بىرەر تونۇش بولمىسا

ئىش پۈتكۈزمەك مۇشاقەت بىرەر تونۇش بولمىسا.
قوشىلىدۇ شەرتكەشەرت ،بىرەر تونۇش بولمىسا، بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز. قوشىلىدۇ دەرتكەدەرت ،بىرەر تونۇش بولمىسا، يىغلاشمۇ بار نەچچەرەت ،،بىرەر تونۇش بولمىسا. 

ئەڭ ياخشىسى ئاستا كەت ،،بىرەر تونۇش بولمىسا، بولىۋالدى خادىملار ئىشنى يولسىز بىجىرمەس.
مىدىرلىماس ئازپۇلغا ئۇندابىزنى باسارنەس،
ئارقائىشىك قىلمىساڭ ئاسان ئىشمۇ بولار تەس. شۇڭا تونۇش ئىزدەيمىز مېڭىپ يۈرۈپ ئىگىز-پەس،

تۈگىشىمىز پۇل تۆلەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا. تونۇشلىرى بارلارنىڭ بالىلىرى خىزمەتتە،
يېقىنلىرى يوقلارنىڭ قالدى يىغللاپ بىر چەتتە. پىرىنسىپلار ،ھۆججەتلەر يوق ئەمەستۇر ئەلۋەتتە،
ھۆججەت قىلىپ بىر چەتتە ،ئىش پۈتىدۇ بىر چەتتە. 
يامان ئىكەن شۇخېلۋەت ،،،بىرەر تونۇش بولمىسا. تىنەپ قالدىم تۇيۇقسىزبىرەرتونۇش بولمىغاچ،
سەرسان بولدۇم يات كۆرۈپ سارايلاردىن قوغلىغاچ. بىر شەھەرگە بىر كۈنى بىرىپ قېلىپ ئوينىغاچ، ئامان قالدىم تۈرمىدىن ياندا پۇلۇم قوغدىغاچ. بولار ئىكەن بەكمۇ سەت بىرەر تونۇش بولمىسا،

تونۇشتۇرۇش دىگەندىن تونۇش ياخشى بوپقالدى، سايىسى يوق دەرەختىن قۇمۇش ياخشى بوپقالدى. تونۇشلارنى ياد ئىتپ تۇرۇش ياخشى بوپقالدى، يېرتىقىمغا ئەسقاتقان پۇرۇش ياخشى بوپقالدى.
مەنبە: مۇھەممەتجان راشىن شېئىرلىرىدىن....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 520Studios تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-14 16:16
|