- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-18
- تىزىملاش
- 2010-10-5
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 103سائەت
- جۇغلانما
- 729
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 127
- تېما
- 61
- توردا
- 103سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 3
- يازما
- 127
- تېما
- 61
|
(ھېكايە)
ماخمۇت مۇھەممەد
ئاخشىمى ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم ، تېلېفون جىرىڭلاپ قالدى. ئەلياتقۇدا تېلېفون بەرگەن كىمدۇ بۇ، ئەمدى؟ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ئايالىممۇ تەڭ تۇردى. مەن ئايالىمغا ‹‹سەن ئال››دەپ شەرەتلىدىم. ئايالىم تۇرۇپكىنى ئېلىپ، ھايال ئۆتمەي:
—ھېلىقى ... مىرموللا دېگەن قوشنىمىزكەن، مەستمۇ نېمە؟ – دېگىنىچە تۇرۇپكىنى قولۇمغا زەردە بىلەن تۇتقۇزدى، خۇددى مىرموللىكامغا ھاراقنى مەن ئىچكۈزگەندەك!
—تېچلىقمۇ؟ – دېدىم ئادىتىم بويىچە.
ئالۇ، قوشنامجانمۇ سىز! – تۇرۇپكىدىن مىرموللىكامنىڭ بوغۇق، تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇنىڭ ھاراق سورۇنىدىن تېلېفون بېرىۋاتقىنىنى پەملىدىم. كەيىپچىلىكتە يېڭى ئالغان تېلېفونىنى ئۈلپەتلىرىگە كۆز – كۆز قىلىش ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى يوق تېلېفونلارنى بېرىدىغان ئادەملەرمۇ بارغۇ.
—ھە، مىرموللىكاممۇ، ئويناۋاتامسىز نېمە؟ پەيزىڭىز باردە، – دېدىم، ئۇنداق دېمەي، نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى بۇ كېچىدە، دەمدىمەن، بولۇپمۇ مىرموللىكام مىرشىروۋنىڭ راۋابنىڭ تارىسىدەك زىل مىجەزىنى بىلىپ تۇرۇپ.
ئويناپ كەتتۇققۇ ئىنىمبايوپ، كونا خىزمەتداشلار بىلەن، ئۇزاق بوپتىكەن بۇلار بىلەن كۆرۈشمىگىلى، شۇنىڭ بىلەن يىغىلىپ نارىنخانىدا ئىچىشىۋاتىمىز. خوش، ئۆزىڭىزچۇ، قۇشناچقا لەپەر ئېيتىپ ئولتۇردىڭىزمۇ؟
—‹‹دوپپىڭىزنىڭ ... ئاھ، كۈلىمەنا!›› دېگەن بىر لەپىرىڭىز بار ئىدىغۇ؟
مۇشۇ مىرموللىكامنىڭ قولىدىن ھەرقانداق ئىش كېلىدۇ – دە، تېلېفوندىمۇ پەلىپەتىش گەپ قىلىۋاتقىنىنى كۆرمەمدىغان، سەل تېرىكىپ قالدىم.
— بىرەر يوليورۇقىڭىز بارمۇ يە، مىرموللىكا، بولمىسا، دېدىم ئېغىر – بېسىق ئاھاڭدا.
— ھوي، توختاڭ، توختاڭ، شاشجانوپ، – دېدى مىرموللىكام بىر خىل يېقىمسىزكۈلۈپ، – ئىش بولمىسا تېلېفون بېرىدىغان زادىروشكىمىدىم مەن! شۇ... بۇ يەرنىڭ قېزىسىنى يەپ، قارىسام ئالامەت نوچى قېزىكەن دەڭا، نەق ئىككى ياشلىق ئاتنىڭ، تاق ئاشۇ تېۋىلغىدا ئىسلاپتىكەن كاساپەتنى، شۇنىڭ بىلەن – زە، قايماقتەك قېزىنى يەپ ئولتۇرۇپ سىز ئېسىمگە كېلىپ قالدىڭىز، ھە، ماڭا كېلىپ قالدىما مەترېھىم؟ لىق قۇيە، تېلېفوندىكى قوشنامنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بىر ئىچەي! (بۇ گەپلەرنى ئۈلپەتلىرىگە دېدى)ئىچتىم، – ھە، قوشنام بالا! سالامەت بولۇڭ! ۋوتتاك! ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم ئەتە – ئۆگۈنگىچە سىزنى مۇشۇ نارىنخانىدا بىر ئوينىتىمەن، تېلېفون كۈتۈڭ ھە، خوش ئەمىسە!
تۇرۇپلا كۆڭلۈم ۋىللىدە خۇش بولۇپ قالدى، مىرموللىكام – زە، ئالامەت پەيزى بار ئادەم – دە! بولۇپمۇ بىر يىل ساياھەتتە يۈرۈپ بۆلەكچىلا ئېچىلىپ كەپتۇ. بۇرۇن بىر رومكا ھاراقنى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچەتتى. ئەمدى بولسا... ۋوتكا دېگەن ئاق ھاراق ئىچىشنى مەشىق قىلدۇرىدىغان كەچكۇرس ھارىقىمىكىن – يا!
نېمىلا بولسۇن كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپلا قالدى. ئەتىسى ئورنۇمدىن خېلى خۇشال قوپتۇم. مىرموللىكام تېلېفون بەردىغۇ، نارىنخانىدا ئىككى ياشلىق يىلقىنىڭ قېزىسىنى يېگەچ بىر پەيزى قىلىمىز – ھە... دېگەن خىيال بىلەن تېتىكلىشىپ خىزمەتكە كەتتىم.
بىر كۈن ئۆتتى، ئىككى كۈن...، بەش كۈنمۇ ئۆتتى. مىرموللىكامدىن تېلېفون يوق، ئەجەبلەندىم، تېلېفون كەلگەن بولسا ئاڭلىماي قالدىممۇ – يە دەپ، يان تېلېفونۇمنىڭ كەلگەن تېلېفونلار خاتىرىسىنى ئاختۇرۇپ باقتىم. ئۇ كۈنىغۇ ئانچە ئېغىر مەستتەك قىلمايتتى ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك! ئاغرىپ قالدىمۇ – يە؟
ئالتىنچى كۈنى چۈشتە ئۆيگە كىرىپ كېتىۋېتىپ ھويلىدا مىرموللىكامنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ خۇددى بۇرۇنقىدەك تېتىك ئىدى. مېنى كۆرۈپ يەنە چاقچاق قىلدى:
—ھە، خىزمەت ماشىنىسى! يەنە شۇ ئىدارىدىن ئۆيگە، ئۆيدىن ئىدارىگىمۇ؟ ئاخشام دەرۋازا ئالدىدا ئىككى سائەت تۇردۇم، چىقمىدىڭىز!
—تېلېفون بەرسىڭىز بولمامدۇ؟ – دېدىم ئەتەي قېقىتىپ، ‹‹تېلېفون›› دېگەن گەپنى ئەتەي ئۇرغۇ بىلەن ئېيتتىم. مىرموللا مىرشىروۋنىڭ قېتىغا كېلىپ قويمىدى.
—شۇ، سىڭىلنى رەنجىپ قالارمۇ دەپ ئېھتىيات قىلدىم، – دە، ئايال خەق دېگەن بىر ئوبدان ئۆيدە ئولتۇرغان ئېرىنى چاقىرىپ چىقىپ كەتكەن ئادەمنى گىتلېردىنمۇ يامان كۆرۈدىچۇ!
چۈش مەزگىلى بولغاچقا گەپنى سوزماي، ئۆيگە ئالدىرىدىم. مىرموللىكام ئالتۇن چىشلىرىنى نامايىش قىلىپ كۈلۈپ، يەنە ئاللىنىمىلەرنى دەپ ھويلىدا قالدى.
ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئۆيدە ئولتۇرسام، مىرموللىكامدىن تېلېفون كېلىپ قالدى. بۇ قېتىم تېلېفون نومۇرىغا قارىمايلا، ئۆزۈم ئالغانىدىم.
—تونۇر كاۋىپىغا قانداقراقسىز؟ – تېلېفوندىن مەست، بوغۇق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. سەل تېڭىرقاپ، كېيىن ئاۋاز ئىگىسىنى تونۇۋالدىم.
—يەنە ئويناپسىز – دە، مىرموللىكا؟ – دېدىم.
—ئوينىدۇق، ئوينىغانغا باج ئالمىغاندىن كېيىن، ئۈچ، تۆت ھەقەمسايىلەر بىلەن تېپىشىپ قالدۇققۇ، يۇرتلۇقلار ... ھە! شورلۇق يەردە باققان قوينىڭ تونۇر كاۋىپى بىلەن ھەجەپ ئۆتۈدىكىنا بۇ ھاراق... قەبىھ ئىچىۋەتتۇق!
—بەك جىق ئىچىۋەتمەڭ، ياش چوڭ بولۇپ قالغاندا...، دېدىم، بىر يەرلىرىمدە ئاچچىقىممۇ بار، – ھەدىمىز لاخشىگىرنى ئېلىپ قوپمىسۇن يەنە!
—ھازىر گاز ئوچاق دەڭا قوشنامجان بالا، گاز ئوچاق، ئۆيدە لاخشىگىر بولسا كۆتۈرە! .. ھە، راست، تېلېفون بەرگىنىم، تونۇر كاۋاپقا پەيزىڭىز قانداق، نوچى دەمسىز؟ مەشەلىرىڭىز پەيزى – دە! ئەمىسە تېلېفون بېرىمەن، ئەتە بىر تېلېفون بېرەيچۇ سىزگە... ئىشخانىڭىزغىلا، ئىككىمىز غىرلا قىلىپ قالايلى، بىر كىلو كاۋاپ بىلەن خىزمەت قىلىمەن، تېلېفونىڭىزنى ئەتمەڭ!
—‹‹ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئۇنتۇپ قالارسىزمىكىن؟›› دەيمىكىن دېدىميۇ، يالتايدىم. ئۈمۈلۈپ قاپتۇ – دە، دېگەن نامنى ئالماي دېدىمغۇ!
ئەتىسى تۇرماق ئۈچ كۈنگىچە مىرموللىكامدىن كاۋاپنىڭ خەۋىرى بولمىدى. مەنمۇ ئانچە ئويلاپ كەتمىدىم. ياقەي، ئىككى – ئۈچ قېتىم شور يالىغان قوينىڭ ئۆرۈك قېقىدەك سارغۇچ تونۇر كاۋىپى يادىمغا يېتىپ قالدى، شۇ!
بۇ قېتىم مىرموللىكام تاق ئون كۈنلەردىن كېيىن ئۈچىنچى تېلېفوننى ئىختىيارىمغا يوللىدى.
بۇ يەكشەنبە كۈنى ئىدى. ئۆيدىكىلەر بىلەن سودا – سېتىق قىلىپ، ساڭگىل – سۇڭگۇل خالتىلار بىلەن ئەمدىلا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۇھ، دەپ ئولتۇراتتىم.
—تايىنلىق قۇشناچنىڭ يېنىدا كۈلۈمسىرەپ ئولتاردىڭىز! – مىرموللىكامنىڭ بوغۇق، خۇشكەيىپ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى، – بىز ھازىر سەل يىراقتا ئۇكا، تاغدا...
—ھەجەپ تاغقا چىقىۋاپسىزغۇ، ئۆزىڭىز تېچلىقمۇ؟ – دېدىم كرىسلودا يانپاشلاپ ياتقان يېرىمدىن لىككىدە تۇرۇپ، ئايالىم نېرىدا خەۋپسىرەپ ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى، تېخى ئوڭ قولىنى رومكا تۇتقاندەك يۇمۇپ ئاغزىغا ئاپىرىپ، كېيىن شۇ قولىنى ‹‹ياق، دەڭ›› دېگەندەك پۇلاڭشىتاتتى. بايقۇش خوتۇن، شەنبە، يەكشەنبىنى ئامان – ئېسەن ئۆتكۈزگىلى تۇرغاندا، بىرەر شەيتان ئېرىمنى سورۇنغا سۆرەپ كەتمىسۇن دەيدۇ – دە!
— شۇ بىزنىڭ تامىر ئىسىملىك بىر مالچىمىز بولىدىغان، ئوغلاق پىششىقى كېلىپ قالدى، بىر چىقىپ ئوغلاق گۆشى يەپ كەتسۇن دەپ بىرسىدىن بىزنىڭ باجىغا گەپ ئېتىپ بېرىپتىكەن، بىلىسىزغۇ، بىزنىڭ چوڭ باجا لوقمان تەقسىرنى؟ ھە، شۇ ئىككىمىزنى كىچىك ئوغلى پىكاپىدا غىرىلدىتىپ تاغقا ئاچىقىپ قويدى. گۆش يەۋېتىپ سىزگە قىسىنىپ قالدىم!
—رەھمەت، – دېدىم تۈكرۈكۈمنى غۇرتتىدە يۇتۇپ، كۈزدە يېگەن ئوغلاق گۆشى دورا بولىدىچۇ!
—قىسىندىم سىزگە ئىنىم، مانا مۇشۇ قولۇمدىكى قوۋۇرغىنى تېلېفون سىمىدىلا يوپۇرۇۋەتكىلى بولسا ھە، سىزگە لېكىن ئامال يوقتە!
—ئىچكەنمۇ ئوخشىمامسىلەر؟ – دەپ سورىدىم مىرموللا مىرشىروۋنىڭ تاققا – تۇققا گېپىدىن ئەجەبلىنىپ.
—ئاپىرىن ئەقلىڭىزگە، ئىچمەمتىكى! – مىرموللىكام يىراق تاغدا تۇرۇپ قىقاس سالدى، – ھەي – شارابسىز ھىل – ھىل گۆشنى يېسەك ئوغلاق رەھمىتىنىڭمۇ كۆزى يۇمۇلماي قالار! ئوينىدۇق، شۇ!
—باجىڭىزمۇ ئويناۋاتامدا؟ – دەپ سورىدىم ئىچىمنى بىر نېمە تاتىلاۋاتقاندەك كەيپىياتتا.
— ھە...، بۇ تەقسىرىم ئىككىنى ئويناپ بەردى، ئايايمىزدە! قالغىنىنى تامىر بىلەن بىرگە – بىر پەلەمما قىلىۋاتىمىز... ئاڭلاڭ ھە! ئال، كۆتەرىپ جىبەر، نۇكە!
—ئالىپ تاستادىم! – ، دېگەن چىرقىراق ئاۋاز ئاڭلاندى ماڭا يىراقتىن تېلېفون ئارقىلىق.
تۇرۇپلا ئاچچىقىم كېلىپ قالدى، ئۇ مىرموللا مىرشىروۋ كىمنى ئەخمەق قىلىمەن دەيدۇ، ساپلا يېگەن – ئىچكەن يېرىدىن ماختىنىپ تېلېفون بېرىپ، يان تېلېفونومنى شارتتىدە ئېتىۋەتتىم. ئايالىم چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى.
ھايال ئۆتمەي يان تېلېفونوم يەنە ‹‹ئىشخانىدىكى ئىشلار›› فىلىمىنىڭ مۇزىكىسىنى چېلىپ قالدى، يەنە شۇ مىرموللامىرشىروۋنىڭ، تايىنلىق! نېمە ئامال، يەنە تېلېفوننى ئالدىم.
—قوشنام، تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالدىغۇ!، مىرموللىكام ئەنسىز سورىدى.
—شۇ، ئۈزۈلۈپ كەتتىغۇ تاڭ، – دېدىم، كېيىن قوشۇپ قويدۇم، – تاغدا سىگنال ئاجىزمىكىن – يە؟ سىز تەرەپتە.
— يوقسۇ! – دېدى مىرموللىكام شىر كەيىپ ئاۋازدا، بىز بار يەردە سىگنال قارىم ئالامەت نوچى بولىدۇ. نېمىشقا دېگەندە، تۇتۇۋاتقىنىم ‹‹نوجىيا›› ئويان دەڭا!
—‹‹نوكىيا››! – دېدىم ئېھتىيات بىلەن تۈزىتىپ.
— ئوخشاش پاراڭ، – مىرموللىكام چۇسلاندى، – خوپ، مەقسەتكە كەلسەك سىزنى ئوغلاق گۆشىگە بىر ئاچىقىمەن قوشنام، ھە، قوشناموپ! تاق مۇشۇ تامىرنىڭكىگە، پەيزى بار نېمىكەن بۇ، ئاغىنىلىرىڭ بولسا ئاچچىق دەيدۇ، تېلېفون قىلىمەن!
—ئۆتكەنكىلەردەكما؟ –، دەۋەتتىم تەخىرسىز.
—نېمە ئۆتكەنكىلەر؟ – مىرموللىكام تېلېفوندا تېڭىرقىدى، كېيىن ئېسىگە كەلدى بولغاي، كۈلۈپ كەتتى، – ھە...! تونۇر كاۋىپىما؟
—ئاتنىڭ گۆشىمۇ بار، – دېدىم زەردە بىلەن.
—ھا، ھا، ھا...، – مىرموللامىرشىروۋ يىراق تاغدا تۇرۇپ ئالتۇن چىشلىرىنى تولۇق كۆرسىتىپ كۈلدى. چوڭ باجىسى لوقمانجىنكام بىلەن مالچى تامىر شۇ تاپتا كۆرۈپ غېجىنۋاتىدۇ، تايىنلىق، – ئەمدى قاراڭ قوشنام بالا، ‹‹ئوغۇل بالا ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ›› دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ بۇمۇ بىزدىكى بىر كۆڭۈلغۇ، كۆڭۈل! ئەمما لېكىن بۇداقىسى راست، بۇدا جەزمەن سىزنى ئوغلاققا ئولتۇرغۇزىمەن! ماشىنىمۇ ئۇقۇشۇپ قويدۇم، جانابىي باجامنىڭ كىچىك ئوغلى پەرمانجان ئاچىقىپ قويىدىغان بولدى.
مىرموللىكام يەنە نېمىلەرنىدۇر دەپ كۆڭلۈمنى ياسىدى. ئاڭغىچە تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالدى. تايىنلىق سىگنالنىڭ ئىشىمىكىن!
بىر ھەپتە، ئون كۈنگىچە ئوغلاقنىڭ خەۋىرى بولمىدى، مىرموللىكامدىن تېلېفونمۇ كەلمىدى. مەنمۇ بۇ قېتىم پەرۋاسىز يۈردۈم. كەلسە كېلەر، كەلمىسە ئوغلاق گۆشى يېمىگەنگە ئۆلۈپ قالاتتىمۇ ئادەم! راستلا، ئارىلىقتا قوشنامنى مەھەللىدە، ھويلىدا نەچچە قېتىم يولۇقتۇردۇم. مىرموللىكام مېنى كۆرۈپ ھېچنېمە بولمىغاندەك كونا چاقچاق پاراڭلىرىنى قىلىپ، ئالتۇن چىشلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇپ يولىغا كېتىۋەردى. مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماي يۈرۈۋەردىم. بىكاردىن – بىكارغا مەستلىكىدە بولسىمۇ ياخشى كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان ئادەمگە تەئەددى سۆزلەپ نېمە كەپتۇ.
بۇ، بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇنقى ئىشلار، شۇنىڭدىن كېيىن مىرموللىكام يەنە بىر – ئىككى قېتىم تۇيۇقسىز تېلېفون بەردى. بىر قېتىم رېستوراندىن، بىر قېتىم ئالمۇتىدا تونۇشۇپ قالغان بىر بۇرادىرىنىڭ ئۆيىدىن. كېيىنكى قېتىم رۇسچىنى خېلى نورمىسىز ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىدى. ماڭا ھايالشىماي تېلېفون بېرىپ، ستالېچنايا دېگەن نوچى ۋوتكىدىن ئىچكۈزىدىغان بولدى. قوشنامنىڭ كۆيۈپ – پىشىپ دەۋاتقان گەپلىرىگە، بۇ ياقتا تۇرۇپ كۈلگىنىمچە ھە... لا دەپ قويدۇم. نېمە ئامال، مىرموللىكام دېگەندەك ياخشى كۆڭۈلگە باج قويغىلى بولاتتىمۇ؟ ... دېمەكچى مىرموللا مىرشىروۋ قوشنام ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى.
راستلا، ئاخشام بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە مىرشىروۋ قوشنام بىر بوزىخانىدا ئولتۇرۇپ ماڭا تېلېفون بېرىۋاتقىدەك، ‹‹ئۇ يەرنىڭ بوزىسى ئالامەت كۈچلۈككەن، ئىچسىڭىز ئىچكۈڭىز كېلىدۇ، مەن تۆت ئاپقۇر ئىچىۋەتتىم، بوزىخانىنىڭ بېقىنىدىلا نوچى بىر سامسىخانا بار ئىكەن، ھورى چىقىپ تۇرغان سامسا بىلەن بوزا ئىچسە كارامەت بولىدىكەن، بىراق سىزنى چاقىرمايمەن، تېلېفون كۈتمەڭ!›› دېگۈدەك. چۈش تەتۈرىگە ماڭىدۇ دەۋاتاتتى، مىرموللا مىرشىروۋ ئەتە – ئۆگۈنگىچە تېلېفون بېرىپ قالامدۇ – نېمە؟
شىنجاڭ گېزىتى
|
|