- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-19
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 173سائەت
- جۇغلانما
- 2999
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 788
- تېما
- 93
- توردا
- 173سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 37
- يازما
- 788
- تېما
- 93
|
ئەي ئايال،قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭكى،نىكاھ مۇقەددەسلىكى بىلەن سىزگە پاكلىق ۋە ھەقىقي مەنىدىكى ئاياللىق خىسلىتىنى بەخش ئېتىدۇ،سىز مۇقەددەس بولغان نىكاھنى قوبۇل قىلىپ ،بىر ئەرنىڭ ئىلكىگە ئۆتتىڭىز ۋە ئاتا -ئانىڭزنىڭ يېنىدىن ئايرىلپ ،ئۆزىڭىزنى قوبۇل كۆرگەن جۆرىڭىزنىڭ ئۆيىگە باردىڭىز،دېمەك سىزنىڭ ئاتا -ئانىڭىزغا ئەركىلەيدىغان، ئۇلارغا يۆلىنىۋالىدىغان ئەركىلىك ۋاقتىڭىز كېتىپ، مۇستەقىل بولغان ئائىلە خوجايىنىغا ئايلاندىڭىز، مۇستەقىل ئىش باشقۇرغۇچى بولدىڭىز،شۇڭا سىزدە مۇستەقىل كۆزقاراش بولسۇن، جۆرىڭىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتۈپ،بىللە كۈن كەچۈرىدىغان،ھەرقانداق ئېغىرچىلىقلارنى بىللە كۆتىرىدىغان جاسارەت بولسۇن، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن جۆرىڭزنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشەلەيسىز.......
ئەي ئايال ،قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭكى،سىز بىر ئەرنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن ئايال،سىزنىڭ بارلىقىڭىز ئۇ ئەرگە تەئەللۇقتۇر،ئېرىڭىزگە سىزنىڭ پاكلىقىڭىز، ئەخلاقىڭىز، گۈزەللىكىڭىز،پەزىلتىڭىز،ئالىجانابلىقىڭىز لازىمدۇر.شۇنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭكى،سىزدىن زەررىچە بولسىمۇ ناپاكلىق سادىر بولۇپ قالمىسۇن،ئەر -خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ۋاپا، ئىشەنچ، ئەدەپ، ھايا،سەمىمىيلىك، پاكلىق ...بولغاندىلا بۇ ئائىلە روناق تاپىدۇ، ئەر -ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچمۇ كۈچىيىدۇ.ئېرىڭىزگە ئىشەنچسىز بولۇپ قېلىشتىن، ياتباش بىر ئەر بىلەن ناشايىن ئىشلارنى سادىر قىلىپ ،ئېرىڭىزگە خىيانەت قىلىپ ئېرىڭىزنىڭ يۈزىنى يەر قىلىشتىن، ئەل ئارىسىدا شەرمەندە قىلىشتىن ،نومۇستىن ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىڭ،شۇنى بىلڭكى ئەرلىك غورۇر ئەرلەر ئۈچۈن جېنىدىنمۇ مۇھىمدۇر.......
ئەي ئايال،قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭكى،ھەرقانداق ئىشتا ئېرىڭىز بىلەن مەسلەھەتلىشىپ ئىش كۆرۈشكە ئادەتلىنىڭ، ئۆز بېشىمچىىلق قىلىپ ،ئۆز ئالدىڭىزغا ئىش كۆرۈپ ئېرىڭىزنى مەنسىتمىگەندەك قىلىقلارنى قىلىشتىن ،ئېرىڭىزنىڭ ئەرلىك غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ -سۆز ۋە ئىش -ھەرىكەتەلرنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللارنى سادىر قىلىسىڭىز ئېرىڭزنىڭ غورۇرى يەرگە ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلىدۇ -دە ،ئائىلىدىن جىدەل -ماجرا قۇرىمايدۇ، ئىناقلىققا تەسىر يېتىدۇ،شۇڭا ئىمكان بار ئېرىڭىزنىڭ رايىغا بېقىڭ، بىلەرمەنلىك، مەنمەنچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭ......
ئەي ئايال،قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭكى، سىز ئەمدى بىر ئائىلىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندىڭىز،ئايالنىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى،شۈكرى -قانائەتچان بولۇش،تۇرمۇشتا قانائەتچان بولۇش بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي،تۇرمۇشتا ئىمكان بار بارغا شۈكرى -قانائەت قىلىپ ،تېجەشلىك ،ئىقتىزادچىل بولسىڭىز ئۆيىىڭز تېخىمۇ باياشادلىققا تولىدۇ،تۇرمۇشىڭىزمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ،ئەگەر شۈكرى -قانائەت قىلماي مەنمەنلىك قىلىسىڭىز، باشقىلار بىلەن بەسلىشىپ،يوق نەرسىلەر ئۈچۈن غەلۋە قىلىپ ئېرىڭىزنى تەڭلىكتە قويسىڭىز ،ھالىڭىزغا بېقىپ ئىش كۆرمىسىڭىز،ئۇنداقتا ئائىلىڭىزنى تېخىمۇ غۇربەچىلىك باسىدۇ، ئۆيىڭىزدىن جىدەل -ماجرا كەم بولمايدۇ،ئېرىڭىز سىزدىن تېزلا سوۋۇيدۇ.......
ئەي ئايال ،قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭكى ،سىز بىر ئايال، ئايال دېمەك- مىللەتنىڭ ئانىسى دېمەك، سىز ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بارلىقىڭىزنى ئېرىڭىز ،پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن بېغىشلاڭ،ئۇلارغا پۈتكۈل مېھرى -مۇھاببىتىڭىزنى ئاتا قىلىڭ،ئۇلارنىڭ كۆڭلى سىزنىڭ چەكسىز مېھرىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈنسۇن، پەرزەنتلىرىڭىزگە بىلمدە،ياخشى خۇلق -پەزىلەتتە ئۈلگە بولۇڭ،پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ،ئۇلار سىزنىڭ مۇكەممەل تەربىيىىڭز ئاستىدا ۋەتەن -خەلىققە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقسۇن.......
مەنبە : << ئەخلاق ۋە ھېكمەت>> بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-26 17:13
|
|