چاخچاق
( ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزتورىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى ياخشىمۇ سىزلە ؟ ئوتياقتىن ئوتلۇق سالام ! بۇگۇن تورداشلارنى دىردەم بولسىمۇ كۇلدىرەي دەپ چاخچاق قىلىپ ، ئولتۇرۇپتىمەن. چاخچاقلار لايىقىدا بولمىسىمۇ ، ئىز تورىنىڭ ھازىرقى قىزغىن كەيپىياتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن بەزى تورداشلارغا چاخچاق قىلىپ قوشاق يېزىپ باقتىم.بەزىلىرىغا ئىغىر كەلگەن بولىشى مۇمكىن. بەزىلىرىگە مۇۋاپىق كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. توغرا چۇشۇنەرسىزلە.مېنى كەچۇرۇڭلار ! قاملاشمىغان بولسا يەنە كەچۇرۇڭلار ! )
ئىسىل تىما يوللايدۇ، ئىز تورىغا يانبۇلاق. خىيال قىلىپ تۇرىدۇ، يازمىسىنى ھەم ئوتياق.
ياۋ سەن با لىق بىر قىز بار(138)، يوللانمىسى تىتىملىق . ئىز تورىدا نامى بار ، ئىنكاسلىرى چىرايلىق .
فاتىمەنىڭ يازمىسى، ئىز تورىدا ھەم چولپان . ئىنكاس يېزىپ ھارمايمىز ، قىز-ئوغۇللار ھەم تامان .
ئارىف كەلدى يىڭىدىن ، ئەيمىندۇرۇپ ھىلىدىن . ھوزۇر ئېلىپ تۇرىمىز ، تاتلىق چۈچۈك تىلىدىن .
م.توختىنىڭ يازمىسى ، مۇھەببەتلىك نىداسى . ئىز تورىدا ئاڭلايمىز ، ئەتە-ئۆگۈن چالىسى .
زىرەك دىسەم سەۋدايى، خوتۇن خەققە بايانى . ئىز تورىدا ياش بالا ، ئۇچۇپ يۈرەر قىرانى.
دەردى تولا دەردمەننىڭ(119)، ھوزۇر ئالاي دەيدىغۇ ؟ ئىز تورىدا رەسىم بار ، نە سەۋەپ كۆرمەيدىغۇ ؟
بەرنا دەيدۇ قاراڭلار ! مۇھەببەتمۇ، قونچاقمۇ ؟ ئىز تورىدا كۇندە بار، زىرەك شاھمۇ، بويتاقمۇ ؟
لىڭ جۇ با (0998)لىق زىرەك شاھ، دوپپا كىيىپ يۇرۇيدۇ . زەپ چىرايلىق ياراشقان ، قىز-ئوغۇللار قارايدۇ .
دىلپىراق نىڭ تىمىسى ، ئىز تورىدا نادىردۇر. سۆيۈپ دائىم ئوقۇيمىز ، تاللىغىنى ئالىمدۇر .
تۇپراق يۇمۇر ئىيتىدۇ، ئىز تورىدا كۇلدۇرۇپ. يامىنى بار يۇمۇرنىڭ ، دىمەيدىغۇ كۆيدۈرۈپ.
ئاق توشقان ھەم ئويلايدۇ ، ئەھمىيەتلىك تىمىدا . زەپەر قۇچۇپ كېلىدۇ، شۇنداق تاتلىق تىلىدا .
ئىز تورىدا تەرجىمان ، تىما يېزىپ يوللايدۇ . داۋامىنى كۆرسەتمەي ، يەنە بىزگە قارايدۇ .
دىلداش نەزمە يازغاندا ، ھەممە كىشى ئوقۇيدۇ . ئىز تورىنىڭ باللىرى ، ناچىرىنى چوقۇيدۇ .
پاكزات(0992) تىما يوللىسا ، ھەيران قالدى خالايىق . ئىز تورىدا ئىز قالدى ، يازمىلىرى جاپالىق .
شەنبە يازسا ئوچۇق خەت ، كۆڭۈل سۆزى دەيدىكەن ن. ئىز تورىدا ئىزناسى ، ھەر ۋاقىتتا كۆيدىكەن .
مىسكار ئاداش يازىدۇ ، ساختىلىققا بىر قامچە . ئىز تورىنى كۆيدۈرۈپ، يازار ئىكەن مىڭ تامچە .
ئىز تورىدا مەڭگۇتاش، ئەھمىيەتلىك بىر ئاداش. ئاۋات قىلىپ تۇرىدۇ ، ئەتراپىدا ساۋاقداش.
سەلكىن 1 نىڭ يازمىسى ، يوقاپ كەتتى ئەتىسى. بۇ ئاداشقا نىم بولدى ؟ يازما قېنى، بۆرىسى ...
داۋامىنى ئىنكاستا يازارمەن. _____ يۇسۈپجان سابىر ئوتياق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otyak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-18 16:07
|