
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرى توڭلياڭ ناھىيىسى لياڭجۇ يېزىسىدا، ھاۋا ئىنتايىن سوغاق، سىرتتا قار-يامغۇر يېغىۋاتاتتى، 16 ياشلىق قىزچاق ۋۇ ۋېنشۇاڭ سۇلياۋدىن ياسالغان كەپە ئىچىدە ياتاتتى، قىزچاقنىڭ يىيىش، ئىچىش،يېتىپ-قوپۇش ھەممە پائالىيىتى مۇشۇ كەپىنىڭ ئىچىدە ئىدى، ئون مىتىر يىراقلىقتىكى ئۆيدە ئاتا-ئانىسى ئولتۇراتتى.
شۇاڭ شۇاڭنىڭ ئېتىشىچە ئۇ ئەزەلدىن كېچىسى ئۇخلىمايدىكەن، خۇددى ساغرىسى يوقتەكلا ھېس قىلىدىكەن، ئۇ كارىۋاتنىڭ ئاستىدىكى بىر چېلەكنى كۆرسىتىپ ، ئۆتكەن يىلى پۇتى سۇنغاندىن باشلاپ، ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئۇخلاشقا بويرىغانلىقىنى، تەرەت قىلسا مۇشۇ چېلەككە قىلىدىغانلىقىنى، ئۆينىڭ ئىچىگە شامالنىڭ بەك كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان،
ئاتا-ئانىسىنىڭ دېيىشىچە ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەچچە قېتىم قىزىنىڭ پۇتىنى تاڭدۇرغان، قىزىغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن ئىكەن، ئەسلىدە قىزىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەندە ۋاقتىدا داۋالاتمىغانلىقتىن ۋۇ ۋېنشۇاڭ مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن.

ئېنىقلىنىشىچە قىزنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان، دۈمبىسى ۋە ساغرىسى ئۇزۇن مەزگىل ياتقانلىقتىن كۆرپە يارىسى بولۇپ كەتكەن، ھەتتا سۇلۇق ئىشىق بۇلۇپ قالغان. كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ياخشى داۋالانمىغانلىقتىن ، ھازىر ئۇنىڭغا يىنىككىنە تېگىپ كەتسىمۇ، ئاغرىق دەستىدىن ۋارقىراپ كېتىدىكەن.

مەنبە: slide.news.sina.com.cn
|