ئىز مارشى !!! ... 
ھەرقايسى دوسلىرىمىزنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ، مۇنبەردىكى جانلىنىش ۋە ئاۋات مۇنازىرە تېمىللىرى كىشىنى تولىمۇ جانلاندۇرىدۇ . ئورتاق تىرىشىش ، ئورتاق كۈچ چىقىرىش مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنياۋى شۆھرەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ھالقا . ئىز پەقەت ئۈزىگىلا مەنسۇپ ئەمەس ، بەلكى ، ھەممىزنىڭ ئىزى « ئىز – ئىزدەنگۈچىلەرگە ، يول – ئاچقۇچىلارغا مەنسۇپ » . مەنپەتپەرەسلىك ئىز ئەزالىرىغا قىلچە مەنسۇپ ئەمەس . پەقەت ئىز – بىرلىك ، باراۋەرلىك ، ئىناقلىق ، ئىتتىپاقلىق ، دوسلۇق ۋە سەمىمىيەتنى ئاساس قىلىدۇ . بۇ بىز ئىزنىڭ شۇئارى ، بۇ بىز ئىز تورىدىكى بارلىق تورداشلار ۋە دۇنيادىكى ئىز قەدەملەرنى بېسىپ ماڭغۇچى ئاتەش كۈڭۈللەرنىڭ مارشى . مەن بۇنى يېزىشنى دەسلەپ ئويلىغان ، چۈنكى ، بۇنداق چوڭ داڭلىق توربەتنىڭ ئۆزگە چۇشلۇق مارشى بولمىسا بولماس . ياخشىراق يازغىنىم ئالدىراشچىلىقتا ئىشخانامدا قاپتۇ . ئالدىراپ كەتتىم ، پۇرسەت بىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ . بولمىغان جايلىرى بولسا تۈزۈتۈپ بىرلىكتە « ئىز مارشى » غا جۈر بۇلايلى !!! ... ئىزدە بىز ،مۇستەھكەم
مەزمۇت قەددىمىز ، پۈكۈلمەس ئىرادە ، داغدام يولىمىز . چىن دوسلۇق ، دىيانەت بىزنىڭ ئەھدىمىز ، ئەجدادلار يولىدا ئالغا باسىمىز . ئىزدە بىز ، ياڭرايدۇ شادلىق كۈلكىمىز ، سەمىمىي تىلەكلەر ، مەزمۇت رىشتىمىز . باغلانغان ۋەتەنگە ،
ئوتلۇق قەلبىمىز ، ياڭرايدۇ دوسلارغا ، قەلىب ناخشىمىز . ئىزدە بىز ، مەڭگۈگە ئالغا باسىمىز ، ۋەتەنگە ، خەلقىمگە شەرەب قۇچىمىز . جەڭلەردە ، بەيگىدە ھەرگىز يانمايمىز ، غالىبلار بېتىنى دائىم يازىمىز . ئىزدە بىز ، باھادىر ئوغۇل – قىزلارمىز ، سىردىشىپ ، ئىزدىنىپ ھەرگىز ھارمايمىز . ساختىلىق ، يالغاندىن ئەسلا خالىي بىز ، ھاياتلىق يولىمىز ، ئالغا باسىمىز . بىردەملىك قىزغىنلىقىم بىلەن قەدىردان دوسلارغا جۈر بولۇپ ، بىللە سەيرە قىلغۇم كەپ قالدى ... بەلكىم دەسلەپ يازغىنىم ياخشى بولۇشى مۇمكىن ... مەن بۇندىن كېيىن داۋاملىق دوسلار بىلەن بىللە . بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ياخشى ئىزلارنى قالدۇرايلى ! ... قاملاشمىغان بولسا سەمىمىي ئەسكەرتىش ۋە تۈزۈتىش بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ... ئەھمىدى . « شەيدائىي » بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-6 21:35
|