- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-10
- تىزىملاش
- 2010-4-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 284سائەت
- جۇغلانما
- 1889
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 505
- تېما
- 120
- توردا
- 284سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 5
- يازما
- 505
- تېما
- 120
|
كورىيە دېڭىزدا قارىغا ئېتىش مەشىقى قىلىشنى باشلىدى
چاۋشيەن ئامېرىكا ۋە كورىيەدىن ئىغىۋاگەرچىلىك قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
«خەلق گېزىتى»نىڭ 27-دېكابىر سىئولدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە ئارمىيەسى 27-چېسلادىن باشلاپ دېڭىزدا قارىغا ئېتىش مەشىقى قىلىشنى باشلىدى، شۇ كۈنى كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان «2010-يىللىق دۆلەت مۇداپئەسى توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب»تا «چاۋشيەن ھاكىمىيىتى ۋە چاۋشيەن ئارمىيەسى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز» دېگەن بۇ جۈمىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ماڭ قيۇچېن خەۋىرى)
«خەلق گېزىتى»نىڭ 27-دېكابىر پيۇڭياڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋىرى»نىڭ 27-چېسلادىكى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ئامېرىكا ۋە كورىيەنى چاۋشيەننىڭ تىنچلىقنى قوغداش ئىرادىسىگە خاتا ھۆكۈم چىقارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى ھەمدە ئامېرىكا ۋە كورىيەدىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەربىي ئىشلار ئىغىۋاگەرچىلىك پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. (جۇۋ جىرەن خەۋىرى)
«خەلق گېزىتى»نىڭ 27-دېكابىر ۋاشىنگتوندىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستىراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنى 27-چېسلا 20گە يېقىن تەتقىقاتچى بىرلىشىپ تاماملىغان بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالغان: چاۋشيەننىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن دۈشمەنلىشىش غەرىزىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، چاۋشيەن ئېھتىمال 2011-يىلى 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى، يەنپىڭ ئارىلى قاتارلىق ئاراللارغا تېخمۇ كۆپ ھوجۇم قىلىشى، چاۋشيەن ھەتتا بۇ ئاراللارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى مۇمكىن.(ۋېن شيەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مىسىردا قەدىمىي مىسىر رىم دەۋرىدىكى ئارخىپ بايقالدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26–دېكابىر قاھىرەدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.مىسىر ئالىي مەدەنىييادىكارلىق كومىتېتى26 – دېكابىر مۇنداقجاكارلىدى: بىر ئىتالىيە ئارخولوگلار ئەترىتى قاھىرەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى فائىيومئۆلكىسىدە قەدىمىي مىسىر رىم دەۋرىدىكى ئارخىپلارنى بايقىغان،150 پارچە كاھىش يۈزىگە قەدىمىي مىسىر يېزىقىدا شۇ دەۋردىكى تارىخ خاتىرىلەنگەن.
ئىتالىيە ئارخولوگلار ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى مارىئو كاپاسۇ: مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدى ھويلىسىدا بايقالدى، ھەر بىر كاھىش يۈزىدە ئىبادەتخاناكاھىنىنىڭ ئىسمى باربولۇپ، ئارخىپتا قەدىمىي مىسىر رىم دەۋرىنىڭ تارىخى خاتىرىلەنگەن، بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقالغان دىنىي مۇراسىمنى چۈشىنىشكە ياردىمى بار، دېدى. مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
بان كىمون نىگېرىيەدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26 –دېكابىر ب د ت دىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ب د ت نىڭ باش كاتىپىبان كىمون 26 – دېكابىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيەدە 24 – دېكابىر كەچتە يۈز بەرگەن نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ ئۆلۈشى ۋەيارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەم نىگېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى قانۇن بويىچەبىر تەرەپ قىلىشىنى قوللىدى.
نىگېرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان پىلاتېئائۇ ئىشتاتىنىڭ مەركىزى جوس شەھىرىدە24 – دېكابىر كېچىدەئارقا – ئارقىدىن پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 38 كىشى قازا قىلدى، 70 نەچچە كىشى يارىلاندى.
جوس شەھىرى نىگېرىيەدىكى جەنۇب، شىمال مىللەتلىرى، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاينىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان، جوس شەھىرىدە نۇرغۇن قېتىم مەزھەپ توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، نەچچە يۈز كىشى قازا قىلدى. مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باكتېرىيەگە قارشى دورىلارغا بولغان چىدامچانلىقنى كونترول قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27–دېكابىر جەنۋەدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا باكتېرىيەگە قارشى دورىلارغا بولغان چىدامچانلىقنى كونترول قىلىش ئۈچۈن،دۇنيانىڭ تېخىمۇ زورتىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كىلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇش ۋاسىتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللىنىش، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان دۇنياۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق دورىغا بولغان چىدامچانلىق مەسىلىسىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىز قوغلاپ ۋە كونترول قىلىپ، ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە›› لەرنىڭ ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىشنى يەنەبىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ئايدىكى ‹‹قىسقا خەۋەر›› دە ئېلان قىلغان باكتېرىيەگە قارشى دورىلارغا بولغان چىدامچانلىققا ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى:كىشىلەردە باكتېرىيەگە قارشى دورىلار بارلىق يۇقۇملىنىشقا ئۈنۈم بېرىدۇ، دېگەن خاتا قاراش بار. نەپەس يولى يۇقۇملانغان نۇرغۇن ئاغرىق مەلۇم خىل باكتىرىيەگە قارشى دورىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولسا، بۇنى باكتېرىيەگە قارشى دورىنىڭ ئۈنۈمىدىن بولغان دەپ قاراپ، كېسىلىنىڭ تەبىئىي ياخشىلانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىنباشقا، كىلىنىكىلىق تەجرىبىدە باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنىڭ مۇداپىئە رولى يوقلۇقىكۆرسىتىلسىمۇ، ئەمماباكتېرىيەگە قارشى دورىلار يەنىلا داۋاملىق يۈز بېرىدىغان ۋىرۇسلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
ئېلىنغان مەنبە؛خەلق تورى
|
|