2) مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى كەسكىن قارار چىقىرىدۇ، قارارىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئېھتىيات بىلەن ئويلىنىپ ئىش كۆرىدۇ.
ئادەتتىكى كىشىلەر بىر ئىشقا يولۇققاندا ئەزمىلىك بىلەن قارار چىقىرىدۇ ھەم قاراردىن تېزلا يېنىۋالىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ كەسكىن قارار چىقىرىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىدىيەسى ئېنىق بولىدۇ، ئۇلار ئىشنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئىشلارنى ئەتراپلىق بىرتەرەپ قىلالايدۇ.
3) مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلايدۇ.
زەن سېلىپ ئاڭلاش باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر. باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلىغاندا، مۇنداق بىر نەچچە ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەسلىك؛ ئىككىنچىدىن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلاش؛ ئۈچىنچىدىن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىش ھاجەت بولمىسىمۇ، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش؛ تۆتىنچىدىن، سورىماقچى بولغانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قارشى تەرەپ سۆزىنى تۈگەتكەندە سوراش.
4) مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ‹‹كۈندىلىك پىلانى›› بولىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئالدىنقى كۈنى كەچتە ياكى شۇ كۈنى سەھەردە بۇ بىر كۈنلۈك ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ چىقىدۇ ھەم بۇ ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزىدۇ. ئۇلار ۋاقىتنى ئەمەس، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
5)مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كۈندىلىك خاتىرە يازىدۇ.
كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنىڭ قائىدىسى: بىرىنچىدىن، مەزمۇننى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، قېلىپقا ئېسىلىۋالماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قىممىتى ۋە مەركىزىي ئىدىيەسىنى لايىھەلەش؛ تۆتىنچىدىن، ھەر بىر ئىشنىڭ پەرقىنى خاتىرىلەش؛ بەشىنچىدىن، ئالاھىدە ۋاقىت ۋە ئالاھىدە ئىشلارنى خاتىرىلەش؛ ئالتىنچىدىن، مەسىلىنى ھەل قىلىش؛ يەتتىنچىدىن، بىلىملىك كىشىلەردىن سوراپ ئۆگىنىش؛ سەككىزىنچىدىن، خاتىرىسىگە ئۆز بايانىنى يېزىش؛ توققۇزىنچىدىن، كۈندىلىك يېزىلغان مەزمۇنلارنى ئاي ئاخىرىدا كۆرۈپ چىقىش؛ ئونىنچىدىن، ئەستە ساقلاش خاتىرىسى ۋە تەجرىبىسىنى يۈكسەلدۈرۈش.
6) ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش.
7) ئاساسىي ماھارەتلەرنى داۋاملىق مەشىق قىلىش.
8) ئۆزىگە دائىم ئەسكەرتىش بېرىپ تۇرۇش.
بۇ، نىشانىنى دائىم ئۆزىگە ئەسكەرتىپ، ئۆز ئېڭىگە سىڭدۈرۈشتۇر.
9) تەسەۋۋۇر قىلىش ماھارىتىدىن پايدىلىنىش.
نىشانغا يەتكەنلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىڭىزدا، ۋۇجۇدىڭىز ئىختىيارسىز شۇنداق ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.
10) جىسمانىي ۋە زېھنى كۈچنى ساقلاش.
11)مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ياشاش نىشانى كۆپىنچە ‹‹ئۆزلۈك›› ىدىن ھالقىشتۇر. ئىرادە تىكلەش كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئۈچۈندۇر.
ئۇلار پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.
12) مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار سىستېمىلىق ئىش قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ پىكرى ۋە ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم باشقىلارنى يېتەكلەيدۇ.
13)مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۇسۇل – چارە ئىزدەيدۇ، مەغلۇبىيەتچىلەر باھانە ئىزدەيدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەغلۇبىيەتچىلەر خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ. يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرسىڭىز ھەم ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز، بۇ ئادەتلەر سىزنى پۇل ۋە مەنىۋى بايلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.