ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئۆمۈرمەنزىلىدىن تىنماي قىدىردىم مەن ﻫەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ﻫادى تېپىشتا چىن ﻫىدايەتنى.
تىلەپ ﻫەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساﻫەتنى،
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزﻫارغە ﻫەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى، 
كىلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆﻫبەتنى.
سۆزۇمنىڭ باشى بىسمىللاﻫ بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانايۇ ﻫەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر.
قۇرۇق، تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل، ئەقىدەمدۇر، 
بۇ دەئۋايىمغا بۇرﻫانىم، مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر،
تىلەيمەن رەببىم ئاللاﻫتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى.
تەئەججۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇ قەسىدەمدىن،
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن. 
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلەر ناگاﻫ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەﻫنامە تاپتى كۆڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن،
ئىلاﻫا ئەيلىگىل مەڭگۈ ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.
تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل، 
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى، ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئېرىتىش ۋە ياكى نىل،
جاﻫانداچەكمىگەي ﻫېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى .

سەﻫەردە ﻫەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ﻫەر دەمدە،
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ﻫىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
ۋاﻫالەنكى ئادا بولماي ﻫىساپسىز قەرىز بۇ زىممەمدە،
ﻫامان قاينايدۇ ﻫەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇقەلبىمدە، 
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.
باﻫار يامغۇرلىرى ﻫەرتاڭ يۇيار ﻫەم ياشنىتار تاغنى،
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ﻫەتتا گۈللىتەر باغنى .
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى، 
ئېرىتسە ﻫېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى،
ئاتا قىلسا ئىلاﻫىم خەزىنەسىدىن قەترە رەﻫمەتنى .
سىراتەلمۇستەقىم تاپماق ئەگـئەربولسا نەسىبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەﻫزۇن بۇ سېنەمدە، 
ئۇمىدىم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە،
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە،
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى .
خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ﻫەمىشە قايناق، 
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاﻫى تاڭغىچە ئويغاق،
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق،
ئىلاﻫىم ئۆزى يار بولغاي ئۇمىدىمگە يەنە كۆپراق،
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.

پىكىر دەرياسىغە قانچە تىرەن چۈمگەنسىرى ﻫەر تۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە، يۇيۇلدى-تارقىدى ئەپسۇن،
ﻫاياتىم گەرچە پۇشايمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەﻫزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىغە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن، 
يېقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .
تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە،
ئەمەستۇر خالى ﻫىكمەتتىن ۋە ﻫەتتاكى ﻫەسەل ﻫەرە،
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە، 
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇتېخى ئازغىنە قەترە،
ئىلاﻫا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ﻫىكمەتنى.
بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق، 
مىسال قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن ,قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
بىلۇر ئەمما گۈدەك ﻫەتتا نىچۈكدۇر گۈل نىچۈك ياپراق،
دېمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلۇ -پاراسەتنى. تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش، 
ﻫايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ﻫەم خاﻫىش،
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش،
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روﻫى قۇدرەتنى،

مىسال بىر قەترەدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپباق،
ئانا قارنىدا بۇجانغا ﻫاۋا بولغاننى ئويلاپ باق،
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق،
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق، 
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.
بۈگۈن پەن يۇكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن،
ۋە ﻫەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن،
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدﻫىيە- تەﻫسىن، 
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن،
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى.
نىمىشقا ئاياغ ئىككى، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر؟
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەﻫرىردۇر؟ 
نىمىشقا مىڭ كىشى چىﻬرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر؟
قېنى ئېيتىڭچۇ، بۇسىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەبىردۇر؟
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇسۈرەتنى.
ئۆلۈمنى ئويلىسا ﻫەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن، 
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ﻫەممىگە ئايدىن،
لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن؟
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن،
ﻫەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ﻫەممە دىققەتنى.

ئۆلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاﻫاندىن كەتتى كۆپ دەنا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ﻫېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا،
ئارىستو ياكى لوقماندەك ﻫەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا، 
دېمەك مۇمكىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنىي زۆرۈرەتنى.
قۇياشۇ ئاي ۋە يۇلتۇزلار سامادا سەيىر ئىتىپ ﻫەر كۈن،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئىتەر ﻫەر كۈن،
بۇڭا ﻫاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن، 
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن،
يۇرۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇﻫالەتنى .
ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋەﻫالەنكى تەبىئەت ﻫەم ئەجەپ بىر خىلدا ﻫەيئەتتۇر، 
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ﻫونۇز بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ﻫەر زامان تاشتۇر ,زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر،
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاﻫالەتنى.
مىسال پەن -ﻫۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ﻫىكمەت دۇكانىنى، 
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇ مۆجىزاتلار زامانىنى،
يەنە ﻫەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ﻫىممەت داۋانىنى،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ﻫەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى ،
ياسالماس ﻫەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .

ﻫاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرﻫان،
تۇخۇسىز ئالۇر ﻫەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان،
ئەگەرچە يەنە مىڭ ﻫەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان، 
دىمەك مەخلۇق ﻫامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .
نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دىﻬقان ﻫۇسۇل تولمايدۇ خامانغا،
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا، 
زاۋۇتلاردا ياساپ ﻫەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا،
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .
ﻫاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر،
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە، ئەگەر ئۇ بەﻫرى دەريادۇر، 
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ﻫىكمەتلەر ئەﻫيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كېمېيا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر،
ﻫايات قانۇنى ﻫەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.
مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ﻫەر ئان، 
ۋە لېكىن ﻫەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان،
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى «سۈرە ئەررەﻫمان»،
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە «ما تۈكەززىبان»،
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ دەۋەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەئىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاﻫىر،
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائىر، 
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى .
ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ﻫاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر،
بىراۋلارقەسىت بىلەن قۇرئان بېتىنى قىلسىمۇ تەﻫرىر، 
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ﻫەرىىپ,ۋە ﻫەتتا بىر زەبەر ۋە يا زىر،
چۈشەنمەك نەمۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە - كارامەتنى.
پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات،
ئۇقۇپ بىركۈن «ئىقرە بىسمى رەببىكەللەزى»نى ﻫەيﻬات، 
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات،
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇنياد،
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ﻫەقىقەتنى .
ئۇقۇپ كۆرسەك بۇ تارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ﻫىكمەتتۇر، 
مۇبارەك تەرجىمەﻫالى تامامى پەزلى -خىسلەتتۇر،
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ﻫۆججەتتۇر،
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇﻫەممەددۇر،
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ﻫالىنى ئەسلەڭ،
جاﻫالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەﻫۋالىنى ئەسلەڭ،
زالالەت ﻫەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئېماسىنى ئەسلەڭ،
مىسال بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ، 
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى.
ۋەﻫىنى بەزىلەر ئىلﻬام دىيىشتى بىر زامان ﻫۆكمەن،
ۋەﻫالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان،
ئۇنى ئىلﻬام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان، 
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان،
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ﻫەقىقەتنى .
بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا, نەبىلىك ئۈستىدە ﻫەتتا،
تېپىپ مىڭ ﻫېلە -نەيرەڭلەر, ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا، 
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر,ۋە ﻫەتتا قىلسىمۇ غەۋغا،
جاﻫاندىن كەتتلەر لىكىن, بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا،
تاپالماس چۈنكى باتىللىق,ﻫەقىقى شانۇ-شۆﻫرەتنى.
بۇلارنىڭ ﻫەممىسى جانلىق ئۇلۇغ مۆجىزە ئەلۋەتتە، 
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ﻫەقتە،
ئەقىل ساﻫىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق, قانائەتتە،،
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاﻫالەتتە،
ئۆزىگە رەﻫنامە قىلسۇن ئەدىل , مەردانە پىكرەتنى.

خاتىمە. بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ﻫەتتا،
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ﻫېدايەتتىن بىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن, ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا، 
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راﻫەتنى.
ئەقىدەم ﻫەققە باغلانغان, بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم,ﻫەق ئاتا قىلغان ئىرادە، ئېتىقادىم بار،
ئەقىدە ساﻫىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار، 
دىمەيمەن مۇنچە گۇستاﻫلىق,قىلىشقا نىمە ﻫەددىم بار،
پىسەنىت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.
جاﻫان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ﻫەتتا ۋەﻫشى چىڭگىزخان، 
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاﻫانغا بىﻬېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا, كېچەر دۇنيا، پەقەت ﻫەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىﻬايەت شۇ ﻫەقىقەتنى.

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.

|