كېچىككەن ئەقىل ( داۋامى )
ھېكايە
ساپ تىلەك
كىيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن (ماقال)
قاپقارا، ناھايتى پاكىز سۈرتۈلگەن 《شەندەي》 ماركىلىق كىچىك ماشىنىنى ئەسئەت يىنىك ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندا ئوغلۇم دادىسىغا ھېلىدىن-ھېلى چاخچاق قىللاتتى. ئەسئەتمۇ پات-پات ئۇنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سېلاپ قوياتتى. كەينىدىكى ئورۇندا بولسا قىزىم قوچۇقۇمدا شىرىن ئۇيغۇغا كەتكەن ئىدى. مەن ئوغلۇم بىلەن ئەسئەتنىڭ پارىڭىغا پات-پات گەپ قوشۇپ قوياتتىم. ئىش قىلىپ ھەممىمىزنىڭ چېھرىدە خۇشال-تەبەسسۇم يېغىپ تۇراتتى. بىز ئېگىز داۋانلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى كۆنەس ئورمانچىلىق مەيدانىغا يېتىپ كەلدۇق. بىر قازاقنىڭ جولمىسىنى ئىجارە ئېلىپ، نەرسە-كېرەكلىرىمىنى جايلاشتۇرۇپ، سېفىرلىق ئاپرات، ئەدىيال، ئۆزىمىز ئېلىۋالغان يىمەك-ئىچمەكلىرىمىزنى ئېلىپ، تاغ باغرىدىكى ئەڭ چىرايلىق جاينى تاللاپ ئورۇنلاشتۇق. بىز ئولتۇرغان جاينىڭ ئوڭ تەرپى قارغاي بىلەن قاپلانغان، ياپيېشىل مەخمەلدىن توي يىپىنۋالغاندەك يايلاق، سول تەرپىدە بولسا سۈپ-سۈزۈك سۇ ئېقىپ تۇرغان ئېقىن ئىدى. بالىلىرىم نېرىدا بىر-بىرنى قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى.
_مەلىكەم، خۇش بولدۇڭمۇ؟ سەن ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق بىر ساياھەت قېلىپ كىلىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىللاتتىڭ. سېنى بۇ ئارزۇيىڭغا بەك كىچىكتۇرۇپ يەتكۈۈدۇم، مېنى كەچۈرگىن،_دېدى ئەسئەت، قولۇمنى مۇلايىملىق بىلەن سېلاپ تۇرۇپ. مەن ئىچى-ئىچىمدىن چىقىۋاتقان رازى بولۇش، مىنەتتار بولۇش ھېسياتىمنى مىڭ تەستە بىسىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىسسىق ئالقىنىدكى بىر قولۇمنى چىقىرىۋىلىپ، ئۇنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ تۇرۇپ:
_ نەدىكىنى، كىچىكمىدۇق. سىزنىڭ بۇ ئارزۇيۇمغا ھامان يەتكۈزىدىغانلىقىڭىزنى بىللەتتىم، _دېدىم مەن قىزىرىپ.
_ھوي، قاراڭ ئەسما، دادام بىلەن ئاپام قولىنى تۇتىشىۋاپتۇ_دەپ چۇقان كۆتۈردى ئوغلۇم شۇخلۇق بىلەن. مەن ئالمان-تالمان قولۇمنى تارتىۋالدىم. قىزىممۇ ئاكىسىغا ئەگىشىپ، يەسلىدە ئۈگەنگىنى بويىچە 《شۇ...شۇ...شۇ...》 دىگىنىچە سەكرەيتتى. ئاكا-سىڭىل ئىككىسى بىر-بىرى قوغلاشقىنىچە تاغقا قاراپ يۈگىرىشكە باشلىدى. ئۇلار بارغانچە ئېگىزلەپ كىتىۋاتاتتى. ئەسئەت بىلەن ئىككىمىز ئۇلارنى قايتىپ چۈشۈشكە بويرۇپ توۋلايتۇق. شۇ چاغدا ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ئىش بولۇپ، ئوغلۇم بىلەن قىزىمغا بىر جۈپتىن ئاپئاق پەي قانات پەيدا بولۇپ، ئۇلار ئاستا-ئاستا ئاسمانغا كۆتۈرلىشكە باشلىدى. مەن ھەممىنى ئۇنتۇپ بار ئاۋازىم بىلەن 《جىنىم بالىلىرىم، قايتىپ چۈشۈڭلار، مېنى تاشلاپ نەگە بارىسىلەر، جىنىم بالىلىرىم.....》 دەپ توۋلىدىم.
چۆچۈپ ئويغۇنۇپ، كۆزلىرىمنى شۈنچە تەستە ئاچتىم، بىراق ئەتراپىم بەكمۇ غۇۋا ئىدى. مەن يەنە كۈچىدىم. ئاخىرى ئىنىق كۆرەلىدىم. مەن ئەسلى چۈش كۆرگەن ئېدىم. مەن ئاپپاق بىر ئۆيدە ياتاتتىم. يېنىمدا بىر ئاپئاق كىيىملىك قىز تۇراتتى. يەنە سەپ سالسام ئۇ سىستىرا ئىدى. دېمەك مەن دۇختۇرخانىدا ئىدىم. شۇ چاغدا ئىشىك ئىچىلىپ نەچچە ئون ياش قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتكەن ئاپام مېنىڭ ھۇشۇمغا كەلگىنىمنى كۆرۈپ، ئۆزىنى ماڭا ئېتىپ، خۇددىي كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتتى. مەن بەكمۇ ماغدۇرسىز ئىدىم. ئاپامغا تەسسەللى بەرمەكچى بولۇپ بىر نېمىلەرنى دېگەن بولساممۇ ئاۋازىم سىرتقا چىقمايتتى.
_جىنىم بالام، ھەنىم بولسا ئۇلۇغ خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىدى سىزنى، مەن بەك قۇرۇققان ئېدىم، ئۈچ كۈن بولدى سىز مۇشۇنداق ياتقىلى_ دېدى ئاپام باش-كۆزلىرىمىنى سېلاپ تۇرۇپ.
_ئاپا بايا چۈش كۆرۈپتىمەن، بالىلىرىم ئۇلار مەندىن بەك يېراقلاپ، ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كىتىپ بىرىپتىمىش. ئۇلارغا نېمە بولغاندۇ؟_ دېدىم مەن بەكمۇ تەستە كۆچۈپ سۆزلەپ. كۆز چاناقلىرىمدىن ئېقىپ چۈشكەن ئىككى تامچە يېشىم چاشلىرىمنىڭ قېتىدىن ئېقىپ، ياستۇقۇمغا سىڭىپ كەتتى. ئاپام شۇ زامان دەرۇ ئورنىدىن تۇردىدە، ياتاقتىن چېقىپ كەتتى. بەلكىم ئاپام مېنىڭ يېنىمدا يىغلاپ، مېنى يەنە ئازاپلانمىسۇن دېگەن بولسا كېرەك.
مەن ئۈچ كۈن بۇرۇنقى ئىشلارنى تىرىشىپ ئەسلىدىم. ئاشۇ كۈنى مەن ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىققانچە قويۇق دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان قاراڭغۇ يولدا قانچىلىك ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن. ئاچچىق سۇغۇق شامال، سۇغۇق يامغۇر تامچىسى مېنى ھاردۇرۋەتكەن ئىدى. بىر ۋاقىتتا بىر نەرسىگە پۇتلاشقاندەك بولۇپ يىقىلىپ چۈشتۇم. بىراق ھەرقانچە كۈچەپمۇ قايتا ئورنۇمدىن تۇرالمىغان ئىدىم. مەن كۆزلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمۇپ بايا كۆرگەن چۈشلىرىمى قايتا ئەسلىدىم. 《نېمىدېگەن شىرىن چۈش-ھە》 دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. كۆزلىرىمدە يەنە خىرە-شىرە ھارغىن ئۇيقۇ. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئىشىك ئېچىلىپ 《ئاپا...ئاپا...》 دېگىنىچە ئىككى بالام يۈگىرىپ كېلىپ ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتتى. مەن ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم ھاياجانلىنىپ بالىلىرىمنى كۈچسىز قوللىرىم بىلەن باغرىمغا چىڭڭىدە باستىم. ئۇلارنى پۇراپ-پۇراپ قانمايتىم.
_بالىلىرىم، بىردەم ساخلاڭلار، مەن تاماق قىلىپ كىلەي، قىزىم نېمە يىگىڭىز بار؟_دەپ سورىدى ئاپام خۇددىي كىچىك بالىدەك ھىقىقداپ تۇرۇپ.
_ئاپا، بولدى ئاۋارە بولماڭ، سىزنى بەك ئەنسىرەتتىم، شۇمۇ يىتەر، ئاشخانىدىن بىرە چىنە چۈچۈرە ئەكىرسىڭىزمۇ مەيلى،_دېدىم مەن.
_ياقاي بالام، ئاشخانىنىڭ تامىقىنى تاماق دېگىلى بولامدۇ، مەن ئۆيدە ئىتىپ كىلەي، نەۋرىلىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ تۇرۇڭ،_دېگىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى، ئاپام.
_جىنىم قوزىلىرىم، سىلەرنى ئاناڭلار نەدىن تىپىپ كەلدى؟_دەپ سورىدىم، ئوماقلىرىمدىن.
_ئانام ئۆيگە كىلىپ دادامغا يىغلاپ تۇرۇپ، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى دېگەن ئىدى، دادام ئاناڭلار بىلەن بىرىپ كىلىڭلار دېدى_دېدى ئوغلۇم ماڭا تەلمۇرۇپ تۇرۇپ. قىزىمغا قارىدىم، ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئۇزۇن قويۋالغان چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئىدى. كىيىملىرىمۇ رەتسىز ئىدى.
_ئاپا، قاچان ئۆيگە كىتىسىز؟ سىز ئەتكەن ئاشنى بەك...بەك ...ئىچكىم كەلدى_دېدى قىزىم چۈرۈك تىللىرى بىلەن. قىزىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ گىلىمنى ئاچچىق يىغا قاپلىدى.
_ئاپا، راست. بىز دادامغا كۈندە دېدۇق. داداممۇ سىزنى كىلىدۇ دېدى، دوختۇرخانىدىن چېقىپ چۇقۇم ئۆيگە كىتىلى بولامدۇ، جىنىم ئاپا_دېدى ئوغلۇم يىغلاپ تۇرۇپ. مەنمۇ ئۆزەمنى تۇتۋالالمىدىم. شۇ كۈنى مەن ياتقان ياتاقتىكى يەنە بىر كارۋات بوش بولغاچقا ئۆيدىن يوتقان-كۆرپە ئېلىپ كىلىپ، بالىلىرىمنى نۆۋەت بىلەن يىنىمدا ياتقۇزۇپ، بىر كىچە پۇراپ چىقتىم. ئەتىسى بالىلارنى ئاپام دادىسىنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ قويۇپ كەلدى.
مانا ئىككى ئايدىن ئېشىپتۇ، تېخى دوختۇرخانىدا يىتىۋاتىمەن. ئاز-تولا ماغدۇرۇمغىمۇ كەلگەندەك بولۇپ قالغان ئىدىم. دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتىشنى ئېيتقان بولساممۇ دوختۇرخانىدىن رۇخسەت قىلمىغاچقا يەنە يېتىشقا مەجبۇر بولغان ئېدىم. بالىلىرىمنى ھەپتىدە بىر قېتىم نۆۋەت بىلەن كىلىپ تۇرۋاتاتتى. دوستلىرىم، خىزمەتداشلىرىممۇ مېنى ئۇنتۇپ قالماي يۇخلاپ تۇرۋاتاتتى. مۇرادىلنىڭ مېنى يۇخلاپ كىلىپ-كېتىشىگە گەپ توغرا كەلمەيتتى. ئۇ قانچە كەلگەنچە مەندە بارغانچە ئۇنىڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى. مەن تۇرۇپ شۇنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئادەم ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئەڭ سەت ئىشىنى كۆرسىمۇ قىلچە بىزارلىق ھېس قىلمايدىكەن. ئەمما ئۆزى ياختۇرمىغان ئادەمنىڭ ھەتتا ئادەتتىكى مىڭىش-تۇرىشىمۇ، گەپ سۆزىمۇ غەلىتە، يىقىمسىز بىلىنىدىكەن دېسە. مەن ھازىر مۇرادىلغا نىسپەتەن دەل مۇشۇنداق ھېسياتتا بولۇپ قىلىۋاتاتتىم.
_مۇرادىل، مېنى تولا يوقلاپ، كۆپ ھەرەج تارتتىڭىز، ئەمدى كەلمەڭ، ياتاقتىن چىققاندا ئاندىن كۆرىشەرمىز،_دېدىم مەن بىر كۈنى ئاپام يوق چاغدا مۇرادىلغا.
_نېمە دەۋاتىسىز، مەن نېمە ھەرەج تارتىپتىمەن، بۇنداق دىمەڭ، مەن سىزگە ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم_دېدى مۇرادىل سەل نارازى بولۇپ.
_مۇرادىل، مەقسىدىمنى توغرا چۈشىنىڭ، مەن سىز تولا كەلسىڭىز ئاپامنىڭ ئالدىدا، دوختۇر، سىستىرالارنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىكەنمەن. بىز يىڭى تۇنۇشقان قىز-يىگىت ئەمەس، ياخشى بولمايدۇ_دېدىم مەن. شۇ چاغدا ئاپام كىرىپ قىلىپ، دېمەكچى بولغان گېپىمنى تولۇق دىيەلمەي قالدىم. لىكىن خۇداغا شۈكرى، مۇرادىل كۆڭلىمنى چۈشىنىپ دوختۇرخانىغا كەلمەيدىغان بولدى. مەن شۇ ياتقانچە ئۈچ ئاي يېتىپ، ئاخىرى ياتاقتىن يىنىپ چىقتىم. دوختۇرخانا يەنە ماڭا ئون بەش كۈنلۈك ئارام خەت قىلىپ بەرگەن ئىدى. مېنى ئاپام ئوبدانراق ماغدۇرغا كەلسۇن دەپ، مايلاپ، ئاپتاتقا قاخلاپ، سۈت، تۇخۇم، شورپا بىلەن پەرۋىش قىلۋاتاتتى. مەنمۇ كۈندىن-كۈنگە ئوڭشىلىپ خېلىلا ئادەم سىياقىغا كىرىپ، قىرىق تۇققۇز كېلۇگىرام كىلىدىغان بولۇپ قالغان ئادەم مانا خېلى ئەت قونۇپ ئەللىك ئۈچ كېلۇگىرام كىلىپ ئاپامنى خېلى خۇش قىلغان ئىدىم. ئۆزەممۇ بالىلىرىمنى تىنماي سېغىنىپ تۇرغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا كەيپىياتىممۇ خېلىلا ياخشى ئىدى.
بۈگۈن ئۆزەم ئاپام ھاممامنىڭ ئۆيىگە كىتىپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئاپامغا ئۆز قولۇم بىلەن تاماق ئېتىپ بەرمەكچى بولۇپ، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ تۇرىشىمغا ئىشىك چىكىلىپ يەنە مۇرادىل كىردى. مەن بۈگۈنكى بۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭغا ھەممە گەپنى دېمەكچى بولدۇم.
_دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا بولسىمۇ ماڭا خەۋەر بەرمەپسىز، ئالدىڭىز ماشىنا ئىلىپ باراتتىم ئەمەسمۇ،_دېدى مۇرادىل مەندىن نارازى بولۇپ. مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى خۇش ياقمىغان ھالدا ئاڭلىغاچ داستىخان راسلىدىم. ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قويۇپ تۇرۇپ كۆڭلىمدىكى دېدىم.
_مۇرادىل، مەن كۆپ ئويلاندىم، بىز توي قىلىش ئىشىنى ئەمدى دىيىشمەيلى......
_نېمە دېدىڭىز؟ نېمىشقا ئەمدى، مەن نېمىنى خاتا قىلدىم؟_دېدى مۇرادىل جىددىيلىشىپ گېپىمنى بۆلۈپ.
_سىز ھېچنىمىنى خاتا قىلمىدىڭىز، ئىش قىلىپ بىز توي قىلغان تەقدىردىمۇ بەختلىك بولالمايمىز، مەن ئىككى بالامدىن ئايرىلالمايمەن.....
_شۇمۇ گەپمۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، قانچىلىك پۇل كەتسە مەيلى، داۋالىشىپ ئىككى بالىنى چۇقۇم قايتۇرۇپ كىلىمەن، بىز ئىككى بالىمىز بىلەن بەختلىك ياشايمىز، مەن ئۇلارغا ھەقىقىي ئاتىلىق مېھرىمنى بىرىمەن،_دېدى مۇرادىل كۆڭلىدىكىنى ماڭا چۈشەندۇرۇپ بولالماي ھاياجان بىلەن يەنە گېپىمنى بۆلۈپ.
_گېپىمنى بۆلمەي تۇرۇڭ. سىز بالىلىرىمغا قانچە كۆيۈنسىڭىزمۇ سىز بەرىبىر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆز دادىسىدەك بولالمايسىز، سىزنىڭ قىزىڭىزغا مەن قانچە كۆيۈنسەممۇ ئۆز ئاپىسىدەك بولالمايمەن. بىز بەختلىك بولىمىز دەپ ئۈچ نارسىدەنى يىتىم قىلىپ قانچىلىك بەختلىك بولارمىز؟ ئەڭ ياخشىسى سىزمۇ مېنىڭ بالىلىرىمغا بەرمەكچى بولغان ئاتىلىق مېھرىڭىزنى ئۆزىڭىزنى قىزىغا ئاتا قىلىڭ، مەنمۇ ھەم شۇنداق قىلاي. بىز ئەمدى بولدى قىلايلى. سىزمۇ ماڭا بەخت، خاتىرجەملىك تىلەڭ، مەنمۇ سىزگە بەخت تىلەيمەن.،_دېدىم مەن. مۇرادىلغا مېنىڭ گېپىم خېلىلا تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇ ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. يەنە تۇختاپ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ:
_بولىدۇ، سىزگە بەخت تىلەيمەن، بىراق مەن سىزنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالالمايمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەرسىگە ھاجىتىڭىز چۈشۈپ قالسا قەتئىي تارتىنماي مېنى ئىزدەڭ، سىز ئۈچۈن قولۇم ھەر ۋاقىت كۆكسىمدە،_دېدى مۇرادىل.
_ئۇنداق قىلالمايمەن، مەن سىزنىڭ سەمىمىي مۇھاببىتىڭىزگە قەرزدار بولۇپ قالدىم، يەنە سىزگە ئادىمىگەرچىلىككىمۇ قەرزدار بولۇپ قالغىم يوق، بىز مۇشۇ ئايرىلغانچە تۇنۇشمايدىغان ئادەملەردىن بولۇپ قالايلى،_دېدىم مەن.
ئاخىرى ئايىقى چىقماس بۇ ئىشنىمۇ جايىدا ھەل قىلىپ، يەلكەمنى بىسىپ تۇرغان ئېغىر بىر غەمدىن قوتۇلۇپ قالغاندەك يەڭگىللەپ قالغان ئىدىم. ئىشقىمۇ چۈشۈپ كەتتىم. ئىككى ھەپتىدە بىر بالىلىرىم كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ، خۇشال بولغان بولساممۇ يەنىلا بالىلىرىمنى سېغىنىش ئازابىدىن، ئەنسىرەشتىن بىر مىنۇتمۇ خاتىرجەم بولالمايتىم.
_ئاپا، دادام سىزنىڭ ئۆيگە كىلىشىڭىزگە قوشۇلسا بارامسىز؟_دەپ سوراپ قالدى بىر كۈنى ئوغلۇم مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە.
_بولىدۇ ئوغلۇم، مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن بىرگە تۇرغۇم بار،_دېدىم مەنمۇ كۆڭلۈمدىكى ئۇچۇق دەپ. مەن شۇ قىتىمقى ئوغلۇم بىلەن بولۇنغان سۆھبەتتىن كىيىن، نېمىلا بولمىسۇن، ھەرقانچە دەرت تارتساممۇ ئۆيۈمنى تۇتۇش، ئەسئەت ئالدىمغا كەلسىلا ئۆيۈمگە قايتىش نىيىتىگە كەلدىم. 《گۈلنىڭ يۈزىدىن تىكەننى سۆي》 دېگەن گەپنى كىممۇ دېگەن بولغىيتى-ھە.
_ۋاي بالام خۇش-خەۋەر، ئاسئەتنىڭمۇ گەپ يەيدىغان يېرى باركەن دېسە، مەن بۈگۈن ئۇنىڭ يېنىغا بارغان ئىدىم، ئۇ بالىلارنى قاچانلا بولسا بۇ يەردە تۇرسا مەيلى دەيدۇ، خۇدايىم، كۆڭلىگە ھەجەپ ئىنساپ بەردى دېسە،_دېدى ئاپام بىر كۈنى ھاياجان بىلەن ئۆيگە كىرىپ.
_جىنىم ئاپا، مەن ئۈچۈن يۈزىڭىزنى قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ھەجەپمۇ تولا يېلىندىڭىز، رەھمەت ئاپا،_دېدىم مەن ئاپامنى قۇچاقلاپ يىغلاپ تۇرۇپ.
_ئەخمەق قىزىم، شۇمۇ گەپمۇ، سىز خۇش بولسىڭىز، مەنمۇ خۇش بولىدىكەنمەن، مەنمۇ يالغۇز، سىزمۇ يالغۇز، ئەمدى نەۋرىلىرىم كەلسە، قانچە خۇشال بولۇپ كىتەرمىز-ھە؟_دېدى ئاپام يېشىمنى سۇرتۇپ تۇرۇپ. راست دېگەندەك بالىلىرىم نەچچە كۈندە بىر كىلىپ قۇنۇپ كىتەتتى. مېنىڭ خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغمايتى. خىيالىمدا بۇ بىر ئائىلە پات يېقىن ئارىدا جەم بولىدىغاندەك تۇيىلاتتى.
_ۋەي، مەن ئەسئەت، تىچلىق تۇردىڭىزمۇ؟_دېدى ئەسئەت بىر كۈنى تۇيۇقسىز تېلىفۇن قىلىپ. مەن ھاياجاندىن نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم، بىر ھازا ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، مەنمۇ ياندۇرۇپ ئەھۋال سورۇدۇم.
_ئەتە ئۆيدە بارمۇ سىز؟ مەن سىزگە بىر ئىشنى مەسلىھەت سالغىلى بارماقچى ئېدىم،_دېدى ئەسئەت.
_بولىدۇ، مەن ساقلايمەن،_دېدىم مەن.
ئەتىسى ئەتىگەن تۇرۇپ ھويلا ئاراملارنى تازىلاپ بولۇپ، ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈپ، تاماققا تۇتۇش قىلغاچ تۇردۇم. ئاپام بۇ ئشىتىن خەۋەر تىپىپ، قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. چۈشكە يىقىن ئەسئەت ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇ يەنە شۇنچە سۆلەتلىك كىيىنگەن بولۇپ، چىرايىدىن بۇرۇنقىدەك مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى. مەن ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ، چاي قويۇپ بولۇپ، تۇجۇپىلەپ ئەتكەن لەغمەندىن بىر تەخسە كەلتۇردۇم. چۈنكى ئۇ مەن ئەتكەن لەغمەنگە بۆلەكچە ئامراق ئىدى.
_لەغمىنىڭىز بەك ئوخشاپتۇ،_دېدى ئەسئەت. بىراق ئەسئەت تۈنۈگۈندىن بىرىسى نېمىشقىدۇر بۇرۇنقىدەك مېنى <سەنلەپ> ئاتىماستىن، توختىماي <سىزلەپ> گەپ قىلۋاتاتتى. تاماق يېيىلىپ بولدى.
_قاراڭ مەلىكەم، ھاممام نەچچە رەت ئالدىمغا كىلىپ، يىغلاپ، يىلىنىپ تۇرۇپ، بالىلارنى سىزنىڭ بىقىشىڭىزغا ئۆتۈنۈپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلىپ، بەك چىڭ تۇرۋالدى. چوڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازارلىق يېتىپ قالسا بولمىغىدەك، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارمۇ كۈندىلا 《ئاپامنى ئەكەپ بەر》 دەپ بەك غەلۋە قىلىپ، مېنى خاتىرجەم ئىشلىگىلىمۇ قويمىدى. ئۇنداق بولسا ئۆزەممۇ خاتىرجەم ئەمەس، سىزمۇ خاتىرجەم بولالمىغىدەكسىز، شۇڭا بالىلارنى بىقىشنى سىزگە ئۆتۈنۈپ بىرەي دەپ كەلدىم. مەن ئازراق پۈتتۈردىغان ئىشىم بار ئىدى. شۇ ئىشلارنى تۈگەتسەم، سىزمۇ قوشۇلسىڭىز، كىلەر ھەپتە بالىلارنى ئەكىلىپ قويىمەن،_دېدى ئەسئەت تولۇمۇ تەمكىنلىك بىلەن. مەن خۇشاللىقىمدىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، كۆزلىرىمدىن ياش قويۇلغىنىچە تۇرۇپلا قالدىم.
_ماقۇل، كۆپ رەھمەت سىزگە،_دېيەلىدىم ئارانلا. ئۇ چىقىپ كەتتى. ئورنۇمدا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. قولاقلىرىمغا ئىشەنمەي، خۇددىي شىرىن چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېسياتقا كىلىپ قالغان ئىدىم. بۇ چۈشۈممۇ، ئوڭۇممۇ دەپ ئۆز-ئۆزەمنى چىمداپ باقتىم. بۇ چۈش ئەمەس ئىدى. ئاپامنىڭ بۇ خۇش-خەۋەرنى ئاڭلىغاندىكى خۇشاللىقىنى دىمەيلا قوياي. بىر ھەپتىنى كۈن ساناپ ئۆتكۈزدۇم.
ئەسئەت دېگەن كۈن يىتىپ كىلىپ، ئالاھىدە تەييارلىق قىلدىم، بالىلىرىم ئۈچۈن ياتاق ئۆي ھازىرلىدىم. ئەسئەت دېگەن ۋاقىتتا بالىلارنى ئېلىپ كەلدى.
_مۇنداق ئىش، مەن ھەر ئايدا بالىلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن 500.00 يۈئەن بىرىمەن، مەن بۇ پۇلنى ھەر يىلى بىر يىل توشقاندا 6000.00 يۈئەن قىلىپ تولۇقلاپ بىراقلا بىرىمەن، سىزچە قانداق؟_دېدى ئەسئەت.
_مەيلى، _دېدىم مەن.
_يەنە، ماۋۇ ھازىرقى زىمىنلىق ئۆينىڭ كىنىشكىسى، بۇ ئۆنىڭ نامىنى ئەزىمەتنىڭ نامىغا يۆتكەپ، جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ قويدۇم، كېيىن بالىلار بىزنى دادام شۇنداقلا تاشلاپ كىتىپتىكەن، دەپ مەندىن نەپرەتلىنىپ يۈرمىگەي، ئۆينى ساتسىڭىزمۇ، ياكى ئىجارىگە بىرىپ پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ،_دېدى ئەسئەت.
ئۇ كەتتى. كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ بالىلارنىڭ بىقىش ھەققىنى يىلدا بىر بېرىدىغان بولدى، يەنە ئۆينى بەردى. دىمەك، بىزنىڭ بالىلارنى بىرلىكتە قاتارغا قوشىشىمىز مۇمكىن ئەمەستەك ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، بالىلىرىم قايتىپ كىلىپ، خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتمايتتى. كۈندە سەھەردە بالىلىرىنى مەكتەپكە، باغچىغا يولغا سېلىشقا ئالدىرايتىم. چۈشتە گەرىچە ئاپام تاماقنى ئېتىپ تەييار قىلىپ تۇرسىمۇ، يەنە ئۆيگە ئالدىرايتىم. كەچتە بالىلىرنىڭ تاپشۇرىقىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، ھېكايە ئېيتىپ بىرىپ ئۇخلىتاتتىم. ئىش قىلىپ تۇرمۇشۇم شۇنچىلىك مەزمۇنلۇق، مول ئىدى. 《بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار》_بۇ نېمىدېگەن تۇغرا ئېيتىلغان سۆز بولغىيتى_ھە.
بىر كۈنى دوستۇمنىڭ بالىسىنىڭ خەتمە تويىغا بېرىپ قايتىپ كەلسەم، ئاپام تېلىۋىزورمۇ كۆرمەي، روھى چۈشكەن ھالدا ئولتۇرۇپتۇ.
_نېمە بولدى، ئاپا؟ خاپا كۆرىنىسىزغۇ؟_دېدىم مەن.
ئاپام ئۈن-تۈنسىز بىر باغاقنى ماڭا سۇندى. مەن باغاقنى كۆرۈپ خۇددىي بىرسى بىر قاپاق سۇنى بېشىمدىن قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. باغاق ئەسئەتنىڭ توي باغىقى ئىدى. مەن باغاقنى ئېلىپ، بالىلىرىم ياتقان ئۆيگە كىردىم. كاللام قوپقۇرۇق بولۇپ قالغان ئىدى. ئىچىمدە نە نەپرەت، نە مۇھاببەت بولسۇن. نەچچە ۋاقىتتىن ئانچە-مۇنچە پىلىلداپ يىنىپ تۇرۋاتقان ئاخىرقى ئۈمۈدۈممۇ پاك-پاكىز يوقالغان ئىدى.
_ئاھ! دادىسىز بولۇپ قالغان شور پىشانە بالىلىرىم، سىلەرنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قىلىشىڭلارغا پۈتۈنلەي مەن سەۋەپچى، ئەسلى چىدىشىم كىرەك ئىدى. مەن چىداشنى نىيەت قىلغاندا بەكمۇ كېچىكتىم. سىلەر ھازىر كىچىك، كۆڭلىڭلەردە داداڭلارنى ئەيىپلەيسىلەر، دادا دېگەننىڭ ئېغىزىغا تەلمۇرۇپ چوڭ بولىدىغان بولدىڭلار، بىراق چوڭ بۇلۇپ، ھەممە ئىشنى ئۇققاندا مەندىنمۇ كۆڭلىڭلار ئاغرىنىدىغان بولدى،ئېسىت بالىلىرىم. مېنى كەچۈرۈڭلار، مەن ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ سىلەرگە بىر ئۆمۈر دادا ھەم ئانا بولۇپ ياشايمەن، بەختسىز بالىرىم،_مەن توخـىماي پىچىرلايتىم، كۆزلىرىمدىن پۇشايمەن، ئەلەم، ئۆكۈنۈش ياشلىرى توختىماي قۇيىلاتتى.
|