ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر سەھرالىرىم
كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 3
go

سەھرالىرىم

توردا
173سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
788 
تېما
93 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 18:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

(غەزەل)
مۇھەممەدجان راشىدىن
بىزنى ئاچ قالدۇرمىدىڭ ئاپەتتىمۇ، سەھرالىرىم،
بارچىدىن ئۇزسەن چىدام - تاقەتتىمۇ، سەھرالىرىم.

قۇترىغان جۇتتىن يۇلۇپ ئالغان راھەت بىر باشقىكەن،
بار ئىكەن راھەت دېگەن راھەتتىمۇ، سەھرالىرىم.

جەبرىگاھسەن جان تالاشقان ھەپتە - ئاي گاھ جۇت بىلەن،
تەڭدىشىڭ يوقتۇر روھىي قامەتتىمۇ، سەھرالىرىم.

مەيلى مۆلدۈر، مەيلى قار، ھەر جۇتقا پەرۋايىڭ پەلەك،
كېلىسەن قىلماي پىسەنت ئادەتتىمۇ، سەھرالىرىم.

كەلدى دېھقان جاي ئېلىپ ئىسسىق قۇچاقىڭدىن سېنىڭ،
بار ئۆزۈڭ، چۈنكى جىمى ھاجەتتىمۇ، سەھرالىرىم.

بارچە قۇش - جانلار سېنىڭ قوينۇڭدا كەلدى كۆڭلى توق،
كەتمىدى سەندىن، ئۆلەر ھالەتتىمۇ، سەھرالىرىم.

كېلىدۇ ھەر يىل باھاردا ئاۋۋال ساڭا قۇت چاچقىلى،
بار نېسىۋەڭ خىلمۇخىل ئامەتتىمۇ، سەھرالىرىم.

بىر سەۋرچان مويسىپىتسەن، بۇ سەۋر ھەم بۇ چىدام
بار سېنىڭدە ھەر مىنۇت، سائەتتىمۇ، سەھرالىرىم.

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 10:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى غەزەللەر دە ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
219سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
395 
تېما
187 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 11:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇستازنىڭ ھەر بىر شېئىرى شۇنداق تەبىئي،مەزمۇنلۇق.قەلەم تۇلپارى ھارمىسۇن!

توردا
22سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
27 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 11:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شەھەرلەر (مۇھەممەتجان راشىدىن)
سەھرالارنى تۇنۇمسىلەر،شەھەرلەر،
يوقلا دىسە ئۇنامسىلەر شەھەرلەر؟
كېلىپ-كېتىپ يۇرگەنلەدىن دىھقاننىڭ،
ھال كۇنىنى سورامسىلەر شەھەرلەر؟

مېھمان كۆرۇپ بېرىپ قالساق ئۆز كۆرۇپ،
بىرەر توخۇ سويامسىلەر،شەھەرلەر؟
ئەھۋال ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ ۋە ياكى
يانچۇققىنى كولامسىلەر، شەھەرلەر؟

رېستۇرانلار كانى ئىكەن ئويۇننىڭ،
كۇندە شۇنداق ئوينامسىلەر، شەھەرلەر؟
ئېشىپ قالغان تائاملارغا تاڭ قالدۇق،
تۆكمىسەڭلار تويمامسىلەر، شەھەرلەر؟

بەگزادىگە ئايلىنىپتۇ بەزىلەر،
ئويناۋېرىپ قۇرامسىلەر، شەھەرلەر؟
شەھەرلەرنى شەھەر قىلغان دىھقان دەپ،
تەكتىڭلارنى ئويلامسىلەر، شەھەرلەر؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 13:24

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.