ئىز تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن بۇيان ئىز تورىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچى، ئەزالار
ئۇلۇغ ئىستەكنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ھەر جەھەتتىن ئىزدىنىش،تېرىشىش ئارقىلىق ئىزتورىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ،سەھىپىلەرنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇپ،مول بىلىم باغچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ،تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلىكتىن،كىچىكلىكتىن زورايدى،خۇددى باغدىكى رەڭگا-رەڭ گۈللەرنىڭ ئىپار كەبى خۇش ھىدى كىشىنى مەھلىيا قىلغاندەك، سەھىپىلىرىنىڭ مەزمۇننىڭ موللىقى،ئەسەر ۋە تېمىلارنىڭ جەلىپكارلىقى بىلەن تور ئەھلىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدى ؛ئۇلارغا مەنىۋى ئوزۇق ،يېڭى،يېڭى بىلىم
بېرىش بىلەن بىللە ھەۋەسكارلارغايىتەكچى بولۇپ، يازغۇچى، شائىرلارغا ئىلھام بەخىش ئەتتى.بىلىم خۇمار ھەر قانداق كىشى ئىز تورىدىن ئۆزىگە زۆرۈر بولغان بىلىملارگە ئىگە بولۇپ، تەشنالىقىنى سۈزۈك ھەم سوغۇق بۇلاق سۈيىدىن قاندۇرغاندەك ، بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلدى.شۇڭا ئىزچىل ھالدا ئىز تورى ئەزالىرىنىڭ سانى 25000دىن ئېشىپ،كۈندىلىك زىيارەت سانى 300000 ئەتىراپىدا بولۇپ كەلدى.ئىز تورىنىڭ چوڭ-كىچىك سەھىپىسى 130 دىن ئارتۇق بولۇپ،ھازىرغا قەدەر شىركەتلەر توپلىمىغا تىزىملاتقان شىركەتلەر105كەيەتتى.
Googel قوبۇل قىلغان بىكەت سانى بىر مىلىيۇندىن ئارتۇق.
ئىز تورىدىن ئىبارەت بۇ بىلىم بۇلىقى-ئىز تورى مۇنبىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ،چاڭقىغان دىللارغا روھى ئوزۇق بېرىپ ،نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالغانلارغا يول كۆرسۈتۈپ ،روھىمىزدىكى نادانلىق، خۇراپىيلىك ئىللەتلىرىگە ،ئىلىم –پەن ئارقىلىق
خاتىمە بېرىشتەك يۈكسەك غايە ئۈچۈن، مۇنبەر ئەزالىرىنى كۈچلۈك تەشۋىقاتچى،يىتەكلىگۈچى، يول كۆرسەتكۈچى ۋە مەدەت بەرگۈچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى.تورداشلارنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە،مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىجادىي ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى. تور ئەھلى شائىر، يازغۇچى ۋەھەۋەسكارلارنىڭ يۈرىگىدىن ئۇرغۇپ چىققان نادىر ئەسەر ھەم ئىجادىيەتلىرىنى كۆرۇپ ئاپىرىن ئېيتماي تۈرالمىدى.بۇنىڭ بىلەن مۇنبەر ئىزدەنگۈچىلەرگە مەدەت، تەتقىقاتچىلارنى كەڭىرى سورۇن، بىلىم ئالغۇچىلارنى بىلىم ئامبىرى بىلەن تەئىمىن ئېتىپ كەلدى.شۇڭا تور ئەھلى ئەزەلدىن كۆزى كۆرمىگەن ئىسىل نادىر ئەسەرلەرنى، زۆرۈر بىلىملەرنى، پەن –تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ،ئادەمنى تاڭ قالدۇرۇدىغان ئاجايىباتلارنى،ئويلاپمۇ يەتمىگەن سىر-ئەسىرالارنى مۇشۇ ئىزتورىدىن كۆرەلىدى. ئىزغا قەدەم قويغان ھەر بىر كىشى مۇناسىپ زوق ئېلىپ،ئۇنىڭ جەلىپكارلىقىغا قايىللىقنى ئىپادىلىدى.شۇنىڭ ئۈچۈ ئىز تورى
قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر تورچىلىقىدا چولپان يۇلتۇزدەك چاقناپ ،ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا تورداشلار ئىناق-ئىجىل بولۇپ، ئىز تورىنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ قوللاپ، قۇۋەتلىدى.كېچە-كېچىلەپ ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئىز تورى ئارقىلىق كەڭ تور ئەھلىگە سۇنۇپ كەلدى. ئىز تورىنى ئىزچىل قوللاپ،ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە ئىسىل تېمىلىرى بىلەن مۇنبەرنى بېزەپ
شادلىققا تولدۇردى،كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان، پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتەمىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى، كېلەچىكىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىدەك ئىستەكنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،بىلگىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،خەلقىمىزنى مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيلەشكە
تېگىشلىك ھەسسىنى قوشتى. بۇندىن كېيىنمۇ تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى، تېخىمۇ تېرىشىپ ئىز تورىنىڭ سەھىپىلىرىنى يەنىمۇ مول مەزمۇنلۇق،ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ،يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ
ئىز تورىنى ھەر جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تور دۇنياسىداتېخىمۇ چاقنىتىش ئۈچۈن تېىرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىزتورىنىڭ بىر يىللىق مەرىكىسى مۇناسىۋىتى بلەن ھەممىڭلاردىن سەمىمىي ھال سورايمىز، جاپا چەكتىڭلار!، ئىز مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ،ئىز تورىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن دوسلارنىڭ مۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئارزۇ-تىلەكلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى چىن دىلىمىزدىن تىلەيمىز!
ئىز تورى گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغۇسى!
ھۆرمەت بىلەن: ئىز تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى 2011-يىل9-نويابر
|