ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرمىلەر تىلۋىزۇرغا چىقىش ئۈچۈن....بوران114
كۆرۈش: 191|ئىنكاس: 4
go

تىلۋىزۇرغا چىقىش ئۈچۈن....بوران114

توردا
55سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
46 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 04:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خىلى ئىناۋىتىم،يۈزۈم،ھۆرمىتىم ھەم تونۇشۇم باركەن،بۈگۈن ناھىلك 3دەرىجىلىك كادىرلار يىغننىڭ 2-كۈنى،بۇ جەرياندا سىكىرتار شۈجى شاڭجاڭنى يوقلاشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ،مەنغۇ كارىم يوق،ئەمما كەچ سائەت 18بولغاندا سىكىرتاردىن تىلفۇن كەپقالدى،

--بورانجان،بارمۇ سىللى،بىر ئىش بارئىدى،شەھەرگە كىرسەڭلار،
ماقۇل دىمەي نەچارە،كىردىم،ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم،يەنە 6سىكىرتار بارئىكەن،بىر ئارامگاھقا باشلىدى(شوپاڭخانائەمەس،بارايلى دىگەنتى مەن ئۇنىمىدىم)كىردۇق يەنە2غالچا باركەن،ئۇلار باشلقلىرىمىزنى يوقلاپ كىرىپتۇ،سەيلەر بۇيرۇلدى،ئىچملكلەر كەلتۈرۈلدى،مەن قىرىل تۆگەئىچملىكىدىن بىرنى ئىچىپ ئولتۇردۇم،نىمەگەپ بارلىقىنى مەن بىلمىدىم،شۇ ئارىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر سىكىرتاردىن بىرى گەپ باشلىدى؛

--بورىناخۇن،مۇنداق ئىش ئىدى،بىزگە بىر ياردەم قىلساڭلار،تىلۋىزىيە ئىستانسسىدا تونۇشۇڭلار بارمۇ؟
--يوق،ئەمما بىر ئاغىنەمنىڭ تونۇشى بار،
--ياخشى،ياخشى،تىلفۇن قىلڭلار،

مەن تىلفۇن قىلدىم،ئاغىنەم كەلدى،ئۇ ئارتس بولغاچقا تونۇشى كۆپ ئىدى(شاشمۇ يا،مايمۇندەك شاشمۇ،يولۋاستەك شاشمۇ)دىگەن قىسقا فىلمدە رول ئالغان،سالام-سائەتتىن كىيىن مەن ئۇ ئاغىنەمنى قىسقغىنە تونۇشتۇردۇم،

--مۇنداق گەپ ئىدى بورىناخۇن ئاداش،مۇشۇ تۈنۈگۈننىڭراقى يىغىندا ئولتۇردۇق،ماۋۇ ئاخشام خەۋەر كۆرسەك بىزنى ئاۋۇ مۇخبىر ئاداش تىلۋىزۇردا ئىنقراق تارتماپتۇ،باشقا يىزىنىڭ سىكىرتارلىرىنى ئىنىق تارتىپتۇ،شۇڭا بىزنىمۇ 3-4سىكۇنىت تارتىپ قويسا،چۈنكى نەگە باردىڭ دىسە ناھىيگە يىغىنغا دەپ پو ئاتىمىز،ئادەمنىڭ دوستى بار،دۈشمىنى بار،شۇڭا بىز ئىكىراندا ئۇزۇنراق كۆرۈنسەك دادۈيدىكىلەر بىزنى كەچلىك خەۋەردە كۆرسە ھەيۋىمىز باشقىچە بولاتتى،

كۈلگۈم كەلدى،بىراق مۇمكىنمۇ.ئاغىنەمگە قارىدىم،ئۇمۇ يۈزۈمنى تۆكمىدى،مۇخبىرغا تىلفۇن قىلدى،2سائەتلەردىن كىيىن مۇخبىرمۇ كەلدى،بىرمۇنچە تەكەللۇپ،خوشامەتلەردىن كىيىن مەخسەت ئايان بولدى،ئاق ھاراق (خۇڭفاڭغا)ئۆزگەردى،مۇخبىرمۇ خۇشال ئەمما ھەيۋەت پوچى ئولتۇردى،بىر سىكىرتار قەدەھ سۆزى قىلدى،مۇخبىرنىڭ قەدەم تەشىرىپ قىلغىنى ئۇنىڭ يۈزىنى قىلغانلقىنى ھەم بەختى ئىكەنلكىدە نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى،مۇخبىرمۇ قوشۇلدى،ھەم بۇ 6مۆھتىرەم زاتىنى تولۇق تارتىشقا ۋەدە بەردى،يۇمۇرلار ئوقۇلماقتا،مۇخبىرنىڭ جاپاسى سۆزلەنمەكتە،مۇخبىرمۇ پو ئاتماقتا،كىمنى ماختاپ كىمنى تۇڭباۋ قىلىش ئۇنىڭ ئىشىمىش،بۇگەپكە سىكىرىتارلار بەك دىققەت قىلدى،نۆۋەتتە مۇخبىرمۇ ئۆزىنىڭ كىچككىنە ھاجىتىنى دەپ ئۆتتى،بۇنى سىكىرتارلار بەس-بەستە قولىدىن كىلىدىغانلقىنى ئەتىلا يىغىندىن چىقسىلا بىجىرىپ بىرىدىغانلقىنى دەپ مۇخبىرنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى بەس-بەستە يىزىۋىلىشتى،بوتۇلكىلار بىكارلانماقتا،سەيلەر ئىغىز تەگمەي سوۋۇپ يىڭىسى كەلتۈرۈلمەكتە،ئۆز-ئارا چۈشىنىپ مۇخبىرنىڭ قايسى بىر ئاچا-سىڭلىرى ياكى تۇققانلىرىنىڭ شۇ يۇرتقا چىققانلقى ياكى تۇققىنى بارلقى ئاشكارلانماقتا،ئىشنىڭ قىززىقى ئەمدى چىقتى،

--مۇخبىر ئەپەندى،ئەتە يىغندا مىنى باشتا ئۇزۇنراق تارتىڭ،مەن سىز بىلەن كىين مۇڭدىشاي،مەۋەدىن چىقىپ پۇت يۇدۇرىمىز،
بۇ گەپنى سەل چالا بولۇپ قالغان بىر سىكىرتار قولدىكى رۇمكىنى مۇخبىرغا تەڭلەپ دىگەنتى،

--نىمىشقا سىنى باشتا تارتىدۇ،مىنى تارتماي؟سىنىڭ كەنتىڭىنى مەن بىلمەمدىم،سىنىڭ كەنتىڭ پارنىكنى ياخشى باشقۇرماي جۈمە كۈنى جازا تۆلىدىڭغۇ،مىنى تارتىڭ ئۇكام،بۇ قەلەندەر سىكىرتارنى مەن بىلمەن،ئىشلەپچىقىرىشى ناچار،كىرىمى يوق،

--ھەي ماز ئەمىسە سىنى تارتسا بولامتى،سىنىڭ كەنتڭدىمۇ پىلانلق تۇغۇتتا جازا تۆلىدىڭغۇ،بىلەمسەن،پىلانلق تۇغۇت دىگەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى،سىنىڭدەك لاتىنى تاتقىچە ئاچاڭنى تارتسۇن،،،

ئۇ سىكىرتار بىر نىمە دەپ بولغىچە ياندىكى يەنە بىر سىكىرتار ئاچچىقلاپ كەتتى،

----سەن ئىككىڭ نىمە دەۋاتىسەن،ئاۋال مىنى تارتىدۇ،مىنىڭ كەنتىم بۇيىل يىزا بويچە ئىلغار،بۇ قىتىم مۇكاپاتمۇ ئالىمەن،نەدىكى بىر نىمە سولايدىغان سولامچىلارنىڭ گىپىنى قارا،مەن جىم ئولتۇرسام مەۋەدە،مۇخبىر ئۇكام مىنى باشتا تارتىڭ،ھەرقانداق چىقىمىڭىزنى ھەم بايا دىگەن ئىشڭىزنى مۇھىم ئىشلار قاتارىدا تۇتۇپ ئۆزۈم بىر قوللۇق ھەل قىلمەن،
ئۇنىڭ گىپى تۈگىمەيلا يەنە بىرنىڭ قۇيقا چىچى تىك تۇردى،
---سەن بۇيىل مۇكاپات ئالىسەن،مەيلى ،ئەمما سىنىڭ كەنتىدىن قىمارۋاز ئوغىرى،پاھىشۋازلار چىقمىدىمۇ،سەنمۇ ئۆتكەندە ياتاقتا جالاپ بىلەن تۇتۇلۇپ قىلىپ تاس قالدىڭ پارتيىدىن قوغلانغىلى،جەرىمانە تۆلەپ قۇتۇلدۇڭ،ئۇنىڭ ئۆستىگە نەۋرە سىڭلىڭ شوپاڭخانىدا ئىشلەيدۇ،،ئۇنى ئۆتكەندە مەن 500كويغا،،،،،،

تاڭ قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن ھىلقى سىكىرتارنىڭ بۇرنىدىن قان كەتتى،يەنە بىر سىكىرتار جوزىنى ئۆرىدى،بىر-بىرىنىڭ خوتننى قاچان قەيەردە ھەپلەشكەنلىكى ،قانچە پۇلغا خىيانەت قىلغانلقى ،ئىشقىلپ بىر-بىرىنىڭ ئەپتى بەشىرسى ئىچىپ تاشلاندى،سورۇن بۇزۇلدى،پۇللار يەرگە ئىتىشىپ چىچىلىپ كەتتى،سورۇننىڭ ھىساۋىنى ھىچكىم ئۈستىگە ئىلشنى خالماييتتى،قۇلاققا گەپمۇ كىرمىدى،مەن ئاغىنەم بىلەن مۇخبىرنى ئىلىپ چىقىپ كەتتىم،مۇخبىر بولسا ھەيرانلق ئىچىدە داڭقىتىپ تلالادا بىردەم تۇرۇپ قالدى،10مىنۇت ئۆتە-ئۆتە ئۆتمەيلا ساقچى ماشنىلىرى كىلىپ ئۇلارنى ئىلىپ كەتتىى،مۇخبىرنىڭ ئەتىكى بىجىرمەكچى بولغان ھاجىتمۇ سۇغا چىلاشتى،ئۇمۇ كەتتى،ئاغىنەمنىمۇ ماشىنغا سىلىپ قويدۇم،خىلى بىر چاققىچە كوچىدا چۆرگىلەپ يۈردۈم،كاللامدا نۇرغۇنلىغان چوقانلار ،قىياسلار،ئويلنىشلارسائەتكە قارىسام سەھەر سائەت 2بوپتۇ،شۇنىڭبىلەن تورخانىغا كىردىم،ھەم بۇتىمنى يازدىم،ئەتە تىلۋىزۇرغا كىم چىقار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەنبە؛كۆرگىنم،،،بوران114

Rank: 8Rank: 8

توردا
762سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1488 
تېما
65 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 11:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل تىمىلىرىڭىز مۇنبىرىمىزدىن ئۈزۈلمىسىۇن،ئوقۇۋىتىپ كۈلگۈم كەلدى،ئەمما تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئىشلاردىگەن ساماندەك.
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2591 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 11:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمەلىيەت چىقىش قىلىنىپتۇ ... بىزنىڭ يازمىللىرىمىز يالغان سەپسەتىلەرنى ئەمەس بەلكى ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ ، تۇرمۇشىمىزدىكى ياخشى ئىجابىيلىق كۆپلەپ ئوتتۇرغا چىقىرىپ بېرىلسە ، ھەممىزگە ياخشى ئەمەسمۇ ؟ ... ھەممىزدىكى مەخسەت ئۈزىمىز ۋە ئۆزگە ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
12 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 13:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا ، ئۇلارنىڭ ئەپتبى بەشرىسىنى ئىچىپ بىرسىپىزغۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-3 13:49

توردا
71سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
359 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-27 09:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمەنچىلەر تېپىلىپ تۇرىدۇ-دە؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 16:53

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.