چۈشلەرىمگە كىرىپ تۇر 
خىيالچان كۆزلىرىم ئىزلەپ سىنى،
پىنھاندا ئايغا قاراپ يىغلايدۇ.
چۈشلەرىمگە كىرىپ تۇرغىن،
ھىس تۇيغۇلۇرۇم ساڭا قانمايدۇ. 
شامالنىڭ يەلپۈتۈپ پەپىلەشلىرنى،
سىنىڭ قوللۇرۇڭمىكىن دەيمەن.
ھەر تەرەپتىن سىمايىڭنى ئىزلەپ،
چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆرسەم دەيمەن. 
يۈرەكتە قالغان ئىزنالىرىڭ سىنىڭ،
ھەر باققاندا گۈپۈلدەپ سۇقار.
رىتىمى بوزۇلدى ئاتەش يۈرەكنىڭ،
قەلىپتە مەڭگۈلۈك نەقىشىڭ بار. 
جۇدالىق مۇڭلىرى بېسىپ كىچە،
ئەسلەيمەن ئۇيقۇدىن بىدار بۇلۇپ.
غۇبارسىز سۆيگۈمنى قويمىغىن غەمدە،
قالمىسۇن قەلبىمدە ئارمانلار قۇرۇپ. 
روھ بۇلۇپ ماڭا مەدەتكار بولغىن،
ئەقىدە ئارمانىمنى بىخلاپ كۆكلىتىپ.
چۈشلەرىمگە پات-پات كىرىپ تۇر،
سېغىنغان قەلبىمگە نۇرلار ياندۇرۇپ. 
نۇرلارغا چۈمۈلسۇن پاك قەلبىمىز،
سۆيگۈ بەتلىرى تولسۇن كۈيلەرگە،
ئارلىقنى تاغ-دەريا قاپلاپ تۇرسىمۇ،
چۈشلەرىمدە ھەمراھ بول مەڭگۈگە. 
مەنبە قەلمىم
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-11 16:27
|