ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى › سەككىز خىل غىزالىنىش ئادىتى...
كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 6
go

سەككىز خىل غىزالىنىش ئادىتى...

Rank: 8Rank: 8

توردا
352سائەت 
نادىر تېما
5 
دوست
22 
يازما
428 
تېما
225 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 22:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سەككىز خىل غىزالىنىش ئادىتى ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ...



1. تەركىبىدە تىرىپتوپان بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش . بىر ئىستاكان سۈت ئۇيقۇمىزنى ياخشىلاپ ، بىزگە شېرىن چۈش ئاتا قىلالايدۇ ، چۈنكى سۈت تەركىبىدە ئۇيقۇ كەلتۈردىغان تىرىپتوپان ماددا بار . سۈت ئىچىشنى ياقتۇرمايدىغانلار گۆش، بانان ، ھەسەل قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ ، چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ مول بولغان تىرىپتوپان ماددىسى بار .

2. تەركىبىدە كاربوھىدرات بولغان يېمەكلىكلەر . تەركىبىدە كاربوھىدرات مول بولغان يېمەكلىكلەر قاندىكى ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان تىرپتوپاننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ . مەسىلەن ، بولكا ، پېچىنە قاتارلىق يېمەكلىكلەر .

3. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك يېيىشمۇ ئۇيقۇنى ياخشىلاشنىڭ ئوبدان چارىسى ، چۈنكى ئاشقازاندا ھەزىم بولىدىغان نەرسە بولسا ، ئۇيقۇسىزلىق تەبىئىيلا يوقىلىشى مۇمكىن . ئەمما كۆپ يەۋالماسلىق كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئاشقازاننىڭ بېسىمى ئېغىرلاپ ، قورساق كۆپۈپ ياخشى ئۇخلىغىلى بولمايدۇ .

4. ھامبۇرگ بولكىسى ۋە بەرەڭگى ياپراقچىسى يېمەسلىك . بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ ، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي ، يەنە ئۇيقۇغىمۇ بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

5. قەھۋەگە خۇمار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش . قەھۋەنىڭ ئۇيقۇ قاچۇرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ، ياخشى ئۇخلاش ئۈچۈن كۈندە چۈشتىن كېيىن تەركىبىدە كوفېئىن بولغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ .

6. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك . ئىسپىرت ئادەمنى ئۇيقۇغا غەرق قىلىشى مۇمكىن ، بىراق ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى باش ئاغرىقى ، كۆپ چۈش كۆرۈش ، قەي قىلىش ئالامەتلىرى شېرىن ئۇيقۇغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ .
7. ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك . مۇچ قاتارلىق ئاچچىق يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرىدۇ ، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر خىل يېمەكلىكلەرنى يېمىگەن ياخشى .

8. تاماكا چەكمەسلىك . نىكوتىننىڭ تەسىرى قەھۋەنىڭكىگە ئوخشايدۇ . ئەگەر سىز يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتسىڭىز ، ھەرگىز تاماكا چەكمەڭ ، چۈنكى يېرىم كېچىدە چەككەن تاماكا ئۇيقۇسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ .


مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى .


Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 22:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى بولغان ئەمەلىي تۇرمۇش ساۋادلىرىڭىزغا رەھمەت ! ... خېلى چوقۇر ساۋادقا ئىگە بولۇپ قالدىم ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
17 
يازما
622 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 00:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنغۇ سۈتنى ئانچە ئىچىپ كەتمەيمەن،لىكىن ئىككى،ئۈچ كۈندە بىر كەچلىكى قەھۋە ئىچمىسەم،ئۇيقۇم كەلمەيدۇ،بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلسام بولغۇدەك رەھمەت سىزگە~! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-18 00:06

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
17 
يازما
491 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 00:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە مەنمۇ بىلۋالدىم ...كۇندە ۇيكۇم كىلىپ تۇرسا نىمىشقىكىن دەپتىمەن ..ئەسلى سۇتنى پايدىسىكەندە ....

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
43 
يازما
1000 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 02:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق قىلىلى . تىرىپتوپان دىگەن قانداق نەرسە ئۇ . كاربوھىدرات دىگەنچۇ ؟

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
23 
يازما
272 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 13:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بىلىۋالدىم ......رەھمەت سىزگە !

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
13 
يازما
419 
تېما
6 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 14:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخىمەت سىزىگە مەنىمۇ بىلىۋالىدىم . ھارمىغايىسز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 15:59

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.