ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )
كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 17
go

پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )    

توردا
103سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
127 
تېما
61 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 13:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )



Rh (+) A تىپلىق قان ، ئاق قان كېسىلى، ئۇيغۇر، ياشقىنا يىگىت ، كىملەرنىڭدۇر يۈرەك پارىسى ، كىملەرنىڭدۇر جان قېرىندىشى ، ئاچچىق ھايات، رەھىمسىز تەقدىر ، ئۇرۇلۇۋاتقان ئاھۇ – پىغانلار، تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار، ھاياتقا تويماي پىلدىلاۋاتقان كۆزلەر ، پۇل ئەمەس قان لازىم، ئىمكانسىزلىق دەستدىن تولغىنىۋاتقان جانلار، كىرپىك قاقماي ئېقىۋاتقان تاڭلار ، قۇدرىتى چەكسىز ئۇلۇغ ئاللاھ … مانا بۇلار شۇ تاپتا كاللامنى توختاۋسىز قوچۇۋاتقان ، باغرىمنى مۇجۇپ، دىلىمنى ئىزىۋاتقان سۆزلەر !
ئۆز گېپىمنى قويۇپ ، يېقىن توردىشىمىز ‹‹ ئۇيغۇرلار بلوگى ›› قۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز ئىنىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا تاشلاي:
بۇ يازمىنى يازغاچ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلىۋاتىدۇ ، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئۆز ئىنىمنىڭ تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشۈپ ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەك ‹‹ جىددىي خاراكتېرلىق ئاق قان كېسىلى ›› دەپ، دىئاگنوز قۇيۇلۇشى ۋە ئارقا – ئارقىدىن ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى مەن قوبۇل قىلالمايۋاتىمەن ، شۇ تاپتا ئىنىمنىڭ ھاياتىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن ، 21ياش دېگەن نېمە ئۇقۇم؟! ئويلاپ بېقىڭ سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟! تولىمۇ ياش ۋاقتى ئەمەسمۇ ؟! …
مەن شىنجاڭ تېببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيمەن ، ئاق قان كېسىلىنىڭ خاراكتېرى ، ئاقىۋىتىنى بىر قەدەر ياخشى چۈشىنىمەن ، ئاق قان كېسىلى قان غول ھۈجەيرىسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ توختىماستىن بۆلۈنۇپ نورمال قان ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قاندىكى راك ، داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ كېتىشى ، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى ، ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بالدۇرلا يورۇق دۇنيادىن خوشلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى . بۇلارنىمۇ ئۆيدىكىلەرگە ئېنىق دېمەي ‹‹ ئىنىم تېخى ياش، ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ ›› دەپ، تەسەللىي بېرىۋاتىمەن ، چۈنكى ئاپام بۇ دىئاگنوزنى كۇرۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى، ھازىر ئاكام ، دادام ۋە مەن ئىنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىمىز ، دادام بۇيىل 64 ياشلار ئەتراپىدا ، ھازىر ئىنىمنىڭ دەردىدە يېندىن ئايرىلماي قاراۋاتىدۇ ، بىر ئاز ئارام ئېلۋالسىلا دىسەكمۇ ئۇنمايۋاتىدۇ ، دادامنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ،ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ، دىيابىت قاتارلىق كىسەللىرى بار ، كۈندە يەيدىغان دورىسى ، ئۇرىدىغان ئىنسۇلىنى بار ئىدى ، ھازىر ئۆزى بىلەنمۇ كارى يوق ، دورىسىنى ، ئىنسۇلىنىنى تاشلاپلا قويدى، نەسىھەت قىلساقمۇ ئاڭلىمايدۇ ، تۇرۇپ ئىنمنىغا قاراپ ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار ئېقىپ كىتىدۇ ، ‹‹ ئىنىڭ ساقىيىپ كىتەر ھە؟! … ›› دەپ نەچچە رەت سوراپ كىتىدۇ … ئاھ خۇدا، مۇشۇنداق كېىتىۋەرسە دادام ،ئىنىم ،ئاخرسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن… ئۇلۇغ اللە دىن ئىنىمنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ، دادامغا بەرداشلىق بېرىشنى تىلەيمەن . ھېچ كىم ساڭا كەلدى ، ماڭا كەلدى دىيەلمەيدىكەن ، ئۆزىگە كەلگەندە كۆرمەي ئىلاج يوقكەن ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىگە كەلگەن قازايى – قەدەرلەرنى قۇبۇل قىلماق بەك تەسكەن ، اللە ھەر قايسىمىزنى بالا- قازا ، كېلىشمەسلىكلەردىن ساقلىسۇن ! ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان بارلىق كىشلىرىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن!!! …
ھازىر ئىنىم شىنجاڭ تېببى ئونىۋېرسىتېتى قان كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ 1- رايۇنىدا تۇرۋاتىدۇ ، كارۋاتنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن ، كېسەلخانىغا بىر قاتلىما كارۋاتنى سېلىپ ۋاقتىنچە داۋالىنىۋاتىدۇ ، ھازىر قان تەكشۈرۈشتە ،ئاساسلىقى ئاق قان دانچىسى بەك يۇقىرى ، قىزىل قان تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەكلا تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) نىڭ قان توختىتىش رولى بار ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) تۆۋەن بولغانلىقتىن تۇيۇقىسىز چىقىپ كىتىپ ، ئىچكى ئەزالار قاناش ، مىڭىگە قان چۇشۇش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى، قان چىقسا قاننى توختاتقىلى بولمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى خېمىيلىك داۋالاشتا ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەك تۆۋەن بولسا داۋالاشنى كۆتۈرەلمەيدىكەن، قان پىلازمىسىنىڭ بەدەن سىرتىدا ھايات قېلىشى بەك قىسقا بولغاچقا قان پىلازمىسى ئادەتتە قان ئىسكىلاتىدا بولمايدىكەن ، پەقەت قان تىپى ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قېنىدىن 血小板 نى ئايرىپ ئېلىپ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە سالىدىكەن ، ئاندىنلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئىنىمنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر كىشىدىن 200ml بىرلىك بويىچە ، 30 ئەتراپىدىكى كىشىدىن قان ئېلىپ، قېنىدىن چىققان قان پلاستىنكىسىنى تولۇقلىغاندىلا ئاندىن داۋالىغىلى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئوخشاش قان تىپلىق بۇنچىلا ئادەمنى تېپىش ئۇنچىلا ئاسان ئەمەسكەن ، دوستلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق ، نەچچىسى ياردەم قىلدىغانلىقىنى ، قاچان دېسە شۇ ۋاقىتتا كېلىدىغان بولدى ، لىكىن يەنىلا كەمچىل بۇلۋاتىدۇ ، ئالدىمىزدا قاتمۇ – قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلدىغىنىمىز كۆزىمىزگە كۆرۈنىپلا تۇرىۋاتىدۇ. كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىدىن ئايرىماپتۇ ، دېگەن گەپ بار. دوستلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنىمنىڭ ئىسمى: ئابدىراخمان ئىمىن
قان تىپى : Rh (+) A
يۇرتىمىز كۇچا ناھىيسىدىن .
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمىرى: 18909972693 (ئاكامنىڭ)
18909972757 (مىنىڭ )
دوسلارنىڭ ئەتراپتىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ قويىشىنى ، قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنى بېرىشىنى ،ئىنىمغا غەيرەت – شىجائەت ، كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۈكسەلنىڭ سۆزى
مانا بۇ بىر ئاكىنىڭ ئېنىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ، مەن ئەسلى بۇ ئىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان ئىدىم ۋە شۇ ھامان ئۇيغۇرلار بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئۇقۇشقان ۋە ياردەمگە ھەرقاچان تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇمۇ زۆرۈر تېپىلغاندا مەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشقان ئىدۇق. كۈتمىگەندە ، بۈگۈن ئىنىسى ئابدۇراخمانجان ئۆزى تېلېفون قىلىپتۇ : ‹‹ ئاكام ماڭا ماس كەلگۈدەك قان تاپالماي بەك تىپىرلاپ قالدى … مۇمكىن بولسا بىزگە ياردەم قىلىسىڭىز، تورداشلارغا مۇراجات قىلىپ باقسىڭىز، قان تىپى ماڭا ماس كېلىدىغان ، ماڭا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان تورداشلار چىقىپ قالسا ياخشى بولاتتى ، سىزگە تېلېفون قىلغىنىمنى ئاكام بىلمەيدۇ ، بىزگە چوقۇم ياردەم قىلسىڭىز … ›› بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان كۈچلۈك تەلپۈنىشى، كېسەللىكتىن قۇتۇلۇشقا بولغان كۈچلۈك تەشنالىقى ، ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان چەكسىز مېھرى – مۇھەببىتى مانا مەنلا دەپ تۇراتتى. ئۆزەمنىڭ بىخۇتلۇق قىلغانلىقىم ۋاقتىدا مۇراجاتناما چىقارمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندىم. ئاللاھىم ، ھلىھەم كېچىكمەسمىز . قېنى كۆپچىلىك ياردەم قۇلۇڭلارنى بۇ قېرىندىشىمىزغا سۇنغايسىلەر ، بۇ قېتىم پۇل ئەمەس قان لازىم. قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى ، ئاللاھ ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن ! ئابدۇراخمانجاننىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن، ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرداشلىق ، ئىشلىرىغا ئاسانلىق بەرسۇن !
ئاخىرىدا ، مەزكۇر ئۇچۇرنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى چامىنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ، باشقا تور بېكەت – مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )

Rank: 8Rank: 8

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
622 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 20:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ يازمىنى كۆرۈپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم،21ياش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولىدۇ،شۇنچە ياش تۇرۇپ مۇشۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغىنى كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ~!
مىنىڭ قان تىپىم O،ناۋادا Rh (+) Aتىپلىق بولغان بولسا،مەن بىرىنچى بولۇپ بەرگەن بولار ئىدىم~!
<اللە>ئۇ بالىنىڭ كىسىلىگە شىپا بەرگەي،ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي~!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-28 20:57

توردا
163سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
548 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 21:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭمۇ قان تىپىپ oتىپلىق ئوخشاش بولغان بولسا بىرار ئىدىم كەچۇرۇڭ ياردەم قىلالمىدىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1529 
تېما
66 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 21:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللا ئىگەم ئىشلىرنى ئاسان قىلسۇن

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1529 
تېما
66 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 21:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق ئىشلارغا ئىنكاسمۇ يوق،ئاللا ئىگەم شۇنداق كىسەللەردىن مىللىتىمنى پاناھىڭدا ساقلىغىن،ئامىن!!!

توردا
23سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
27 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 21:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئللاھ رەخمەت قىلسۇن !!!!!!!!!!

توردا
103سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
77 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 22:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلۇغ ئاللا ئاسانچىلىغىنى بەرسۇن،،،مىنىڭ ABئىدى..ئەگەرماس كەلسە مەن بېرشىكە تەييار....

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 23:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللا ئاسانلىق بەرسۇن . قان تىپى ئوخشاش دوسلارنىڭ قولدىن كىلشچە ياردەم قىلىشنى ئۇمىت قىلمەن.

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
22 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 23:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن دوختۇرىانىدا ئىشلەيمەن. ئەتە مەن قان تىپىمنى تەكشۈرتۈپ باقاي. ئاپلا ئەتە شەنبە راس. يىزا دوختۇرخانا دەم ئالغان. دۈشەنبە قان تىپىمنى تەكشۈرتىپ بېقىپ ئاندىن شۇ بويىچە ئىش كۆرەي 200mlقان دىگەن ئانچە جىق ئەمەس. ئەگەر ماس كىلىپ قالسا مەن بىرشكە رازى. مەن يەكەندىن.

توردا
182سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
255 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 00:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىدىگەن جىددى خەۋەر بۇ ؟ ھەي ئىسىت - مىنىڭ قېنىم B تىپلىق . ئەگەر Rh (+) Aتىپلىق بوپ قالغان بولسا قانچىلىك ئالغىلى بولسا شۇنچىلىك تەغدىم قىلغان بولاتتىم . يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغۇم باتتى . بەك ئەپسۇس . ئاغزىمغا ھېچقاندا گەپ كەلمەيۋاتىدۇ مۇشۇ تاپتا . . . .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 16:01

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.