- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-16
- تىزىملاش
- 2011-1-17
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 84سائەت
- جۇغلانما
- 730
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 126
- تېما
- 29
 
- توردا
- 84سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 126
- تېما
- 29
|

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئىزى ئەھلى ھەممىڭلارغا اللاھنىڭ سالامى بولسۇن...
مۇنبەر قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر تەرەققىي قىلىپ خېلى نۇرغۇن نەجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.بۇنى ھەرقايسى ئەزا ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.مۇشۇ پۇرسەتتە بارلىق ئەزا ۋە ئارقا سەپتە خىزمەت قىلىپ جاپا چىكىۋاتقان بارلىق باشقۇرغۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن...!
گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كېلىلى مەخسەت مۇنبەرنى تېخىمۇ تەرەقىي قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر توربەتچىلىكى ئىچىدە كۆزگە كۆرىنگەن توربەتلەر قاتارىدىن قىلىش ھەمدە مۇنبەردە ساقلىنىپ كېلىنىۋاتقان بەزى نۇقسانلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسىڭلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بېقىش...
ھەممىڭلارنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئۆز كۆز قاراشلىرىڭلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن...
1.يوللانغان تېمىلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك،ئاز بولسىمۇ ساز بولغانغا يەتمەيدۇ. بىر تېمىغا كىرگەن ئادەم چوقۇم شۇ تېمىدىن مەلۇم دەرىجىدە زوق ئالالىشى ياكى پايدىلانىشىغا كاپالەتلىك قىلىنسا، سان ئەمەس سۈپەت بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلسا.
2.كۈندە بىرخىل تېمىلارنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بىرخىل مەزمۇندىكى تېمىلار كۆپ بوپ كەتسە ئادەمگە بىرخىل زېرىكىش تۇيغۇسى بېرىپ قويىدۇ.ھەسەلنىمۇ كۆپ يەۋالسا ئەمىن تېتىيدۇ ئەمەسمۇ، شۇنداق بولغانكەن بۈگۈن شېئىر يوللىغانلار كۆپ بولسا يوللىماقچى بولغان شېئىرىنى ساقلاپ قويۇپ تۇرۇپ ئەتە يوللىساق شېئىرنىڭمۇ قىممىتى بولىدۇ،يۇمۇر يوللىغانلار كۆپ بولسا بۈگۈن يوللىماي تۇرۇپ ئەتە يوللاپ دېگەندەك...
3.تېما كۆرگەن كەنمىز ئازراق بولسىمۇ شۇ تېمىدىن ئالغان ھېسسىياتىمىزنى قىسقىچە ئىپادىلەپ ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويساق تېما يوللىغىچىمۇ زور قوللاش بولغان بوپ قالاتتى. كۆرگەن تېمىمىزدىن ئىملا خاتالىقى بولامدۇ لوگىكىلىق خاتالىق بولامدۇ ياكى سۆز جۈملىلەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىدا خاتالىق بارمۇ شۇنى بايقىغان بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالۇرۇپ قويساق،شۇ تېمىغا كىرگەن باشقا ئەزالارمۇ ھەم تېما ئىگىسىمۇ ئىنتايىن مىننەتتار بولغان بولاتتى ھەمدە كېيىنكى تېمىلارنىڭ خاتالىق سادىر بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولغان بولاتتى.ھازىر تېمىلارنىڭ كۆرىلىش نىسبىتى يۇقۇرى لېكىن ئىنكاس يازىدىغانلار بەك ئاز...
4.مېداللارنى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قارىتا بەرسەك،مەسىلەن تېتىملىق ئىنكاس يازىدىغانلار مەخسۇس بىر مېدال قىلىپ،ئىجادى تېمىلارنى كۆپ يازىدىغانلار بىرخىل،شېئىرنى كۆپ يازىدىغانلارغا بىرخىل،مۇنبەرنى قىززىتىپ تۇرغان قىززىقچىلارغا بىرخىل دېگەندەك بۇنداق بولغاندا مۇنبەردە مېدالنىڭ قىممىتى بولىدۇ.ھازىر مەن قارىسام مۇنبەردا مېدالنىڭ قىممىتى بولماي قاپتۇ. مېدال بەرگەندە مەڭگۈلۈك بەرمەي تۆھپىسىگە قارىتا مۇددەتلىك بەرسەك 1~3~6 ئايلىق دېگەندەك.بۇنداق بولغاندا مېدالنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش،قولدىن چىقىپ قويماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ مۇنبەرگە ئاز-تولا تۆھپە قوشىدۇ .
5.بولسا باش سۆرەتنى بىرلىككە كەلتۈرسەك،بۇنداق بولغاندا مۇنبەر بىرخىل رەتلىك كۆرىنىدۇ.
قالغانلىرىنى مۇنبەرداشلارغا قالدى...
خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرى بولسا،تۈزىتىش بېرەرسىلە...
|
|