< تىكەنسىز گۈلنىڭ ھۆسنى بار، پۇرىقى يوق> {مۇھاكىمە ماقالىسى} <ياز بولسا قىش بولمىسا، ئاش بولسا ئىش بولمىسا> دەيدۇ بەزىلەر، بۇ جاپا چەكمەي ھالاۋەت كۆرۈشنى قىلچە قىينچىلىق تارتمايلا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغىنىدەك تەييارغا ئىرىشىشنى ئويلاش قۇرۇش خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىراق بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟..... <كەتمەن چاپماي ئاق نان يەيدىغان، قوي باقماي پاقلان يەيدىغان> ئىش نەدە بار؟... بۇ دۇنيادا ھەر قانداق نەرسىنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ، يامان تەرىپىمۇ بولىدۇ. راھەت- پاراغەتنىڭ دەسلىپى جاپا- مۇشەققەت بىلەن تەرلەنگەن، ۋىسال- شاتلىنىڭ ئالدىدىكى كۈنلەر ھىجران يامغۇرىدا نەملەنگەن بولىدۇ. بۇ ياھاتلىقتا قايغۇسىز شادلىقنى، رىيازەتسىز بەخىتنى، ئەجىر- مىھنەتسىز شىرىن مىۋىنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مۇنداقچە ئىتىتقاندا قىلچە لەززىتى بولمايدۇ. ئۈزلۈكسىز تىرىشىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش روھى بىغىشلايدۇ. بۇ تىكەنسىز گۈلنىڭ چىرايلىق ھەم خۇشپۇراق بولمايدىغانلىقى، ھەقىقى خۇشپۇراق گۈلنىڭ ھامان تىكەنلەر ئارىسىدا ئۆزىنى چىن گۈزەللىككە ئىگە قىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئىش. بۇ سۆلەتلىك ئادەمنىڭ ئىچىدە ھىچ قانداق بىلىمنىڭ يوقلىقنى بىلدۈرىدۇ.. ئەمما ... بەزىلەر رىئال ھاياتقا نەزەر سالغىنىدا گۈلنى كۆرمەر تىكەننىلا كۆرىدۇ- دە ۋايساپ ھۆركۈيدۇ. تىكەنلەرنىڭ ئۈستىدە جۇلالاپ تۇرغان خۇشپۇراق گۈلنى ئۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلار گۈل ئۈزمىسە ئۈزمەيدۇكى قولىنىڭ يارلانماسلىقى ئۈچۈن گۈل ئۈزۈش نىيىتىدىن ۋاز كىچىپ گۈل دىۋانىسى بولۇشقا رازى بولىدۇ. يەكەن بەزىلەر بولسا تىكەننى ئەمەس گۈلنى بەكرەك كۆرىدۇ. سانجاق- سانجاق تىكەنلەر ئۈستىدە غۇچچىدە پۈرەكلەپ ئىچىلىپ كەتكەن گۈلنى كۆرۈپ ئۆتكۈر تىكەنلەردىن غەيرەتلىك نىيىتىدىن قىلچە يانمايدۇ. ئۇلار ھەرقاچان ئاۋايلاپقىغا تىكەنلەر قورشاۋىدىكى گۈلنى ئۈزىۋىلىش كويىدا بولىدۇ. مۇنداق ئادەملەر ئۆز قولى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئۈزگەن گۈلنى چىكىلىرىگە قىسقىنىدا ھەممە كىشىلەر ئۇنى قۇتۇقلايدۇ، ئۆزدىن سۆيىنىدۇ.
ھايات- خەۋىپ خەتەرگە تولغان بولىدۇ. خەتەرگە تەۋەككۇل قىلماي تۇرۇپ مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشكىلى بولمايدۇ. زىمىستاندىن كىيىن باھار كىلىدۇ. ئاينىڭ 15شى قاراڭغۇ 15 شى ئايدىڭ بولىدۇ. غەلبە بىلەن مەغلۇبىيەت قوشكىزەك كىلىدۇ. ئادەم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا مۇۋاپىققىيەت قازىنىشقا تىرىشىدۇ. ئىرادىلىك، جاسارەتلىك ئادەملەر ھەرقاچان خەۋىپ- خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، مۇۋاپىققىيەتنىڭ ئىگىز چوققىلىرىغا بىمالال يامىشالايدۇ. ئىرادىسىز كىشىلەر بولسا خەتەرنى كۆرمەي تۇرۇپلا تىز پۈكىدۇ، ئىرادىسى سۈنىدۇ، ئىشەنچىسى بوشايدۇ. بۇنداقلارنىڭ پۇچۇقىشى ئۆمۈر بويى پۈتۈن بولماي ئۆتىدۇ. مۇنداقچە ئىتىقاندا گۈل دىسە تىكەننىلا كۆرۈپ گۈلنى كۆرمەيدىغان، گۈل ئۈزۈش ئۈچۈن تىكەننىڭ سانجىلىشىغا جۈرئەت قىلالمايدىغان، خەۋىپ- خەتەرگە كۆكرەك كىرىپ چىقالمايدىغان، بوشاڭلىق، قورقۇنچانلىق دىسە بولىدۇ. ئادەم بۇ دۇنيادا ئادەمدەك ياشايمەن دەيدىكەن، خەۋىپ- خەتەردىن خالى تۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىنى پۈتۈنلەي ياخشى بولسا ئىكەن دەپ ئىتقىلىمۇ بولمايدۇ. خۇددى تىكەنسىز گۈلنىڭ ھۆسىنى بولسىمۇ خۇش پۇرىقى بولمىغىنىدەك بۇ مۇشاقەتسىز، خەۋىپ- خەتەرسىز ئۆتكەن ھاياتنىڭ ھىچبىر مەنىسىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ياخشى تەرىپىدىن مۇ - يامان تەرىپىدىن مۇ كۆرۈش ھاياتتىن ئىبارەت بۇ مەشرەپنىڭ <ئاچچىق تايىقىنىمۇ>، <تاتلىق چىيىنىمۇ> قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرۇش مۇۋاپىقىيەت يولىدىكى خەۋىپ- خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالايدىغان جەسۇر روھىنى يىتىلدۇرۇش تولىمۇ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى!!!!!!!!
مەنبە: قەلبىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miskin0709 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-11 19:18
|