
چىدىساڭ كەلگىن 
ئوت ئۆچمىگەن قازاغىلا ئوخشايدۇ بۇتور
ئوتتىن ئۇلۇغ كۆرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.
چىن پۈتمىگىن ‹‹پاراغەتتە››تۇغۇلدۇڭ دىسە،
ئاپتىپى يوق گۈللۈكلەرگە چېدىساڭ كەلگىن.

گاھ يىيىشىڭ ئاق نان بولسا ،گاھى تېرىقتۇر،
كۈلدىن ئالغان كۆمەچلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.
گاھى كۈنلەر يوقتۇر ساڭا كۈندۈز راھىتى،
ئىز تورىدا تۈنەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.

كىم ئىيتىدۇ‹‹دوست تارقاننىڭ ھەممىسى دوست ››دەپ،
چۆرەڭدىكى ھەسەتلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.
ھايات دىگەن مەۋىج ئۇرۇپ ئاققان بىر دەريا،
ئۈزمەك ئۈچۈن ئۆركەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.،

ھەر كىم كىلىپ سۆيۈۋەرمەس ئىككى مەڭزىڭگە،
گاھى قارا سۈركەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.
سىلاش ئەمەس،تاتىلاشقاتىرناقلار تەييار،
قۇسۇر تىپىپ جۆندەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.

ئەجەل باردۇر سىنىڭ ئۈچۈن ماختاشلاردىمۇ؟
‹‹تىل تەگمىسۇن››سۆزلەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.
بىر تال گۈلگە ئايلىنىسەن بىلمەي بەزىدە،
ئۇچۇرغىلى پۈ ۋلەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.

چىڭ باغلىنىپ يىزىقچىلىق ئارقانلىرىغا ،
خالىغانچە سۆرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.
بەزەن بىلمەي چۈشۈپ قالىسەن تۆۋەن ئورۇنغا،
تۆۋەندە تۇرۇپ يۇقۇرىغا ئىنتىلىشكەچىدىساڭ كەلگىن.

كەلگىن دوستلۇرۇم چىدىساڭ كەلگىن،
ئىز تورىنى گۈ للەندۈرۈشكە قەدەملەر سالغىن.
ھەممىمىزگە ئورۇن بار ،ئىزدا كەلگىن،
بەزى بەزەن تەكلىپلەرگە چىدىساڭ كەلگىن.

كەلگىن دوستلۇرۇم ئىز تورىغا ئىزلار سالغىن،
يۈرەك قەلبىڭدىن ،ئوت قەلەمدە جەۋھەرلەر قازغىن.
خەلقىڭ ئۈچۈن ،ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپىلەر قوشقىن،
ھەسەتخورنىڭ ھەسەتلىرىگە چىدىساڭ كەلگىن.

كەلگىن دوستلۇرۇم ئىزغا، بىرگە قەدەم باسايلى،
مەدەت بىرىپ بىر- بىرىمىزگە چىن يۈرەكتىن.
كىيىنكىلەر ئۈچۈ ن ئەجرى قىلىپ پاك يۈرەكتىن ،
ئىزىمىز ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىشكە چىدىساڭ كەلگىن

ئەزىز دوسلار كۆڭلى كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپ ،قەلىپ دەرياسىدىن ئۈنچىلەر سۈزۈپ،گۈللۈك باغلاردىن ئەتتىرلەر ئۈزۈپ ،ئىگىز تاغلاردىن دۇردانىلەر قىزىپ،خاتالىرىغا سەمىمى تەكلىپ بىرىپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەپ ئىز تور بىكىتىنى ئالدىنقى قاتاردىكى بىكەتلەردىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈ چۈن ئەزادىن باشلىققىچە ئەجرىمىزنى ئايىماي تەر تۆكەيلى ،كىيىنكىلەر بىزدىن پەخىرلەنسۇن، ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق غەلبە.كۈچ بىرلىكتە ،ئىش ئۆملۈكتە.پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلاغا ئەمەس بەلكى تىرىشقانلارغار مەنسۈپ ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى ،. يىڭىلىق يارىتايلى، كۆپ يىزىپ قويدۇم كەچۈرۈڭلار ؛!!!!!!!!!!!!!!!
مەنبە ئۆزقەلەم ؛
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 520Studios تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-7 13:32
|