ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار قېرىلىق گۇناھ ئەمەس...

      

كۆرۈش: 319|ئىنكاس: 9
go

قېرىلىق گۇناھ ئەمەس...

Rank: 8Rank: 8

توردا
352سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
428 
تېما
225 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 11:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قېرىلىق گۇناھ ئەمەس



ئاپتورى: ئابلىمىت ئابلىز



ئۈچ يىل ئىلگىرىكى مۇنداق بىر ئىش ئېسىمدىن چىقمايدۇ: مەلۇم بىر كۈنى كەچتە، دوختۇرخانىنىڭ جىددىيقۇتقۇزۇش بۆلىمىنىڭ كۆزىتىش ئۆيىدە ساقسىز بولۇپ قالغان ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتىم. شۇ چاغدا 27 - 28 ياشلار چامىسىدىكى دېھقان سۈپەت بىر يىگىت ئايالى ۋە دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە ياشىنىپ قالغان بىر موماينى يۈدۈپ ئېلىپ كىردى. موماينىڭ ھالى بەكمۇ بوش ئىدى. ئۇ يىگىتنىڭ دېيىشىچە، ئانىسى ئېرىق بويىدا كىر يۇيۇۋېتىپ، بېشى قايغاندەك بولۇپ يىقىلىپ چۈشكەن بولۇپ، ئەر - ئايال ئىككىيلەن ئۇنى ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتقا سېلىپ، 8 - 9 كىلومېتىر يول بېسىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەپتۇ. دوختۇرلار موماينىڭ مېڭىسىگە ئېغىر دەرىجىدە قان چۈشكەن، دەپ دئاگنوز قويۇپتۇ ۋە ئاغرىقنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.
بۇ موماينىڭ ئالتە ئوغلى بار بولۇپ، بۇ يىگىت ھەممىدىن كىچىكى ئىكەن. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ يىگىتنىڭ ئۈچ ئاكىسى ئاياللىرى بىلەن يېتىپ كەلدى. باشقىلىرى خەۋەر تاپمىغانمۇ ياكى ئاڭلىغان بولسىمۇ كەلمىدىمۇ، ئۇنىسى بىزگە نامەلۇم. ئۇلارنىڭ چىرايىدا ئانىسىدىن ئايرىلغانلىقىغا قايغۇرۇش، دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئېلىپ كېلىپ قۇتقۇزالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى. كېلىنلەرمۇ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۇسۇرلىشىپ بىر چەتتە تۇراتتى. «توۋا، مۇنداقمۇ باغرى تاش پەرزەنتلەر بار ئىكەن - ھە!؟» دېدىم ئىچىمدە.
- ئەمدى ئۆيىدە جىم ياتقانلارنىمۇ چاقىرىپ كېلىپ، ئاپامنى داۋالىتىش ۋە ئۇزىتىش چىقىمىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشەيلى. ئاپامنىڭ پەرزەنتى پەقەت سىلەرلا ئەمەسقۇ؟ - دېدى كېلىنلەر ئىچىدىكى چىرايىدىن يامان تەبىئەتلىكلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بىرى. كونىلار مۇنداق دېگەن ئىكەن: «پەرزەنت ئانىسىنى يۈدۈپ ھەجگە ئاپارسىمۇ، ئانىنىڭ بالىنى تۇغۇپ قويغان شۇ بىر ئەجرىنىمۇ قايتۇرالمايدۇ». ئاق سۈتىنى بەرگەن، باققان ئەجرى بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن. ھازىر پەرزەنت ئۈچۈن ئانىسىنى ھەجگە ئايروپىلان بىلەن ئاپارسىمۇ بولىدىغان شارائىت بار. نېمە بىلەن ئاپىرىش مۇھىم ئەمەس، گەپ ئانىلارنىڭ پەرزەنت ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ بەك زور ئىكەنلىكىدە. بىزدە «ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس» دېگەن ماقال بار. ئۇ ئانا گەرچە ئوغۇل، كېلىنلىرىنى ياخشى كۆرمىدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا ئوغۇللىرىنى جاپا تارتىپ چوڭ قىلغان - دە. ئانا بىر ئۆمۈر پەرزەنت ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدۇ. شۇ ئانا ھايات چېغىدا تاغدەك ئالتە ئوغلىدىن پەخىرلىنىپ، تۇرمۇش، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندۇ. ئىنسان بېشىدا ئۆلۈم، قېرىلىق، يامان پەرزەنتتىن ئىبارەت ئۈچ كۈلپەت بار ئىكەن. ئالدىنقى ئىككىسىدىن ھېچكىم قېچىپقۇتۇلالمايدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق ئاتا – ئانا پەرزەنتىنىڭ يامان بولۇپ قېلىشىنىمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ.
ئوغۇللارنىڭ ھېچقايسىسىئىقتىساد توغرىسىدا بالدۇر ئېغىز ئېچىشنى خالىمايۋاتاتتى. ئەسلىدە ئۇلار تېلېۋىزوردەك «تىزگىنەك» لىككەن ئەمەسمۇ؟! ئاۋۇ ئۈچ كېلىن ئەرلىرىگە زىيادە گەپ قىلماسلىق توغرىسىدا ئىما - ئىشارەت بىلەن بۇيرۇق قىلىپ بولغان ئىدى. مېيىت ئېلىپ كېتىلدى. لېكىن بۇ ئىشتىن كېيىن بىر مەزگىل چىۋىن يەۋالغاندەك يۈردۈم.
ياشانغانلار ئائىلىنىڭ، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئاساسچىلىرى. بىزنىڭ تۇرمۇش، ئەخلاق مىزانلىرىمىز دەل شۇلار ئارقىلىق بىزگىچە ئۇلاشقان. ئاتا - ئانىلارنى قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش ھالىدىن خەۋەر ئېلىش پەرزەنتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئۇلار بىزدىن قىلغان ئەجرىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. پەرزەنتىنىڭ ئەھۋال سوراپ قويغان بىر ئېغىز گېپىدىن ئالەمچە خۇشاللىق تاپىدۇ. پەرزەنت ئۈچۈن مىننەتسىز تەر تۆككۈچىلەر تاشلىنىپ قالمىسۇن، ئۇ دۇنياغا كۆزلىرى ياشلىنىپ كەتمىسۇن.

مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1000 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 12:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا.............مۇشۇنداقمۇ باغرى تاش ئادەملىرىمىز باكەن ھە............. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا herep تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-16 12:04

توردا
61سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
285 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 12:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پەلەك زالمدۇر دۇنيا ۋاپاسىز›يۇلتۇزلار نۇرسىز ؟ئادەملەر يۈزسىز.

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 14:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يازمىڭىزدىن كۆپ نەرسىلەرنى چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدىكەن ... ياخشى يازمىللىرىڭىزغا رەھمەت ! ...

توردا
230سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
237 
تېما
33 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 15:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز ...........
تىمىڭىزغا رەخمەت .

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 16:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر ئەرلىرنىڭ قۇلىقىنى بۇرغان شۇ خوتۇنلار كىيىن قىينى ئانا بولار ئەجبا ئۇلار ئۆزىگە يىنىپ قىلىشنى ئويلىمامدىغاندو

توردا
173سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
788 
تېما
93 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 16:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز ئاتا-ئانىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىسا بىزنىڭ پەرزەنىتىلىمىزمۇ بىزگە شۇنداق جاۋاپ قايتۇرىدۇ. كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس سىزگىمۇ كېلىدۇ بۇ قېرىلىق . دىگەن گەپ بار

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
272 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 16:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
0998cn يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 16:25
بىز ئاتا-ئانىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىسا بىزنىڭ پەرز ...

ھەقىقەتەن توغرا ئىيتىسىز جۇمۇ !

Rank: 8Rank: 8

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
622 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 18:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا مۇشۇنداق پەرزەنتلەر كىيىن قېرىماسمۇ،مەڭگۈ شۇ پېتى تۇرامۇ،ئەجىبا ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى ئۇلارغىمۇ مۇشۇنداق قىلماسمۇ؟؟؟ بۇنداق پەرزەنتلەر نىمە ئۈچۈن بۇنى ئويلىمايدىغاندۇ دەيمەن~~!

Rank: 8Rank: 8

توردا
219سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
395 
تېما
187 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 01:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزمۇ بىر كۈنلەردە ئەشۇنداق قېرىيمىز.بۇ قىسمەتتىن ھېچىم قېچىپ قۇتۇلالماس.باللىرىمىزغا ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 15:58

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.