ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىز تورىغا تەكلىپ بىكەت مەسئۇللىرى ۋە ئىز تورىدىكى دوسلارغا ن ...
كۆرۈش: 308|ئىنكاس: 15
go

بىكەت مەسئۇللىرى ۋە ئىز تورىدىكى دوسلارغا نېمە بولدى ؟  

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
92 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 18:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بىكەت مەسئۇللىرى ۋە ئىز تورىدىكى دوسلارغا نېمە بولدى ؟

مۇنبەردە شۇنداق ياراملىق يازغۇچىللىرىمىز ، ئىرادىلىك نەۋقىرانلىرىمىز ، كۈلكە - چاقچاقچىللىرىمىز بار ئىدى ، شۇنداق قىزغىن تالاش - تارتىش ئېلىپ باراتتىق ... شۇ دوسلار نەگە كەتتى ؟! ... شۇ ۋاپالىق ، ۋىجدانلىق سەركەردىلەر نەلەرگە كەتتى ؟! ... سىللەر نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسىلەر ؟ سىلەردىكى نىشان ، ئىرادە ۋە قىزغىنلىق نەگە كەتتى ؟ ... سەۋەبى نىمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيىتساڭلار ، دەرقەمدە تۇرۇپ ھەل قىلىش ئېلىپ بارمامدۇق ؟ خۇددى قىش قىروسى ئىللىق بىر ماكاننى جۇدچىلىققا پۈركەپ ئېلىپ كىرگەندەك ، بىر خىل سۇغوق ئېقىم چىقىپ تۇرۇپتۇ ... بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ داۋاملىق ئېيتىدىغان بىر شۇئارىمىز << ئىتتىپاقلىق كۈچ ، ئىتتىپاقلىق غەلىبە >> ، << بىرلەشكەن ئۇزار ، بىرلەشمىگەن تۇزار >> دەيدىغان ئەقلىي نوقتىئىي نەزەرلەرنى شۇ مىھرىبانلىرىمىز ئسڭلاردىن چىقىرىپ قويدۇڭلارمۇ ؟ . شۇنداق ئەپسۇسلۇق ھىس قىلىۋاتىمەن ، شۇنداق ئىجىل ئىدۇققۇ ؟ . شۇنداق بىر - بىرىمىزگە شۇنداق كۈيىنەتتۇققۇ ؟ ... شۇ چىرايلار نەگە كەتتى ؟ ... تولىمۇ ھەيران قېلىۋاتىمەن ... سىللەر ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايسىلەر ... چوقۇم بۇنىڭدا بىر سەۋەب بارغۇ - دەيمەن . ئۇچۇق يۇرۇق بولايلى ، ھەل قىلىمىز ، ھەل بولمايدىغان ئىشلار بولمايدۇ ... بىكەت باشلىغىمۇ چوقۇم بەزىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلۇنۇش قىلىۋاتسا كىرەك ... ئۇلارغا ئىشىنەيلى ! ... بىز بىرلىشىدىغانلىكىم بولساق ، يېڭى ، يىمىرىلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ ، ئۈزۈمىز ۋە خەلىقىمىز ئۈچۈن ۋە ئۈزۈمىزنىڭ ئەقلۇ ئىدىرىكىمىز ئۈچۈن يۈز كىلەلەيدىغان ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز ... مىللەتكە يۈز كىلەلەيمىز ، ياخشى نەتىجىللىرىمىز بىلەن ئەۋلاتلارغا يۈز كىلەلەيمىز ... ھەممەيلەن ئورتاق بىرلىشەيلى ! ...

بىكەت باشلىغى ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچى ھەرقايسى يۇقرى قاتلام ئىستىداتلىرىمىزغا مۇنداق بىر تەكلىپنى بەرگەم كېلىپ قلىۋاتىدۇ ... ئەگەر تەلىپىم ۋە پىكىرىم سىللەرگە ياقسا شۇ بويۇنچە قىلساق :

1 . ئىز تورىنىڭ ئۇيغۇر توربەت ساھەسىكى ئورنى ۋە ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ، مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىللىرىنى قانات يايدۇرساق . مەيلى شېئىرىيەت بۇلامدۇ ، ياكى ھىكايە ، فىلىيەتۇن ، ئۇچىرىك ، نەسىرىي ئەسەرلەر بولسۇن ... چوقۇم بۇ ئەسەرلەر ئۈزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى بولسۇن . يىغىپ رەتلەيلى ... شۇ جاپاكەش ئەدەبىيات ماھىرلىرىنىڭ ئەجىرىنى يەردە قويۇپ قويماسلىق ئۈچۈن بىزلەرمۇ تەڭ دەرقەمدە تۇرۇپ ، باھالاش ۋە ياخشى پىكىرلىرىمىز بىلەن ئىلھاملاشتۇرۇش ئېلىپ بارساق ، قاملاشمىغان تەرەپلەر بولسا ، ئىجابىي تەكلىپ پىكىرلىرىمىزنى بىرىپ ياخشى نادىر ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن ۋە ياخشى ، مۇنەۋۋەر تالانىت ئىگىللىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن شەرىت - شارائىت ھازىرلىيالايمىز ... بۇ ئۈزۈمىزگىمۇ ياخشى ، شۇ ئىجادكارلىرىمىزنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىمۇ يەردە قالمايدۇ ... بىر تەرەپتىن ، ياخشى مۈنەۋۋەر ئەسەرلەرنى رەتلەپ نەشىرياتقا بېرىش ئارقىلىق خەلىقنى ، جەمىئىيەتنى ۋە مىللىتىمىزدىكى بەزىي سەلبىي ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىغان يارانلىرىمىزنىڭ توغرا قايتىشىغا يارىدەم قىلالامىز ئەمەسمۇ ؟! ... يەنە بىر تەرەپتىن ، ياخشى چىققان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە ئايرىپ قويۇپ ، بۇ جەھەتتىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش مەخسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ ... دۇنيادا ھەرگزمۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش بولمىسا كىرەك ... ئەگەر بىزدە چىن سەمىمىيەت ۋە ئىرادە بولىدىكەن بۈسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھېچقانداق تۇساق بولمىسا كىرەك ...

2 . ھەر - بىر يازمىلارغا ئىنكاس يوللىغۇچىلارغا قارىتا ماس قەدەملىك ئىلھاملاندۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ، ئاددىي ، بىمەنە ئىنكاسلارنى ئومۇمىي ئۇختۇرۇش ئارقىلىق بىردەك ئۈچۈرۈپ تاشلاپ ، بىرخىل ياخشى دولقۇننى ۋۇجۇتقا كەلتۈرسەك ... بارلىق ئەدەبىي يازما ۋە ئەسەرلەرگە باھا بەرگۈچى ھەرقايسى دوسلىرىمىزمۇ چوقۇم قوشۇلىدىغۇ دەيمەن ... پەقەت خوش ياقا ، خوش ياقماستىن ، ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا ئىنكاسلارنى بىرىپ قويماستىن ، بەلكىم ، ھەقىقىي چىن يۈرۈكىدىن چىقىرىپ ، بۇ ئەسەرنىڭ كىشىگە بىرىدىغان تەسىرى ، ئىلمىيلىقى ، چىنلىقى ۋە بىزگە تەسىر قىلغان ئاساسلىق ئالاھىيدىلىكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرسا ، دىموگىراتىيە ئاساسىي قىلىنىپ باھالاشنى ھەقىقىي ۋىجدانلىق دوسلارنىڭ ساب ، سەمىمىي يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سالغان ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارالىساقلا ، ئىشىنىمىزكى چۇقۇم بۇزۇلماس بىرلىك ئىشقا ئاشىدۇ ... ھەممىزگە بار . بىز باشقىلار ئالدىساق ، بىزنى باشقىلار ئاياپ قۇيارمۇ ؟! ... بىز باشقىلارنىڭ ئىشەنجىسىگە ئىرىشەلمىسەك ، باشقىلارنى قانداق قىلىپ ئىشەندۈرەلەيمىز ؟! ... ئاقىۋەتتە ئۈزۈمىزگىمۇ ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى كېلىپ چىقىدۇ ... باشقىلارنىڭ ئىلغار ئۆز ئىجادىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلالىساق ، تېخىمۇ خۇش پۇراق باغۇ - بوستانلىقلارنى ھاسىل قىلالايمىز ئەمەسمۇ ؟ قىلغان ئىشلىرىمىز چوقۇم سۈپەت جەھەتتىن ئەمەلىيەتتىن چەتنىمىسۇن ، ساختىلىقنى قەتئىي قۇبۇل قىلمايلى ! ... ۋەتەن بىزنىڭ ئىللىق ئائىلىمىز ... ۋەتەنگە قانچە قىلساقمۇ جاۋاب قايتۇرۇپ بۇلالمايمىز ... مۇنبەردىكى ئىجابىيلىقىنى باشلاپلا خىيالى ھالدىكى ھېچقانداق نەتىجىسى چىقمايدىغان كەيپىياتنى چىقىرىپ قويماي ، چوقۇم مۇنبەردىكى ۋە مۇنبەر سىرتىدىكى باشقا قىززىققۇچىلارنى جەلىپ قىلىپ ئەپكۈرەلىگۈدەك ئىشلار بولسۇن ... باشقا بىكەتلەردىكى ھەرقايسى ھەۋەسكارلار ئىز مۇنبىرىدىن ئەيمەنسۇن ! ... ھۇدۇقسۇن ... ئىزدىكى يېڭى كەيپىيات ۋە يېڭى يۈكسىلىشلەرنى كۆرگەندە مەسىلىكى كېلىپ ، كىچىللىرىمۇ ئۇيقۇسى كەلمەي ، قاچان تاڭ ئاتار ؟ ... قاچان شۇ بەتكە كىرەرمەن ... باشقا ئىشلىرىم بالدۇرراق تۈگسە بۇلاتتى ؟ ... ھەي تامىقىمنى بالدۇرراق يەپ بولسام بولمامدۇ ؟ دىگەندەك ... كەيپىياتنى شەكىللەندۈرەلىدەك ، مۇنبەر ئىچىدىكى باشقا كۈرۈرمەنلەر يېزىپ چىقىرىلغان ھەرقايدسى يازمىلارنى ئەستايىدىل باشتىن ئاخىرى كۈرۈپ چىقسا ، كۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئەستايىدىل باھالارنى بەرسە ، شۇ باھالار نەتىجىسىدە ئاندىن ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاپ ئۆز لايىقىدا يازمىكەردىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىرىگە چۈشلۇق ياخشى مۇكاپاتلار ھەدىيە قىلالىساق ... بەلكىم ، مېنىڭ دىگىنىم ئەمەلگە ئاشمايدىغان ، يەنىلا ئويلۇنۇش باسقۇچىدىكى قاراشلاردۇر ... ئاساسىي يازمىلار تەلىۋى __ ( چوقۇم ھەرقانداق يازما ، ۋەتەننى بىرلىكىنى پارچىلايدىغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پارچىلايدىغان ، قانۇنسىز دىنىي قىلىمىش بولماسلىقى . چوقۇم بۈيۈك بىرلىكنى قوغدىغان ئاساسىتىكى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ، پارتىيە مەركىزىي كومىتىت بىلەن بىردەكلىنى ساقلىغان ، ئىناق چوڭ ئائىلىنى قوغدايدىغان ، جەمئىيەت مۇقۇملۇقىنى قوغداپ سەلبىي ئامىللارنى چوقۇپ سۈپۈرۈپ تاشلاشتىكى ئىجابىي ئەسەرلەر بولسا يەنىمۇ ياخشى ) ..

3 . مۇكاپاتلىق ئاخبارات ، خەۋەرلەر باھالىشى ئېلىپ بېرىلسا ، چوقۇم ئوتتۇرغا قويۇلغان ، يەنى يوللانغان ھەرقايسى ئاخباراتى يېڭى باشقا توربەتلەردىن يۇلۇپ ئېلىنمىغان تەرجىمە نۇسخىللىرى بولسا تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش كىرەك . ساختىلىققا ئومۇمەن قارىشى تۇرۇپ ، ھەقىقىي چىنلىقنى ئاساسىي ئورۇندا قويۇشى كىرەك ... باشقا توربەتلەردىن يۇلۇپ ئېلىنغان خەۋەرلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مەزمۇن ۋە يېڭى ، كونىلىقىغا قاراپ تەستىقلاش ، پەقەتلا باشقا توربەتلەردە ئومۇمىي چىقىرىپ بولغان ئاخباراتلار بولغان بولسا ، بىردەك تەستىقلانماسلىقى كىرەك . ئۈزى بىۋاستە تەرجىمە قىلغان تەرجىمە ئاخباراتىغا ئالاھىيدە ئىتىبار بېرىلسە بونىڭ بىكەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى ئوبراز ئىناۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغۇ دەپ قارايمەن . ( يۇقىرىقىدەك ياخشى تىپلارنى مۇكاپاتلاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلسا ) .

4 . كۈچ تەشكىللىنىپ ، بولسا يېڭى - يېڭى زىيارەت ئوبىكىتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يېڭى تىپلارنىڭ يەنىمۇ ئولغۇيىشىنى تىزلەشتۈرىدىغان ياخشى بىر كەيپىيات ھازىرلىساق ... مەسىلەن : بىرەر سەنىئەت كېچىلىكى بولامدۇ ، داڭلىق يازغۇچىلار بۇلامدۇ ، داڭلىق كارخانچىلار بۇلامدۇ ، ياكى جەمىئىيىتىمىزدىكى ئىلغار تىپلارنى مۇنبىرىمىزدە نامايان قىلساق ، باشقا بىكەتلەردىن بۇرۇنراق ، بىزدىن ئاپتۇ ، ئەمەس ، بەلكى ، ئەجەپ ، بۇ بىكەتتە يېڭىلىقلار باركەن ، ئىجابىي ئىقتىساسلىقلار كۆپكەن ، دىگەندەك ياخشى تەسىراتلارنى بەرسەك ئىشلار تېخىمۇ راۋان بولمامدۇ ! ؟ ... باشقا ئىقتىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىشىمىزغا پايدىلىق ، بىز تەرەققىياتقا يۈزلەنمىسەك ، تەرەققىيات بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ - دە ... ۋاقتىدا كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈرەيلى ... قانداق مەسىلىلەر بولسا ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ، ھەل قىلىشنىڭ كويىغا چۈشەيلى ... ئۈزۈمىزنى كۆرسىتىشكە ئالدىرمايلى ... بولسا ، ئارىدىكى ياخشى تىپلارنى ئايرىپ چىقىپ جەمئىيەتكە تەشۋىق قىلالىساق ، خەلىققە بىلدۈرەلىسەك ، بۇ مۇنبىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەسمۇ ؟! ... كونىلاردا ، قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس دەيدىغان گەپلەر بار ... ساقلاپ پۇرسەت كۈتۈش ھازىر ئاقمايدۇ ... بىز رىۋايەتلەردىكى << جۇگېلىياڭ >> بۇلالمايمىزدە ... ئۆلگەندە پۇشايمان قىلساق قىلچە ئورنىغا كەلمەس ... ھەممەيلەن ئورتاق ئىدىنىپ باقساق ، مېنىڭچە زىينى يوققۇ دەپ قارايمەن ... بەلكىم مېنىڭ بۇ تەۋسىيەلىرىم سەل چولتا ، ئاددىي ، باشقىلارنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرگۈدەك نادانلارچە غايىۋى ئىستەك بولۇشى مۇمكىن ... مەن گەرچە ، دۇنيا تارىخىدىكى ئاقارتىش مۇتەپپەكۈرى << ۋولتېر ، مونتېسكىيۇ ، رۇسسۇ >> لاردەك ، نادانى گەپ قىلغاندىمەن ... شۇنداقتىمۇ % 5 پايدىسى تىگىپ قالار دەپ زىرىكىپ ، ئاددىيغىنە بۇ سەمىمىي ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم ... قېنى ھەممەيلەن ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ كۆرسەك زىينى بولماس ....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-25 20:18

توردا
122سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
404 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 18:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە . بەك ياخىشى ئەتىراپىلىق ئويىلىنىش بوپىتۈ دە پ قارايىمەن .

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1000 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 19:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بۇرۇن بەك كۇيۇنەتتىم ، ھازىرمۇ ھەم شۇ ، يېقىندىن بۇيان تورغا چىققۇدەك ۋاقىت چىقىرالمىغاچقا مۇشۇنداق تەسىر پەيدا بۇلۇپ قالدى . توغرا چۇشىنىڭ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
931سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
263 
تېما
68 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 21:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىز تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، سىلەردەك تورداشلارنىڭ قوللىشغا موھتاج !
ئىز تورى ھەر تەرەپتىن تىخنىكا يىڭلاش ۋە ئىختساسلىقلارنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
مۇشۇ بىرقانچە كۈن ئىچىدە مۇكاپاتىلىق ئەسەر يوللاش پائاليتىنىڭ ئۇختۇرشىنى ئېلان قىلىمىز .

توردا
143سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
204 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 21:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سالكىنگە بىلەت تاشلاپ ياخشى قىپتىمەن ،مەنمۇ ئويلىغان بىراق سىزدەك جۈر ئەتلىك ئەمەسكەنمەن ، ياخشى پىكىر ،ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ ، بىكەت باشلىقى ئالىمجانمۇ توغرا دەپ باھا بىرىپتۇ ، يۇقارقى تەكلىپ بويىچە پائالىيەت ئىلىپ بارالىساق چوقۇم بارلىق بىكەتلەرنىڭ ئالدىدا بولۇشقا ماڭا ئوخشاش ئەسەر يوللىماي ئىنكاسلا يىزىپ بولدى قىلىدىغان تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقۇرى كۆتۈرلىشىگە پايدىسى كۆپ ياخشى پىكىر بولۇپتۇ ئەزىز دوستۇم تىرىشىڭ .!!!!!!!!!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
84سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
126 
تېما
29 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 21:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
herep يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 19:23
مەنمۇ بۇرۇن بەك كۇيۇنەتتىم ، ھازىرمۇ ھەم شۇ ، يېقىندىن ...

ماۋۇ تېمىنى (1000 تىللا) بىلەن باھالىۋەتتىم.

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
230 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 22:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەق گەپ بوپتۇ،شۇنى دەيمەن ،بىزگە كۆزتەگدىمۇ قانداق؟ھەجەپبىر پىتىشماي قالدۇق.

Rank: 8Rank: 8

توردا
380سائەت 
نادىر تېما
دوست
31 
يازما
576 
تېما
110 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 00:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز قېرىندىشىم .سىزدەل دادىل پىكىرنى ئوتتۇرغا قۇيالايدېغان تىرىشچانلار كۆپ چىقچا ئىز تورىمىزنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.

توردا
55سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
51 
تېما
11 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 01:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى گەپ بولدى،دىمىسىمۇ ئىنكاس قالدۇردىغانلارمۇ بەك ئازلاپ كەتتى .

توردا
28سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
143 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 15:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ قوللايمان ئىمكان بولسا ياخشى چىققان ئەسەرلەرنى خەلىق ئارىسىغا تارقاتساق ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى يېزىشىغا مەدەت بۇلاتتى .ھەم كۆپلىگەن ئىختىدارلىق يازغۇچىلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تۇرتكە بۇلاتتى . باشقا مۇنبەرلەردە تېخى ئەسەر يوللىسىڭىز قەلەم ھەققى بىرىمىز دەپ ئۇختۇرۇشلارنى چۇشۇرۇپتۇ بىزگە قەلەم ھەققى لازىم ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قابىلىيتىنى جارىي قىلدۇرالايدىغان ئىللىق بىر جاي لازىم يەنى ‹‹ئىز مۇنبىرى››گە ئوخشاش مەن راستىنى ئېيتسام بۇ مۇنبەرگە كىرگىنىمگە بەك خۇشالمەن بۇندىن كىيىن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ئالغا ........................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-17 13:04

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.