يازمىلار ئوغۇرلانمىسۇن ! ... دىمەكچى بولغانلىرىم ، بارلىق تورداش دوسىتلىرىمىزنىڭ ئويلۇنۇپ كۈرۈشكە تىگىشلىك مۇھىم نوقتا بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن ... بىزداۋاملىق مۇشۇ نوقتا ئۈستىدە ئويلىنىش قىلىپ كېلىۋاتىمەن . ۋە بىرنەچچە قېتىم ھەرقايسى دوسىتلار سەمىگىمۇ سالدىم ... بىكەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى تەرەققىي قىلالماسلىقى بارلىق تورداش دوسىتلارنىڭ ئىزچىل قوغدىشى ياكى قوغدىيالماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . بىكەت دىمەكلىك : خۇددىي بىر ئائىلىگە ئوخشاش ، شۇنداق بىر بىلىم كانى بولۇپ ، بىزنى ھەرخىل بىلىملەر بىلەن تەمىن ئىتىدىغان بىر ئالىي بىلىم يۇرتى دەپ قارايمەن . بۇ مەكتەپتە ھەرخىل ئېقىملار بولىدۇ ... خۇددىي ئادەتتىكى بىر مەكتەپ سىنىپلىرىدا ، ياخشى ئۈگۈنۈش ئەلاچىللىرىمۇ ، ئوتتۇراھالنى ئوقۇغۇچىلارمۇ ، زىھنى تۈۋەنلەرمۇ ، ئۇرۇشقاقلارمۇ ، قالايمىقانلارمۇ مەۋجۈت . بىزنىڭ بۇ مەۋھۇم دۇنيارىمىز ھېچقانداق بىر مەكتەپكە ئوخشىمايدىغان ئالىي بىلىم يۇرتى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ ... بۇنىڭدىن ھەرخىل ئىجىتىمائىي تۇرمۇشنىڭ قاتلاملىرىنى بىرلىكتە ئۈگۈنۈمىز ، بەس مۇنازىرە قىلىمىز ، ئۇستازلىرىمىز بىزلەرگە يېتەكچى بىز بۇ بەختىيار ئائىلىدە ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، ئۆز ئەقلىي زىھنىمىزنى ئۆزلۈكسىز يۇقرى كۈتۈرىمىز ... يۇقارقى بىر سەۋەبلەردىن ھەرخىل ئۇستاز يازمىكەردىلەر يېڭىچە دەرىسلىك مول يېتەكچى مەزمۇنلىرى بىلەن مۇنبەرگە ھۇسۈن قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بىزلەرگە تەربىيەت بىلىم نوقتىلىرى بىلەن تەمىن ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ . بۇ مۇنبەرنىڭ زىننىتى ۋە بىكەتنىڭ تەرەققىياتى ، ئوبرازى ... ئەمما قانداق سەۋەبلەردىن ، شۇ ئۇستازلارنىڭ ئەجىرىگە يۈز كىلەلمەيدىغان بىرقىسىم قارا نىيەتلەر رۇخسەتسىز ، ئۆز نامىدا كۈچۈرۈپ ئېلىپ ، باشقا بىكەتلەرگە يۆتكەيدىغان ۋە باشقا بىكەتلەردىكى تۆھپىكار ئەجىر ئەزىمچىلەرنىڭ ئەجىرىگە مۇخالىپ قاملاشمىغان قىلىقلار ئانچە - مۇنچە ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئانچە - مۇنچە كۈرۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ . بولسا ئۈزۈمىزنىڭ ئىناق ئائىلىمىزگە قارا سۈرتىدىغان ، قارا كۈڭۈللەرگە زەربە بەرسەك ... ئەسەر ھوقۇقى پەقەتلا شۇ ئۇستازلارنىڭ ئىلكىدە بولسا ، ئۇستازلارنىڭ ماقۇللۇقىسىز ھېچقانداق شەخىسنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىنى چەكلىسەك ... بۇمۇ ، ئىناق ئائىلىمىزنىڭ ئىناقلىقىنى قوغدىشىمىزدىكى ياخشى بىر ھەركەت بوپ قالغۇسى ... ئەسەر ھوقۇقى پەقەت شۇ جاپاكەش يازماكەردىگە مەنسۇپ ... ماڭىمۇ بىرسى شۇنداق بىر ئىنكاسلارنى يېزىپ ئاگاھلاندۇردى ... بىر يازمامنى كۈرۈپ ، ئۇنىڭغا ياراپ قاپتۇ ... باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا ئوغۇرلاپ باشقا بىكەتلەرگە ئاپىرىپ قالايمىقان ئىشىلتىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ دەپتۇ ... بۇمۇ ئەمەلىيەتتە توغرا ... يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىنىڭ ئاخىرىسىدا ئەسەرنىڭ ئىشىلتىش ھوقۇقى مەندە ، قالايمىقان كۈچۈرمەڭ ، دىگەن ئىزاھاتنى ئەسكەرتىپ قويۇپتۇ ... سەل ئويلۇنۇپ قالدىم ... مېنىڭ بۇ ئويلۇرۇم ئارتۇقچىمۇ قانداق ؟ ھەممەيلەن بىردەملىك ئويلۇنۇشتا ئەمەس ، بەلكى ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ باقساق ... |