ئىز تورى

 

 

ئىزدەش

      

كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 2
go

رۇبائىيلار

توردا
364سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
627 
تېما
31 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 00:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
غۇلامجان قادىر قۇتبىلىگ
گۈل__ تىكەن بىر شاختا بولغاندەك گويا،
شادلىق ھەم قايغۇغا تولغان بۇ دۇنيا.
قايغۇسىز شادلىق يوق،شادلىقسىز قايغۇ،
بىل بۇنى،ئۈمىدسىز ياشىما ئەسلا.

ئالەمگە سېخىي نۇر چىچىپمۇ قۇياش،
ھېچ مىننەت قىلماستىن تۇرىدۇ ئوخشاش.
ئازىراقلا ئىشىڭغا ئىشەنمە دوستۇم،
ئىنسانغا ياراشماس ئۆزىنى ماختاش.

ئالامگە تۆرەلگەن ئەي ئەقىلىق ئەر،
ئويلانغىن ھەر سەھەر قۇياش نىمە دەر؟!
<<تىرىشىپ ئەجرىڭدىن ئېچىلدۇرغىن زەر،
ۋاقتىڭ كاۋاك ئۆتمىسۇن ئەيلىگىن ھەزەر.>>

بىر پۇرسەت كەتتىمۇ كەلمىگى قېيىن،
پۇشايمان قىلىسەن كەتكەندىن كېيىن.
كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن،
يىغلايسەن،قاقشايسەن،لىكىن بىر تىيىن.

ئادەمدەك بولسىمۇ ئېغىز،بۇرۇن،قاش،
ئادەملىك قىممىتى بولمايدۇ ئوخشاش.
دەريادىن تاشلار تەڭ سۈزۈلگەن بىلەن،
ئايرىلار ئاخىرى تاش بىلەن قاشتاش.

مەنبە ؛قانۇنچىلىق گېزىتى
2011.يىل7-يانۋار

Rank: 8Rank: 8

توردا
252سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
599 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 02:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەزمۇنى چوڭقۇر،تىلى ئۆتكۈر شېئىرلار ئىكەن،رەھمەت~!

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
540 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 18:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلۇغ ئاللا قولىڭىزغا درت بەرمىسۇن.ئىشلىرڭىزنى ئاسان قىلسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 16:43

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.