- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-18
- تىزىملاش
- 2011-1-14
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 1سائەت
- جۇغلانما
- 41
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 3
- تېما
- 2
- توردا
- 1سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 3
- تېما
- 2
|

ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن تەلىپىگە ئاساسەن ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «باھادىرنامە» ناملىق 6 توملۇق كىتابىنى(1-نەشر،2-بېسىلىشى) تورداشلارغا 216.00 سومدىن سېتىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردۇق! ~ ۋاقىپ بولغايسىزلەر!
پائالىيەت ۋاقتىمىز: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە
ئالاقىلىشىش تېلېفونى:13325588911
ئالاقىلاشقۇچى :ئوغۇز
qq:78850981
ئېلخەت ghuz.kitap@gmail.com
ئوغۇز كىتابخانىسى
www.kitapyurti.com
“ باھادىرنامە “ ناملىق رومان ھەققىدە
14- ئەسىرنىڭ ئاخرلىرىدىن 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇملىدىن ئويغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمى كۆرۈنىشىى ئەتراپلىق سۆرەتلەنگەن بۇ ئالتە قىسىملىق رومان ئۇقۇرمەنلەرنى چۇڭقۇر ئويغا سېلىپ، تەپەككۇرىنى يىراق ئوتتۇرا ئەسىرگە باشلاپ بارىدۇ.
تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادى بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنىڭ تەخىت- سەلتەنەتكە ۋارىسلىق قىلىش، گۈللىنىش، زاۋاللىقا يۈزلىنىش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈش جەريانى بۇ روماندا داستان ( ئېپوس ) خارەكتىرلىك يۇرۇتۇپ بىرىلگەن.
قۇۋۇم- قېرىنداشلىق، ئورۇق- تۇققاندارچىلىق مېھرى، تەخىت ماجىرالىرى، ئىستىلاچىلىق، چىرىكلىك، سوپى- ئىشانلارنىڭ ئەينى دەۋر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى، جاھالىيەت، تەپىرقىچىلىق، ئەخلاقى يىمىرلىشتىن بىخلانغان مەنىۋى پۇچەكلىك، سەلتەنەت، ئىستىلاچىلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قانلىق جەڭ كۆرۈنىشلىرى، باھادىرلىق، مەردلىك، ۋاپادارلىق، مىساللىرى ئوقۇرمەنلەرنى مول تارىخى مەلۇماتلارغا، قانلىق ساۋاقلارغا، قايناق ھاياجان ۋە زور مەنىۋى قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىدۇ.
ئەينى دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن سۇلتان ئۇۋەيسىخان، ئەمىر خۇدايداد، سەركەردە سەييد ئەلى ئالىپ، سۇلتان ئىسان بۇغاخان، دوستمۇھەممەدخان، سانىز مىرزا، مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا، سۇلتان يۇنۇسخان، مۇھەممەد ھۈسەيىن بىرزا، سەييىد مۇھەممەد مىرزا، شاھرۇخخان، مىرزا ئۇلۇغبەگ، ئەبۇ سەئىد مىرزا، سۇلتان مەھمۇدخان، سۇلتان ئەھمەدخان ( ئالاچە خان )، زەھىردىن مۇھەممەد بابۇر، سۇلتان سەئىدخان، جاھانگىز مىرزا، مەسئۇد مىرزا، يادىكار مۇھەممەد مىرزا، مىرزا ھەيدەر كۆرەگان، سۇلتان خاتۇن، دۆلەتسۇلتان مەلىكە، خانىش ئىسان دۆلەت بېگىم، شۇنداقلا ئىشان شەيىخ نىزامىدىن خامۇش، خوجا ئەھرار، مەۋلانە مۇھەممەد قازى، مىرزا ئابابەكرى، مۇھەممەد شەيبانخان… قاتارلىق تارىخى شەخسلەرنىڭ ئاپتۇر قەلىمى ئاستىدا يۇرۇتۇلغان بەدئى ئوبرازى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە يارقىن بىر سىيما بولۇپ چاقنايدۇ.
قىسقىسى، ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ئوزۇن يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ سەمەرىسى بولغان بۇ رومان ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئۆزگىچە بەدىئى زوق بېغشلىغۇسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-16 21:57
|
|