(ئارىف يېڭى ھىسارى ھېكايىلىرىدىن )
ئۇ نىڭ كىكىيۇرۇمغا قاچان كىرىپ قالغىنىنى بىلمەيمەن .كىيىن ئۆزىدىن ئۇقسام مۇنبەردىكى ئارخىپىمغا قاراپ مېنىڭ كىكىيۇرۇمنى ئۆزىنىڭ كىكىيۇسىغا قېتۋاپتۇ .
شۇنداق قىلىپ ئۇ Aشەھەردە مەن ئۈرۈمچىدە ھېچبىر ئەھمىيتى يوق پاراڭلارنى قىلىشىپ قۇرۇقتىن قۇرۇق ئالاقىلىشىپ يۈردۇق.
<<سىزنى سۆيىمەن >>دىدى بىر كۈنى ئۇ . تېخى كۆرۈپمۇ باقمىغان بىرىنىڭ ئېغىزىدىن تۇيۇقسىز چىققان بۇ گەپتىن تولىمۇگاڭكىراپ قالدىم .ئۇ جاۋابىمنى كۈتۈپ سوزۇپقىنە <<بولىڭە؟سىزنى سۆيىمەن دەڭاجېنىم >> دىدى .
-ياق ،ھازىرچە ئادەتتىكى دوسىت قاتارىدا ئۆتەيلى ،كىيىن بىر گەپ بولسۇن ھە؟
- بوممايدۇ ،دوستۇم بوسىڭىز نىمە پايدىسى ،سۆيگىنىم بولۇڭ .
ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى گاھ ئېچنىشلىق كۈلدۈرسە گاھ ئۆزىگە قىزىقتۇرۇشقا باشلىدى .
- ماڭا قاراڭ- دىدىم مەن ئۇنىڭغا سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرغاچ :- سىز مەندىن سەككىز ياش كىچىك ، ياش ھەم چىرايلىق . ئاكىڭىزئورنىدىكى ئادەم تۇرۇپ بۇنداق گېپىڭىزنى ئاڭلىسام بىر قىسما بوپ كېتىدىكەنمەن .
- مەيلى 10ياش چوڭ بولسىڭىزمۇ مەيلى ،
- بولمايدۇ ؟
- بولۇدۇ؟
ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىشنىڭ قىلچە زۆرۈريىتى يوق ئىدى . ئىزدىمسەملا بولدىغۇ دەپ بىر نەچچە كۈن كىكىيۇرۇمنىمۇ ئاچمىدىم .
بىراق تېلفۇن نومۇرۇمنى ئالدىراپ دەپ بەرگەنلىكىمدىن تولىمۇ پۇشمان قىلدىم ،ئىشلەتمەي دىسەم ئالتە يىلدىن بىرى ئىشلەتكەن نومۇر .
- ئۈرۈمچىگە ماڭدىغان بولدۇم ،ئالدىمغا چىقاسىز ؟ -دىدى ئۇ<<ئەمدى ئۇنتۇپ كەتكەندۇ،>>دەپ خاتىرجەم يۈرگەن بىر كۈنى تۇيۇقسىز ماڭا تېلفۇن بېرىپ .
- ئاتا-ئانىڭىز خاتىرجەم بولالامدۇ ؟ چىقماڭ ،ئۇلارغا ياخشى قاراڭ -دىدىم بىر ئاز ھودۇقۇپ .
- ئۇنىمىسا قېچىپ چىقىمەن ،ئەرگە بېرىمىز دەيدۇ ؟بىراق مېنىڭ تەگكىم يوق .
- ئوبدان گەپ قىپتۇ ،بەرىبىر توي قىلسىز . تويىڭىزنى قىلۋېلىڭ .قىز بالا تۇرۇپ ئۈرۈمچىدەك بۇ چوڭ شەھەرگە چىقسىڭىز ياخشى بولماسمىكىن.ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ياخشى ...
- سىز بارغۇ ؟
- مەن ؟
-ھە ،سىز؟
- قاراڭ ،مەن ئاكىڭىز ئورنىدىكى ئادەم ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىلا ئوقۇش پۈتتۈردۈم .ئەڭ ياخشىسى چىقماڭ ،
- ياق ،سىز ئاكام ئەمەس سۆيگىنىم .ئەجەبا ئاشۇ ناتونۇش شەھەرگە سىزنى دەپ چىقىمەن دىسەم مۇشۇنداق دەپ يۈرەمسىز ؟ چىقمەنغۇ تازا
- سىزنى بەك كۆرگۈم بار ..
ئۆزۈمنى خۇددى كەچۈرگىسىز بىر گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى . بىر قانچە كۈن چىۋىن يۈتۋالغاندەك يۈردۈم .
ئارىدىن بىرنەچچە كۈن جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتتى .
بىر كۈنى كەچ سائەت 10لار بولغان بولسا كېرەك .قۇل تېلفۇنۇم ئەنسىز جىرىڭلىدى ،قەستەن نەچچە قېتىم بېسۋەتتىم .بىراق ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
بولالماي ئاخىرى ئالدىم .
-جېنىم ،ماشىنىدا كېتىۋاتىمەن ،ئەتە ،ئالدىمغا چىقىڭ ،مەن ھېچيەنى ئۇقمايمەن ،خۇش تېلفۇنۇمنىڭ توكى تۈگسە ئەتە سىزگە تېلفۇن ئۇرالمايمەن .
تېلفۇننى قويۇپ بېشىمدىن بىر چېلەك سۇ تۆكۈلگەندەك ئەندىكىپ كەتتىم ،بولۇپمۇ جېنىم دىگەن سۆز سەت تېرىكتۈرۋەتتى .
ئەتىسى ئەتىگەن چىقمايمۇ دەپ ئويلۇدۇم ،بىراق راسىت ھېچ يەنى بىلمىسە تەمتىرەپ بىرەر ۋەقە گە ئۇچرىمسۇن دەپ يەنە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكتىگە ئالدىغا چىقتىم .
تونۇش تۈگۈل ،كۆرۈپمۇ باقمىغاچقىمىكىن دەرھال تېلفۇن ئۇردۇم .بېكەت دەرۋازىسى يېنىدىكى كاۋاپداننىڭ قېشدا ئىكەنلىكنى ئۇققاندىن كىيىن شۇيەردىن تاپتىم .
- نەگە بارىسىز ؟ ئۆيدىكلەرگە دەپ چىقتىڭىزمۇ ؟ ئۇلارغا تېلفۇن قىلدىڭىزمۇ ؟
- ئاھ ،نىمانداق تولا گەپ ؟ دەپ قويۇپ چىقتىم . ئۆز ئاكام ئۈرۈمچىدە بولغاندىكىن ئۇلارمۇ خاتىرجەم .
-نىمە ؟ ئاكام يوق دەۋاتاتتىڭىزغۇ ؟
-ھەممىنى دەپ ئولتۇرامتىكى ،مەن ئۈرۈمچىگە كەپ باقمىغان ،نەدە مېھمانخانا بولسامېنى ئاپىرىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭە ،ئۇخلىۋالاي ،كېچىدىن بىرى ئۇخلىيالماي بېشىم ئاغرىپ كەتتى .
توۋا ،دىگىنىمچە تاكسىدىن بىرىنى توسۇپ ئۇنى 50يۇەن تۆلەپ دۆڭكۆۋرۈك مېھمانخانىسغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم .ئەمدى ماڭاي
دەپ تۇرشۇمغا ،ئۇنىڭ <<ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ ،ئەخماق،كەچتە ئاكام كېلىدۇ >>دىگەن گېپى ئەرۋاھىمنى ئۇچۇردى .چاڭڭىدە بىرنى قوياي دىدىميۇ رەھمەتلىك دادامنىڭ <<ئوغۇل بالا قىز بالىنى ئۇرسا بەختسىز بولۇپ قالىدۇ >>دىگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم .
ئاچچىغىمدا نىمە دىيشىمنى بىلمەي <<خاتىرجەم بولۇڭ ،ئاكىڭىزنى تىز تېپۋىلىڭ ،>> دەپلا ئالدى ئارقىمغا قارماي سوغۇقتىن لاغ-لاغ تىترەۋاتقان قوللىرىمنى ھوۋلىغىنىمچە كېتىپ قالدىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arif@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-9 19:49
|