ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلار تېلېۋىزور كۆرسە چو ...
كۆرۈش: 199|ئىنكاس: 7
go

ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلار تېلېۋىزور كۆرسە چوڭ مېڭىسىگە زىيانلىق

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
505 
تېما
120 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 00:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
  فىرانسىيەدە ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا تېلېۋىزور كۆرسىتىش قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بالىلار بەك كىچىك چېغىدا تېلېۋىزور كۆرۈشنى باشلىسا سالامەتلىكىگە زىيانلىق، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئېغىر زەخىملەندۈرىدۇ.

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق پىسخولوگ ۋە بىئولوگ ئېرىك سىگمان ئون نەچچە يىل تەتقىق قىلىپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يېزىپ: بىز خۇددى تۇز، ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا چەك قويغانغا ئوخشاش، ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىغىمۇ چەك قويۇشىمىز كېرەك، دېدى. ئۇ تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ بالىلارغا تۆت جەھەتتىن ناچار تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان:

  1. چوڭ مېڭە، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. تېلېۋىزور كۆرۈش كىتاب ئوقۇشقا ئوخشىمايدۇ، كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما تېلېۋىزور كۆرۈش پاسسىپ قوبۇل قىلىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، بالىلارنىڭ ھەقىقىي دۇنيانى چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولۇپ، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنى چەكلەيدۇ. ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى %80 تەرەققىي قىلىپ بولىدۇ. دائىم تېلېۋىزور كۆرسە چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئاستلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ.

  2 . ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، بويى ئۆسمەيدۇ. مېلاتونىن بىلەن ئۇيقۇ سۈپىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياشلىق مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ تەڭشىلىشىدىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان رول ئوينايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولسا بويى تېز ئۆسىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى چەكلەپ قويىدىكەن. ئۇدا بىر ھەپتە تېلېۋىزور كۆرمىسە، بالىلار بەدىنىدىكى مېلاتونىننىڭ سەۋىيەسى %30 كۆپىيىدىكەن.

  3. يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە ئوڭاي گىرىپتار بولىدۇ. ئاۋسترالىيە سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل يازدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 15 ياشلىق 290 ئوغۇل بالا ئىچىدە كۈندە ئىككى سائەتتىن ئۇزاق تېلېۋىزور كۆرگەن ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغان بالىلارنىڭ قېنىدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بەلگە ماددىلارنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.

  4 . مىجەزى چۇس بولۇپ قالىدۇ، دوست تۇتالمايدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزاق كۆزىتىپ بايقىشىچە، دائىم تېلېۋىزور كۆرىدىغان بالىلارنىڭ مىجەزى چۇسلىشىپ، سەپرا مىجەز بولۇپ قالىدىكەن. ئۇزاق مۇددەت تېلېۋىزور كۆرۈش بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە، ئەخلاق–پەزىلىتىگە ئىنتايىن پايدىسىزكەن.

  تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ زىيىنى كۆپ بولسىمۇ، پىداگوكلار: تېلېۋىزورنى مۇۋاپىق كۆرۈش بالىلارنىڭ ئىاراكىي ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا مۇۋاپىق بولۇشتا، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا بالىلار كېسەللىرى ئىلمىي جەمئىيىتى «ئىككى ياشتىن كىچىك بالىلار تېلېۋىزور كۆرمەسلىكى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

مەنبە؛تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
ئېلىنغان مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/156019/15141257.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozyarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-17 00:16

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
21 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 00:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىمىكەن ئۇنىڭسىز مۇ كەلتۇرۋاتقان سەلبى تەسىرلىرى كۆپ ئۇ دىل بۇزۇرنىڭ رەخمەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
252سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
599 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 01:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەدەمنىڭ قىزى تېلۋىزوردا كىچىك بالىلار چىقسا قاراپ كۈلۈپ كېتىدۇ تىخى،بىزمۇ ئەمدى دىققەت قىلساق بولغۇدەك،رەھمەت سىزگە~!

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 01:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ بالىلا بەك ئەتىۋار بوپ كەتتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
73سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
117 
تېما
27 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 01:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كىچىك بالىلار،ئامال بار تىلىۋىزورغا سەرىپ قىلغان ۋاقتىنى،كىتاپ ئوقۇش ياكى تەنھەرىكەتتەك ئەمەلىي ئىشلارغا سەرىپ قىلسا ياخشىراق...

تىلىۋىزورنىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى بار،لېكىن ھەممە ئىشنىڭ مەلۇم چەك چىگرا ئىچىدە بولغىنى ئەۋزەل...

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
142 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 07:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىمىكەن

توردا
231سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
992 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 14:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر كىچىك بالىلار تىلىۋىزۇرنى ئەمەس كومپىيۇتىرنى ئوينايدىغان بۇلۇپ كەتتى..............تىلىۋىزۇرنى يارىتامدا بۇلار............

توردا
93سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
242 
تېما
24 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 16:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن ................ئەجرىڭىزگە رەھمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 17:05

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.