ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئېسىل «ھۈنەر» ئۈگەنگىڭىز بارمۇ؟ (ساپتىلەك)
كۆرۈش: 1625|ئىنكاس: 16
go

ئېسىل «ھۈنەر» ئۈگەنگىڭىز بارمۇ؟ (ساپتىلەك)  

توردا
21سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
27 
تېما

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 21:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئېسىل «ھۈنەر» ئۈگەنگىڭىز بارمۇ؟




ئاپتۇر: ساپتىلەك






_ۋەي، مۇدىرما؟
_ھەئە مەن. ھازىرلا يېنىمغا كەلسىڭىز.
_مانا ھازىر. 
ئۇ مۇدىرنىڭ يېنىغا بەش مىنۇتقا قالماي كېلىپ بولدى. مۇدىر ئۇنىڭغا ئىشىك ئېچىپ بولغىچە، ئۇ مۇدىرغا ئىشىك ئاچتى.
_بۇرۇنقى سابىق مۇدىر سىزنى بەك ئىشەنچىلىك دېگەن. مەن بۇ يەرگە يېڭى شۇڭا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلمەيدىكەنمەن. ئىدارىدا بۆلۇم مۇدىرلىرىنى قايتا تۇرغۇزاي دېگەن، بەزى نامزاتلار بار، سىز شۇلارغا بىر پىكرىڭىزنى دەپ باقسىڭىز.
_بولىدۇ مۇدىر.
_سەمەت قانداغىراق؟
_ۋاي مۇدىر، ئۇ بولمايدۇ. نېمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى ئۇ بەك شەخسىيەتچى. شۇڭا ئىدارىدا ئۇنى ھېچكىم ئىتىراپ قىلمايدۇ.
_ئايگۈلچۇ؟
_ۋاي...ۋاي...مۇدىر، ئۇ تېخىممۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوتلا يانىدىغان خۇتۇن، ئاغزىغا كەلگەننى بۇغزىغا يۇتمايدۇ.....
_ھە، تۇرسۇنچۇ؟
_ۋاي جىنىم مۇدىر، ئۇچۇ خىزمەتنىغۇ قىلىدۇ، لىكىن بەك كىتاب خالتىسى، پەقەت كىشىلىك مۇناسىۋەت دېگەننى چۈشەنمەيدۇ.
_ئابدىۋىلىچۇ؟
_ئاشۇ ئابدىۋىلىما؟ ئۇ بەك شەخسىيەتچى، سىزدىن نەپ چىقسىلا بولدى، كىچككىنە نەپ چىقماي قالسۇن، بولدى، سىزنى چىقىشتۇرۇپ بارمىغان يېرى قالمايدۇ.
_خالىدەچۇ؟
_ئۇما؟ ئۇ دېگەن ئىدارىدا ئىستىلىدىن چاتاق چىقىپ، سېسىق نامى پۇر كەتكەن خوتۇن ئۇ. يەنە تېخى باشلىق، ئىزا تاتماي ئاق ھاراق ئېچىدۇ دېسىلە.
_ھە، ئۇنداقتا سەمەتچۇ؟
_ۋەي ئۇ تېخىممۇ بولمايدۇ، ئۇ دېگەن.................ۋاي باشلىق سەمەت دېگەن مەنغۇ....................







_ھەي ئاداش، ئاخشام ھەجەپ كۆڭۈللۈك بولدى ھە؟
_شۇنى دىمەمسەن، سەن پۇشتەك چىلىپ، قوشقاچلارنى چاقىرىپ كەلمىگەن بولساڭ، ھاراقلا ئېچىپ ئولتۇراكەنمىز.
_ھاراقنىمۇ تازا ئېچىپتىمىز، ھەر بىرىمىزگە بىر جىڭدىن تۇغرا كىپتۇ.
_بىر ۋاقىتتا خوتۇنۇڭ تېلىفۇن قىلىۋاتاتتىغۇ؟
_ۋاي ئۇ ساراڭ خوتۇننى قويە، كەچكىچە كۈنلەپ، تېلىفۇن قىلىپ ئارام بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ جاجىسى راست گەپ قىلمىساقلا بولدى. سەل يۇۋاش بولۇپ بەرسەڭلا باشقا چىقىدۇ. شۇڭا مۇشتۇڭنى كاللىسىدا ئوينىتىپلا تۇرساڭ يۇۋاش ئۇ نمېىلەر.
_قالتىس جۇمۇ سەن. ھەي راست ھېلىقى سېرىق چاچنى نەگە ئاپادىڭ؟
_كۆڭۈل ئاچتۇق. سەنچۇ؟ شۇنداقلا كەتمىگەنسەن؟
_مەنمۇ بىرسىنى تۇغۇرلىغان. ئىش تۇگىگەندە <ئارلىشىپ ئۆتىلى، تېلىفۇن نومىرىڭىزنى دەپ بېرىڭ> دەيدۇ، نەدە شۇنداق ئىش بار. ئۇنداق دادىن ئاشقان رەسۋالىغا تېلىفۇن نومىرىنى دەپ بېرىدىغان ئەخمەق ئەمەستە بىز، شۇڭا بۇرۇن ئىشلىتىپ تاشلىۋەتكەن نومىرىمنى دەپ بەردىم. ھا........ھا.......ھا......



_ئاداش، گىرىمىڭنى نەدە قىلدۇرىسەن؟
_نازاكەتتە قىلدۇرىمەن، ئېرىم <بۇ دېگەن ئوغلىمىزنىڭ چوڭ ئىشى، شۇڭا پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ياسان> دەيدۇ.
_ھە، نەچچە پۇللىغىنى قىلدۇرىسەن؟
_300.00 كويلۇق گىرىمنى قىلدۇرايمىكىن.
_نېمە دەيدىغانسەن جىنىم دۇستتۇم، ئىچىلمايسەن دەيمەن. ئەڭ ياخسىشى 450.00 كويلۇق گىرىمنى قىلدۇر.
_مەنمىغۇ ئويلىغان، لىكىن شۇ تۆت قەۋەت كىرپىك تاقاپ، چاچنى بەك يوغان چىقىرىۋىتىدىكەن.
_ھە ئۇنى دەپ قويساق بولىدۇ. كىرپىكنى دېمىسىمۇ ئىككى قەۋەت سالدۇرساڭ بولا. تۆت قەۋەت بولسا كېگىزدەك بولۇپ قالىدىكەن.
_مەيلى بولمىسا شۇنداق قىلدۇرارمەن.
_ھە راست، يېنىڭدا نەچچە ئادەمنى تۇرغۇزىدىغان بولدۇڭ؟
_31 ئادەم بوپتۇ.
_ئامىينەنى قويدۇڭمۇ؟
_ياق، قويماپتىمەن.
_مەن ئويلىغان، ئۇ دېگەن نېمىلا بولمىسۇن بۆلۇم باشلىقى تۇرسا، تۇرغۇزمىساڭ سەت تۇرامىكىن.
_بەك جىق بولۇپ كىتەرمۇ؟ شۇ تاپتا شۇ 31 ئادەمگىمۇ ئىش تىپىپ بېرىپ بولالماي قالدىم.
_ناھايىتى 32 بولىدىغۇ، باشقىلار 40 ئادەمنىمۇ تۇرغۇزغان. قارا، يېقىن ئۆتىدىغان سەككىز قىز يېنىڭدا تۇرىدۇ، 10 قىز مېھمان باشلايدۇ، ئالتە قىز داستىخان يازىدۇ، ئىككى قىز خانىملارغا سۇۋغات تارقىتىدۇ، تۆت قىز ئۇسۇل ئوينىغانلارغا ياغلىق ئارتىدۇ، ئىككى قىز كىچىك دۇستلارغا سوۋغات تارقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇگەيدۇ.
_ ھە بولغىدەك......



_ۋەي، دىلنۈرما؟ 
_ھە مەن. سىز كىم؟
_مەن غالىپنىڭ ئايالى.
_مەندە بىرە ئىشىڭىز بارمىدى؟
_خاپا بولماي ئەمدى غالىپجانغا ئېسىلۋالمىسىڭىز، ئۇنىڭ ئىككى بالىسى........
_نېمە، ھوي، بايقاپ گەپ قىلسىلا ھە، مەن ئېسىلۋالمىدىم، ئاۋۇ ئەرلىرى ماڭا ئېسىلۋالدى.
_نېمانداق يۈزخاتىرە قىلغاننى بىلمەيسەن؟ مەن ساڭا چىرايلىق داۋاتىمەن جۇمۇ.
_ھوي، نېمە دەيسەن؟ ۋوي يارىماس. سەنچۇ ئېرىڭغا يارىمىغاچقا، ئېرىڭنى يېنىڭدا تۇتۇپ تۇرالمىغاچقا ئېرىڭ دېگەن لاۋزا كەچكىچە مېنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلۋاتىدۇ. ساڭا دەپ قوياي، سەن يارىمىغاندىكىىن، ئاستا ئوينى بوشات. ئۇ لاۋزىغىچۇ، مانا مەن بولساملا ئۇ شۇنىڭغا خۇش.
_ۋۇي پاسكىنا....................
تىت....تىت......تىت......تېلىفۇن ئۇزۇلۇپ قالدى.




_قاراڭ، بۇ پۇلنى سىز ئالغىلىمۇ تۆت يىلدىن ئاشتى، نەچچە رەت كەلدىم، سىز ئىزا تارتمىغان بىلەن مەن سىزدىن پۇل سۇيلەپ كەلگىلى ئىزا تارتىدىكەنمەن، بۇ قىتىم يولدىشىم ئاغرىپ قالغاچقا ئامالسىز كەلدىم.
_ۋاي-ۋۇي، ئىيۋۇ 3500.00 كوي دېگەن قانچىلىك پۇلتى، سۇيلىگىدەك.
_شۇ قانچىلىك پۇل بولمىغاندىكىن بىر بېرىۋەتسىڭىز.
_ۋاي شۇ پۇل بولسا بىرەمەن. سىزمۇچۇ دائىم يېنىمدا نەق پۇل يوق چاغدا كېلىسىز.
_پۇل بار چاغدا ئۆزىڭىزنى بىلىپ بەرسىڭىز بولماسمىدى ئەمسە.
_ئۇ چاغدا سىز بىرنېمە دېمىسىڭىز، مەن پۇلغا ئىھتىياجلىق ئەمەسكەن دەپ ئويلايمەندە.
_گەپنى ئاز قىلىپ، پۇلنى بىر ئامال قىلىپ بېرىڭ.
_ۋاي دېدىمغۇ، پۇل يوق دەپ.
_ئامال قىلىڭ.
_نەدىن ئامال قىلىمەن. بولمىسا شۇ ئامالنى سىزلا قىلىپ تۇرمامسىز.
_ئامال قىلالىسام سىزنىڭ يېنىڭىزغا كىلەمتىم؟ بەرمىسڭىز كەتمەيمەن جۇمۇ.
_ۋايەي، كەتمىسىڭىز كەتمەڭ. ئەينە كىرىسلۇ، ئولتىرىۋىتىڭ.
_نېمانداق قېلىن سىز.
_شۇنداق، مەن شۇنداق قېلىن. قانداق قىلايتىڭىز؟
_قىلالمايدۇ دېمەڭ، سوتقا بارىمەن.
_ئەينە فايۇئەن، بېرىۋىرىڭ. ئىشىك ئوچۇق.........


مانا بۇ بىز كەشىپ قىلۋاتقان، ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۇپ قالغان كىشىلەر ئۈگۈنۈپ بېقىشقا ئۇرىنىۋاتقان كاتتا «ھۈنۈر». مانا بۇ «ھۈنۈر» بىزدىكى ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشىدىكى بىر قىسىم ئەمەلىي مىساللار.



ئەسكەرتىش: رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.

توردا
113سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
267 
تېما
72 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 22:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بولدى مەن ئۈگەنمەي، بۇنداق ئىشلاردىن مىڭ يىل يىراق قىلسۇن.

توردا
141سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
120 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 23:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بىرسگە 3000 مىڭنى بىرىپ ئاخىردا ئۇرۇشۇپ ئالغان .شۇنۇڭ بىلەن بىرسگە پۇل بەرمەيدغان بولدۇم

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
505 
تېما
120 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 23:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
4پۇتلۇقلارنىڭ ھۈنەرلىرى كەنغۇ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
364سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
540 
تېما
103 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 23:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىرقى جەميەتتىكى نەق ئىشلاركەنغۇ بۇ؟ ھەي بۇ ئىشلار ئەسلى تۈزەلسە ئاز قالسا بۇلاتتى ئەمما ھازىر بەكلا ئاۋاتلىشىپ كىتۋاتىدۇ.

توردا
1339سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
1604 
تېما
142 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 23:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قانداق ھۈنەركىن دەيمەن تىخى...
ساپتىلەك خانقىز ئىز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
ئىز مۇنىرىدە ئىزلىرىڭىز قالسۇن.
ئاددى بولسىمۇ يۈز كۆرۈشۈش سوغىمىزنى قوبل قىلغايسىز.


Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2591 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-30 00:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىلىپتۇ ...

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-30 04:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سەۋيەرىڭىز يۇقىرىكەن ،ياخشى يىزلىپتۇ رەخمەت

توردا
21سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
27 
تېما

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-30 12:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
520Studios يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 23:40
قانداق ھۈنەركىن دەيمەن تىخى...
ساپتىلەك خانقىز ئىز مۇنب ...

گۈللىرىڭىز رەھمەت. بۇ مەن قوبۇل قىلغان يېڭى يىللىق ئەڭ ئېسىل سۇېغا بولدى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
350سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
408 
تېما
219 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-31 00:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزنىڭ يازمىللىرىڭىز پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتتىن ئېلىنغان، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان، نەق گەپنى دىگەن، ھەقنى سۆزلىگەن يازمىلار... سىزنىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتىكى قابىلىيتىڭىزگە مەن ھەقىقىتەنمۇ قايىل~!
تېخىمۇ تىرىشىپ، ئەڭ يېڭى، ئەڭ نادىر، ئەڭ مەزمۇنلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 16:53

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.