ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر ئىلىم كۆكىدە ئۇيغۇرلاردىن يەنە 2 يۇلتۇز چاق ...
كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 5
go

ئىلىم كۆكىدە ئۇيغۇرلاردىن يەنە 2 يۇلتۇز چاقنىدى  

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
57 
تېما
11 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 12:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

خەلقئارالىق چىش دوختۇرلۇقى ئاكادېمىيىسى ( International College of Dentists, ICD ) نىڭ جۇڭگو رايونىدىكى ئاكادېمىكلارنى ئېلان قىلىش يىغىنى 2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۇڭچىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ ۋە ئۆلكە – ئاپتونوم رايونلاردىكى چىش دوختۇرلۇقى ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدىن خىللانغان 40 نەپەر كىشىگە ‹‹ ICD ئاكادېمىكى ›› لىك شەرىپى بېرىلگەن. كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى شۇ بولغانكى،
دىيارىمىزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن بولغان شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسىدىن ئادالەت ( ئەخمەتجان ) قاسىم ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئاسىيە ياسىن ئۇشبۇ كاتتا شەرەپكە نائىل بولغان ، دىللارنى يەنىمۇ ئىپتخارلاندۇرغىنى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئايال ئىدى.

خەلقئارالىق چىش دوختۇرلۇقى ئاكادېمىيىسى ( International College of Dentists, ICD ) دۇنيادىكى 3 چوڭ چىش دوختۇرلۇقى تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولۇپ، 1927 – يىلى قۇرۇلغان، باش شىتابى ئامېرىكىدا. ICD دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى تېببىي ئىلمى تەشكىلاتى بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى داۋلاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىلمىي تەشكىلاتتۇر. ICD دۇنيادىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، ئەڭ مۇنەۋۋەر چىش دوختۇرى ئاكادېمكلىرىدىن تەركىبلەنگەن بولۇپ، ICD نىڭ ئاكادېمىك تاللاش بوسۇغىسى ئېگىز، تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، سانى چەكلىك بولۇپ ، جاھان ئىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە. ICD بەرگەن ‹‹ ئاكادېمىك ›› لىك شەرىپى پۈتۈن دۇنيادىكى چىش دوختۇرلىرى ئېرىشىشنى ئارزۇلايدىغان، مۇشۇ ساھە بويىچە ئەڭ ئالىي شان – شەرەپتۇر.

ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، يۈكسەل جاھان ئىلىم كۆكىدە پارلاپ، ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يەنە بىر قېتىم يورۇق قىلغان ئادالەت قاسىمى ۋە ئاسىيە ياسىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۇنياۋىي ئاكادېمىككە يەنىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيدۇ! ئەل بۈگۈن سىلەر بىلەن ئىپتخارلانماقتا ، ئىلىم كۆكىدە يەنىمۇ نۇر چاچقايسىلەر، ئاۋامنىڭ دۇئاسى سىلەرگە قۇۋۋەت بولسۇن!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئىلىم كۆكىدە ئۇيغۇرلاردىن يەنە 2 يۇلتۇز چاقنىدى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-20 12:50

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 13:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ! ... ياخشى بولغان بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزدىن كۆپ تەشەككۈرمەن ...

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1000 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 13:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجەپ ياخشى . يەنە مۇشۇنداق چاقنىغان يۇلتۇزلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ باش كۇتۇرۇپ چىقىشىنى ئۇمىد قىلىمەن . تىما ئىگىسىگە رەخمەت .

توردا
229سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
237 
تېما
33 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 13:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىللىتىمىز تەرەققى قىلسا بىزگىمۇ ياخشى ، يوقۇردا تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر شەخىسلىرىمىزنىڭ كىيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ يەنىمۇ ياخشى بولۇپ كىيىنكى قېتىملىق باھالاشتىمۇ بولسا دۇنيا بۇيچە ئالدىنقى قاتاردا باھالىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . تىما ئېگىسىگە رەخمەت .

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
238 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 15:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىما ئىگىسىگە رەخىمەت ئۇتۇق ئامەت سىلەرىگە يار بولىسۈن .

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
475 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-27 13:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىللىتىمىزگە شەرەپ كەلتۈرۈش، شۇنداقلا ، مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 15:01

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.