بىر قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى

ئېلاۋە:بىر قىز بارئىكەن،شۈنچىلىك گۈزەل،شۇنچىلىك لىۋەن.ئاشىقى بارئىكەن،قابىل ھەم تىمەن.ئىككىسىنىڭ ھارارىتىدە،زىمىن دەيدىكەن: ----ھە،مۇنداق بولىدىكەندە،مۇھەببەت دېگەن!!!...كۈنلەر ئۆتۈپتۈ،ئايلار كېتىپتۇ.پەلەكنىڭ بۇ بىر جۈپكە رەشكى تۇتۇپتۇ.مۇدھىش بىر كىچىسى،ئاللىقانداق ئەپسۇن ئوقۇپتۇ.قىزنى يىگتتىن جۇدا ئىتىپتۇ.يىگىت زار-زار يىغلاپ،ئەلەم يۈتۈپتۇ.رەھىمسىز پەلەك ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ،قاقاقلىغانچە كۈلۈپ كېتىپتۇ.يارىدىن ئايرىلغان يىگىت،نەپرىتىنى پەلەككە تاشلاپ،چىن سۆيگۈسىنى مەھكەم باغاشلاپ،رەناسىنىڭ ئۈمۈدىنى ماكان ئېتىپتۇ.چوڭقۇرساداقەتتىن ۋۇجۇدى تىترىگەن تاڭ شامىلى،بىر سەھەردە-يىگىت جانانىنى چۈشەپ ياتقان مەھەلدە،ئۇ سەنەم مەخپى يازغان بىر خاتىرىنى، ناتىۋان يىگىتنىڭ يۈرىكى ئۈستىگە قويۇپ،پىشانىسىگە سۆيۈپ يىراقلارغا كېتىپتۇ.ئەي مۇھەببەت ئاشىنالىرى!!يىگىت ئويغانغۇچە بىز بۇ خاتىرىنى كۆرۈپ باقايلى..
*ئۆزۈڭنىڭ باغرىدەك مېھرى ئىسسىق بىر ماكان بەرسەڭ، بىر ئېغىزنى سەن ۋە مەن ئۈچۈن ئارام كىتابلار بىلەن بېزىسەم.

*پول ئۈستىدە يۆلۈنۈشۈپ ئولتۇرۇپ،ئەڭ يېقىملىق كۈيلەر ئىچىدە خالىغان كىتابلىرىمىزنى كۆرسەك.

*سەن يۈيۈنىۋاتقان چاغدا،قىزىرىپ تۇرۇپ لۆڭگە سۇنۇپ بەرسەم.

*مەن ئەتكەن تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقىنىڭدا،قاچامنى قويۇپ ساڭا بىردەمگىنە قاراپ تۇرىۋالسام.
*سېنىڭ چىش چوتكاڭنى ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىۋالسام.

*كەچلىكى ئۆيگە قايتىپ،ھارغان چىرايىڭ بىلەن،قورسىقىڭ ئاچقانلىقىنى ئېيىتقىنىڭدا،بوينۇڭدىن قوچاقلاپ تۇرۇپ تەسەللى ئېيتىپ،ھەممە ھۈنىرىمنى چىقىرىپ تەييارلىغان مول نىممەتلەر بىلەن سېنى كۈتسەم.

*سەن بىلەن بىللە ئاتا-ئانىلىرىمزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسام.

*يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل جايلىرىغا بېرىپ،ئىككىمىزلا قالغاندا ،چىن بەخىت تۇيغۇسى بىلەن ساڭا كۈلۈپ قوياشنى تاماششا قىلسام.

*سەۋەبسىزلا سېنى سۆيۈپ قويسام.

*ھەر يىلى باھاردا سەن بىلەن لەگلەك ئۇچۇرغىلى بارسام.

*تارتىنغان ھالدا سېنى قۇچاقلىسام،ھارارەتلىك باغرىڭدا ئاستا-ئاستا ئېرىپ كەتسەم.

*ھەر سەھەرلىكى قۇلىقىڭغا پىچىرلاپ،سېنى ئويغاتسام.

*سېنىڭ كۈلكەڭنى،يىگىتلەرگە خاس قامىتىڭنى،ئۆزۈڭگە ياراشقان چېچىڭنى پۈۋلەپ قويۇپ ماڭا كۆز قىسىشلىرىڭنى دائىم كۆرۈپ تۇرسام.

*يوللاردا بېلىكىڭگە ئېسىلىپ ماڭسام.

*تەمكىن ھالەتتە سەن بىلەن مۇنازىرىدە بولسام،ئۇرۇشمىسام،قېيدىمىسام.

*‹‹ھاماقەت››،‹‹شەيتان››...دەپ ئەركىلەتكىنىڭدە،چىن تۇيغۇدا كۈلۈپ تۇرۇپ‹‹ھە!!!...››دېسەم.

*كېچىلىرى ئويغۇنۇپ كېتىپ،بالىلاردەك ئۇخلاشلىرىڭدىن سۆيۈنۈپ ،چاندۇرماي سۆيۈۋالسام.

*ساڭا مۇھتاج بولغىنىمدا،ئىشەنىچ بىلەن قولۇمنى سۇنالىسام.

*ساقىلىڭنى ئېلىۋاتقىنىڭدا سەن بىلەن ئوينۇشۇپ،يۈزلىرىمگە سوپۇن مازغاپلىرىنى سۈرىۋالسام.
*ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭدا،ساڭا تۇيدۇرماي زوقلىنىپ تۇرسام.

*ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى سەن بىلەن تالىشىپ،رازىمەنلىك بىلەن ماڭا ئۆتۈنگىنىڭنى كۆرسەم.

*دېڭىز بويىغا ئېلىپ بارغىنىڭدا،سالقىن شامالدىن ھوزۇرلىنىپ،مۇھەببىتىڭنى ھېس قىلدۇردىغان دولقۇنلارنى كۆرگىنىمدە،پۇتۇڭغا دەسسەپ تۇرۇپ،شاتلىقىتىن چۇقان سالسام.

*ئاغرىپ قالغىنىڭدا ،تاماقنى ئۆز قولۇم بىلەن يىگۈزۈپ،كارۋىتىڭ تۈۋىدە قولۇڭنى چىڭ تۇتۇپ ،سېنىڭ پەس ئاۋازدىكى زارلىنىشىڭنى ئاڭلىغاچ،تائۇخلاپ قالغانغا قەدەر يېنىڭدا ئولتۇرسام.

*يېنىمدىن سېنىڭ سۈرىتىڭنى ئايرىمىسام.

*ھەر قېتىم يولدىن ئۆتكەندە،قولۇڭنى چىڭ تۇتىۋالسام.

*سەن ئۆيدە بولساڭلا ئاچقۇچ ئېلىۋالمىسام،ئىشىكنى سەن ئېچىپ بەرسەڭ.

*سېنى تۇيۇقسىز خوشال قىلىپ،كۈلكەڭگە ئورتاقلاشسام.

*يېرىم كېچىدە يوتقاننى قەستەن ئېچىۋىتىپ،سېنىڭ ئويغۇنۇپ يېپىپ قويۇشىڭنى كۈتسەم.

*ھاۋا گۈلدۈلەپ،چاقماق چاققاندا،باغرىڭغا يوشۇرنىۋالسام.

*ھەر ئەتتىگىنى ناشتىلىقىڭنى مول قىلىپ بەرسەم.

*سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن،ئاۋۋال مەن گەپ قىلمىسام،لېكىن ساڭا بىر پىيالە چاي قۇيۇپ بەرسەم.

*چېچىمنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ،كەچلىكى سېنىڭ ئامراقلىق بىلەن سىلاپ قويۇشىڭدىن سۆيۈنسەم.

*ھەركۈنلۈك قوياشنىڭ چىقىپ،پاتقانلىقىنى سەن بىلەن تەڭ كۈتىۋالسام ۋەئۇزاتسام.

*بالكوندىن ئايغا قاراپ تۇرغىنىمدا،كەينىمدىن كېلىپ ئاستا قۇچاقلىساڭ.

*ھەر قېتىم ساڭا‹‹رەھمەت››،‹‹كەچۈرۈڭ›› دېگىنىمدە،مەڭزىمنى چىمداپ‹‹ئەخمەق›› دېسەڭ.

*ھەر سەھەردە،جەيناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ،ياراتقۇچىنىڭ بىزنىڭ يەنە بىر كۈننى بىللە ئۆتكۈزۈشىمىزگە نېسىپ قىلغىنىغا ھەمدۇسانا ئوقۇسام.

*ئەگەر ماڭا بىرەر پىشكەللىك يىتىپ قالسا،سەن ئۈچۈن يازغان بۇ خاتىرىنى ساڭا ئەستىلىك قىلسام.
مەنبە:تورداشلار تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-31 02:14
|