قاملاشمىسىمۇ مەنمۇ تۈزدۈم ئەمسە
مۇنبەردىكىلەرگە چاقچاق 
قېنى كىلىڭ دوسلۇرۇم ،
باشلايلى بىز چاقچاقنى .
قىزىپ كەتسۇن بۇ مۇنبەر،
سۈيۈندۈرسۇن دىللارنى .
ئەپەندىگە:

مۇنبەر ئۇچۇن تەر تۆكۈپ ،
جاپا چېكىپ يۈرەمسىز ؟
مۇنبەر قالتىس چىقىپتۇ،
مۇنبەردىلا تۈنەمسىز ؟
***
كۈندۇزلىرى مۇنبەردە ،
بىلىم بېرىپ ھارمايسىز .
مۇنبەر ئۈچۈن بەزىدە،
زادى ئارام ئالمايسىز .
***
قايىل بولدۇق ھەممىمىز ،
ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن !
ھەيران قالسۇن باشقىلار ،
ھەتتا چارلىز-چاپىلىن !
<fatima > خانىمغا :

تېما كۆرۈپ ھەركۈنى ،
كىنو كۆرمەي يۈرەمسىز .
ئەگەرتېما يوللىساق ،
ئادىل جاۋاپ بېرەمسىز ؟
***
مۇنبەر ئۈچۈن بەزىدە ،
ئۇيقۇڭىزنى قويامسىز ،
تىما يوللاپ ھارمايسىز،
كومپىيۇتېرغا تويامسىز ؟
***
چاخچاق قىلدىم تېرىكمەڭ،
تىما يوللاپ زېرىكمەڭ،
باشقۇرغۇچى بولماق تەس ،
باشقۇرغۇچىلىقتىن چېكىنمەڭ
<hanjar731> دوستەككە :

سۆيگەن يارنى تاپالماي ،
خۇشال پەرىشتە620 نى سوراپ يۈرەمسەن ؟
دوسلار بىلەن مەي ئىچىپ،
بۇ مۇنبەردە تۈنەمسىەن ؟
***
ياكى كىيىم كىيدۇرۇپ،
ئىت-مۈشۈككە يۈرەمسىەن ،
ئەتكەس قورال ئوغۇرلاپ،
ھارام پايدا كۆرەمسىەن ؟
***
باشقۇرغۇچى ئىدىڭ سەن ،
ئەسكىرىڭ يوق تۇرۇپ ،
ئەمدى يەنە ئۆسۈپسەن ،
تىما يوللاشنى توختۇتۇپ.
rayip ئەپەندىگە :

مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ بېرىپ،
تەر تۆكۈپلا كەلدىڭىز ،
قىزىق تىما ئاز قالدى ،
كىمگە قەرز بەردىڭىز ؟
***
مەن <520 > سىز ئۈچۈن،
كۆپ تەشەككۇر ئېيتىمەن .
ياخشى ئۇچۇر -خەۋەرنى ،
سىزدىن كۆپرەك كۈتىمەن .
ozyarim ئەپەندىگە :

سىز ئىلگىرى مۇنبەرنى ،
يۇمۇرغىلا تولدۇرغان.
بىز ھەممىمىز كۈلۈپلا،
سىزگە قاراپ ئولتۇرغان.
***
زىيان چىقتىمۇ ئوقەتتىن ،
ياكى يۇمۇرچىلىق ئاقمىدى ؟
تەڭ تۆلەيتتۇق زىياننى،
بىزگە دىسىڭىز شۇ كۈنى ...
0998cn خانىمغا:

مۇنبەر بىر خىل خۇش-پۇراق ،
سىز بولغاچقا رىشتىخان .
ئېسىل لىرىكا ئوقۇيمىز ،
سىز بولغاچقا رىشتخان.
***
مەن سىزنى كۆرمىگەن ،
سىزمۇ مېنى كۆرمىگەن .
مۇنبەر بىزنى دوست قىلدى،
مۇنبەر ئېسىل نەرسىكەن ....
aygul123

مۇنبەر بىزنى دوست قىلسۇن !
ئەقلىمىزنى قوش قىلسۇن !
شېئىرىي چاخچاق يوللاڭلار ،
ھەممىمىزنى خوش قىلسۇن !
summayya
مۇنبەردىكى تېمىڭىز جەلىپ قىلار ئادەمنى ،
ھەر ساھەدە يىتىشكەن بىلىم بىرىپ بىزلەرگە .
شىئېرىڭىزنى بىرئېيتىڭ، ھېكىمەتلىك سوزلەرنى ،
قېنى دوستۇم تىز چىقىڭ ساقلاپ قالدۇق ئوزلەرنى .
banuقىزغا 
قانداق ئەھۋال بانۇ قىز سالامەتمۇ تەنلىرى ،
بەكمۇ ئادەم خوش قىلار مۇنبەردىكى سوزلىرى.
كوڭلۇم تارتىپ سىىلىنى قوشاقلارغا چىللىدىم ،
ئەمما بارمۇ بىلمىدىم قوشاقلارغا مەيلىرى .
samandarem

يازغان ھەر شئېردىن بەكمۇ ھەجەپ خۇش بولدۇم ،
باش قاتۇرۇپ يازغان ئاشۇ سالاملارغا ھەشقاللا .
ئىلھام بىلەن يازغان ئاشۇ مىسرالارغا قول قويدۇم ،
بەك خۇشالمەن بۇمۇنبەردە سىزدەك دوستۇم بولسىلا .
salkin11

ئالدىراش بۇپ ھەركۇنى چىقمايسىزغۇ مۇنبەرگە ،
سېغىنىپ شۇ مانا مەن قوشتۇم سىزنى نەزمىگە
شىئېرىڭىزنى ئايىماي يوللاپ تۇرۇڭ بىزلەرگە ،
باشلاپ بېرىڭ دوسلارنى ئاشۇ لىرىك كويلەرگە .
gulimire

گۈلمىرە ماڭدى سەپەرگە،
ماڭا قويۇپ تۇمارلىق.
گۈلمىرە قىزنىڭ كۆزلىرى،
خويمۇ گۈزەل خۇمارلىق.
nazli

ئاقچى قوغۇن تولاشسا
كۆكچى قوغۇن تولاشماس.
نازلى قىزنى قاتمىسام،
قوشاقلىرىم قولاشماس.
ayxolisi
[/url]
ئاق ئالمىنى ئېغىتتىم،
خاپا بولماي تەرسىلە.
ئاي شولىسى قىز سىلىمۇ،
قوشاق قېتىپ كەلسىلە.
[url=/u/ruhsari11]ruhsari11 
تاۋار كىيدىم بەسلەشمەي،
دۈشمەن بىلەن قەسلەشمەي.
كۆڭۈل قانداق چىدايدۇ،
رۇخسار قىزنى ئەسلەشمەي.
kalwakiz

ئۆتەڭ ئۆستەڭ سۈيىنى ،
ئانارلىققا باشلايمىز.
كالۋا قىزنى كۆرگەندە،
شئېر قوشاق تاشلايمىز.
dartman119

ئۆي ئالدىدا تار ئېرىق،
كېچىپ ئۆتمەي ئاتلايمىز.
دەرتمەن يىگىت جۆيلىسە،
كۆلگە چۆرۈپ تاشلايمىز.
ئــا ... مۇنبەرنىڭ قوشىقى،
مــا ... مۇنبەرنىڭ قوشىقى،
قىزىيدىكەن يەنىلا ،
ئىز مۇنبىردىكىلەرنىڭ قوشىقى.
ئىسمى ئاتالماي قالغان دوسلارنى ئىنكاسىڭىلارغا قاراپ يەنە داۋاملىق يازىمەن
.. بىردەم ئارام ئالاي ئۇھ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 520Studios تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-18 01:41
|