغۇرۇپ قويسا بولىۋېرەتتى. ئېرى يۈك ماشىنىسى بىلەن پۇل تېپىپ كىرىپ پۇلدىن غەم قىلدۇرمايدىغان، ئۆيدىكى كېرەكلىك ھەممە نەرسىنى تولۇقلاپ قويغان بولغاچقا تاجىگۈلنىڭ تۇرمۇشى گۈلدەك ئۆتەتتى. كونىلار‹‹ توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىدۇ›› دىيىشىدىكەن .مەن بۇنىڭغا ‹‹ بىكارچىلىق ۋە يالغۇزچىلىقتىن ئىبارەت ‹ئىككى چىلىق› ياش خوتۇننى بۇزىدۇ›› دىگەن قاراشنى قوشۇپ قويايمىكىن دەيمەن .نىمىشقىلىقىنى بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن چۈشۈنۈپ قالىسىز. تاجىگۇل بىلەن ساتتار ھەقىقەتەن ئامراق ئەر خوتۇنلاردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىللە تۇرغان چاغدىكى قىزغىن مۇھەببىتىگە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ مەسىتلىگى كېلەتتى. گەرچە ئۇلار توي قىلغىلى ئون يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ساتتارنىڭ كەسپى تۈپەيلى ئۇلار كۆپىنچە بىللە بولالمىغاچقا، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى بىر بىرىنى سېغىنىش بىلەن ئۆتەتتى. شۇڭا ساتتار ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا ئېزىز مىھماندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇلار سېغىنىش ئىلكىدە كۆرۈشە - كۆرۈشمەيلا ۋىسال ئارزۇسىغا ئالدىرىشاتتى.ئەگەر بالىلىرى بولمىغىنىدا، ساتتار ئىشىكتىن كىرە كىرمەيلا تاجىگۇلنى كۆتۈرىۋېلىپ چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتكەن بولار ئىدى . دۇنيادا ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدىكەن.‹‹ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ›› دىگەندەك، يېقىندا ئۇلارنىڭ بۇ قەدەر ئامراقلىقىغا ئىبلىس شەيتاننىڭ ھەسەتخورلۇقى كېلىپ، پەقەت چىداپ تۇرالماي ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىنى، قىزغىن مۇھەببىتىىنى بۇزۇشقا جىددى تۇتۇندى. شەيتان ئالدى بىلەن ساتتارنى ئازدۇرۇشقا تۇتۇندى. ساتتار ئۆيىدە بولالمىغان چاغلىرىدا يۈك قوغلىشىپ كۆپىنچە ھېلى ئۇ شەھەردە، ھېلى بۇ شەھەردە يۈرگەچكە كەچلەردە ئاساسەن مىھمانخانىلاردا قونۇپ قالاتتى. ساتتاردەك ياش ئەركەكلەر ئۈچۈن ئىسسىق ئۆيىدىن، چىرايلىق خوتۇنىدىن ئايرىلىپ، سىرتتىكى،مىھمانخانا ياتاقلىرىنىڭ يۇمشاق كارۋاتلىرىدا تىزىنى قۇچاقلاپ يالغۇز يېتىش، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. شەھەردىكى بەزى مىھمانخانىلاردا ساتتاردەك خوتۇن سېغىنغانلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىپ خەشلەيدىغان‹‹ شەيتاننىڭ ئازدۇرمىچى قىزلىرى›› ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى. ساتتار دەسلەپكى 7-8يىل ئىچىدە ئۆزىنى پاك ساقلاپ، ئاخشام ئەتىگەنلەردە نامىزىنى ئوقۇپ، بالا چاقىلىرىنىڭ ،سەپىرىنىڭ ئامان ئېسەنلىكىنى تىلەپ بۇنداق ئىشلار بىلەن قەتئى شۇغۇللانمىغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان شەيتان ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ قالدى.سەپەردىن ھېرىپ كەلگەندە تامىقىنى يەپ بولۇپلا، ياتىقىغا كىرسە ئۈگدەك باسىدىغان، ناماز ئوقۇش خوشياقمايدىغان بولۇپ قالدى.بۇنداق چاغدا ئۇ سەگەكلىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولاتتى.لىكىن شەيتان ئۇنى ‹‹بەكلا ھېرىپ كېتىپتىمەن،ناماز دىگەننى تېخى ياش بولغاندىكى ئوقۇۋالارمەن، بولدىلا يېتىپ ئۇخلايچۇ›› دىگەن خىيالغا كەلتۈرۈپ ئۇخلىتىپ قويىدىغان بولدى. بۇ ئىش بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ئۇ ياتاققا كەلسە نامازخوشياقمايدىغان، تىلىۋىزوردىن قىزىقارلىق فىلىملەرنى تاللاپ كۆرگۈسى، كاۋاپ يەپ، كۈچلۈك شاراپ ئىىچىپ كۆڭۈل ئاچقۇسى كېلىدىغان بولۇپ قالدى. شەيتان ساتتارنى ئەنە شۇنداق پەيدىن- پەي ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرماقتا ئىدى. ساتتار بۈگۈن k شەھىرىگە پاختا توشۇپ كىلىپ، كەچتە شەھەرنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان چوڭ بىر مىھمانخانىغا كىرىپ ماشىنىسىنى جايلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئىسىل قوش كىشىلىك ياتاقتىن بىرنى ئېلىپ ئۇنىڭدا قاراڭغۇ چۈشكىچە بىردەم ئۇخلاپ ئارام ئالدى. قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ مىھمانخانا يېنىدىكى كاتتا تېز تاماقخانىغا كىرىپ ئىسىل تاماقلار بىلەن غىزالاندى. ئاندىن كەيپىنى كۆتۈرۈپ كۆڭۈل خوشى قىلغاچ ئارام ئېلىش ئۈچۈن‹‹ راۋاپ ماركىلىق ئامېرىنو››ھارىقىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ زاكوسكىسىغا توخۇ كاۋىپى، سوغاق ئىچىملىك دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ ياتىقىغا قايتىپ كىردى . كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ يېرىم سائەتتەك ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىدە قوللىرىنى يۇيۇپ چىقىپ، توخۇ كاۋىپىدىن يىگەچ ھارىقىنى مىھمانخانىنىڭ كىچىك ئىستاكىنىغا قۇيۇپ ئىچىشكە باشلىدى. بىر ئىككى رۇمكا ئىچكەندىن كېيىن كەيپىياتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەندەك بولۇپ بەدىنى قىزىپ ، ئايالى تاجىگۈلنى ئويلاپ قالدى.‹‹ھەي ئىسىت ،مۇشۇنداق ئىسىل مىھمانخانىدا ،تىنىچ يالغۇز مۇھىتتا، ئۇ يېنىمدا بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولغان بولاتتى ھە...›› ئۇ شىرىن خىياللارغا بېرىلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپ كەتتى. ئۇ غېرىپسىنغاندەك بولۇپ تازا خوتۇن سېغىنىپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ياتاقنىڭ تېلىفۇنى جىرىڭلاپ قالدى. ساتتار:‹‹مىنىڭ بۇ ياتاققا چۈشكىنىمنى ھىچكىم بىلمەيدىغان تۇرسا،كىمدۇ ماڭا تېلفۇن قىلغان›› دىگەنلەرنى ئويلىغاچ بېرىپ تۇرۇپكىنى قولىغا ئالدى. قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ۋەي ئەپەندىم،ياخشىمۇسىز، مەن خوشنا ياتاقتىكى مۇلازىمەتچى قىز بولىمەن، بايا قارىسام يالغۇزچىلىقتىن زىرىكىپ قالغاندەك تۇرىسىز ، شۇڭا سىزدىن ئەھۋال سوراپ قوياي دەپ تىلىفۇن قىلىشىم، قانداق بىرەر ياردىمىم لازىممۇ؟ -شۇنداق خېنىم ،ئۉزىڭىز دىگەندەك مەن ھازىر يالغۇزچىلىقتىن تازا زېرىكىپ تۇرىمەن،ئەگەر مۇمكىن بولسا مەن بىلەن بىردەم يېرىم -دەم بىرگە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ،ئىچىشىپ برىدىغان بىرەر قىز ھەمراھقا تازا مۇھتاج بولىۋاتىمەن. شۇنداق قىزدىن بىرەرنى تاپقىلى بولارمۇ؟ - تاپقىلى بولىدۇ. قانداق، مەن بولامدىمەن؟ - سىزنىڭ بولىدىغان بولمايدىغانلىقىڭىزنى سىزنى كۆرۈپ باقماي تۇرۇپ قانداق بىلىمەن؟ - ھازىرلا بىلىپ قالىسىز، ماقۇل ئەمىسە مەن كىرگەندە كۆرۈشەيلى. بەي-بەي.ساتتار ھەم ھەيران ھەم خۇشال بولۇپ، يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوققان ھالدا بېرىپ ياتاقنىڭ تاقىقىنى ئېچىپ قويۇپ كېلىپ ئولتۇردى. ئارىدىن 4-5 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كيىن رېتىملىق تاكاسلىغان ئاياق تىۋىشىدىن كېيىن ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ، قارىماققا 18-19ياشلار چامىسىدا كۆرۈنىدىغان،تولىمۇ چىرايلىق ياسانغان، ئۆزىمۇ بىر كۆرگەن يىگىتنىڭ يۈرىكىنى پىژژىدە قىلىپ قويغۇدەك چىرايلىق بىر قىز ياتاققا تەبەسسۇم بىلەن كىرىپ كەلدى. ساتتار ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كۈلۈمسىرىگىنىچە قىزنى قارشى ئالدى ۋە شىرە ينىدىكى ئىسىل ئورۇندۇقنىڭ بىرىگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
قىز ساتتار كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇرغاچ چاخچاق قىلدى: -قانداق يىگىت ،يارامدىكەنمەن ؟ يارىمىغان بولسام باشقىنى چاقىرامدىمەن يە؟ -پاھ-پاھ، پەرىنىڭ ئۉزىلىكەنسىزغۇ قىزچاق، سىزنى ياراتمىساق كىمنىمۇ يارىتامىز.مەن سىزنى ئەمەس سىز مىنى ياراتسىڭىزلا بېشىم كۆككە تاقاشقاندەك خۇشال بولىمەن.
-ئۇنداق بولسا مەيلىغۇ! مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى
-پاھ يالغۇز ئىچىپ پەيزى قىلغىلى تۇرۇپسىز ھە؟ قانداقمۇ يالغۇز ئىچكىڭىز كەلگەندۇ؟
-نىمە ئامال دەيسىز ؟يالغۇز ئادەممەن،ئۇسسۇز ئادەم سۇغا ئۇلاشقاندەك ،مانا ئەمدى سىزگە ئۇلاشتىم.ئەمدى بىللە پەيزى قىلارمىز؟ شۇغىنىسى سىزنىڭ كىرىشىڭىزنى بىلمىگەچكە ئەرلەر ئىچىدىغىنىدىنلا ئەكىرىپتىمەن،سەت بولدى دە ،دىككىدە چىقىپ قىزىلدىن ئەكىرەيمۇ؟ -ياق بولدى. سىز قاندىقىنى ئىچەلىسىڭىز مەنمۇ شۇندىقىنى ئىچەلەيمەن. بەرگىلى چىدىسىڭىزلا قانچىلىك بەرسىڭىز شۇنچىلىك ئىچەلەيمەن. -ۋاھ قالتىسكەنسىز.ئەمىسە باشلاپ كەتتۇق،
ساتتار ھەيرانلىق ئىچىدە ئىستاكانغا ھاراق قۇيۇپ قىزغا تەڭلىدى. قىز ھاراقنى قولىغا ئېلىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە بىرلا كۆتۈرۈپ ئىستاكاننى قۇرۇغداپ ساتتارنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ بەردى. ساتتار ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ ئۆزىگە ھاراق قۇيغاچ قىزنى كاۋاپقا تەكلىپ قىلدى...ئۇلار شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەتلەرگىچە قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشتى.بىركەمدىن كېيىن، ھەر ئىككىلىسى خېلىلا ئېغىر مەست بولۇپ كېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى تارتىنىش قورۇنۇش،ياتسىراشلار پۅتۅنلەي تۅگەپ كەتتى.كيىن ئۇلار خۇددى كونا ئەر خوتۇنلاردەك بولۇپ كېتىشتى...
بۇ كېچە ساتتارغا ئۆيىدىكى كېچىلەردىنمۇ شېرىن تۇيۇلۇپ كەتتى. تاڭ ئېتىپ كۈن خىلى ئۆرلىگەندىن كيىن ئۇلار خۇددى توي كېچىسى ئۆتكۈزگەن ئىناق ئەر خوتۇنلاردەك بىر بىرىگە قىيمىغان ھالدا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ يۇيۇنۇشتى. ئاندىن ساتتار بۇ خېنىمنىڭ كېچىلىك ھەققىنى بىرىۋىتىپ، ناشتا قىلىۋالغاندىن كيىن بۈگۈنكى سەپىرىگە ئاتلاندى.شۇ ئىشتىن كيىن ساتتار بۇزۇلۇپ كەتتى. مىھمانخانىلاردا ياتقانلىرىدا ،زېرىكىپ قالغانلىرىدا‹‹ قىز››ئىزدەپ ھېلىقىدەك ئويۇنلارنى ئوينايدىغان، ئۇنداق قىز چوكانلارنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى تېلىفۇنىغا كىرگۈزۈۋېلىپ ئۇلار بىلەن پات پات ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ، ئويۇن سورۇنلىرىنى ياتاقتىن باشقا، رستۇراننىڭ، كاتتا مەيخانىلارنىڭ ئايرىمخانىلىرى، باغچىلارنىڭ خالى جايلىرىغىچە كېڭەيتىپ، بىمالال كۆڭۅل ئېچىپ ھايات پەيزىنى سۈرىدىغان بولۇپ كەتتى.ئەمما ئۇنىڭ ئويۇنى ئاۋۇغانچە كىرىمى ئازىيىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئايالىغا:‹‹يۈك چىقمايۋاتىدۇ ،ئۇياقتىن بۇياققا تولاراق بىكار مېڭىپ قېلىۋاتىمەن››- دەپ قوياتتى.‹‹ئۆتنىگە لاپقۇت›› دىگەندەك شەيتان لەئىن يالغۇز ساتتارنىلا ئازدۇرۇپ بولدى قىلمىدى. ئۇ ئەمدى نىشاننى تاجىگۈلگە قاراتتى. ساتتار قايتىپ كەلمگەن كەچلىرى يوتقاندا يالغۇز يېتىپ، ساتتارنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان چاغلارنى ئەسلەپ يېتىپ ئۇخلاپ قالىدىغان تاجىگۅلنىڭ سېغىنىش ئازابىنى كۈچەيتىپ ،بەزى كېچىلىرى تاڭ ئاتقۇچە كۆز يۇمالماي، ئۇياق بۇياقلارغا تولغۇنىدىغان، ئۇلۇق كىچىك تىنىدىغان، تىلىۋىزۇردا چىقىدىغان ئەر خوتۇنلارنى، ئېتىزلىقتا كۈلكە چاخچاق بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقان ياش دىھقان ئەر خوتۇنلارنى كۆرگەن چاغلىرىدا نىمىنىدۇر ئارمان قىلىپ تۇرالمايدىغان ولۇپ قالدى.
بىر كۈنى كېچىدە ئۇ ئەشۇنداق ئارمان بىلەن تولغۇنۇپ ياتقان چېغىدا كىمدۇر بىرى دەرۋازىنى ئۇرۇپ توۋلاشقا باشلىدى. تاجىگۅل كۆڭلىدە‹‹ ساتتار قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلاپ يوتقاندىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ دەرۋازا ئاچقىلى چىقتى ۋە ئويلىنىپ تۇرمايلا دەرۋازىنى ئاچتى. دەرۋازا ئالدىدا بىر ئادەم تۇراتتى. ئۇ ساتتار ئەمەس ئىدى. ئەتراپ سۈتتەك ئايدىڭ بولغاچقا تاجىگۇل بىر قاراپلا ئۇنىڭ مەھەللە باشلىقى ئۇبۇل ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى. - ھە ئۇبۇلكا،كىچىدە دەرۋازا قېقىپ قاپتىمىزغۇ، بىرەر جىددى ئىش بارمىدى؟ - بولمامدىغان سىڭلىم ،يۇقۇرىدىن ‹‹تاۋار يەر پۇلى يىغىڭلار›› دەپ جىددى ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن. كېچىلەپ شۇ پۇلنى يىغىۋاتىمىز. - كىچىدە يىغمىسا بىر يەرگە قېچېپ كتىدىغان پۇلمىكەن ئۇ ئوبۇلكا؟ - ئۇنداققۇ ئەمەس ،لىكىن ۋاقىت سۈرىكى قىسقا، يىغىشقا تىگىشلىك ئەدەم كۆپ،بولغاچ كۈندۈزدە يىغىپ بولالمايدىكەنمىز سىڭلىم، كۈندۈزدە ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئادەم تاپالماي كەتكەن ئىدىم.مانا ھازىر ۋاقتىم يېتىپ يەنە كەلگەن. - نەچچە پۇلكەن؟ تەرەققىياتى - بىر مۇ يە ئۅچۅن بىر يۈز يىگىرمە كويدىن.سىلەدە ئىككى مو تاۋار يەر باكەن.ئىككى يۈز قىرىق كوي بولىدىكەن. - ئاپلا ،ساتتار ئۆيدە يوق ئىدى ئۇبۇلكا، ئۇنىڭدىن ئۇنچىۋالا كۆپ پۇل ئېلىۋالماپتىكەنمەن.خاپا بولماي ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرۇپ تۇرسىڭىز بوپتىكەن. ساتتار قايتىپ كەلگەندە پۇل ئېلىپ قېلىپ ئاندىن بەرگەن بولسام. - بولمايدۇ سىڭلىم،ئەتە ئەتىگەن سېكىرتارغا يىغىلغان پۇللارنى تولۇق تاپشۇرمىسام ، بۇرۇتۇمنى يىكەندە ئالىدۇ. سىلەر دىگەن باي خەق، كەمبەغەل دىخانلار بىرەلىگەننى بىرەلمەي قالمايسىلە، بىر ئامال قىلىڭ! - ئۇبۇلكا سىزمۇ غەرەز ئۇقۇڭ، يېنىمدا بولغان بولسا ھال ئېيتىپ يۈرەي بەگەن بولاتتىم،راستلا پۇل يوق. مۇنداق بولسۇن. ئەتىگەنلىككە سەھەردە مەن قېيناتاملار بىلەن كۆرۈشۈپ شۇلادىن پۇل ئېچىقىپ، سىزنى يەنە جۇراتماي ئۆيىڭىزگىلا ئەچىقىپ بېرەي. . - راستلا پۇل يوق بوسا ،بوپتۇ، دىگىنىڭىزدەك بولسۇن. ئەمىسە ئەتىگەنلىككە ئەچىقىپ بېرەسىز. لىكىن شۇ تاپتا مىنىڭ بۇ ئۆيدىن مۇنداقلا قۇرۇق چىقىپ كەتكىم كەلمەيۋاتىدۇ سىڭلىم. - سىز نىمە دىمەكچى؟ - ئىشىك ئالدىغا كەلگەن ئادەم دىگەن ئۆي ئىگىسىگە مېھمان، پۇلنىغۇ بەرمەڭ ماقۇل، بىرەر پىيالە ئىسسىق چايمۇ قۇيۇپ بەرمەي مۇنداقلا يولغا سېلىپ قويسىڭىز چىرايلىق تۇرماس چىرايلىق سىڭلىم،
-ئۇغو شۇنداقتى، لىكىن ئەر كىشى يوق ئۆيگە يات ئەر كىشىنى باشلاپ چاي قۇيۇپ مېھمان قىلىش مۇسۇمان ئاياللىرىنىڭ ئادىتى ئەمەس، بۈگۈنچە ئادىمەتچىلىك قەرز بوپ قالسۇن، ساتتا كەگەندە بىللە ئىچىشىۋالاسىلە ئۇ چاي دىگەننى ئۇبۇلكا،، ئۇبۇلنىڭ مەخسىدى پۇلدا ياكى چايدا ئەمەس ئىدى. بايا نىپىز كىچىلىك كىيىم بىلەن چىققان تاجىگۅلنىڭ كۆتۈرۈلگەن كۆكسى ۋە تولغان ساغرىسى ،چىرايلىق يۈزلىرى ئۇبۇلنىڭ يۈرىكىدە بېسىپ بولماس بىر خىل ياۋايى شەيتان ئارمىنىنى پەيدا قىلىپ قويغان ئىدى. شۇڭا گەپ ئايلاندۇرۇپ مەقسىدىنى ئۇقتۇرۇپ، ئەر سېغىنىپ ئاران تۇغان بۇ ياش چوكان بىلەن قانغۇدەك بىر ئويناپ ئارمىنىغا قېنىشنى ئارزۇلاپ قالغان ئىدى.كۈتمىگەندە تاجىگۇل ئۇنىڭ تەلىپىنى سىلىق رەت قىلىۋەتتى. ئۇبۇل يەنە بىردەم گەپ ئوينىتىپ باقسىمۇ تاجىگۇل گەپ يىمىگەندىن كيىن شەيتىنى غالىپ كېلىپ دەرھال قاراملىقىغا ئالدى دە، دەرھال قول ئۇزۇتۇپ تاجىگۇلنىڭ مۇرىسىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۆزى تەرەپكە تارتتى. تاجىگۇلنىڭ جان جەھلى بىلەن قارشىلىق قىلىشىغا قارىماي ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ قويۇۋەتمىدى. تاجىگۇل ۋاقىراي دىسە ئوغلى ئويغۇنۇپ كەتسە بۇ ئەھۋالنى كۆرسە سەت تۇرۇشىدىن قورقتى.ۋاقىرىماي دىسە كۈچ ئېلىشالمىدى. ئۇبۇل ساتتاردىنمۇ بەستلىك ، تەتۇر ئۇستىخان ، كۈچلۅك ئادەم ئىدى. بۇ مەھەللىدىكى خېلى-خېلى ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى. شۇنداق تۇرسا تاجىگۇل ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قانداقمۇ قېچىپ قۇتۇلالىسۇن؟

ئۇبۇل تاجىگۇلنى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك پىلتىڭلىتىپ كۆتۈرۈپ دەرۋازىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى سامانلىققا ئېلىپ كىردى- دە ئۇنىڭ تىركىشىشى ،يۈز كۆزلىرىنى تاتىلاپ مورلاشلىرىغا قارىماي سامان دۆۋىسىگە تاشلاپ مەجبۇرى ئاياق ئاستى قىلدى...باشتا كۈچلۈك قارشىلاشقان تاجىگۈل بىر ئازدىن كىيىن جىنسى ھوزۇردىن راھەتلەندىمۇ بوشاپ قېلىپ ئۇبۇلنىڭ رايىغا باردى. شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇبۇل ساتتار يوق ۋاقىتلاردا ئۇ بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ تاجىگۇلنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى.
تاجىگۇلگىمۇ بۇ ‹‹كۈچلۈك بۇقا›› خېلى ياراپ قالغان بولغاچقا كېيىنكى قېتىملىرى ئۇبۇل بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئازراق ناز قىلىپ قويغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ئانچە قاتتىق قارشىلاشمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئىش داۋاملاشقانچە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلىشىپ بىر بىرىگە ئامراق بولۇشۇپ كەتتى. تاجىگۈلگە ساتتار ئۆز-ئارا ئالاقىلىىپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر يان تېلىفۇن ئېلىپ بەرگەن ئىدى. ئۇبۇلدىمۇ يان تىلىفۇن بارئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى يان تېلىفۇننىڭ ۋاستىسى بىلەن تېخىمۇ قولايلىشىپ، قايسى بىرى يەنە بىرىنى سېغىنىپ قالسا، دەرھال قارشى تەرەپكە تېلىفۇن قىلىپ كۆرۈشىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىتنى بىكىتىشىۋالىدىغان، بولۇشتى. ئۇلاركېچىدىمۇ، كۈندۈزدىمۇ، ئۆيدىمۇ، سىرتتىمۇ، قوناقلىق، بۇغدايلىق، كىپەزلىك،ھەتتا ئورمانلىقلاردىمۇ توسالغۇسىز ھالدا كۆرۈشۈپ ئويۇنلىرىنى ئوينىشىپ، قېنىشىپ يۈرەلەيتتى. شۇڭا بۇ ئىشقا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن يان تېلىفۇنلىرىدىن بەكمۇ خوشال ۋە رازى ئىدى. ‹‹ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار›› دىگەندەك ئۇلارنىڭ بۇ ئويۇنى بىرەر يىلچە داۋاملىشىپ ئاخىرى ‹‹ئايىقى چىقماس ئويۇن يوق›› دىگەن قائىدىگە بىنائەن سەت بىر رەسۋاچىلىق بىلەن ئاخىرلاشتى.
بىر كۈنى تاجىگۈل ساتتارغا تېلىفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساتتارنى سېغىنىپ كەتكەنلىكىنى، قاچان قايتىپ كلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىۋىدى، ساتتار: خوشنا ناھىيەگە چىگىت توشۇيدىغان ئىككى كۈنلۈك ئىش چىقىپ قالغانلىقىنى، شۇ ئىشىنى تۅگىتەلىسە ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن تاجىگۈل يۈرىكىنى توم قىلىپ ئۇبۇلنى شۇ كۈنى كەچ سائەت 12لەردىن كېيىن ئۆيگە كىلىشكە چاقىرىپ تېلىفۇن قىلىپ قويدى. ئۇنىڭ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن گۆش تۇخۇم دىگەندەك نەرسىلەرنى پىشۇرۇپ يوشۇرۇپ قويدى. كېلىشكەن ۋاقىتتا بالىلار ئاللىقاچان ئۇخلاپ كەتتى. ئۇبۇل ئاستاغىنا كىلىپ مۈشۈكنى دوراپ مىياۋلاپ بەلگە بەرگەندىن كيىن، تاجىگۈل دەرھال چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ ئۇبۇلنى ئۆيگە كىرگۈزدى. ئېلىپ قويغان نازۇ نىمەتلىرى بىلەن ئاشنىسىىڭ قوسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، مىھمانلار ئۈچۈن سېلىنغان ياتاق ئۆيگە غىپپىدە كىرىشىپ يوتقانغا تاشلىنىپ،خۇددى بىر جۈپ يىلاندەك چىرمىشىپ كىتىشتى... ئويلىمىغان يەردىن كېچە سائەت ئىككىلەردىن ئاشقان چاغدا ساتتار قايتىپ كەلدى.ئەسلىدە ئۇنىڭ توشۇماقچى بولغان يۈكىنى باشقىلار ئىگەللىۋالغان بولغاچقا، باشقا ئىش ئىزدەپ يۈرمەي شۇ جىلىچىلىكتە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى. ساتتار دەرۋازىسى ئالدىدا كىلىپ چاقىرماقچى بولغان بولسىمۇ تاجىگۈل ھەققىدە يېقىندىن بۇيان سەل گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالغان بولغاچقا، ‹‹قېنى قانداق ھالەتتە ياتتىكىن؟يوشۇرۇنچە كىرىپ بىر كۆرۈپ باقاي›› دەپ ئويلاپ ھويلا تامدىن ئارتىلىپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ھويلىغا كىردى. ئاندىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ چىراق يېقىپ قارىدى. ئىككى بالىسى شىرىن ئۇيقىدا ئۇخلاۋاتقان بولۇپ تاجىگۈلنىڭ ئورنى سېلىقلىق بولسىمۇ لىكىن ئورۇن بوش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن گۇمانى كۈچەيگەن ساتتار قول چىرىقىنى كۆتۈرۈپ ھوجرا ئۆيلەرنى بىر بىرلەپ ئاختۇرۇشقا باشلىدى.لىكىن تاپالمىدى ئاخىرى مىھمانلار ياتىدىغان ياتاق ئۆيگە كىرىپ، ھەرقانداق بىر ئەركىشى كۆرۈشنى خالىمايدىغان، كۆرسە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئەڭ چەككە يەتكەن قاراملىقنى قىلىپ سالىدىغان دەھشەت مەنزىرىنى كۆرۈپ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كەتكىدەك چەكچىيىپ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ،بسىۋالغۇسىز غەزەپتىن پۇت قوللىرى لاغىلداپ تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئامراق ئايالى يات بىر ئەركىشى بىلەن بىر بىرىنىڭ بوينىدىن چىڭ قۇچاقلاپ يۈزىنى يۈزىگە،ئاغزىنى ئاغزىغا يېقىشىپ بىر جان بىر تەن بولۇشۇپ شىرىن ئۇيقىدا ئۇخلاپ يېتىشاتتى. بۇ كۈنى شەيتان بۇ ئىككىسىگە شۇنداق قاتتىق غەپلەت ئۇيقىسى بەرگەن ئىدىكى، ساتتارنىڭ قايتىپ كىلىپ ،ئۆيگە كىرىپ ئىزدەشلىرىنى ،ھەتتا چىراق يېقىپ بۇ رەسۋا قىياپەتنى كۆرگەنلىرىگىچە تۇيماي ئۇخلىشىپ كەتتى.ساتتار دەرھال ئىسىل يان تېلىفۇنىنى چىقىرىپ بۇ ئىككىىنىڭ بۇ رەسۋا قىياپەتلىرىنى بىرنەچچە پارچە رەسىمگە تارتىۋالدى. ئاندىن ياندىكى ئۆيگە چىقىپ بۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۅستىدە جىددى ئويلاندى. شۇ چاغدا ۋىجدانى بىلەن شەيتىنى بىرلەشكەن بولۇپ ئۇلار؛‹‹نىمىگە قاراپ تۇرىسەن، دەرھال ئۆلتۈرىۋەت،يەر يۈزىدىن، بۇ ناكەسكەرنى تازىلىۋىتىپ، نومۇسۇڭنى ئاقلاپ، ھەقىقى ئوغۇل بالا ئەركەكنىڭ ئىشىنى قىل››دەپ كۈشكۈرتەتتى. ئەقلى بولسا:‹‹ياق،ئۇنداق قىلما،ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، قانۇنمۇ سېنى بوش قويىۋەتمەيدۇ.خوشنا يېزىدىكى تۇرغۇنمۇ ئايالىنى ئاشنىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋېتىپ، ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئېتىشقا ھۆكۈم قىلىنىپ بالىلىرىنى يىتىم قىلىپ قويدىغۇ؟ بۇ مەينەتلەر ئۈچۈن جاننى سېلىپ بېرىش، بالىلارنى يىتىم قىلىش ئەرزىمەيدۇ. ئايالىڭنى قويۇۋەت بولدى››- دەيتتى. ساتتار ئاخىر ئەقلىنىڭ ھۆكۈمىنى قۇبۇل قىلدى. دەرھال تىلىفۇن بىرىپ يېقىن ئەتراپتىكى سىرداش، جان دوست ئاغىنىلىرىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ كىرىپ ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، قايتىدىن مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ مەلەق ئۇخلىشىۋاتقان بۇ ئىككى رەسۋانى بېشىغا چىراق تۇتۇپ تۇرۇپ تىپىپ ئويغۇتۇشتى .ئۇلار ساتتارنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز كىلىپ قېلىشىنى بىلمىگەچكە، قانغۇچە ئويناپ چارچىغىنىدىن كېيىن خاتىرجەم ھالدا دۇنيادىن بىغەم ھالدا ئۇيقىغا كېتىشكەن ئىدى..تاجىگۈل قاتتىق قورقۇنچىدىن چىقىرىغىنىچە يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇبۇل بولسا باشتا تېڭىرقاپ ھاڭۋېقىپ قالدى. كىيىن ھۇشىنى تېپىپ ئۇلارىڭ ئۆلتۈرىۋېتىشىدىن قورقۇپ، يالىڭاچلىقىغا قارىماي چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ قېچىشقا ئۇرۇندى. لىكىن قاچالمىدى. ئۆي ئىشىكى تاقىۋېتىلگەن ئىدى. تەمبەل ،ياش ئۇچ ئەركەك ئۇنى قاچۇرىۋەتمەستىن قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋېلىپ ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئارغامچا بىلەن ئۆينىڭ تۈۋرىكىگە باغلىۋىتىشتى. جېنىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ئۇبۇل ئۇلارغا ھەدەپ يالۋۇرۇپ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيتتى. ۋە نىمە دىسە شۇنى بېرىدىغالىقىنى،ئۆمۈر بويى ساتتار ئۈچۈن ئات ئىشەك ئورنىدا ئىشلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئارقىمۇ ئارقا يالۋۇراتتى. ساتتار ئۇنى ئۇنداقلا قويۇپ بەرسە ۋىجدانىغا يۈز كىلەلمەيتتى. ھەم ئاچچىقى چىقماي ئۆمۈرلۅك پۇشايمانغا قالاتتى. شۇڭا ئۇبۇلنى مۇش پەشۋالار بىلەن بىر ھازا ئۇرۇپ ئاچچىقى ۋە دەردىنى چىقىرىۋالدى. ئاندىن ئۇلار ئۇبۇلنى سوراق قىلىپ قىلغان ئەتكەنلىرىگە ئىقرار كەلتۈرۈپ، ئېغىز ئىقرارىنى يەنە تېلىفۇن ئارقىلىق ئۈن ئالغۇغا ئېلىۋالدى. ئاندىن ئيتقانلىرىنى خاتىرلەپ بارمىقىنى باسقۇزدى. ئاندىن ئۇنى ساقچىغا تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن سولاپ قويۇشتى. تاجىگۇل بۇ ئارىلىقتا كىيىمىنى كىيىپ ئۈلگۈرگەن، لىكىن قېچىپ كېتېىشتىن قورقۇپ يىغلىغىنىچە لاغىلداپ تىترەپ تۇرغان ئىدى.
ساتتارلار ئۇنىمۇ سوراق قىلىپ ئېغىز ئىقرارىنى تېلىفۇن ئۈن ئالغۇسىغا ئېلىۋالدى. ئاندىن ئىككى پارچە خەت يازدۇرۇشتى. بىرىنچىسى يېزىقچە ئىقرارنامە،يەنە بىرسى ئاجرىشىش ئىلتىماسنامىسى بولۇپ ئۇنىڭدا، بىرمۇ بالىنى ئېلىپ كەتمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە بىرىلگەن ئىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن ساتتار يەنە كېچىلەپ تېلىفۇن قىلىپ قيناتا- قېينانىلىرىنى چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار نىمە ئىشلىقىنى بىلمەي قورقۇشۇپ تېز كىلىشتى.ئۇلار كەلگەندىن كېيىن ساتتار ئۇلارغا بولغان ئەھۋالنى بىرمۇ بىر دەپ، تاجىگۈلنىڭ ئىقرارنامىسىنى ۋە ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى كۆرسەتتى. ئۇلارمۇ كۈيئوغلىنى ھەقلىق ھساپلاپ، تاجىگۈلنى قولىغا ساق سالامەت تاپشۇرىۋالغىنىغا خوش بولۇشۇپ، ساتتاردىن قىزى ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ بولۇپ قىزىنى ئېلىپ كىچىلەپ يەنە قايىپ كېتىشتى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن ساتتارئاغىنىلىرى بىلەن ئەمدى نىمە قىلىش كېرەكلىۆىنى مەسلىھەتلىشىشتى. ئۇبۇلنى تاڭ ئاتقاندا ساقچىغا تۇتۇپ بەرسە يۈز ئابرويىغا تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەپ ئاغىنىلىرى بىلەن ئۇنى يەنە كىچىلەپ يېزىلىق ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتى. ۋە دىلو مەلۇم قىلدى. بۇ دىلۇنى داۋراڭ سالماسلىق مەخپى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆتۈنۈشتى. ساقچىلار ئوبۇلنى سولاپ قويغاندىن كىيىن كىچىلەپ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىغا دىلو مەلۇماتى ئەۋەتىشتى ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى كېچىلەپ ساتتارنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كىلىپ پاكىتلارنى كۆرۈش، رازۋتكا قىلىش، ئۇبۇلنى قايتا سوراق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ ناھىيىدىكى سولاقخانىغا يۆتكەپ كەتتى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىشتى. ئەدلىيە ئىدارىسى جىنايەت پاكىتلىرىنى دەلىللەپ بولغاندىن كېيىن سوتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاشتى.2 -3 ھەپتىلەردىن كېيىن يېپىق سوت ئېچىلىپ، سوتتا ئۇبۇلغا باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئون يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. ئارقىدىنلا سوت مەھكىمىسى يەنە‹‹ ساتتار بىلەن تاجىگۅلنىڭ ئاجرىشىش ئىلتىماسى››نى تەستىقلاپ ئۇلارنىڭ ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلدى. ھەر ئىككى بالا ساتتارنىڭ بېقىش ۋە باشقۇرۇشىغا قالدۇرۇلدى. تاجىگۇل ئېغىر گۇناھى بەدىلىگە ئۆلمەي ھايات قالغىنىغا خوش بولۇپ بالىلاردىن بىرەرسىنىمۇ تالىشالماي، پەقەت 20مىڭ يۇئەن ھەققىلا ئىگە بولۇپ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. تاجىگۅلنىڭ نىمە ئۈچۈن ساتتاردىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەھلى مەلىدىكىلەرمۇ بىلمەي قېلىشتى. تۈگىدى.
2011-يىل17-يانۋار كىچە سائەت 23تە تاماملاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 卡比力江 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-18 13:47

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
931سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
263 
تېما
68 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 17:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقىنى يەڭگەن باتۇر دەپتىكەن، ساتتار باللىرىنى ئويلاپ ئاقىلانلىك بىلەن مەسىلىنى ياخشى بىرتەرەپ قىپتۇ.
يىڭى ئەسەرلىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنا .....
ئەسەردە ئىملا خاتالىقى بەك ئىغىر دىققەت قىلسىڭىز.

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 18:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كىتىۋاتىدىغۇ ... جەمئىيىتىمىزدە مۇشۇنداق ھايۋانلارمۇ بار ... بۇ شۇلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيەت ئىكەن ... ياخشى يېزىلىپتۇ ... بولسا ئىملاغا دىققەت قىلىپ قۇيارسىز ... رەھمەت !

Rank: 8Rank: 8

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
622 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 20:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇ شەيتان دىگەن نەرسە ئادەمگە نىمە ئىشلارنى قىلغۇزمايدۇ-ھە،ئايال بولغۇچى ئۆزىنىڭ ئاياللىق بۇرچىنى ساقلاپ يۈرگەن بولسا،ئەر بولغۇچىمۇ ئەرلىك سالاھىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولسا بەلكىم بۇنداق ئاقىۋەتمۇ كىلىپ چىقمىغان بولاتتى~~!
راست گەپ قىلسام مەنمۇ بەزىدە مۇشۇ يانفۇن دىگەن نەرسىدىن بەك زېرىكىپ كېتىمەن،مۇشۇ كۈنلەردە يان تېلفۇنۇمغا تونۇشۇپ قالايلى دەپ نومۇس قىلماي تېلفۇن قىلىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ،مۇشۇنداق ئوغۇللارغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىم~!(تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ سالدىم،كەچۈرۈڭلار)

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 20:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سەۋېرنڭ تگې ئالـتۇن دېگەن مۇشۇ دە

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
477 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-6 12:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يولدا قوشۇلغان ھەمراھ ھەمراھ ئەمەس.

توردا
41سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
150 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-6 12:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇنداقتا ، قىرىندىشىم سۈمەييە يان تىلىفۇن ئىلەتمىسىڭىزلا ئىش ھەل بولامدۇ ؟ بىزمۇ ئىشلەتمەي ئۆتۈپ كىتىۋاتىمىز جاھاندىن.

توردا
41سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
150 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-6 12:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھىلىمۇ شەيتان بولۇپ قاپتىكەن ئۇبولمىغان بولسا گۇناھلىرىمىزنى كىمگىمۇ ئارتاتتۇق ھە. چاقچاق جۇمۇ سۈمەييە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 16:20

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.