ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 
ئەمەستۇر لاپ،دېسەم قەشقەر سەيىرنىڭ مۇنبىرى كەچتە،
گۈزەل ھۆسنى شەپەق رەڭلىك شەرقنىڭ بىر گۈلى كەچتە. 
بادام دوپپا،چىمەن دوپپا،ئاقار يولدا تۈمەن دوپپا،
ياقار ھەر كىم لېۋىگە لەۋ سائادەت دىلىبىرى كەچتە. 
سادا بەرسە راۋاب تارى،قىلار بۇلبۇل غەزەلخانلىق،
بەلەن سازەندە قەشقەرلىق يىگىتىنىڭ ھەربىرى كەچتە. 
ئىلىم ئىشىقىدا كۆيگەنلەر ئىجاد ئاتلىق جانان ئىستەر،
تولا ھېكمەت نۇرى بىرلە كۆڭۈلىنىڭ دەپتىرى كەچتە. 
ئۆيى يوقمۇ دېمە،رەستە بويىدا بەزمە قۇرغاننى،
بىرەر سۇلتان ھۇزۇرىنى ساماۋەر كەۋسىرى كەچتە. 
ئەگەر شائىر مەجنۇنسەن،كۆرۈپ كەت بۇ مۆجىزاتنى،
بۇ يەڭلىغ بىر بازار بولماس جاھاننىڭ ھېچ بېرى كەچتە. 
مەنبە؛دەرىسلىك كىتابىم |