ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار قىزچاق بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ!

      

كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 12
go

قىزچاق بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ!  

توردا
189سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
339 
تېما
10 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قىزچاق، بىرىسىگە بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ!


شۇنداقمۇ قىزلار بار،ئۇلار بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا بارلىقىنى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە بىغىشلايدۇ.ئۇنىڭ كۆزىدە،كۆڭلىدە،ھەتتا چۈشىدە پەقەت ياخشى كۆرگەن ئادىمىلا بولىدۇ،ئۆزىنى بولسا پۈتۈنلەي ئۇنتۇيدۇ.ئەمما ئاخىرىدا رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋىتىلگەندە ئۆزىنىڭ ھېچنىمىسى قالمىغانلىقىنى بايقايدۇ،شۇڭا بىرسىنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭغا بارلىقىڭىزنى بىغىشلىماڭ ياكى بارلىقىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ناھايىتى ئىنىق ئىپادىلىمەڭ؛
چۈنكى بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بىغىشلىسىڭىز،سىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىز بولالماي قالىسىز،ھەممە ئىشتا ئۇ سىزنىڭ بۇرنىڭىزدىن يىتىلەپ ماڭىدۇ،سىز خۇددى سېھىرلەنگەندەك ھەممە ئىشنى ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلىسىز،ئاخىرقى ھىسابتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىدىن،ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان خۇشاللىقتىن ئايرىلىسىز،سىز ئۇنى چۆرىدەپ ئايلىنىسىز،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندا پۈتۈن دۇنيانى پەقەت ئۆزىڭىز دەپ ھىس قىلىسىز،ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا بولسا پۈتۈن دۇنيانى ئۇ دەپ ھىس قىلىسىز.
چۈنكى بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بىغىشلىۋەتسىڭىز،سىز ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا يول قويىسىز،ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بىرىسىز،نەتىجىدە ئۇ بارا-بارا بۇنداق يول قويۇشلارغا كۆنۈپ قالىدۇ.سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىگە سەل قارايدۇ.ھەتتا سىزدىن بىزار بولىدۇ،سىزنى ئۆزىگە خاس كۆز قارىشى يوق دەپ قارايدۇ،سىزنى كەمسىتىشكە،سىزگە سەل قاراشقا،سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا باشلايدۇ.
بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بىغىشلىۋەتسىڭىز سىز بىر تال شامغا ئوخشاپ قالىسىز،ھېچنىمىگە قارىماستىن ئۆزىڭىزنى كۆيدۈرۈش بەدىلىگە ئازراق ئىسسىقلىق ۋە نۇرغا ئېرىشىسىز،ئەمما سىز كۆيۈپ تۈگىگەندە بولسا سىزنىڭ ھېچنىمىڭىز قالمىغان بولىدۇ.قارشى تەرەپ بولسا بىر قول چىراق،ئۇ توختىماي باتارىيە ئالماشتۇرۇپ مەڭگۈ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بىغىشلىۋەتسىڭىز،ئۇ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ،سىزنى شۇنداق قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ،نەتىجىدە ئۇ ئۆزىنىڭمۇ سىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى لازىملىقىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقىرىپ قويىدۇ.چۈنكى سىز ئۇنى شۇنداق ئۆگىتىپ قويغان.ھەرگىزمۇ مەن ئۇنى پۈتۈن دىلىم بىلەن سۆيگەن ئىكەنمەن،ئۇمۇ مىنى پۈتۈن دىلى بىلەن سۆيىدۇ دەپ ئويلىماڭ؛چۈنكى مۇھەببەتنىڭ قائىدىسى يوق،كۆپىنچە ھاللاردا مۇھەببەت ئادالەتسىز بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىرنى ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇغان ھالدا ياخشى كۆرمەڭ؛ بارلىقىنى قارشى تەرەپكە بىرەلەيدىغان مۇھەببەت پەقەت كىتابلاردىلا تەسۋىرلىنىدۇ.ئەمما ھازىرقى جەمئىيەت بولسا بارلىقىنى بىر ئادەمگە بىغىشلىۋەتكەنلەرنى تازا قارشى ئالمايدۇ،شۇڭا ئۇنىڭغا ئازراق بوشلۇق بىرىڭ،ئۆزىڭىزگىمۇ ئازراق بوشلۇق قويۇپ قويۇڭ؛ پەرۋانىنىڭ ئوتقا ئۆزىنى ئۇرىشى بىزنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرسىمۇ،ئەمما پەرۋانە ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولغاندىن كىيىن يەنە ئەسلىگە قايتالامدۇ؟ئەگەر سىز شۇنىڭغا ئوخشاش ھالغا چۈشۈپ قالسىڭىز،ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىز ۋاقتى كەلگەندە ھېچنىمىگە ئەرزىمىسە سىز بۇ رەھىمسىز رىئاللىققا يۈزلىنەلەمسىز؟
شۇڭا بىرسىنى ياخشى كۆرسىڭىز بارلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ئاتىۋەتمەڭ؟ ئۆزىڭىزنى قەدىرلەشنىمۇ بىلىڭ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى، ئاتا-ئانىڭىزنى ۋە گۈزەل- كەلگۈسىىڭىزنى ئويلاڭ~!

(ئەسكەرتىش:مەنبەسىنى يىزىۋالماپتىمەن، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا menggutax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-13 00:52

Rank: 8Rank: 8

توردا
224سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
237 
تېما
47 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىز-يىگىتلەر بىلىشكە تىگىشلىك مۇھەببەت ئۈنچىلىرىكەن. بىرسنى ياخشى كۆرسە ئۇنىڭ خۇشاللىقىمۇ ئازاپىمۇ بار شۇڭا چىكنىشكە يول قۇيۇپ قۇيۇش يىگىتنىڭ-قىز دوستىنىڭ ئالدىدا غورورى يۇقتىپ قۇيماسلىق كىرەك .تىيمىڭىزغا رەھمەت ئۇماق.

توردا
55سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
207 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن خاتا كىرىپ قالدىمۇ نىمە؟

توردا
46سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
«بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بىغىشلىۋەتسىڭىز سىز بىر تال شامغا ئوخشاپ قالىسىز،ھېچنىمىگە قارىماستىن ئۆزىڭىزنى كۆيدۈرۈش بەدىلىگە ئازراق ئىسسىقلىق ۋە نۇرغا ئېرىشىسىز،ئەمما سىز كۆيۈپ تۈگىگەندە بولسا سىزنىڭ ھېچنىمىڭىز قالمىغان بولىدۇ.قارشى تەرەپ بولسا بىر قول چىراق،ئۇ توختىماي باتارىيە ئالماشتۇرۇپ مەڭگۈ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.»ھەقىقەتەن ياخشى ئوخشىتىش بوپتۇ،دىمىسىۇھازىر ئەتراپىمىزدا ئۇنداق ئىشلار بەكلاكۆپ،ھەرقانداق يېقىن دوستنىڭ ئارسىدىمۇ مۇۋاپىق ئارلىق بولىشى كېرەك ،«ئۇنىڭ»ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاش ۋە 100پىرسەنت ئىشىنىش ھەرگىزمۇ ئاقىللىق ئەمەس،بەلكى ئەخمەخلىق.

توردا
610سائەت 
نادىر تېما
دوست
65 
يازما
1343 
تېما
241 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
aktoxkan يوللانغان ۋاقتى 2011-1-12 11:50
«بىرسىگە بارلىقىڭىزنى بىغىشلىۋەتسىڭىز سىز بىر تال شام ...

ساقام ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ.....ئۇنداقلار ئۆزىنى ئاتاشقا تېگىشلىك كىشىلەرگە ئاتىماي، ئاتاشقا تېگىشلىك بولمىغان كېشىگە ئاتاپ ئاقېۋەت چوڭ پۇشايمانغا قالىدۇ....
لېكىن ئۇنىڭ ئالدىدا بېراۋ نەسىھەت قىلسا ئاڭلىمايدۇ ....

ئەڭ ياخىشسى يەنىلا ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ ئارلىقىدا مەلۇم دەرىجىدە ئارلىق بولغان ياخشى

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
62 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
:تېمىڭىزغا رەخمەت ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز

توردا
347سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
597 
تېما
30 

ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن، ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
166 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزىگە رەخىمەت

توردا
136سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
532 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جىڭ گەپ ......... توغرا زادى .........

توردا
34سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
68 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك تىمىكەن ...........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-16 10:03

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.