ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تور بىلىملىرى QQ سىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن
كۆرۈش: 746|ئىنكاس: 10
go

QQ سىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 20:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تېنىچ ئوكيان تورىدىن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ تېخنىكا كۈچىنىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم. تېڭشۈن شىركىتى ئىشلىگەن QQ يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىغاندىن كىيىن، ئۇ سىزنىڭ كومىپيۇتېردا قىلىۋاتقان ھەر بىر ھەرىكىتىڭىزنى ۋە پۈتكۈل كومىپيۇتېرىڭىزدا ساقلانغان ماتېرىياللارنى نازارەت قىلالايدىكەن.

تورداشلار بۇنىڭ چىنلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرىنچىدىن، 3.15 تېلىۋېزىيە پروگراممىسىدا، تېڭشۈن شىركىتى بەزى تورداشلارنىڭ تورخانىدا QQ غا چىقىپ پاراڭلىشىۋاتقاندا، ج خ ساقچىلىرىنىڭ كېلىپ تۇتۇپ كەتكەنلىگىنى ئاشكارىلىغان. تېڭشۈن شىركىتى ئەزالارنىڭ پۈتكۈل ھەرىكىتىنى نازەت قىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، تورخانىدا QQ ئىشلەتكەن ئەزالارنىڭ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ياكى قانۇنسىز قىلمىشىنى بايقاپلا قالسا، ئۇنى ج خ ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىغىنى ئاشكارىلىغان.

ئىككىنچىدىن، بىر كۈنى شۈ خېنىم باشقا ۋاقىتلىرىغا ئوخشاش كومپىيۇتېرىنى ئېچىپ تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپ QQ سىنى ئاچماقچى بولغان، نۇمۇر ۋە شىفىرىنى كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، تۇيۇقسىز بىر دىئالوگ رامكىسى ئېچىلغان. ئۈستىدە ئەسكەرتىش يېزىلغان بولۇپ، ئىشلىتىش چەكلەندى دىگەن خەت بار ئىكەن. شۈ خېنىم بىر قانچە قېتىم سىنىغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئەھۋالغا يولۇققان. كېيىن شۈ خېنىم ئېلخەت ئارقىلىق تېڭشۈن تورىدىن سۈرۈشتۈرگەن، لېكىن ھېچقانداق جاۋاپ خەت كەلمىگەن. بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون قىلىپ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ باش شىتابىدىن سۈرۈشتۈرگەن. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇلازىمى بىردەم ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ، شۈ خېنىمنىڭ نۇمۇرىنىڭ توختاپ قېلىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن. مۇلازىمەتچنىڭ ئېيتىشىچە شۈ خېنىم ھۆكۈمەتكە قارشى ئەكسىيەتچىل ھالقىلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەت چۈشۈرگەنلىگى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نۇمۇرى توختىتىۋېتىلگەن.گىراف

بۇ ئىشنىڭ راستلىغىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، بىر مۇخبىر شۈ خېنىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن تېڭشۈن شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ بۇ نۇمۇرنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرگەن، تېڭشۈن شىركىتىدىكى مۇلازىمەتچى خادىم تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كىيىن، بۇ نۇمۇرنىڭ قايسى ئاينىڭ قايسى كۈنى قانداق مەزمۇندىكى ھۆججەت چۈشۈرگەنلىگى قاتارلىقلارنى ئېيتىپ بەرگەندىن كىيىن، بۇ نۇمۇرنىڭ ئەمدى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتىپ تېلېفوننى قويىۋەتكەن. شۈ خېنىم تېڭشۈن شىركىتى خادىمىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ بىرسى ئەۋەتكەن بىر ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىغىنى، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تېخى ئېچىپ كۆرمىگەنلىگىنى، ئىچىدە زادى نېمە مەزمۇن بارلىقىغىنى بىلمەيدىغانلىقىغىنى ئېسىگە ئالغان. ئۇ مەن ھۆججەتنى چۈشۈرگىنىم بېلەن تېخى ئىچىنى ئېچىپ كۆرمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى باشقىلارغا تارقاتمىغان تۇرسام، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ QQ رىم چەكلىنىدۇ دەپ ئەجەپلەنگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەشغۇلات جەريانىنى ئەسلەپ، بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈشتە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ TE تور كۆرگۈسىنى ئىشلەتمىگەنلىگىنى، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ قانداق قىلىپ بۇنى بىلىپ قالغانلىغىغا ئەجەپلەنگەنلىگىنى ئېيىتقان. UyghurWeb.com

شۈ خېنىم ئەجەپلىنىپ، ئەجىبا مەن QQ قاچىلىغاچقا تېڭشۈن شىركىتى مېنىڭ كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىمنىڭ ھەممىسىنى نازارەت قىلالامدىغاندۇ؟ ئۇلار قانداق قىلىپ كومپىيۇتېرىمدىكى ئۇچۇرلارنى تېڭشۈننىڭ مۇلازىمېتىرىغا يوللىغاندۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولسا مېنىڭ يەنە نېمە مەخپىيىتىم قالدى؟ دەپ ئويلىغان.

كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ قارىشىچە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بۇ نازارەت قىلىش قىلمىشى ئابونىتلار مەخپىيەتلىگىگە قاتتىق دەخلى- تەرۈز قىلىپلا قالماستىن، يەنە شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر شەخىسلەر ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى كومپىيۇتېرىغا QQ يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىسىلا، كومىپيۇتېرىدىكى پۈتكۈل مەخپىيەتلىكلەر تېڭشۈن شىركىتىنىڭ نازارىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن.

بىر يۇمشاق دېتال بېخەتەرلىگى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تەتقىقات نەتىجىسى بار بولغان كەسىپ ئېگىسى مۇخبىرغا، ئەگەر Iris سانلىق مەلۇمات تۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ تەكشۈرسەك، QQ نىڭ مۇلازىمېتىرغا ئېنىقسىز سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سانلىق مەلۇماتلار مۇرەككەپ شىفىرلاش ئارقىلىق ئاندىن مۇلازىمېتىرغا يوللىنىدۇ دەپ QQ نىڭ مۇلازىمېتىرغا ئابونتلار كومپىيۇتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى يوللايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

«پەن-تېخنىكا ۋاقىت گېزىتى» دە بىر ماقالە بېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تېڭشۈن شىركىتىنىڭ تور كۆرگۈسىنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭدا كىم مەن بىلەن بىرگە (谁与我同在) دەيدىغان بىر ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ھەر قانداق بىر ئىشلەتكۈچى تېڭشۈن تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىر زىيارەتچىنىڭ قايسى بەتنى كۆرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئەزا ماتېرىيالىنى تەكشۈرەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېرىشىلگەن ئەزا ئۇچۇرلىرىنى سودا ساھەسىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ دەپ يېزىلغان.

تىڭشۈن شىركىتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى بىردىن- بىر پۈتۈن كۈن تورداشلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى نازارەت قىلىپ تۇرالايدىغان پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالى ئىكەن. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ج خ ئورۇنلىرى بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەدبىر قوللانغان ئىكەن. لېكىن تورداشلارنىڭ قارىشىچە بۇ بىر ئېغىر بولغان كىشىلىك ھوقوققا دەخلى- تەرۈز قىلىش قىلمىشى ئىكەن. تورداشلارنىڭ قارىشىچە، كىممۇ ئۆزىنىڭ توردىشى بىلەن خۇسۇسىي پاراڭلىرىنى قىلىشىۋاتقاندا، باشقا بىرسىنىڭ پۈتكۈل پاراڭ جەريانىنى نازارەت قىلىپ تۇرالىشىغا چىداپ تۇرالايدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە QQ قاچىلانغان كومىپيۇتېردىكى پۈتكۈل ئەزا ئۇچۇرلىرى تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا يوللانسا، كىممۇ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ يامان غەرەزدە پايدىلىنىلمايدۇ دىيەلەيدۇ؟ ھەممە ئادەم پۈتۈن كۈن قانۇنغا خىلا ئىش قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ تېڭشۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغانلارنى نازارەت قىلىمىز دەپ قويۇپ، ھەممە كىشىنى تەڭلا نازارەت قىلسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ قارايدىكەن.

تېڭشۈن شىركىتى يېقىندىن بۇيان تور يۈزىدە مودا بولىۋاتقان ھەر قانداق بىر تور ئويۇنىنىڭ ئوخشاش نەشىرى (ئوغۇرلۇقچە نەشىرى) نى ئىشلەپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا شىركەتلەر ياكى ئويۇن ياسىغۇچىلار ھەقسىز تارقاتقان ئويۇنلارنى بۇلار ھەقلىق تارقىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە QQ نۇمۇرلىرىنىڭ پات- پات ئوغۇرلىنىشى، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ سەۋەپسىزلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ QQ نۇمۇرلىرىنى يىغىۋېلىشى،
ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ QQ قاچىلانغانلىكى كومپىيۇتېرلارنىڭ تېڭشۈن شىركىتى تەرىپىدىن رۇخسەتسىزلا نازارەت قىلىنىشى قاتارلىقلار، كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ QQ نى ياقتۇرۇش ئىشلىتىشىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. تېڭشۈن شىركىتى بارلىققا كەلگەن 10 يىل ئىچىدە نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردى ھەمدە تەرەققىي قىلىپ بۇرۇنقى نەچچە MB لىق يۇمشاق دېتالدىن، ھازىرقى 8.5GB دىنمۇ چوڭ بولغان بىر غايەت زور يۇمشاق دېتالغا ئايلاندى. لېكىن بۇنىڭ كۆپچىلىگى ئوغۇرلاپ ياسالغان ئويۇنلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

مەنبە:http://www.anwar.cn/showthread.php?10868

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2591 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 09:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى ئىكەنغۇ ... مەنغۇ ، تا ھازىرغىچە شۇ چ چ دىگەننى ئىشىلتىپمۇ باقمىدىم ...

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
11 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 16:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
41سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
133 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 17:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
110سائەت 
نادىر تېما
دوست
45 
يازما
523 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 18:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
222 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 20:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىشتۇ بۇ ؟تېڭشۈن شېركىتى بىزنىڭ مەخپىيەتلىكىمىز نى بىلىۋالسا قانۇنغا خىلاپ ئەمەسمىكەن؟

توردا
231سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
992 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 14:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بوايدىغان ئىشكەن بۇ ، ئۇلار بىزنىڭ چچ رىمىزنى قاچان ئرلىۋالمەن دىسە شۇ چاغدا ئېلۋالدىكەندە

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
540 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 18:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز

Rank: 8Rank: 8

توردا
762سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1488 
تېما
65 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 22:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا،دىققەت قىلساق بولامدۇ نىمە؟

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
461 
تېما
78 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 06:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ توغرىىسدىكى مۇنازىرىنىڭ ئاللىقاچان ۋاختى katti
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 17:05

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.